查看完整版本: [-- بىزدىكى تىل پەرھىزلىرى .(ئارمان) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> بىزدىكى تىل پەرھىزلىرى .(ئارمان) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قەلبىنۇر4 2014-03-26 12:36

بىزدىكى تىل پەرھىزلىرى .(ئارمان)

كۆپ يىللىق ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە خەلقىمىزدە ھەر خىل پەرھىز سىستېمىسى شەكىللەنگەن. گەرچە بۇنداق مەدەنىيەت ھادىسىسى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە بۇرۇنلا تەتقىق قىلىنىپ، بىر مۇنچە نەتىجە يارىتىلغان بولسىمۇ، بىزدە بۇ ساھە تېخىچە ئاجىز ھالەتتە. شۇڭا، ئىجتىمائىيىتمىزدە شەكىللەنگەن بىر قىسىم مۇرەككەپ، مەنبەسى ئېنىقسىز پەرھىزلەرنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يازمامدا مەن تىل پەرھىزىمىزدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن: 6wIv7@Y  
g O gZ  
-`&4>\o2Lx  
~EpMO]I  
مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە تەبىئىي ياشاش شارائىتى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا شەكىللەندۈرگەن ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىنسانلار پائالىيىتى باشتىن - ئاخىر مۇئەييەن ئادەتلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە چەكلىمىسىدە بولىدۇ. بىر مىللەت ياكى ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا نىسبەتەن ئۇلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ئىجرا قىلىۋاتقان خاس ئادەتلىرى گويا ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ھەر قانداق مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتى تەبىئىي ۋە ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇ ھەر قايسى دەۋردە پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ، ياخشىلىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىدۇ.ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تىلنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلەش رولىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، قانداق شارائىت-سورۇندا نېمىنى دېيىش - دېمەسلىكتەك، مۇقەددەسلەنگەن ياكى ناپاك دەپ قارالغان شەيئىلەر ياكى ھادىسىلەرنى ئېغىزغا ئالماسلىقتەك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن. بۇنداق ئادەتلەر كېيىنچە كىشىلەرنى تىل جەھەتتىن چەكلەيدىغان پەرھىزلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلاردىن مەسىلەن: «دېيىشكە بولمايدۇ»، «دېسە ياخشى ئەمەس»، «دېيىش مەنئى قىلىنغان»، «دېمەسلىك كېرەك» دېگەندەك سۆزلەر تىل پەرھىزلىرىدىندۇر. Ga+\b>C  
>.\G/'\?  
1. ئۆلۈم - يېتىملاردا دىققەت قىلىنىدىغانلىرى. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىنلا ئۆلۇم - يېتىمگە ئائىت تىل پەرھىزلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىزدە ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىنى «ئۆلدى» دېيىش چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، «كۆلتېگىن قوي يىلىنىڭ 13- كۈنى ئۆچتى». بۇ جۈملىدىكى «ئۆچتى» سۆزى «ئۆلدى» مەنىسىدە بولۇپ، بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېيىشتىن پەرھىز تۇتۇلغان. بۇ ئادەت دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، بىرەرسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن ئادەمنى بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېمەي، «بولالماپتۇ»، «ساقىيالماپتۇ»، «ۋاپات بوپتۇ»، «ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ»، «قازا قىپتۇ»، «تۈگەپتۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، ئۆينىڭ چوڭلىرى قازا قىلسا «ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۈپتۇ»، بوۋاقلار قازا قىلسا «چاچراپ كېتىپتۇ»، «چەتنەپ قاپتۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. < 5;0LPU  
bhnm<RZ  
ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئاتىغاندا، بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاشمۇ مۇسىبەت مەدەنىيىتىمىزگە مۇخالىپ بولۇپ، ھاياتتىن كۆز يۇمغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «مەرھۇم»، «مەرھۇمە»، «رەھمەتلىك» سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇندۇر. "7l p|0I  
M5: f^  
2. ئەدەپ - ئەخلاققا دائىر پەرھىزلەر. تىل - نۇتقىمىزدا خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ - ئەخلاقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاجىز، مېيىپ، ئاغرىقلارنى ئاسراش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى. بىزدە ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمى، لەقىمىنى بىۋاسىتە ئاتاش، مېيىپلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ھەرقانداق شارائىتتا تىلغا ئېلىش، باشقىلارنى كەمسىتىدىغان لەقەم بىلەن ئاتاش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا ئىسمىنىڭ كەينىگە «ئاكا، ئاچا، ھەدە، تاغا، ھامما، چوڭ دادا، چوڭ ئانا، موما، بوۋا» دېگەندەك ھۆرمەت سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىش ئادەتكە ئايلانغان. X+?*Tw!\  
OzX\ s=  
3. نىكاھ ۋە تۇغۇتقا دائىر پەرھىزلەر. خەلقىمىزدە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان تەنتەنىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ قانداقتۇر يىگىتلەرنى «خوتۇنسىراپ قاپتۇ»، قىزلارنى «ئەرسىرەپ قاپتۇ» دېگەندەك قوپال سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇلاققا يېقىشلىق، بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۈزىنى قىزارتمايدىغان سۆزلەر بىلەن، يەنى قىزلارنى «بويىغا يەتتى، چوڭ بولۇپ قالدى»، يىگىتلەرنى «بۇرۇتى خەت تارتىپ قالدى»، «ياتلىق قىلىش»، «تالالىق قىلىش»، «قىز چىقىرىش»، «ئۆي - ئوچاقلىق قىلىش»، «بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش»، «بېشىنى قوشۇپ قويۇش»، «ئۆيلەپ قويۇش» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا تۇغۇتقا ئائىت تىل پەرھىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئاياللارنىڭ بويىدا قالسا «قورسىقىدا بالىسى بار» دېيىش پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، «ھامىلىدار»، «ئىككى قات»، «ئېغىر بوي»، «ئېغىر ئاياغ»، «بويىدا بار» سۆزلىرى بىلەن ئاتايدۇ. ئاياللار تۇغقاندا «تۇغدى» دېيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، ئاياللار تۇغقاندا «يەڭگىدى»، «بوشاندى»، «يېنىكلىۋالدى»،«كۆزى يورۇدى» سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز. تىلىمىزدا يەنە قارغىش تۈسىنى ئالغان سۆز - ئىبارىلەرنى دىيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان، يەنى «ئۆلۈم كەلمىگەن»، «ئۆلمىگۈر»، «تۇزكور»، «تۇز ئۇرسۇن»، «نانكور»، «بېشىنى يەيدىغان»، «چاقماق ئۇرسۇن»، «لەنىتى»، «دوزىخىي»، «سېسىپ ئۆلگۈر» قاتارلىق قارغىش سۆزلىرىنى خالىغانچە دېمەسلىك كېرەك، بولمىسا قارغىش تۇتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. Iwize,J~X  
I&q:w\\z8|  
تىل پەرھىزلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئۇچرايدىغان، تىل تەركىبلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى، لەقىمىنى، ئەيىبىنى بىۋاسىتە دېيىش، شۇ كىشىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە شۇ كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارالسا، مېيىپ، ئاجىز، مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ مېيىپلىقىنى ئەينەن ئاتاپ، دورىسا، كەمسىتسە بالىسى شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، قارغىش سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى قارغىسا، قارغىش ئۆزىگە يانىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. {{tH$j?Q  
818 
تىل پەرھىزلىرى بىرىنچى، تىلنىڭ رەڭدارلىقىنى ۋە سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، سۆز ئەينەن ئېيتىلماي، سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ياكى ئەگىتىپ ئېيتىلىسا، باشقىلارنى بىئارام قىلىشتىن، خاپا قىلىشتىن ۋە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، تىل دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ تۆتىنچى، تىل پەرھىزلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ قەدىمىيلىككە، مۇرەككەپلىككە ۋە چوڭقۇر قاتلاملىققا ئىگە بولىدۇ؛ بەشىنچى، پەرھىز قويۇق ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئالتىنچى، بىر قىسىم تىل پەرھىزلىرى بىزنى بىمەنىلىك، بىئەدەپلىكتىن چەكلەيدۇ. شۇڭا، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش بايلىقىدىن ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن gTH1FR8$y  

ئەكبەرنىياز 2014-03-26 15:17
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، تىل پەرھىزلىرى ھەر قايسى رايونلاردىمۇ پەرقلىق بولامدۇ ،- قانداق ؟ بۇ تەرىپىنى ئويلىشىپ باقساقمىكىن دەيمەن !!! gK-:t  
ئەسەر مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز سىزدىن تېخىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم !!!

مىېھرىما 2014-03-26 17:04
ياخشى تىما ئىكەن .

بابۇر0725 2014-03-26 22:44
بىر مۇھىم بىلىمكەن

ئەلدىيار 2014-03-28 00:33
ھەممە بالا تىلدىن دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان كونىلار.تىل ئىشلىتىشكە دىققەت قىلمايدىغانلار خېلى بار،گەرچە نىيىتى ئاق،دۇرۇس بولسىمۇ  

tawpek 2014-03-29 21:10
ئىۋفىمىزىمنى  ئۆتكەندە پايدىلانساق بولىدىكەن. _xl#1>G^J  
d=oOMXYa   
ئىۋفىمىزىمنى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە دىگەندىن كۆرە تىل ئەخلاقى دىسەك تىخىمۇ ياخشىدەك قىلىدۇ.

ھاتەھاتەم 2014-05-27 11:45
پايدىلنىشقا تىگىشلىك ماتېريالكەن.ئادەتتە كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا داۋاملىق قوللىنىپ كىلىۋاتقان سۆزلەربولۇپ،بۇنىڭدىن پايدىلنىپ ،ئىلمىي خۇلاسە ئېلىپ بېرىپتۇ.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.


查看完整版本: [-- بىزدىكى تىل پەرھىزلىرى .(ئارمان) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled