查看完整版本: [-- قاراخان:ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى يوق مىللەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> قاراخان:ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى يوق مىللەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-03-27 14:40

قاراخان:ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى يوق مىللەت

ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە زامان چۈشەنچىسىگە بولغان كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھازىرقى زاماندىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى . ھالبۇكى ،بىر ئەسىر ئاۋۋالقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ۋاقىت ئۇقۇمىغا بولغان پەرۋاسىزلىق ئەجنەبىيلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى . ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەر بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ گويا كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك خىرامان يۈرىدىغانلىقنى،كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى زامانلارنىڭ ئۆتۈشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك بىر خىل زېرىكەرلىك ھايات رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. ئۇلار يەنە بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى بولمايلا قالماستىن ،بەلكى يەنە تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭمۇ كەملىگىنى تەكىتلىگەنىدى. چۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ زامانلارغا قەدەر ۋاقىت ئارقىلىق تارىخنى ھېسابلاش ،ۋاقىت ئارقىلىق زامان ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلەش ئەنئەنىسى ئومۇملاشمىغانىدى.يېرىم ئەسىر مۇقەددەم يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەرگە نىسبەتەنمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەردە ناھايىتى ئېنىق بولغان ۋاقىت چۈشەنچىسى يوق ئىدى ، بەلكى جىگدە پىشقاند اخامان تەپكەندە چېچەك كېسىلى تارقالغان يىللاردا تۇڭگان كەلگەندە دېگەندەك مەۋھۇم ئۇقۇم ئارقىلىق تارىنى بايان قىلىشقا كۆنۈككەنىدى. شۇڭلاشقا ئۆز دەۋرىدە ھېچكىم سىتەين، سۋېن ھېدىن، لېكوك ، ئوتانى قاتارلىقلارنىڭ بۇ يەردىكى زور تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ئېنىق يىلنامىسى بىلەن جاۋاب بېرەلمىگەنىدى. p)jxqg  
ئۇلار ئوخشاشلا ئۆزىگە ۋە ئۆز مەدەنىيەت تارىخىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىمۇ يوقاتقانىدى. بىر توپ ئەجنەبىيلەر تاغ-داۋانلار ئېشىپ ، بۇ يەرگە كېلىپ نېمە ئۈچۈن خارابىلەرنى قازىدىغانلىقىنى ،ئىسلىشىپ كەتكەن ھەرخىل يېزىقتىكى قول يازمىلارنى توپلايدىغانلىقىنى ھەمدە ساندۇق-ساندۇق ئەسكى-تۈسكىلەرنى تۆگىلەرگە ئارتىپ يىراقتىكى ئەللەرگە ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسلا چۈشەنمەيتتى . ناچار مۇھىت ،بۇرۇقتۇرما كەيپىيات ،ئۆزگەرمەس تۇرمۇش ئۇلارنىڭ ھايات ئىنتىلىشلەرگە بولغان قىزىقىشلىرىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. شۇڭا ئۇلار مىللىي ئاڭدىن ،قارشىلىق تۇيغۇسىدىن ، ھۆكۈم قېلىش كۈچىدىن ، يىراقنى كۆرەرلىكتىن ، مىللىي پايدا-زىياننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىدىن ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغانىدى. خۇددى ماكارتنېي خېنىم ئېقىتقاندەك : بۇ ئادەملەرنىڭ قۇلىقى يۇمشاق ،باشقۇرۇش ئاسان ،ئۇلارنىڭ بىرەر يامان ئىللەتلىرى يوق  ئىدى. بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا ، ئۆز ئالدىغا قارار قىلالماي ، سىرتتىن كەلگەن ئادەمنىڭ قارار چىقىرىپ بەرگەن ھۆكۈمگە ئىشىنەتتى . ياپونىيىلىك تاچىبانا ئۆز دەۋرىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغانىدى :قەشقەردىن خوتەنگە بېرىش سەپىرىمىزدە بىر تاغلىق كەنتتىن ئۆتتۇق ،بىز چۈشكەن قونالغۇغا بىر ئۇيغۇر دېھقان ھال ئېيتىپ كەلدى ھەمدە بىر ئەرزنامىنى سۇندى، بۇ ئەسلىدە يەر تالىشى ماجىراسى بولۇپ بۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان ئىش ئىكەن ، لېكىن ھېلىقى دېھقان ھۆكۈمگە رازى بولماي بىزنىڭ قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىمىزنى سوراپ كەپتۇ ، بۇ گەرچە ناھايىتى ئاددىي ئىش بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلىۋالغىنى بولىدۇكى ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتىگە ياردىمى بولىدىغانلا ئىش بولسا ،كىمنىڭ كېلىپ باشقۇرۇشى بىلەن پەرۋايى پەلەككەن . تارىختىمۇ شۇنداق بولغان ھازىرمۇ شۇنداقكەن . تاچىبانا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى ساددا ۋە ياۋاش ئىكەن ، كىم كېلىپ باشقۇرسا كارى يوقكەن . جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىنقىلاب پارتلىغاندا ( بۇ يەردە شىنخەي ئىنقىلابىنى دېمەكچى) بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتە، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەنە بىر تەرەپتە تۇردى . ئېنىقىنى ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ئىنقىلابقا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ،قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى ئۆزلىرىمۇ بىلەلمىگەنىدى ،قايسى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر تىنچلىق ئورنىتىلىپلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىدى . ئۇلار پەقەت شۇنىلا ئۈمىد قىلاتتى. a82mC r  
شۇڭا قەشقەردە تۇرغان بىر ئەنگلىيە كونسۇلىنىڭ خانىمى دىئاننا سىمپوتون ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچىگە كەلگەنىدى ،ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە ياشايدىكەن ، ئىبادەت قىلىدىكەن ، سودا قىلىدىكەن ساياھەتكە چىقىدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ مال-مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن .شۇنداق قاراشقا كەلدىمكى ،ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ھازىر غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە كىشىلەر ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان سىياسىي ئەركىنلىككە ئىنتىلمەيدىكەن. دىئاننا خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: قەشقەرنىڭ ئادەملىرى چېچىلاڭغۇ ، ھۇرۇن ئەمما تىنچ ،ئىناق ياشايدىكەن ئۇلار ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەنىدى ، ھازىرمۇ شۇنداق ياشاۋېتىپتۇ . شۇڭا ئۇلاردا ئېسكىمۇسلاردەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك يوق ؛ پەردانلاردەك ئۇرۇشخۇمار خاراكتېرمۇ يوق ، تىبەتلەردەك جۇشقۇنلۇق ۋە تېتىكلىك يوق ؛ كەشمىرلەردك قولى گۈل ھەم چېۋەرلىكتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى . ۋەھالەنكى ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلار ھەر قانداق جايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش دوستانە ،مېھماندوست . ئۇلار ئاددىي بىر لەتىپىنىمۇ سىز بىلەن بەھېرلىنىشنى خالايتتى . بەزىدە ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشى كۆڭۈلگە ياقمايتتى ،،ۋەھالەنكى ،ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىسىڭىزلا ، ئۇلار شۇنچىلا ئاق كۆڭۈل ،شۇنچىلىك جەلپكار ئادەملەر ئىدى gQEV;hCO  
=c,gK8C  
مەنبە: "تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە" دېگەن كىتابتىن ئېلىندى zoJ;5a.3B  

مىېھرىما 2014-03-27 20:35
بۇ تارىخى تىمىڭىز بەكلا مول مەزمۇنلۇق ياخشى تىما ئىكەن . داۋاملىق ياخشى تىمىڭىز  ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

بابۇر0725 2014-03-27 23:37
ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس

tawpek 2014-03-31 10:29
تارىم قوۋىقى چىكىلگەندە بەك ياخشى كىتاب بۇ. DANSexW  
Z0eBx  
خالىدە ئىسرائىلنىڭ كەچمىش ناملىق رومانىدىمۇ سىۋىن ھىدىنلارنىڭ سائەتنى خەلقىمىزگە كۆرسەتكەندە ئاللا ياراتقان ۋاقتنى كىچىككىنە قۇتىنىڭ ئىچىگە سولىۋاپتۇ ، ئۇنىڭ سىتىرىلكىسى تىكلەنسە قوياشمۇ تكلىنىدىكەن دەپ تۇرۋاپتىكەن. -o_T C  
X|`,AK Jit  


查看完整版本: [-- قاراخان:ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى يوق مىللەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled