查看完整版本: [-- قۇتتېكىن: ئانا تىل كۈنىدە ئۇقىغان ماقالەم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> قۇتتېكىن: ئانا تىل كۈنىدە ئۇقىغان ماقالەم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قۇتتېكىن 2014-03-26 22:14

قۇتتېكىن: ئانا تىل كۈنىدە ئۇقىغان ماقالەم

مەدەنىيەت بىزنىڭ غورورىمىز، مەدەنىيەت بىزنىڭ كىملىكىمىز،بىز ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەتنىڭ ئىجادكارى ۋە ھەقدارى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ رىقابەتلىك دۇنيادا قەدىر قىممىتىمىز بىلەن ياشاشقا ،بۇ مۇقەددەس ئانا تۇپرىقىمىزنىڭ نېممەتلىرىىن خاتىرجەم بەھىر ئېلىشقا ھەقلىقمىز.
نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى مەدەنىيتىمىزنى ،كىملىكىمىزنى يارقىن نامايەن قىلىپ كېلۋاتقان ئانا تىلىمىز بىز ئۈچۈن مۇقەددەس مەشئەل ،‹مايتىرى سىمىت› تىن ‹تۇرپان تېكىستلىرى›گىچە،مەڭگۈتاشلاردىن تۈركىي تىللار دىۋانىغىچە، يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ پەلسەپەۋىي ئەسىرىدىن ئەلشىر نەۋائىينىڭ شاھانە ئەسەرلىرىگىچە ،شاھ مەشرەپنىڭ ھەسرەتلىك غەزەللىرىدىن ،زەلىلىينىڭ مەنىلىك سەپەر نامىسىگىچە ،مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر، مۇھەممەت سادىق كاشغەرى ،موللا مۇسا سايرامىلارنىڭ ئانا تۇپرىقىمىزغا بېغىشلانغان ئۆلمەس تارىخ نامىلىرىگىچە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ جاھالەتكە ئوت ئاچقان ئېسىل رىسالىلىرىگىچە ،ھاجى قۇتلۇق شەۋقىي ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ،مەمتىلى توختاجى تەۋپىق ،نىڭ شېئىر غەزەللىرىگىچە، ئابدۇرېىم ئۆتكۈر،زوردۇن سابىر، خالىدە ئىسرائىل ،ئەختەم ئۆمەر، ياسىنجان سادىق چوغلانلارنىڭ نادىر پىروزا ئەسەرلىرىگىچە ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتى نامايەن بولۇپ تۇرۇپتۇ ،.،
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان تىللارنىڭ سانى 7000دىن كۆپ بولۇپ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى بۇ تىللارنىڭ 96%ىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 4%ىگىمۇ يەتمەيدۇ.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999-يىلى قارارنامە ماقۇللاپ رەسمىي ھالدا ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»قىلىپ بېكىتكەن،بۇ ھەم شۇ يىلقى بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەق*للىقنى قولغا كەلتۈرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستانغا تەۋە بولۇپ خەلق بېنگال تىلىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان،شۇ يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنى ساقچىلار بىر توپ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەم نەق مەيداندا بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ بەش نەپەر «تىل قەھرىمانى»ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.
ب د ت»ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش،ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش،تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.ئالتە يىل مابەينىدە مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى «كۈلتۈر سەرخىللىقى خىتابنامىسى»،«كۈلتۈر قوغداش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامنامىسى» ۋە «ئېنتىرنېت بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلدىن پايدىلىنىشنى ئوموملاشتۇرۇش پىكرى»قاتارلىق نىزامنامىلەرنى ماقۇللاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان.
ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرتىلى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان،باشقا تىللارنىڭ ئالدىدا مەغرۇرانە جۇلالىنىپ كەلمەكتە. ئانا تىل ئۈچۈن تالاي ئوت يۈرەك ئەزمەتلىرىمىز قانلىق كۈرەش ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ بۈگۈنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. تا  بۈگۈنگە قەدەر، ئانا تىلمىزنىڭ يۇقىلىپ كەتمەي بىزگە ھەمراھ بۇلۇپ  كىلىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە. YLid2aF  
دۇنيادا ئانا تىلى يوق مىللەتتىن بىچارە مىللەت بولمىسا كېرەك. دۇنيادىكى 1G 63eH)!  
ئەڭ چوڭ بەخىت دەل ئانا تىلدا سۆزلەشتۇر. ھەر قېتىم ئانا تىلدا بىخارامان
سۆزلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا دۇنيادىكى شۇ ئانا تىلى يوق بىچارىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا
كەلتۈرسەك ئاندىن ئۈزىمىزنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
  بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ يەرشالىشىشغا ئەگىشىپ، مەدىنىيەتلەر
ئارا قۇشۇلۇش، قۇبۇل قىلىش تەسىرىدە ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىىغا تەسىر يەتتى.
تۈرلۈك ئەبجەشلىكلەر بىلىنەر بىلىنمەس ئانا تىلمىزدا پەيدا بۇلۇپ ئانا تىلىمىزغا خىرىسلىقلارنى ئېلىىپ كەلمەكتە. تۇرمۇشتا قۇلايلىق بۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن
گەپلەرنى يات تىلدىدا ئاتاشقا كۈنۈپ كەتتۇق. بۇ خىل ئىللەت يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە كىشىدە ئۇمۇملىشىپ كەتتى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇنداق ئېيىتقان:
مىللەتىنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم.
ئۆز تىلىنى خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
ئۇلارنى بىخۇتلار خىلىدىن بىلدىم.
شۇنداق، تىل كىشىلەرنىڭ ئالاقە قۇرالى شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى
نىڭ بەلگىسى. شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇنى كۆز قارقۇچىمىزنى ئاسرىغاندەك
ساقلىشىمىز كېرەك. ئەخمەت ئىمىن:« ئېھ ئانا تىلىم، ئانام بەرگەن تىل،ئانا
تىلىم ئانامنىڭ تىلى، مەن سېنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن» دەپ ئېيىتقان،
دۇنيادا ئۆز ئاناسىغا كۈيۈنمەيدىغان نامەرت ئۇغۇللار ئاز بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما
ئانا تىلىنى قوغدىمايدىغان، ئۇنى خار قىلدىغان نادان ئۇيغۇرلار بالىلىرى ساناق-سىز.
بۈگۈن دۇنيا ئانا تىل كۈنى. بۇگۈن ھەممىمىزگە بايرام. ئۇ دىنى بايرام
ئەمەس، ياكى سىياسىي بايرام ئەمەس. بەلكى ئانا تىلى بار بولغان بارلىق
خەلىقلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى، ئانا تىلىنى تەبرىكلەپ ئەركىن يايرايدىغان قۇت
كۈنى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە.
  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز سىنىپىمىزدا ئۈچىنچى قېتىملىق ئەدەبىيات پائالىيىتى يەنى « دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرلەش پائالىتىنى ئۆتكۈزىمىزۈپ
ئولتۇرۇپتىمىز. مەخسىتىمىز، ھەربىرمىز كاللىسدا ئانا تىلغا نىسپەتەن ئۆزگىچە بىر كۆز قاراشنى بارلىققا كەلتۈررۇش. كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا بارلىق ئىشلاردا ئانا
تىلنى قوغداش، ئۇنى ھۆرمەت قىلىش، ئۇنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشتۇر.  
ئاخىردا سۈزۈم: « ئانا تىلىم بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن

بابۇر0725 2014-03-26 22:22
بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ.ئاخىرقى دەرس ناملىق تېكىست ئوقۇتۇشىدا پايدىلىنىشنى ئويلاۋاتىمەن

مىېھرىما 2014-03-26 22:53
ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرتىلى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان،باشقا تىللارنىڭ ئالدىدا مەغرۇرانە جۇلالىنىپ كەلمەكتە. ئانا تىل ئۈچۈن تالاي ئوت يۈرەك ئەزمەتلىرىمىز قانلىق كۈرەش ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ بۈگۈنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. تا  بۈگۈنگە قەدەر، ئانا تىلمىزنىڭ يۇقىلىپ كەتمەي بىزگە ھەمراھ بۇلۇپ  كىلىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە.   L%fJH_$_s  
دۇنيادا ئانا تىلى يوق مىللەتتىن بىچارە مىللەت بولمىسا كېرەك. دۇنيادىكى   T4x[ \v5d  
ئەڭ چوڭ بەخىت دەل ئانا تىلدا سۆزلەشتۇر. ھەر قېتىم ئانا تىلدا بىخارامان WxS$yUu  
F/U38[   
سۆزلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا دۇنيادىكى شۇ ئانا تىلى يوق بىچارىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا |oTA $bln  
Fes /8*-  
كەلتۈرسەك ئاندىن ئۈزىمىزنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. fC!+"g55  
UYsyVY`Fm|  
  بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ يەرشالىشىشغا ئەگىشىپ، مەدىنىيەتلەر 2qDVAq^@  
+{@hD+  
ئارا قۇشۇلۇش، قۇبۇل قىلىش تەسىرىدە ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىىغا تەسىر يەتتى K)TMr"j\  
$qfNEAmDf\  
بۇ ئەمەلىيەت . بۇ تىمىڭىزدىن بەكلا كۆپ نەرسىنى بىلۋالدىم .ئانا تىلنى قوغداش  ھەممىمىزنىڭ بۇرچى !!!

ئەكبەرنىياز 2014-03-27 00:19
ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەر بوپتۇ ، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

ئاچچىقگۈل 2014-03-27 11:36
ئۇيغۇر مەكتىپىمىزدىكى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىمەن.

ئاچچىقگۈل 2014-03-27 11:39
ئۇيغۇر مەكتىپىمىزدىكى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىمەن.

ئاچچىقگۈل 2014-03-27 11:40
ئۇيغۇر مەكتىپىمىزدىكى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىمەن.

ئاچچىقگۈل 2014-03-27 11:41
ئۇيغۇر مەكتىپىمىزدىكى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىمەن.


查看完整版本: [-- قۇتتېكىن: ئانا تىل كۈنىدە ئۇقىغان ماقالەم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled