查看完整版本: [-- دۇنيادا يەتتە خىل مۇھەببەت بار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> دۇنيادا يەتتە خىل مۇھەببەت بار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

خەندان 2014-03-27 13:11

دۇنيادا يەتتە خىل مۇھەببەت بار

1 . سىز مەڭگۈ ۋاز كېچەلمەيدىغان ۋە مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىر خىل مۇھەببەت بار . ئۇ بولسمۇ ۋەتەن ۋە ئىلىم _پەن مۇھەببىتى .




2 . سىز تىل بىلەن تەسىۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان بىر ھېسىيات بار ، ئۇ بولسمۇ يىگىت _قىزلارنىڭ سۆيگۈ_مۇھەببىتى . ئۇنىڭ تەمىنى تېتىپ باقىمغانلار تەسەۋۇر قىلالمايدۇ . ئەگەر تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشىسىڭىز   ، ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى قىزىقىش بولغان بولىدۇ . قارشى تەرەپكە ئىچ ئاغرىتىپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس دوستلۇقتۇر . قارشى تەرەپىنىڭ ھۆسىن _جامالغا مەپتۇن بولۇپ مۇھەببەتلەشىسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى شەخسىي غەرەزلىك قىزىقىش بولغان بولىدۇ . قارشى تەرەپ  مېنىڭ شەرتلىىرىمگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن دەپ مۇھەببەتلەشسىڭىز ئۇ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى مۇھەببەت  شەرتنى ھازىرىلاش بولغان بولىدۇ . باشىقىلارنىڭ مۇھەببەت سۆزلىرىنى ، ھاياجان بىلەن ئېيتىلىغان  شېرىن تەرپىلەشىلىرىنى ئاڭلاپ ، يېتىمسىرىغان قەلبىڭىزگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىڭىز  ئۇ مۇھەببەت ئەمەس ئۆزىڭىزنى ئالداش بولىدۇ . قارشى تەرەپكە ماس كەلمەيمەن دەپ ، ئايرىلىش تەلپى قويغىنىڭىزدا قارشى تەرەپ تەلپىڭىزنى رەت قىلىپ بۇ مۇھەببەتنى قوغداپ قېلىشىنى قويغان شەرتىڭىزنىڭ ئايرىلىشىقا سەۋەب بولالمايدىغىنىنى ئېيتىسا ، بۇ مۇھەببەتتىن  بىر ئۆمۈر ئۆكۈنمىسىڭىز ، چاچلىرىڭىزغا ئاق كىرگەندىمۇ بىر _بىرىڭلارنىڭ كۆزىگە   تىكىلىپ قاراپ ، بار مېھىرىبان  بىلەن كۈلسڭىز ، ھېچقانداق  پۇشايمىنىڭىز بولىمسا ، ئۇنىڭ ھەر بىر تەبەسىۇمى يۈرىكىڭىزنى جىغىلدىتالسا ، قارشى تەرەپىنىڭ مۇھەببتىگە  بولغان مەسئۇلىيىتىڭىز مۇھەببىتىڭىزدىنمۇ كۈچلۈك بولسا ، مانا بۇ ھەقىقىىي مۇھەببەت.




3 . دۇنيادا سىز ئۈچۈن مىننەتسىز تەر ،  ياش ، زۆرۈر بولسا قانمۇ تۆكەلەيدىغان بىر خىل مۇھەببەت بار . بۇ بولسمۇ ئاتا _ئانىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببتى  .

4 .پۈتۈن دۇنيادىكىلەر سىزدىن  ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ، ئىشەنچسىنى يوقاتقاندا ، سىزگە  ئىزچىل ئىشىنىپ قوللايدىغان مۇھەببەت ، ئۇ قېرىنداشلىق مېھىر _مۇھەببىتى .

5 . سىز ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر قىلىسمۇ ئۆز ئەجرىنى  يىتەرلىك بولمىدى دەپ قارايدىغان ، سىزنى مىننەتىسز  پۈتۈن دۇنيادىن خەۋەردار  قىلىشىنى ئويلايدىغان ، مەغلۇبىيەتكە  ئۇچرىسڭىز  قاتتىق خورىسنىپ ، ئۆزىنى ئەيىبىلەيدىغان ، مۇۋەپپەقىيتىڭىزدىن ئالەمچە ئىپىتىخارغا چۆمۈلدىغان ، قانات _قۇيرۇقىڭىز يېتىلىگەندە سىزنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ، ئەمما سىز ئۇنتۇمايدىغان مۇھەببەت . ئۇسىتاز ، ئوقۇتقۇچى مۇھەببىتىدۇر .




6 . خۇشال بولغان ، ئازاب چەككەن ، چاغلىرىڭىزدا دەرھال ئېسڭىزگە كېلىدىغان ، يىغلىسڭىز تەڭ يغىلاپ ، كۈلسڭىز   تەڭ كۈلدىغان، شەرەپ _مەرتىۋىگە ئېرىشكەندە پىنىھاندا تۇرۇپ شادلىنىدىغان ، ئېغىر كۈنلەردە بولسا سىزنىڭ يېنڭىزدىن كەتمەيدىغان، ئارتۇقچلىقىڭىزنى تەرپلىگەن  بىلەن ، كەمچلىكىڭىزنىمۇ تەكتىلەيدىغان مۇھەببەت . ئۇ دوستلۇق مۇھەببىتى .

7 . سىز ئۆگەنگەن ، سىزنىڭ  قىممىتىڭىزنى تونۇتقان ، ئەلگە نەپ بەرگەن ، سىزنى شان _شەرەپكە ئىگە قىلىدىغىنى كەسىپ مۇھەببىتى .

ياسىنجان510 2014-03-30 13:50
زۆرۈر تېما ئىكەن .ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

مىېھرىما 2014-03-30 16:05
خەنداننىڭ بۇ تىمىسىنى بەكلا ياقتۇردۇم!!!

بامۇ سىز خەندان ئۇزۇندىن بۇيان يوقاپلا كەتتىڭىز مۇنبەرگىمۇ چىقماس بوپ كەتتىڭىز ؟!!!

ئەلدىيار 2014-03-30 23:20
بارىكاللا


查看完整版本: [-- دۇنيادا يەتتە خىل مۇھەببەت بار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled