查看完整版本: [-- دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە بىر خوشخەۋەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە بىر خوشخەۋەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قۇتتېكىن 2014-03-28 00:15

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە بىر خوشخەۋەر

بىلگەجان ئامېرىكىدىن خەۋەر قىلىدۇ: m^A2 8X7  
LF dvz0  
ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى پىرافىسورى، پەخىرلىك ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى تۈنۈگۈن (2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى) «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. «تەبىئەت» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملارغا نېسبەتەن پەقەت بىر يېتىش تەس بولغان غايە بولسىمۇ، بۇ ئىش دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە نېسبەتەن دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. بىلگىنىڭلاردەك ئۆتكەن يىلى «تەبىئەت» ژورنىلى تەرىپىدىن يىللىق «دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئالىم» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى «تەبىئەت» ژورنىلىدا تۇنجى پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە» قاتارلىق دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى ماقالىلىرى دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور تەسىرلەرنى قوزغاپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىن ھالقىپ جەمئىيەتتە كىشىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان ئىلمىي پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسىگە مۇبارەك بولسۇن! +f3Rzx]  
}lZEdF9GhG  
wuqe{?  
ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ماقالىسىمۇ ئالاھىدە بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىككى ھۈجەيرە باسقۇچىدىكى تۆرەلمىنىڭ ھۈجەيرە دەۋرىيلىكىنىڭ بۆلۈنۈش ئارىلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان سىتوپلازمىسى خۇددى بۆلۈنۈش مەزگىلىگە كىرگەن ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدەكلا چوڭلارنىڭ بەدەن ھۈجەيرە يادروسىنى قايتا پىروگراممىلاش ئارقىلىق مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرالايدىكەن. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، ئىلگىرى تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بۆلۈنۋاتقان ئەمما تېخى ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسى بولمىسا قەتئىي بولمايتتى، ئەمدى بۇ يېڭى نەتىجە ئاللىقاچان ئۇرۇقلىنىپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە ھالىتىدىكى سىتوپلازمىنىڭمۇ ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئالىملارنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ تەتقىقات چاشقان ئۈستىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، پات ئارىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئوخشاش تەجىرىبىنى ئىنسانلاردىمۇ ئىشلەپ چىقماقچى ئىكەن. ئەگەر ئىنسانلاردا مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشتىكى تۇخۇمغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياج ئازىيىپ دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋىتىلىدىغان تۆرەلمىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. ئەسلى ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇراي، قىزىققانلار ئوقۇپ بېقىڭلار:http://www.nature.com/nature/jou ... ll/nature13134.html M 8},RR@{  

ياسىنجان510 2014-03-30 14:04
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئېسىل تېما ئىكەن.مەن سۈرەتلىك يوللانمىلارنى يوللىيالمايۋاتىمەن .

tawpek 2014-03-31 15:16
سۈرەتلىك يوللانما يوللاش ئۇسۇلى م ۇنبىرىمىزدە مەخسۇس بىر تېما قىلىپ يوللانغان.  شۇنى تەپسىلى كۆرۆڭ. V U3RFl  
% km <+F=~  
ياكى بولمىسا چ چ دا ئالاقىلاشساق تەۋپىقداشلار ئۈگىتىپ قويىمىز.


查看完整版本: [-- دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە بىر خوشخەۋەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled