查看完整版本: [-- ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تارىم 2014-03-29 05:33

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

*ئەخمەتجان قاسىمى 1914–يىلى 4–ئاينىڭ 14–كۈنى غۇلجا شەھىرى دۆڭكۈۋرۈك مەھەللىسىدە قول–ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1922–يىلى قورغاستىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدى. كېيىن تاغىسى ئۆمەر قاسىمنىڭ ھىمايىسىدە ئانىسى بىلەن بىللە يەركەتكە كۆچۈپ بارىدۇ ۋە يەركەتتىكى دارىلئىتام مەكتىپىدە 7–سىنىپقىچە ئوقۇپ، كېيىن ئالمۇتىدىكى بىر تېخنىكۇمغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1932–يىلى يۇقىرى نەتىجە بىلەن تېخنىكۇمنى پۈتتۈردى. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن ئىككى يىلدەك ئىشلەمچىلىك قىلدى.   D.%B $Y;G  
1934-يىلىنىڭ ئالدى–ئاخىرىدا ئۇ لېنىن ئۇنىۋېرسال ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، دەسلەپ تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، كېيىن ئىقتىسادىي فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى. Yif*"oO  
1936-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى موسكۋا شەرق سوتسىيالىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇ يەردە ماركسىزم–لېنىنىزمدىن تەلىم ئالدى. PNeh#PI 6)  
1942-يىلى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تارباغاتاي چېگرىسى ئارقىلىق غۇلجىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، بىر مەزگىل ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى. مۇشۇ جەرياندا، خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ شىنجاڭ زېمىنىدا، جۈملىدىن ئىلى رايونىدا بولۇۋاتقان زۇلۇم–زورلۇق ۋە خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى غەزەپ–نەپرەتلىرىنى چۈشەندى، ھەم ئاكتىپ ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئىلغار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. ~ np,_yI  
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۈرلۈك ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى تېزلا ئەكسىيەتچى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىندى ۋە 1943–يىلى 12–ئايدا غۇلجىدا قولغا ئېلىنىپ بىر مەزگىل غۇلجا تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ ئىككىنچى تۈرمىگە قامالدى. كېيىن ئۇ ئىككىنچى تۈرمىدىن ئۈرۈمچى سوپۇن زاۋۇتى (شېڭ شىسەينىڭ ھازىرقى بوغدا يولى مۇنچا ئورنىغا سالغان تۈرمىسى)غا يۆتكەپ كېلىنىپ ئەمگەككە سېلىندى. 1944–يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ غۇلجىغا قايتىپ كەتتى. `)4a[thp  
1944-يىلى 9–ئايدا ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدە گومىنداڭغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى. بۇ كۈنلەردە غۇلجا شەھىرىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن پارتىزانلارغا قوشۇلۇپ، ھەرەمباغ ئۇرۇشىغا قاتناشتى. كېيىن گېزىتخانىدا ئىشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنۈپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ئىنقىلاب غەلبىسىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئالدى–ئاخىرى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، بىتىم ۋەكىللەر ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈچ ۋىلايەت شىنجاڭ تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. !q"CV  
ئەخمەتجان قاسىمى 1949–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا كېتىۋېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال كۆلى رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بارغاندا ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن بەختكە قارشى قازا تاپتى. b.2J]6G  
ئەخمەتجان قاسىمى بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئىنقىلابقا بېغىشلىغان، ۋەتەنگە، خەلققە، ئىنقىلابقا بولغان چەكسىز سادىقلىقى ۋە يۈكسەك پەزىلىتى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەس ئورۇن ئالغان ئىستېداتلىق خەلق رەھبىرى ئىدى. z"F*\xa  

قىساسكار 2014-03-29 08:21
مەڭگۈ ھۆرمەتلەيمەن

ياسىنجان 2014-03-29 16:43
ئەخمەتجان قاسىمى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.

ئەكبەرنىياز 2014-03-29 17:13
تارىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ! ھارمىغايسىز !!! ئەسەر ئاپتورىنى ۋە ئەسەر مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ خوش بولاتتۇق !!!

مىېھرىما 2014-03-29 20:56
ئەخمەتجان قاسىمى بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمز . ئۇ كىشلەر قەلبىدە مەڭگۈ ھايات


查看完整版本: [-- ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled