قۇتتېكىن |
2014-03-26 22:24 |
قۇتتېكىن: تەسەۋۋۇپنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە باشلىنىش تارىخى
تەسەۋۋۇپ پاكلىنىش دېمەكتۇر. ئىنسان پىشىپ يېتىلىش (كامىل ئىنسان بولۇش) ۋە ئاللاھنىڭ ئۆلچەملىك بەندىسى بولۇش ئۈچۈن يامان خۇيلىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىشى، (ئىبادەتنىڭ) شەكلى بىلەن چەكلىنىپ قالماي ماھىيەتكە ئىچكىرىلەپ كىرىشى، نەپسىنى پاكلىشى كېرەك. گۇناھ-مەئسىيەتلەر، يامانلىقلار، شۇملۇقلار تەرك ئېتىلگەندە، نەپسى شەيتانغا ۋە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى كۈرەش قىلىنغاندا ياخشى خۇلق ۋە گۈزەل پەزىلەتلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، روھ ئازادىلىككە چۆمىدۇ. كىشى تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمىشقا يارىتىلغانلىقىنى بىلەلەيدۇ، بەندىلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى شەكىلۋازلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلۇھىيەت ۋە رۇبۇبىيەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ، تەقۋادارلىق بىلەن ئىبادەت قىلالايدۇ. نەتىجىدە ئىمان ھەقىقىتى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىنسان تەبىئىتى ئاللاھ تەلەپ قىلغاندەك ھالەتكە كېلەلەيدۇ. تەسەۋۋۇپنى ئەسلى خاراكتېرىدىن چۈشەنگەندە، ئۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر تۈرلۈك پاكلىنىش تىرىشچانلىقى ۋە بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىدۇر. |A &Nv~.) "تەسەۋۋۇپنىڭ ھال دەپ ئاتىلىدىغان مەنىۋى كەچمىش تەرىپى بۇ ئىشنى گويا زەۋق ۋە خۇشاللىقتەك كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇپنى ئەخلاق دەپ تەرىپلەيدىغانلارغا كۆرە، ئۇنى كامىل ئەخلاقنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان بىر ئىسلامىي ئىلىم دەپ چۈشىنىش كېرەك". (يىلماز: < تەسەۋۋۇپ ۋە تەرىقەتلەرنى غول مەنبەدىن چۈشىنىش>، 17) XWk/S $-d "تەسەۋۋۇپ ئىنسان نەپسىنىڭ ئۇبۇدىيەتكە (ئىبادەتلەرگە) يۆنىلىشى، قەلبنىڭ رۇبۇبىيەت بىلەن ئالاقە باغلىشىدۇر. سوپى ئۆز نەپسىنى ھەر ۋاقىت پاكلاش بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەك. يەنى ئۇ قەلبىنى، نەپسىنى دائىم ئەبجەش خىيال ۋە مەنىۋى كىرلاردىن تازىلاپ، ۋاقىتلىرىنى (ھاللىرىنى) غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىشى كېرەك. شۇڭا ئۇ رەببىگە داۋاملىق مۇھتاج بولىدۇ، بۇ ھال ئۇنىڭغا ياردەمچى بولىدۇ." (ئىمام غەززالى: <تەسەۋۋۇپ ئاساسلىرى>، 37) :|P"`j ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنى يامانلىقلاردىن پاكلىشى ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قۇرئان بىلەن سۈننەتكە ئەگىشىپ، ئۆمۈربويى كۈرەش قىلىشى كېرەك. (#7pGGp*E " بىلگىنكى، نەپسنى تەربىيەلەش (رىيازەتۇل ئەنفۇس) شىر كۆندۈرۈشتىن قىيىن، چۈنكى شىر قەپەزگە سولانسا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ، ئەمما نەپسنى قەپەزگە سولاپ قويساڭمۇ ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ" (ئىبنى ھەزم: <ئەخلاق>، 132) '$l*FWOEal تەسەۋۋۇپچىلار تەسەۋۋۇپنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى كەچمىشلىرىگە ئاساسەن ئىزاھلىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن تارىختا تەسەۋۋۇپقا ئائىت نۇرغۇن ئېنىقلىمىلار مەيدانغا كەلگەن. \-`L}$ تارىخقا نەزەر سالساق، ھەر خىل دىنلاردا يامانلىقتىن ساقلىنىش، روھىي كامالەتكە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ دىنلار ھەق دىن بولسۇن ياكى باتىل دىنلار بولسۇن، ھەممىسىلا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى شەكىللەندۈرۈش مېتودىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ باققان. خىرىستىيان دىنىدا بۇنىڭ ئېنىق مىساللىرىنى كۆرەلەيمىز. Vs\)w>JF خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىچكى دۇنياغا يۈزلىنىشكە ۋە پاكلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇھبان(راھىبلار، يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارا موللىلىرى) پىرقىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بەزى يەرلەردە ئايرىم موناستىرلار سېلىنغان، ئۇ يەردە ئۆزىنى دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ئايرىۋەتكەن راھىپ ۋە راھىبەلەر ئاللاھ بۇيرۇمىغان پاكلىنىش ئۇسۇللىرىنى خۇددى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلىغاندەك ئورۇنلىغان. زاھىدلىق، تەپەككۇر، دۇئا، مۇناجات، ئۇزلەت (يالغۇزلۇققا چېكىنىش)، ئۆزىگە بېكىنىپ تەنھا ياشاش، نەپسىدىن ھېساب ئېلىش، ئۆزىنى دىنغا ئاتىۋېتىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى توي قىلماسلىق... دېگەندەك ئىشلار ھەقتائالاغا يېتىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارالغان. خىرىستىئان دىنى بىلەن تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسى شۇكى، ھەر ئىككىسى ئەقىل ۋە ئىلىم بىلەن ھەقتائالاغا يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا پەقەت ئىشق يولى بىلەن، ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنى ئاتاش بىلەن، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش بىلەن يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. fM
\T^X ئەمما قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تاپقان، ئۆزىنى قىينايدىغان ئۇسۇللىرى بىلەن ئاللاھقا يېتەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن: eGtIVY/D ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رۇھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ( پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى(ھەسسىلەپ) بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. (سۈرە ھەدىد، 27) rTW1'@E يەھۇدىي دىنىنىڭ تەسەۋۋۇپ-مىستىك قىسمى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدىغان <كابالا> نىڭ سۆز مەنىسى <سۆزدىكى ئەنئەنە> دېمەكتۇر. ئېيتىلىشىچە، <كابالا>دا تەۋرات ۋە يەھۇدىي دىنىنىڭ باشقا مەنبەلىرىنىڭ سىرلىق مەنىلىرى تەھلىل قىلىنغان، ئۇنىڭدىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئابستراكىت ۋە مەخپىي بولغاچقا ئوقۇغانلا ئادەم چۈشىنەلمەيدۇ. يەھۇدىيلار ئەينى چاغدا <كابالا>دا بايان قىلىنغان، ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان ھەرىكەت مىزانلىرىنىڭ بارلىق يەھۇدىيلارنى ئۇشبۇ ھالەتتىن قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىغا، ئىسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىپ ئۇلارنى دۇنياغا خوجايىن قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولۇپ، يەھۇدىي موللىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىلۋەتتە يالغۇز ئىبادەت قىلىپ، مۇشەققەتلىك دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. ئىلمى لەدۇن، خىلۋەت، مۇشەققەت، تەپەككۇر، ئاچلىق دېگەندەك ھالەتلەر يەھۇدىي تەسەۋۋۇپىدا پاكلىنىش ئۇسۇللىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. (47jop0RDQ بۇددىزىم بولسا ھاياتتىكى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرىدىغان ۋە بۇلاردىن خالاس بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدىغان تەلىماتلار توپلىمى؛ ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى چەكلەپ، مۇشەققەت ئارقىلىق تاۋلىنىشنى، پاكلىنىشنى تەرغىپ قىلىدىغان باتىل دىندۇر. بۇ دىندىكى ئادەملەر پاكلىنىش ئۈچۈن بىر قاتار قائىدە-يوسۇنلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، پاكلىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان نېرۋاناغا يېتىش ئۈچۈن بىر يەرگە يالغۇز بېكىنىپ، دۇنيادىن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن تامامەن كېچىپ، ئۆزىنى مۇشەققەت ئىچىدە تاۋلايدۇ. بۇددىزىمغا كۆرە، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئازابلىرىنىڭ مەنبەسى ئارزۇ-ئىستەكتۇر، مۇشۇ ئىستەكلەرنى يوقاتقاندا، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز روھىغا قايتقاندا تىنچلىققا، خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. Sg')w1 داۋجاۋ (تويىن دىنى) لاۋزىنىڭ تەلىماتلىرىدىن پەيدا بولغان بىر دىن بولۇپ، بۇ دىننىڭ قارىشىچە، ئالەم بىر ياراتقۇچىنىڭ ئەسەرىدۇر، ئۇ بولسىمۇ داۋ (يەنى يول، تەرىقەت) تۇر. داۋ دېمەك ئالەمنىڭ يولى، تۈزۈلۈشى، قانۇنى دېمەكتۇر، ئىنسانلار ئابستراكىتلاشتۇرغان ياكى تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەن ھېكمەت يولى "داۋ" غا (تەڭرىگە) يۈزلەنگەن يولدۇر. داۋجياۋنىڭ تۈپ ئىدىيىسى پانتىئېزىم (پان ئىلاھچىلىق، يەنى تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىنى ئىلاھ سۈپىتىدە كۆرىدىغان پەلسەپىۋى قاراش) ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، "داۋ" دۇنيانى تۇتۇپ تۇرىدىغان، دۇنيانى باشقۇرىدىغان يىگانە بارلىقتۇر؛ كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ياراتقۇچىدۇر. يەنى "داۋ" ئاسمان-زېمىننىڭ مەنبەسى، ياراتقۇچى ھەم ياشاتقۇچى بارلىقتۇر، ھېچنەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر. DlfXzKn; داۋجياۋغا كۆرە، ئىنسان پەقەت مەنىۋى جەھەتتىنلا ئىنسان بولالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن "داۋ" رەھبەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. <ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققىمۇ ياخشىلىق> داۋجياۋنىڭ تۈپ پىرىنسىپىدۇر. بۇ تەلىماتلارغا، ئەخلاق نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، سەۋر قىلىپ ياشاش، سۈكۈت قىلىپ ياشاش، يەنى ھەممە ئىشقا رازى بولۇش ئارقىلىق ئالىي مەقامغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. داۋجياۋ بۇ ئالەمدە مەۋجۇت بولغان (阳) بىلەن مەۋجۇت بولمىغان (阴) نىڭ قوشۇلۇشىدىن مەيدانغا كەلگەن دېيىلىدۇ؛ بەزى مەنبەلەرگە كۆرە، "داۋ" تەڭرىنىڭ سموۋۇللاشتۇرۇلغان شەكلى دەپ قارىلىدۇ. داۋجياۋ مۇرىتلىرىغا "داۋ"نى ھەممە يەردە، ھەممە نەرسىدە كۆرۈش "تەجرىبىسى" ئۆگىتىلىدۇ. داۋجياۋغا ئائىت مەقبەرىلەر بۇ دىنغا يېتەكچىلىك قىلغان، مۇرىتلىرىغا شاپائەت قىلىدىغان، مۇرىتلىرىنى قوغدايدىغان مۇقەددەس شەخسلەرنىڭ، يەنى "ئەۋلىيا ئاتىلار"نىڭ مەقبەرىسىدۇر. داۋجيا دىنىدا "سۈكۈنات" دەپ ئاتىلىدىغان، تەبىئىي ئېھتىياجلارغا قىلچە بېرىلمەيدىغان، دۇنياغا ئائىت مەقسەتلىك، پىلانلىق ھەرىكەتلەردىن ۋاز كېچىدىغان، ئاز گەپ قىلىدىغان ئەخلاق پەرھىزلىرى مەۋجۇت. ئەگەر ئىنسان سۈكۈت قىلسا، "داۋ"نىڭ ئىچكى ئاگاھلىرىغا قۇلاق سالسا، كۆپ مۇشەققەت تارتمايلا ياخشى ھايات كەچۈرەلەيدۇ، مەرتىۋىسى يۈكسىلىپ "داۋ"غا يېتەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ;,@3bu>r ئىسلام دىنىغا قارىساق، تەسەۋۋۇپ، بەزىلەرگە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلغان كۈندىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن. پەيغەمبىرىمىز پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئاۋۋال قەۋمىنىڭ ئازغۇنلۇقى ۋە بۇزۇقچىلىقلىرىدىن بىئارام بولۇپ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەپ، ھىرا غارىغا بېكىنىپ، رەببىدىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلغان. پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن قۇرئان كەرىم بويىچە ياشاپ ۋە كۈرەش قىلىپ، ئىسلامنى تەبلىغ قىلىپ، ئىنسانلارغا ئۈلگە بولغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆرنەك ھاياتىنى ئىبن ھەزم مۇنداق بايان قىلىدۇ: گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن، بارلىق ياخشىلىقلاردا ئۈلگە بولغان ، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئەيب-نۇقسانلارنى يېقىن يولاتمىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىغا ياكى پۇتىغا بىر نەرسە كىيمەي، شەھەردىن ئەڭ يىراق بولغان يەرگىمۇ كېسەل يوقلىغىلى باراتتى. تاپالىسا يۇڭدىن ياكى پاختىدىن كىيىم كىيەتتى، ئېھتىياجى يوق نەرسىنى كىيىمەن دېمەيتتى، ئېھتىياجى بولغان نەرسىنى تەرك ئەتمەيتتى. تاپالمىسا تاپقىنىغا شۈكۈر قىلاتتى، بەزىدە مەسە كىيسە، بەزىدە يالىڭاياغ يۈرەتتى. بەزىدە كۈلرەڭ قېچىرغا مىنسە، بەزىدە ياۋداق ئاتقا، بەزىدە تۆگىگە، بەزىدە ئېشەككە مىنەتتى، ئارقىسىغا بەزىدە ساھابىلىرىدىن بىرىنى مىندۈرۈۋالاتتى. بەزىدە خورمىلا يەيتتى، بەزىدە ناننى قۇرۇق يېسە، بەزىدە قىزارتىلغان ئوغلاق گۆشى بىلەن يەيتتى. ئۆزىگە چۇشلۇق يېمەكلىكىنى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى باشقىلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى. ئۆزىگە لازىم بولمىغىنىنى باشقىلارغا بېرىپ، ئارتۇق نەرسىنىڭ ھېسابىدىن قاچاتتى. غەزەبلەنسە ئاللاھ ئۈچۈن غەزەبلىنەتتىكى، ئۆزىنىڭ ئىشىغا ھەرگىز غەزەبلەنمەيتتى. (ئىبن ھەزم: <ئەخلاق>، 109-110) mS!/>.1[ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان بويىچە ياشىغان ئۆرنەك ھاياتىدىن ساھابىلەر ئۈلگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگەنگەن تەسەۋۋۇپ مېتودلىرىنى ئۆز تۇرمۇشىغا تەتبىقلىغان دەپ قارىلىدۇ. ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھىي چۈشۈپ، ئەلچىلىك ۋەزىپىسى كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاھىدلىقتىن چېكىنىپ، رېئال تۇرمۇشقا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۆز قەۋمىنىڭ ئارىسىدا، بۇ قەۋمنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە زېممىسىدىكى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا باشلىغان، ئەمما بۇ ۋەزىپىسىگە ئىلاھىي سۈپەت بېرىپ، ئۆزىنى ئەۋلىيا ئەزەم، كارامەتلىك شەخس دەپ تونۇتۇش ئارقىلىق ئىسلامنى تەبلىغ قىلمىغان بەلكى ئاۋۋال يېقىنلىرىدىن باشلاپ، قەدەممۇ قەدەم ئىمان-ئىسلامنى بىلدۈرۈپ، ھىدايەت نۇرى چاچقان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ۋە مۇئامىلىلىرى، شادلىقى ۋە قايغۇلىرى، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىكى ئېغىر-بېسىقلىقى، بىرەر ئىشنى قارار قىلغاندا ساھابىلىرى بىلەن كېڭىشىدىغانلىقى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرغان نەق، روشەن پاكىتلار بولۇپ، قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ ياشاشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كىشىلەرگە تونۇتقان ۋە بۇنىڭ شانلىق ئۆرنەكلىرىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بىرسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ۋە مىجەزى توغرىسىدا سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سەن قۇرئان ئوقۇمامسەن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى، دېگەن. ,Sghi&Ky پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋەھيىلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەچ، بىر تەرەپتىن تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىسا، بىر تەرەپتىن ئىنسانلارغا رەھبەر ۋە تەربىيىچى بولغان؛ بىر تەرەپتىن دۆلەت باشلىقى، قوشۇننىڭ قوماندانى بولسا، بىر تەرەپتىن خەلق ئىچىدىكى مۇھىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان. ھېچ كىمنى ئۆزى خالىمايدىغان ئىشقا زورلىمىغان، زۇلۇمغا قارشى چىققان، كىشىلەرنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقا چاقىرغان، مۇھىم قارارلار چىقىرىش ئالدىدا ساھابىلەردىن پىكىر ئالغان، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان، بەزىدە خاتا قارار چىقىرىپ قالسا ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا ئوبدان قاراپ باقساق، ئۇنىڭ "كامىل ئىنسان، ئۆرنەك ئىنسان" بولۇش ئالاھىدىلىكىنى مۇكەممەل ھازىرلىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. \#G`$JD پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ياشىمىغانلىقى ۋە بۇنى تەشۋىق قىلمىغانلىقى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر تەلىماتىدۇر. (سۈرە ھەدىد، 27). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىغا قاراپ باقساق، پەيغەمبىرىمىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلگەن، مال-دۇنياغا قىزىقمىغان، قولىدىكى ئارتۇق مالنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. بەزىدە ئاچ قېلىپ، قورسىقىغا تاش تېڭىۋالسا، بەزىدە بىر تال خورما بىلەنمۇ كۈن ئۆتكۈزگەن، تاماققا تەكلىپ قىلسا بېرىپ ياخشى تاماقلاردىن يېگەن، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. پېقىر-مىسكىنلىككە ئادەتلىنىپ قالمىغاندەك، باي-باياشاتلىقنىمۇ قوغلىشىپ يۈرمىگەن، بەلكى ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ۋە ياخشى بەندە بولۇش ئارزۇيىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. .E[k}{k, دىنىمىزغا ياخشى نەزەر سالساق، ئۇنىڭدىمۇ ياخشى بەندە بولۇش، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا تىرىشىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. زاھىرىي كۆرۈنۈش پەقەت باتىنىي دۇنيا، يەنى كۆرۈنمەيدىغان دۇنيا ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قەلبلەردىكىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىسلام دىنى نىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا پەيغەمبىرىمىز ئەمەللەرنىڭ نىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ھاكىم بولۇشىنى، قىيامەتتىكى ھېساب كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال بۇ دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئىچكى دۇنياسى كىر، غەلەت، غەللە-غەشلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىنسان ئەمەلىيەتتىمۇ ئىبادەت بىلەن ياشىيالمايدۇ ياكى ئىبادەتلىرىدىن ھۇزۇر ئالالمايدۇ. ئىبادەتلەردىكى ئەسلى مەقسەتمۇ شۇ: ئاللاھ بۇيرۇغان تەسلىمىيەتنى بەجا كەلتۈرۈش، شەيتانغا ئەگەشمەسلىك، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش. ئادەمنىڭ نەپسى نەپسانىي تەربىيەنى ياقتۇرمايدۇ، ھەر كىم كۆڭلۈم خالىغاننى قىلسام دەيدۇ. ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەر ئادەم ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئورۇنلاش، بەلگىلىك ۋاقىتلاردا بەلگىلىك ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى ئىكەنلكىنى، ئاللاھقا بويسۇنغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ؛ شۇڭا كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدۇ، تومۇزنىڭ ئۇزۇن، ئىسسىق كۈنلىرىدىمۇ روزا تۇتىدۇ. "ناماز ھەقىقەتەن گۇناھلاردىن توسىدۇ" دېگەن ئايەتمۇ ئىخلاس بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ كىشىنى ھەقىقەتەن گۇناھلاردىن ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. yd#4b`8U` (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھيى قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركىن بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ( سۈرە ئەنكەبۇت، 45 ) &'T7 ~M: ئىبادەتلەر كىشىنىڭ نەپسىنى پاكلاپ، ئۇنى تەربىيەلەيدىغان بولغاچقا، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەرز، سۈننەتلەردىن باشقا يەنە نەپلە ئىبادەتلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەھۋال مەيدانغا كەلگەن. بەزى مۇسۇلمانلار دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، نورمال ئارزۇ-ئىستەكلىرىدىنمۇ قېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشنى، داۋاملىق بېكىنىپ ئىبادەت، ئىستىقامەت قىلىشنى نەپسىنى تەربىيەلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى دەپ چۈشەنگەن. ئەمما ئۇلار تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئۆزىنى زورلاپ، ئىنسان تەبىئىتىگە چۈشمەيدىغان مۇشەققەت، رىيازەتلەرنى كۆپ چېكىپ، ئاخىر نورمال ئىبادەتلەرنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغان. رەببىمىز بىزنى بىزدىنمۇ ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بىزدىن تەلەپ قىلغاننى لايىقىدا ئورۇنلاشقا تىرىشساق بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. :%!=Ej.J رەببىمىز ئىجتىمائىي مەخلۇق قىلىپ ياراتقان بىزلەرنىڭ جەمئىيەتتە__ مال-دۇنيانىڭ سېھرىي كۈچى، نەپسى شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى، كېسەللىك، ئۆلۈم ۋە باشقا تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە تولغان بۇ سىناق دۇنياسىدا ياشىشىمىزنى، مۇشۇ دائىرىدىن ئىمتىھان بېرىشىمىزنى ئىرادە قىلغان بولۇپ، ۋەزىپىمىز دەرىسىمىزنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشتۇر. "قانداق قىلغاندا ياخشى بەندە بولغىلى بولىدۇ؟" دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن چىقىدۇ. باشقا ئۇسۇل-چارىلەرنى ئىزدەش، ئۇنى توغرا دەپ قاراش ھەم شۇنداق جاۋاب بېرىش، بىرىنچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، ئىككىنچىدىن، قۇرئان كەرىم تەۋسىيە قىلغان يولدىنمۇ ياخشىسىنى بىلىمەن دەپ دەۋا قىلغانلىق. % 0fj~s; تەسەۋۋۇپ ۋە سوپى ئاتالغۇلىرى ھىجرىيە 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ساھابە كىراملار ۋە تابىئىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۈلگە ئېلىپ، قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىپ ياشىغان بولۇپ، ئەخلاقى، تەقۋادارلىقى، زاھىدلىقى ۋە دىنىي بىلىمگە موللۇقى بىلەن تونۇلغان. يەيدىغىنى يوق، كىيىدىغىنى يوق، ياتىدىغان يېرى يوق ساھابىلەر "سۇففە ئەسھابى" دەپ تونۇلغان پېقىر كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلار ۋە نامرات قۇللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ يېنىدا يېتىپ-قوپۇپ، يەپ-ئىچىپ يۈرەتتى، پەيغەمبىرىمىز ۋە قول ئىلكىدە بار ساھابىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. ئۇلارنىڭمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا ئىبادەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم. سانى ھەر مەزگىلدە 70 بىلەن 300 نىڭ ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇ ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىپ ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلاردىن بىر نەچچىسىنى تاللاپ، ئىسلامنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن باشقا جايلارغا ئەۋەتەتتى، بەزىلىرىنى قوشۇنغا قوماندان قىلاتتى. #H M0s~^w& تەسەۋۋۇپ ۋە سوپى سۆزلىرى " ئەسھابى سۇففە "دىن كەلگەن دەيدىغانلار بار. ئەمما تەسەۋۋۇپ دېگەن بۇ سۆز سافا (پاكلىنىش) ۋە سۇفى (يۇڭ كىيىم كىيىدىغان) سۆزلىرىدىن كەلگەن دەپ قارايدىغانلار بار. ساھابىلەر دەۋرىدە بەزىلەرنىڭ يۇڭ ۋە قىلدىن قوپال، يىرىك كىيىملەرنى كىيگەنلىكى مەلۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشنى تەشەببۇس قىلمىغان بولسىمۇ، ئەينى دەۋرىدە تەسەۋۋۇپقا مايىل بولغان كىشىلەر يۇڭ كىيىم كىيىشنى تاللىۋالغان. تارىخىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇرۇن يەھۇدىي سوپىلىرىمۇ مۇشۇنداق كىيىملەرنى ياخشى كۆرەتتىكەن. >*vI:MG8 ئابراھام مەيمونىدېس قەدىمكى ئىسرائىل ئەنئەنىسىنىڭ ئىز باسارلىرى دەپ قارىغان سوپىلارغا بولغان قىزىقىشىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن بولۇپ، قەدىمكى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرى كىيىدىغان كىيىملەرنىڭ سوپىلار كىيىۋالغان كىيىملەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىز كىيگەن كىيىملەرنى سوپىلارنىڭكىگە ئوخشىتىشىڭ قاملاشمىدى دېمەڭلار، چۈنكى كېيىنكىلەر (سوپىلار) ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنى تەقلىد قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان. ھالبۇكى بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى ئەمەس ئىدى. سوپىلارنىڭ تەرىقەتكە كىرىش مۇراسىمىدا شەيخلەرنىڭ تون كىيدۈرىدىغان ئادىتىمۇ ئاساسەن ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىدىن كەلگەن. ( Paul, B.Fenton: يەھۇدىي دىنى ۋە تەسەۋۋۇپ) Tet,mzVuu بەلكىم سوپى مۇسۇلمانلار ئەتراپىدىكى يەھۇدىي سوپىلارنىڭ كىيىنىشلىرى كۆرۈپ، شۇلارنى دورىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، كېيىنكى سوپىلار كىيىمگە، تاشقى قىياپەتكە ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك ئىدى. تەھلىل قىلىپ باقساق بىلىمىزكى، ئۇ دەۋردىكى شارائىتتا ساھابىلەر كىيىدىغان باشقا كىيىملىرى بولمىغاچقا يۇڭ كىيىم كىيىشكە مەجبۇر بولغان، شارائىت بولمىغاچقا زور كۆپچىلىكى ئارپا يېگەن، ھەتتا بەزىدە ئەۋرەت يېرىنى ياپقۇدەك بىر نەرسە تېپىشتىمۇ قىينالغان. IBnJ6(. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەرنىڭ قۇرئانغا ئەمەل قىلىش، قۇرئاندىن ئايرىلماسلىق جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، دىنغا ساپ نىيەت بىلەن باغلىنىشى، دىن بىلەن ئىخلاسنى بىرلەشتۈرۈشى تا ھازىرغىچە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مۇكەممەل ئۆرنەكتۇر. ئۇ چاغدا ئۆگىنىلگەن ھەر بىر ئايەت كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە سىڭىپ بارغان ۋە باشقىلارغا چۈشەندۈرۈلگەن. پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈلگە ئالماقچى بولغانلار كېيىنكى زامانلاردا قۇرئان بىلەن سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق پاكلىنىش يولىنى تۇتۇپ، ئىخلاس بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئېلىپ بارغان. بۇ ھەقتە ئىمام غەززالى مۇنداق دەيدۇ: تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسلىرى ھالال يېيىش، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىغا، ئىش-ھەرىكىتىگە، بۇيرۇقى ۋە سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش؛ كىمكى قۇرئاننى يادلىمىسا، ھەدىسلەرنى يازمىسا (ئۆگەنمىسە) پەيغەمبىرىمىزگە ئەگەشمىگەن بولىدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا ئىلىم قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن بولىدۇ. (ئىمام غەززالى: تەسەۋۋۇپ ئاساسلىرى، 38) {.Nt#l ئەپسۇسكى، تەسەۋۋۇپتا " ئىلىم كەشپ ۋە تەجەللىي بىلەن قولغا كېلىدۇ" دېگەن قاراش يامراپ كەتكەن بولۇپ، باتىنىي ئىلىم باشقا ئىلىملەردىن قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. jSsbL
a@ دەسلەپكى دەۋردىكى تەسەۋۋۇپچىلار زۇھد (ئازغا قانائەت قىلىش، كۆڭۈلدىن دۇنيا غېمىنى چىقىرىپ تاشلاش، مال-دۇنيانى چوڭ بىلمەسلىك، دۇنيا ۋە دۇنيادىكىلەرنىڭ پانىيلىقىنى ئويلاش، ئېرىشكەنگە خوش بولۇپ، يوقاتقانغا قايغۇرماسلىق، دۇنياغا بېرىلمەسلىك) كە ئەھمىيەت بېرىپ قەلبىنى پاكلىماقچى بولغان. بۇ دەۋردىكى تەسەۋۋۇپچىلار زاھىدلار دەپ ئاتىلىدۇ، ۋەيسەل قارانى، شەقىق بەلخى، سۇفيان سەرۋى، رابىئاتۇل ئەدەۋىييە، جەئفەرى سادىق قاتارلىقلار شۇلارغا تەۋە. تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە زۇھدنى "ھالالنى ھارام قىلىش ياكى مال-دۇنيانى يوق قىلىش ئەمەس، بەلكى قول ئىلكىدە بارىغا ئىشىنىش؛ يەنى ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالماي، ئۇلارغا بەك بېرىلىپ كەتمەسلىك، دەپ چۈشەندۈرگەن. Gc^w,n[E ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئەسىرىدە ساھابىلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ ياشىشى زاھىدلىق ھەرىكىتىگە ئاساس سالغان. ھىجرىيە 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە زاھىدلىق بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ئالدىغا قىلىدىغان ئىبادەت شەكلى سۈپىتىدە داۋاملاشقان. زاھىدلار ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھى بويىچە كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلغان، ئۇلارنىڭ دىلىنى يورۇتقان. ئۇ دەۋردە مەدىنە زاھىدلارنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ، ئاشۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئىسرائىلىيات قىسسەلىرى (يەھۇدىي دىنىغا ئائىت قىسسەلەر) نىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەنلىكى، ئەمما بۇنىڭغا ھوشيار تۇرغان زاتلارنىڭ بۇنداق قىسسەلەر ۋە سۆھبەتلەرنى ياقتۇرمىغانلىقى ۋە تەنقىد قىلغانلىقى مەلۇم. چۈنكى ئىسرائىلىيات قىسسەلىرى مۇسۇلمان بولغان يەھۇدىيلارنىڭ سوپىلار جامائىتىگە قېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدىي مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلاردىكى قىسسەلەرنى بايان قىلىشى بىلەن ئۇ قىسسەلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىسسەلەر شەيخلەرنىڭ كارامىتى سۈپىتىدە ئۆزگەرتىلىپ بايان قىلىنغان. )$p | |