查看完整版本: [-- قاراخان:ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر توغرىس --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> قاراخان:ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر توغرىس [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-03-28 14:22

قاراخان:ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر توغرىس

@#+jMV$g  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر توغرىسىدا y;" n9  
-9P2`XQ^  
Zr$d20M2A;  
-y) ,Y |  
ئابلا ئابلەت dtM[E`PL  
!}TMiCK  
:@ uIxa$[  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئويغۇر شېئىرىيەت شەكلىنىڭ ئەڭ ئىخچام ،ئەڭ نەپىس شەكىللىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى خاراكتىرىنى ئىپادىلەپ بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . مىللى خاراكتېر ئەدەبىياتنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىل .بىر ئەسەردە مىللى خاراكتېرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يارىتىلىشى شۇ ئەسەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسىي بىرلىكتۇر . 2)iD4G`  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى سيۇژىت ۋە شارائىت تەسۋىرى ئارقىلىق مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ .چۈنكى خاراكتېر ھامان سيۇژىت ۋە شارائىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . خاراكتېر بىلەن ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي شارائىتتا قانات يايغان سيۇژىت تەرەققىياتىدا ئېچىلىدۇ . خاراكتېر سيۇژىت تەرەققىياتىنى ئىلگىر سۈرىدۇ .بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ . قوشاقتا ئىپادىلەنمەكچى بولغان ئوي پىكىر سيۇژىت تەرەققىياتىدىكى ئوبرازلىق كۆرۈنۈشكە ۋە مەنىۋى مۇھىتقا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ سىمۋۇل ،ئىتىملار ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . ئۇيغۇرلاردا قىزىلگۈل گۈزەللىككە ، بۇلبۇل خۇشناۋازلىققا ، تەڭرىتاغلىرى ،ئاغىبۇلاق ، قەشقەر ،تەلكە ،تارىم ،ئىلى...قاتارلىقلار ئەل يۇرتقا ۋەكىللىك قىلىپ چۈشىنىلىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇيلار ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئوبرازلىق ھالدا بايان قىلىنغان . l'4AF| p  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئۆزىگە خاس بولغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىسقا ،تېز ، گۈزەل مېلودىيىسى بىلەن جۇلالانسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىپادىلەنمەكچى بولغان ئوي –پىكىرنى ئىپادىلەشتە بىرىنچى ، ئىككىنچى مىسرالىرىدا ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ، گۈزەل تاغ ،دەريالار ، جاي ئىسىلىرى ، يەل-يېمىش ، يېمەك –ئىچمەك تىلغا ئېلىنىپ ئۇلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ئاندىن ئوي-پىكىر ئۈچىنچى ،تۆتىنچى مىسرالىرىدا بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ : vvu<:16  
;uI~BV*3  
توقاچ ياقتىم تونۇرغا ، mxTk+j=  
ئۆرلەپ چىقتى ھۆپپىدە . ;|ub!z9GG  
ئامرىقىمنى چاي بىلەن ، QezSJ io  
ئىچىۋەتتىم گۈپپىدە . O??vm?eo  
y%BX]~  
بۇ قوشاقنىڭ بىرىنچى ، ئىككىنچى مىسرالىرىدا تونۇرغا يېقىلغان توقاچ تىلغا ئېلىنىپ ، ئۈچىنچى ،تۆتىنچى مىسرالىرىدا ئۆز سۆيگۈسىگە سادىق ، ئۆز سۆيگۈسىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئامراقلىقى ئىپادىلەنگەن . 64oxjF)  
{XY3Xo  
گۈلنىڭ ياپرىقى چۈشسە ، eMMx8E)B  
سولاشقاندۇر دەپتىمەن . T{MC-j _T9  
يارىم كەتسە يامانلاپ ، "e62/Ejg%  
ئويناشقاندۇر دەپتىمەن . sOC&Q&eg  
/A(NuB 
بۇ قوشاقتا يارىغا ئازار بەرگەن يىگىتنىڭ ھەسرىتى ئىخچام شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، گۈلنىڭ ياپرىقىنىڭ سولاشقان چاغدىكى كۆرۈنۈشىنى ئىپىگىراپ قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ياپراققا ئوخشاش سولاش ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلىپ ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ياپراققا ئوخشاتسا يەنە بىر تەرەپتىن يارىنى قىزىل گۈلگە ئوخشۇتۇپ تەسۋىرلىگەن . rY70 ^ 
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا پەقەت مۇھەببەت ، ۋاپادارلىق روھلىرى ئىپادىلىنىپلا قالماستىن ۋەتەننى سۆيۈش تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرىدىغان ،زۇلۇمغا ئېكىسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرىدىغان روھ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . يەنە بىر تەرەپتىن ئىستىبىدات كونا دەۋرنىڭ چىرىكلىكى ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرۈنلىق گۇروھىنىڭ زالىملىقى ، ياۋۇزلۇقى ، ئاچكۆزلۈكى ، تەييارتاپلىقى بايان قىلىنغان . "سادىر پالۋان قوشاقلىرى "  ،  "كۆچ- كۆچ قوشىقى "  ،" نۇزۇگۇم قوشاقلىرى " بۇنىڭ يارقىن نامانيەندىسىدۇر . mvTb~)  
1bRL"{m^)-  
سادىر دەپ ئېتىم يامان ، jxY-u+B  
ئونبەش ياشتا ئاتالغان . sbla`6Fb  
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا ، J?jeYW   
قۇمۇل خانغا پالانغان . vjTwv+B"  
Dd/}Ya(Gi  
موللىغا بەردىم ئوقۇ دەپ ، Zoow*`b|$U  
بوزچىغا بەردىم توقۇ دەپ . X  
كىم سېنى خوراز قىلدى ، .BL:h&h|y  
مېكىياننى چوقۇ دەپ . /=M.-MU2  
{HuLuP 0t  
بۇ قوشاقتا سادىرنىڭ كىچىگىدىنلا ئادالەتسىزلىككە ، تەڭسىزلىككە قارشى تۇرۇش روھىغا ئىگە ياش ئىكەنلىكى شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىدەك خەلقپەرۋەرلىك روھى ئىپادىلەنگەن . }#YQg0(  
P%!q1`Eke(  
كەتمەننى ئىرادە ئەيلەپ ، rqC1  
كېمە ياسىدۇق قاشتا . yHw!#gWM  
ئاق خان بىلەن قارا خان ، w{ m#Yt  
ئىتتىپاق ئىكەن باشتا . SD I,M  
;S =e%:zb  
ياركەنت يېنىدا ئۆسەك ، Sh47c4{  
ئۆسەكتىن ئۆتۈپ تۇرغىن . %w%zv2d  
بۇ دەردلەرنى قىلدىڭ سەن ، .=aMj rME  
ئاخىرى ئۆزۈڭ كۆرگىن .  A8`orMo2  
PE +qYCpP9  
ئەل يۇرتۇڭدىن كۆچ دەيدۇ ، -hm 9sNox  
بارار يېرىمىز قۇملۇق . s UvKA0  
راست گېپىنى قىلمايدۇ ، A'w2GC{.  
كۆزى كۆك ،بېشى يۇڭلۇق . |O 'Hh7  
72% {Wh/  
"كۆچ -كۆچ قوشىقى" نىڭ بۇ ۋارىيانتلىرىدا 19-ئەسىردىكى چار پادىشا ھۆكۈمىتى بىلەن مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ چارروسسىيىگە ئىلى رايونىدىن ئاھالە يۆتكەشكە مەخپى كېلىشكەنلىكىنى ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان خەلقنىڭ قان ياشلىق سەپىىر ، مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن چار پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچۈپ بارغان خەلقنى خالىغانچە بوزەك قىلىپ خارلىغانلىقى ، ئېغىر ئەمگەك ئارقىلىق جىسمانىي جەھەتتىن خورلىسا ، ئايرىۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق روھى جەھەتتىن ئازابلىغانلىقى، ناچار مۇھىتتا نۇرغۇن بىگۇنا كىشىلەرنىڭ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىگىدەك ئېچىنىشلىق مەنزىرە سۈرەتلەنگەن . W'8J 
)E_!rR  
ئاسماندىكى سار بولدۇم ، p` ^:Q*C"  
يولدا يۈرۈپ خار بولدۇم . s"gKonwI2  
قەشقەردىكى ئاتامنى ، &4a~6  
بىر كۆرۈشكە زار بولدۇم . >I R` ]  
~aAJn IO  
تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى ، M#V C3h$  
سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ ؟ Ldhk^/+  
نۇزۇك بېشىغا كۈن چۈشتى ، $dh4T";  
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟ .blft,'  
/pN'K5@  
خۇدا بەرگەن غۇنچەمنى ، g 6VD_  
سۇلۇن- نويانلار ئۇزمىدى . y=9Dxst"V  
سۇلۇن نويانلار ئۆيىگە ، t1w2u.]  
نۇزۇك جۇۋان  تۈزمىدى . d]CviQUq  
cZe'!CQS  
نۇزۇگۇمنىڭ سۈرگۈنلۈكتىكى دەرد، مۇڭ ، غېرىپلىقى سىڭگەن بۇ قوشىقىدا ئۇنىڭ قەشقەردىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىپ غەمگۇزار ئاتىسىدىن ئايرىلغانلىقى ، يول بويى تەسۋىرلىگۈسىز جاپا -مۇشەققەتلەرگە مۇپتىلا بولۇپ قەلبىنىڭ ئازابقا تولۇپ كەتكەنلىگى ، ئۇنى ئاز دەپ مانجۇ ئەمەلدارلىرنىڭ ئۆزىگە يامان نىيەتتە كۆز قىزارتقانلىقى ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى ،قىزلىق غورورىنى ، پاكلىقىنى ساقلاش يولىدا كۈچلۈك مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ دار ئالدىدا مەغرۇرانە قۇربان بولغانلىقىدەك ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس قەھرىمانلىق خاراكتىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن .  ,v*p  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك نۇرغۇن جەريانلار بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسەت -مۇددىئانى ناھايىتى ئىخچام ئىبارە بىلەن ئىپادىلەپ خەلق تىلىنىڭ تولىمۇ باي تىل ئىكەنلىگىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلىكىدە . tE]5@b,R  
Ht|",1yr+  
ھويلامدىكى ئاق ئاتقا ، [`.3f'")j  
ئېتىۋەتتىم ھەلەپنى . Z 7s;F}=  
كۆڭلۈمدىكى شۇ يارغا ، psIkG0 &  
قويۇۋەتتىم تەلەپنى . / R_ u\?k(  
g7xb yB o7  
قىز -يىگىتلەر ئوتتۇرسىدا بولىدىغان ئەركىن مۇھەببەت جەريانلىرى بۇ بىر كوبلېت قوشاق ئارقىلىق يىغىنچاق ئىپادىلەنسە : rI0)F  
]alh_U  
دەزمال سېلىپ چىقاردىم ، `n 3FT=  
سارجا شىمنىڭ قىرىنى . S:ls[9G[3  
ئالتە ئاي بولدى بىلمىدىم ، $ !v}xY  
سەن يارىمنىڭ سىرىنى .  ispkj'  
MZT6g.ny  
دېگەن قوشاقتا ناھايىتى ئۇزاقتىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئارزۇلۇق سۆيگۈنىنى ھازىرغىچە چۈشۈنۈپ بولالمىغانلىقىدەك مەزمۇن سۆزلەنگەن . >SvDgeg_7f  
nO~b=qO  
قىزىلگۈل قاتار بولدى ، re; Lg C  
ئەتىرگۈل مۇنار بولدى . &K>cW$h=a  
سىزگە يازغان سالام خەت ، Yp*,Jp1  
مۇشۇ يەردە تامام بولدى . SSE3tcRRl  
Y]N ~vD  
بۇ قوشاقتا خەت ئالاقىسى قىلىۋاتقانغا ئۇزاق بولغانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تاماملىنىش جەريانى ئىخچام شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ چۈشەندۈرۈلگەن . id^|\hDR  
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئۆزىنىڭ نەپىس شەكلى ، ئىخچام شېئىرىي قۇرۇلمىسى ، ھەرقانداق مەزمۇننى ئوخشىمىغان شەكىلدە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ، ئاسان تۇتۇۋېلىشقا بولىدىغان ئەۋزەللىكى ، تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن گەۋدىلەنسە ، يېپىشقاقلىقى ، ئوي - پىكىرنىڭ ئېنىقلىقى بىلەن ئاھاڭ ئىشلەپ ناخشا قىلىپ ئوقۇشقىمۇ بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ باشقا ژانىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .مەنبە : " مايبۇلاق " ژورنىلىدىن

بابۇر0725 2014-03-28 23:34
ناھايىتى ياخشى تەتقىقات نەتجىسىكەن  بۇ،ئىگەللىۋالساق ياخشى پايدىسى بولغۇدەك

مىېھرىما 2014-03-29 21:25
بەكلا ئېسىل تىمىدىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم . YKZa$@fA?  
K`g7$r)U[  
سىزگە ئامەت يار بولغاي.


查看完整版本: [-- قاراخان:ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر توغرىس --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled