查看完整版本: [-- بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشىغان بولساڭلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تورداشلار تەكلىپ-پىكىرلىرى -> بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشىغان بولساڭلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

لاچىن 2014-03-28 16:13

بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشىغان بولساڭلار


                               بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشىغان بولساڭلار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر مەسئۇللىرى.
    1- ماڭا ئۇچۇر كېلىدۇ. ھەر كۈنى تورغا كىرگەن ۋاقتىمدا ئۇچۇرۈ كۆزنىكى قىزىل يېنىپ، ئۆچۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ئاچسام ئېچىلمايدۇ. ئىكران ئاپپاق بولۇپ سول تەرەپ يوقۇرى قىسىمدا ئوقۇلمايدىغان بىرقانچە خەتتەك نەرسە كۆرىنىدۇ. يەنى بۈگۈنگىچە ماڭا قانداق ئۇچۇر كەلسۇن مەن ئوقۇيالمىدىم، مېنىڭ خەۋىرىم يوق.
    2- باش سۈرىتىمنى تېگىشتۈرمەكچى بولدۇم. ئەمما تېگىشمىنى، ئۆزگەرمىدى.
    3- رەسىم يوللىيالمىدىم، رەسىم يولانمايدۇ.
    4- مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشى ئاستا ۋە ئېغىر.
    5- مۇنبەر ئېچىلغان ۋاقىتتا تۇرۇپ- تۇرۇپلا يالىڭاچ خۇتۇنلار، پەتبەشىرە قوچاقلار چىقىۋالىدۇ.
    مۇشۇ ئەھۋاللارنى تۈزىگىلى، تەڭشىگىلى، ئوڭلىغىلى بولماسمۇ؟
    

ئەكبەرنىياز 2014-03-31 20:12
مېنىڭچە ، كومپىيوتىرىڭىزنىڭ سېستىمىسىنى يېڭىلاپ بېقىڭ ، بۇ سېستىمىدىكى چاتاقمىكىن !؟

tawpek 2014-03-31 21:21
مۇنبىرمىز ئۈچۈن ئەستائىدىل بولوپ سەمىمى تەكلىپ بەرىنىڭىزدىن خۇش بولدۇق

1.راستلا سىز دىگەن يەرنى باسسا ئىچىلمايدۇ لىكىن باش سۈرىتىڭىز سول تەرەپتىكى تىزگىن تاختا
ماتىرىيالىم، قىسقا ئۇچۇر  دىگەن يەردىكى قىسقا ئۇچۇر دىگەن خەتنى چەكسىڭىز كۆرەلەيسىز.

2.تىزگىن تاختا   دىگەننى باسسىڭىز باش سۈرەت ئۆزەەرتىش ئورنى مانا مەن دەپ چىقىدۇ.

3.تور بەتلەردە بار رەسىم بولسا ئادىرىسنى ئۇلىنىش قىلىش ئارقىلىق نورمال چىقىدۇ، كومپىيۇتىدىكى بولسا سىغىم چەكلىمىسىدىن ئىشىپ كەتمىگەنلا بولسا نورمال يوللىنىدۇ.

تېما يوللاش كۆزنكى ئادەتتە بىز ئىشلىتىپ كۆنگەن يىزىق بىر تەرەپ قىلىش دىتالىغا ئوخشاش بولوپ رەسىم فىلىم ئاۋاز ھەممىنى يوللىغىلى بولىدۇ.

4. تور بېكىتىمىزنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتىنى بىز ئانچە ئاستا ھىس قىلمىدۇق، مەنچە مەسخۇلاتتا ساقلاتمايدۇ. بۈگۈنكى ئىقىم بىسىمى ئەتىگە تەسىر كۆرسىتلمەيدۇ، كۈندە سائەت نۆل ئەتراپىدا بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا مۇلازىمىتىر قايتا قوزغىلىپ بوشلۇق ئىقىم مىقدارى ۋە چەكلىمىسى بۇزۇلۇپ ماڭىدۇ.

5.ئىلگىرى بىر قىتىم ئاشۇ يالىڭاچ قورچاقلار كومپىيۇتىرىڭىزدا ئىچىلغانلا بولسا ئۇنىڭ قىستۇرمىللىرى تور كۆرگۈچىڭىزنىڭ ئاپتۇماتىك قوزغىتىش پىروگراممىسىغا يىزىلىپ ھەر قانداق بەتنى ئاچسىڭىز ھەتتا تورغا ئۇلانغان ھالەتتە سىز ئاچمىسىڭىزمۇ ئۆزلىكىدىن تورغا ئۇلىنىپ سىزنىڭ يەنە بىر قىتىم كۆرىشىىڭز ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ.

تور بېكىتىمىز ھىلىغۇ ئۇنداق ئىلان ياكى قستۇرمىلاركەن ئۈتكەن بىر مەزگىلدىكى قىزبالا تورىنىڭ نورمال بولغان ھەقلىق ئىلانىنىمۇ مۇنبەردىكى مويسىپىتلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئىلىۋەتتۇق.پەقەت ئايرۇپىلان بىلىتى ئىلانى بىلەن كىيىمنىڭ ئىلانىنى شۇ كىشىللىرىمىزگە بولسىمۇ پايدىسى بوپ قالسۇن دەپ قويۇپ قويدۇق.
شۇڭىمۇ ئىختىسادى مەنبە بولمىغاچ نامرات چىراي ، خالىس نىيەتلىكلەرنى ئالماس ئەزالىققا تەۋسىيە قىلىپ شۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلى بىلەن تور بەتنىڭ مەلۇم چىقىمىنى قامداپ كىتىۋاتىمىز.

مائارىپ تورى بولغاچ ئوقوغۇچىلارمۇ كىرىپ قىلىش ئىھتىماللىقىنى ئويلىشىپ ھەتتا ئۇ خىلدىكى مەزمۇن يازمىلارمۇ يوق.

تىخى بايىلا بىر خىزمەتدىشىم باش بەتتىكى تۆھپىكار باغۋەنلەردىن بىر ساۋاقدىشىنى كۆرۆپ رەسىمىنى چەكسە شۇنداق بەت ئىچىلغانلىقىنى ئىيىتقانتى. مەن سىناپ بەردىم.

تەۋسىيە:  خالىغان تور كۆرگۈچنى ئىشلەتمەيلى ، توردىن مەجبۇرى ياڭغان بەزى قىستۇرمىلارنى زۆرۆر بولمىسا چۈشۈرمەيلى.

ئابرۇيلۇق تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلەتسەك ئۇنداق ئاۋارچىلىق بولمايدۇ.


查看完整版本: [-- بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشىغان بولساڭلار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled