查看完整版本: [-- يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئۇسۇللار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئۇسۇللار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nefise 2014-03-25 17:56

يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئۇسۇللار

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئۇسۇللار
& c)n\x*  
?oX.$E?(  
k-&fPEjG  
يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رېئال دۇنيادىن ئالغان تەسىرات ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئۆگەنگەن ئەدەبىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىدىكى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىغان يېزىقچىلىق ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، مەن بىر نەچچە يىللىق تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بەردىم: 0HRLTgIC  
1.    ئالدى ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىق ھەققىدىكى نەزىرىيىۋى بىلىمگە بىرلەشتۈرۈپ، ماقالە- ئەسەرلەرنى قانداق يېزىش توغرىلىق كۆرسەتمە بېرىش بىلەن بىرگە ھەر بىر تۈرگە ماس كېلىدىغان ئۈلگىلىك ماقالىلارنى ئوقۇپ بېرىپ، يېزىقچىلىققا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچە پەيدا قىلدىم. q'%-8t  
2.    تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىروگراممىىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر قېتىملىق بايرام ۋە تەتىل ۋاقىتلىرىدىن  پايدىلىنىپ، مەخسۇس خاتىرە تۇتقۇزۇپ تۇراقلىق ئىبارە، شېئىر- قوشاق توپلاش، ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئۈزۈندە يېزىش تاپشۇرۇقى بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىيال توپلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلاپ كەلگەن ماتېرىياللىرىنىڭ تەلەپكە لايىق بولغان- بولمىغانلىقىنى ۋاقتى- قەرەلىدە سۈرۈشتۈرۈپ خۇلاسە قىلىش بىلەن ياخشى بولغانلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياخشى بولغان ئۇسۇللاردىن ئۆرنەك ئېلىشقا يېتەكلىدىم. z\fmwI  
3.    يىللاردىن بۇيانقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانلىرىدا بېرىلگەن يېزىقچىلىق سۇئاللىرى ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقى ئۈچۈن نومۇر قويۇش ئۆلچىمى تۈزۈپ  چىقىپ، ھەر قېتىملىق تاپشۇرۇقنى تەلەپ بويىچە ئىشلەشكە ئادەتلەندۈردۈم. يەنى، ماقالە يېزىقچىلىقىنى 35 نومۇرلۇق (بۇنىڭ ئىچىدە ماۋزۇ قويۇش ۋە ژانىرىنى بېكىتىش 5 نومۇر، مەزمۇننى ئىپادىلەشتە كۆزقاراش ئېنىق، قايىل قىلارلىق، سۆز- جۈملىلەر راۋان، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە  ۋاستىلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانغان بولۇش 20 نومۇر، تىنىش بەلگە ۋە ئىملا 5 نۇمۇر،  ھەجىم 5 نومۇر)، خەت- چەكلەرنى 10 نومۇرلۇق ئۆلچەم بويىچە تەكشۈردۈم. 2. zx  
4.    تاپشۇرۇقنىڭ «ئاز بولۇش، ساز بولۇش»ىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن قەرەلىدە ئۆزۈم يېغىۋىلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى  مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ باھالىماستىن، تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ قەلب تىۋىشلىرىنى تىڭشاپ، ئىچكى ھېسسىياتىغا ئورتاقلىشىش بىلەن، ئىپادىلەش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە نۇقسانلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارغا كۆرسەتمە ۋە مەدەت بېرەلىگۈدەك سەمىمىي باھا سۆزى يېزىشقا تىرىشتىم. w{1DwCLKq  
5.     تاپشۇرۇقتىن كېيىنكى خۇلاسىنى چىڭ تۇتتۇم. 7]w]i5  
تاپشۇرۇقتىن خۇلاسە يازىدىغان مەخسۇس بىر دەپتەر تۇتۇپ، ھەر قېتىملىق تاپشۇرۇقتىكى تىلغا ئالغۇدەك ئارتۇقچىلىق، تۈزىتىشكە تىگىشلىك يېتەرسىزلىكلەرنى خاتىرىلەپ قويۇپ، ئەستايىدىل خۇلاسە قىلدىم، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى بىر پارچە ماقالىنى ئىككى- ئۈچ قېتىم قايتا يېزىشقا يېتەكلەپ، تەلەپكە لايىقلاشمىغىچە بولدى قىلمىدىم. ئوقۇغۇچىلار دەسلەپ بىزارلىق ھېس قىلغان بولسىمۇ، بارا- بارا تەلەپ بويىچە يېزىشقا ئادەتلەندى. 2/K38t'-  
6.    يېزىقچىلىق تېمىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈردۈم. CVp `G"W:  
ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، ئوقۇغۇچىلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، شۇنداقلا، ئۇلاردا ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىق، مىللىي ئەنئەنىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان، ئادىمىيلىك پەزىلەت ۋە قەدىر – قىممەت بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدىغان تېمىلاردىكى يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقىدىن كېيىن، ئۇلارغا يازغانلىرى ئاساسىدا تەييارلىق قىلىپ كېلىشكە ۋاقىت بېرىپ، گورۇپپىلار بويىچە مۇسابىقە شەكلىدىكى مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردۈم. V uqJ&U.-  
مىسال: 7- يىللىق قوش تىل سىنىپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ «مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش» قىسمىدا «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانى بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، گورۇپپىلارنى بىرلىك قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك تاپشۇرۇق بەردىم: /K{` gc  
1)    «مەھمۇد بوۋا، سىزنىڭ ئىزىڭىزنى باسىمەن»، «مەھمۇد بوۋا سىزدىن پەخىرلىنىمەن»، «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› بىزنىڭ پەخرىمىز» دېگەن تېمىلاردىن بىرنى تاللاپ ماقالە يېزىپ كېلىش. Vnu*+  
2)    ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىيگە ئائىت بولغان تارىخىي ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەرنى توپلاش. [4u.*oL&  
3)    ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي ھەققىدىكى رىۋايەت ۋە ھېكايىلەرنى توپلاش. c5& _'&  
4)    ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىيگە ئاتاپ ئوقۇلغان ناخشا، يېزىلغان شېئىرلارنى توپلاش. bcp+7b(IB  
5)    بۈيۈك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاش، ئۈزۈندە يېزىش. ' w^Md  
6)    ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە بۈيۈك ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئاتاپ قول گېزىتى ئىشلەش. DeTx7i0  
بۇ تاپشۇرۇقنى ئىشلەشكە يېتەرلىك ۋاقىت بېرىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىنىكى كەچلىك مۇزاكىرە(مەكتىپىمىز ياتاقلىق مەكتەپ) ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزۈم دەرس بېرىدىغان ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىي بىزنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىمىز» دېگەن تېمىدا مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ بەردىم. ئالدىن تەييارلىقىنى پۇختا قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى بېكىتكەن ئىككى نەپەر رىياسەتچىنىڭ تەشكىللىش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ پەخىرلىك ئالىمى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشۇپ چىققان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىققا بولغان ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.     C 'YL9r-G  
7.    ياخشى يېزىلغان ئۈلگىلىك ماقالىلارنى ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇرۇم. @ j/UDM  
ئادەتتە ماقالىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ كېلىش تاپشۇرۇقى بەرگەندە ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا مەن ئالدى بىلەن دەرس مەزمۇنى ۋە يىللىقلارغا ماس كېلىدىغان بىر تۈركۈم ماقالىلارنى تەييارلىۋىلىپ، 7-8-يىللىقتا ھەر ھەپتىدە (بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا) بىر پارچە، 9-يىللىقتا ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر پارچە ماقالە ئوقۇشقا يېتەكلىدىم (ھەر بىر ماقالىنى نۆۋەت بويىچە بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ، باشقا بالىلار دىققەت بىلەن تىڭشاپ، مەزمۇنى، يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللەش بىلەن ئۆزلىرى ياقتۇرغان سۆز-جۈملىلەرنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ). dWhki|c  
يۇقاردىكىلەر مېنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئەمەلىي نەپ ئالغان ئۇسۇللىرىم، كۆپچىلىكنىڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغانلىرىنى قوللىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. _sEkKh8x  

گۈلنىھال 2014-03-25 18:32
ياخشى ئۇسۇللاركەن ، دەرسخانىدا قوللىنىپ باقساق بولغۇدەك . `1AVw] k  
6FYO5=R  
رەھمەت .

مىېھرىما 2014-03-25 19:03
يېزىقچىلىق دەرسىدە بىزمۇ قوللۇنۇپ باقساق بولغىدەك.رەھمەت.

ياسىنجان510 2014-03-25 22:43
يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىدا قوللىنىشقا بولىدۇ.

ئەكبەرنىياز 2014-03-26 00:34
ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان تېما بوپتۇ ! ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىپ بولالماي قىينىلىپ يۈرەتتىم ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !! مەن چوقۇم سىزنىڭ بۇ ئۇسۇللىرىڭىزدىن ئۆرنەك ئالىمەن !!!

tursun 2014-03-26 13:00
مۇبارەك بولسۇن...ياخشى يېزىپسىز...!

بابۇر0725 2014-03-26 22:54
ئىگەللىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن

gulhan 2014-03-27 00:11
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ئەلدىيار 2014-03-28 00:03
كۆپ ئەجىر قىپسىز،بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ماس كىلىدىغان ھالەتتە پايدىلانساق بولغۇدەك

2285340516 2014-03-28 11:29
دەرسىدە بىزمۇ قوللۇنۇپ باقساق بولغىدەك.رەھمەت.

ئۇيغۇر 2014-03-28 23:34
ياخشى ئۇسۇللاركەن . مەنمۇ قوللىنىپ باقاي.

ھاتەھاتەم 2014-05-05 11:39
،بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ماس كىلىدىغان ھالەتتە پايدىلانساق بولغۇدەك


查看完整版本: [-- يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئۇسۇللار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled