查看完整版本: [-- قۇتتېكىن: ئالىم «مەھمۇد كاشغەرى » نىڭ ئانىسى ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> قۇتتېكىن: ئالىم «مەھمۇد كاشغەرى » نىڭ ئانىسى ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قۇتتېكىن 2014-03-26 22:26

قۇتتېكىن: ئالىم «مەھمۇد كاشغەرى » نىڭ ئانىسى ھەققىدە

بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئانىسى رابىيە كاشىغەرى ياش ۋاقتىدا تونۇلغان شائىرە ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ ئادىتى بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى شامدىن يېنىپ ئۆگزىگە چىقىپ، يۇلتۇزلارغا قاراپ، مۇناجات ئوقۇيدىكەن . تۈن نىسپى بولغاندا ھۇجرىسىغا چۈشۈپ ، ئازراق غىزالىنىپ، بىردەم ئارام ئېلىپ شېئىر يازىدىكەن. ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئۇستازى ئۆگەتكەن بولۇپ، يەتتە يېشىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.   7*&q"   
)J|~'{z:  
رابىيە رەسىدە بولۇپ ئاشقان بولسىمۇ لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ياتلىق قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ ۋاقتى ئەمەس دەيدىكەن . ئامالسىز قالغان بىچارە ئاتا-ئانا ھەر قېتىم كەلگەن ئەلچىلەرنى تەسلىكتە ئۆزرە ئېيتىپ قايتۇرىدىكەن. يۇرت قازىسىنىڭ قۇلىقىغا بۇ ئىش يەتكەندىن كېيىن بۇ ئىشنى قارا خانىلار خانى سۇلتان يۈسۈپ قادىرخانغا مەلۇم قىلىپتۇ. سۇلتان بىر كۈنى رابىيەنى ئوردىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن ياتلىق بولماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.رابىيە «خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى جىق جاپاسى ئېغىر، ئەمما بۇنى ئەرلەر بىلمەيدۇ، مەن نەچچە يىلدىن بېرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ، ئاياللارنىڭ ئىشى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانى بىلەن تەڭ ئىكەن دىگەن ئويغا كەلدىم. شۇڭا ئاسماندىكى يۇلتۇزلار چۈشۈپ ، ئاياللارنىڭ ئىشى ئازلاپ قالسا ئاندىن ياتلىق بولۇشنى ئويلاپ كۆرىمەن» دەپتۇ. 5 .b U2C  
XCZNvLG  
@ **]o  
r5\|%5=J  
سۇلتان يۈسۈپ قادىرخان« ئەقىللىق قىزىم مەقسىدىڭىزنى چۈشەندىم، ئاياللارنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما بۇنى تونۇپ يەتكەنلەر يوق ھىساپتا. مەن بۇ تەڭسىزلىكنى ئوڭشاش ئۈچۈن خان نامىدىن يارلىق چۈشۈرىمەن. ئەمما ئالدى بىلەن سىز ياتلىق بولۇڭ، ئۆي تۇتۇڭ، پەرزەنتلىك بولۇڭ،. ئېلىمىزدە ھەر ئادەمنىڭ جۈپتى ۋە ئۆيى بولۇشى كېرەك. جۈپسىز، ماكانسىز كىشى يىپى يوق لەگلەگتەك تۇترۇقسىز كېلىدۇ، ياشاشقا ئىشەنچى، تۇرمۇشتا ئەخلاقى بولمايدۇ. پەرزەنت بولمىسا ئەجدادلارنىڭ نام-نىشانى يوقايدۇ، ئىزى ئۆچىدۇ، شورى قۇرۇيدۇ، ئەل يۇرت ئازىيىپ خاراپلىشىدۇ، رەقىبلەرنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياتقان خاسىيەتلىك يەرلەر خارلىنىدۇ» دەپتۇ. ":N E I  
7gcJ.,Z.  
+&h<:/ V  
<^8&2wAkJ  
رابىيە سۇلتاننىڭ مېھرىبانلىق قىلغان نەسىھىتىدىن تەسىرلىنىپ ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بوپتۇ.   ^9*kZV 
YZ0Jei8+-  
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان يۈسۈپ قادىرخان « ئەلدىكى بارلىق ئەرلەر بىر ھەپتىلىك ئىش-ئوقىتىدىن كېيىن ھەر پەيشەنبە كۈنى ئاياللىرىغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە پۇل بېرىپ ئايالىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئەجرىنى ياندۇرۇشى، ھېيت ئايەملەردە يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دەپ يارلىق چىقىرىپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان خەلقىمىزدە ئايالىغا پەيشەنبىلىك، ھېيتلىق بېرىدىغان ئادەت بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەپتۇ. ئايالىغا قارىمىغان ئەرلەرنى «مۈشۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلەيدىغان » دەپ مەسخىرە قىلىش شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن

بابۇر0725 2014-03-26 22:38
بۇمۇ ئىگەللىپ قۇيۇشقا تېگىشلىك بىلىمكەن

مىېھرىما 2014-03-26 22:39
مەن ئاڭلاپ باقمىغان رىۋايەتكەن بۇ . سىزگە رەھمەت !!!

ئەكبەرنىياز 2014-03-27 00:51
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، قۇتتېكىننىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!! مۇمكىن بولسا ئەسەر مەنبەسىنى ۋە ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويارسىز !!!

tawpek 2014-03-30 19:16
ئاڭلىمىغان گەپلەركەن بۇ،  تارىخ ئەمەس رىۋايەتتۇ ھە؟

خەندان 2014-04-14 16:54
qb 1JE[2F  
w1J%%//(h  
,?/AIL]_  
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئانىسى رابىيە كاشىغەرى ياش ۋاقتىدا تونۇلغان شائىرە ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ ئادىتى بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى شامدىن يېنىپ ئۆگزىگە چىقىپ، يۇلتۇزلارغا قاراپ، مۇناجات ئوقۇيدىكەن . تۈن نىسپى بولغاندا ھوجرىسىغا چۈشۈپ ، ئازراق غىزالىنىپ، بىردەم ئارام ئېلىپ شېئىر يازىدىكەن. ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئۇستازى ئۆگەتكەن بولۇپ، يەتتە يېشىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.   ]r.95|V*  
T7q E 2  
رابىيە رەسىدە بولۇپ ئاشقان بولسىمۇ لېكىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ياتلىق قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ ۋاقتى ئەمەس دەيدىكەن . ئامالسىز قالغان بىچارە ئاتا-ئانا ھەر قېتىم كەلگەن ئەلچىلەرنى تەسلىكتە ئۆزرە ئېيتىپ قايتۇرىدىكەن. يۇرت قازىسىنىڭ قۇلىقىغا بۇ ئىش يەتكەندىن كېيىن بۇ ئىشنى قارا خانىلار خانى سۇلتان يۈسۈپ قادىرخانغا مەلۇم قىلىپتۇ. سۇلتان بىر كۈنى رابىيەنى ئوردىغا چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن ياتلىق بولماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.رابىيە «خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى جىق جاپاسى ئېغىر، ئەمما بۇنى ئەرلەر بىلمەيدۇ، مەن نەچچە يىلدىن بېرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ، ئاياللارنىڭ ئىشى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانى بىلەن تەڭ ئىكەن دىگەن ئويغا كەلدىم. شۇڭا ئاسماندىكى يۇلتۇزلار چۈشۈپ ، ئاياللارنىڭ ئىشى ئازلاپ قالسا ئاندىن ياتلىق بولۇشنى ئويلاپ كۆرىمەن» دەپتۇ.   gO%o A} !i  
8ZL9>"%l  
سۇلتان يۈسۈپ قادىرخان« ئەقىللىق قىزىم مەقسىدىڭىزنى چۈشەندىم، ئاياللارنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما بۇنى تونۇپ يەتكەنلەر يوق ھىساپتا. مەن بۇ تەڭسىزلىكنى ئوڭشاش ئۈچۈن خان نامىدىن يارلىق چۈشۈرىمەن. ئەمما ئالدى بىلەن سىز ياتلىق بولۇڭ، ئۆي تۇتۇڭ، پەرزەنتلىك بولۇڭ،. ئېلىمىزدە ھەر ئادەمنىڭ جۈپتى ۋە ئۆيى بولۇشى كېرەك. جۈپسىز، ماكانسىز كىشى يىپى يوق لەگلەگتەك تۇترۇقسىز كېلىدۇ، ياشاشقا ئىشەنچى، تۇرمۇشتا ئەخلاقى بولمايدۇ. پەرزەنت بولمىسا ئەجدادلارنىڭ نام-نىشانى يوقايدۇ، ئىزى ئۆچىدۇ، شورى قۇرۇيدۇ، ئەل يۇرت ئازىيىپ خاراپلىشىدۇ، رەقىبلەرنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياتقان خاسىيەتلىك يەرلەر خارلىنىدۇ» دەپتۇ. E@[ZwTnJ  
1.IEs:(;  
رابىيە سۇلتاننىڭ مېھرىبانلىق قىلغان نەسىھىتىدىن تەسىرلىنىپ ياتلىق بولۇشقا ماقۇل بوپتۇ.   /w "h'u  
mZ0'-ax   
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان يۈسۈپ قادىرخان « ئەلدىكى بارلىق ئەرلەر بىر ھەپتىلىك ئىش-ئوقىتىدىن كېيىن ھەر پەيشەنبە كۈنى ئاياللىرىغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە پۇل بېرىپ ئايالىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئەجرىنى ياندۇرۇشى، ھېيت ئايەملەردە يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دەپ يارلىق چىقىرىپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان خەلقىمىزدە ئايالىغا پەيشەنبىلىك، ھېيتلىق بېرىدىغان ئادەت بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەپتۇ. ئايالىغا قارىمىغان ئەرلەرنى «مۈشۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلەيدىغان » دەپ مەسخىرە قىلىش شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن. b`& :`  
K.r "KxCm|  
مەنبە- شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان«ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى-3» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى   _;'<}a  

قاراخان 2014-04-14 22:57
/bbs/read.php?tid=12447 <2t%<<%  
` M!'PMX  

گۈلنىھال 2014-04-15 18:59
ياخشى تىمىكەن ، لىكىن بىر قېتىم يوللىنىپ بولغان تىمىدەك تۇرامدۇ قانداق ؟

مىېھرىما 2014-04-17 13:52
داۋاملىق ئالغا !! ياخشى يازمىڭىزغا رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- قۇتتېكىن: ئالىم «مەھمۇد كاشغەرى » نىڭ ئانىسى ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled