كۆز يېشى
ئۇزۇندىن بېرى ئىچىمدە بىر غەم مېنى بەكلا ئازاپلاپ كەلدى.تۇرمۇش گەرچە شۇنچە خۇشال،كۈنلىرىم بەختلىك ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا شۇنچە يېرىم،ھەرداۋام ئېچىمدىن يىغا قايناپلا تۇرىدۇ.مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا تاپالمىدىم.دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم،لېكىن نېمىگە قارىتا تەكشۈرتىشنى زادى بىلەلمىدىم.ئۆزۈم ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم،زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى،كىمنى ئازابلىغانلىقىمنى،قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاندىم.لېكىن ھېچقاندەك بىر سەۋەپ تاپالمىدىم.ئىچىم باغانسېرى تىت-تىت بولغىلى تۇردى.ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىدەك ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.مەن ئاخىر نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈتتىم. لېكىن ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى. كۈنلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەردى.كۈن بۇيى روھىم چۈشكۈن سۇلغۇن يۈرۈدىغان،گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئىچىمدىكى ۋەھىمە،قورقۇنۇش بارغانسېرى كۈچۈيۈپ كەتتى.خۇددى نەچچە كۈندىن كېيىن دارغا ئېسىلدىغان مەھبۇستەك ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.مەن ئۈزۈمنى خۇشال تۇتۇش ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىپ كەلمەكچى بولدۇم. نۇرغۇن مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلدىم.كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ھەممە نەرسىنى كۆردۈم.قانغۇچە خۇشال ئوينىدىم.گۈل-گىياھلارنى مەنزىرىلىك جايلارنى تاماشا قىلدىم.ئەڭ يېيىشلىك،ئۆزۈم ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى يېدىم.دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشتىم.گەرچە بۇلار بىلەن كۆڭلۈمنى ۋاقىتلىق خوش قىلالىغان بولساممۇ لېكىن ئىچىمدىكى ۋەھىمە مېنى بارغانسېرى ئارام تاپقۇزمىدى. بىر كۈنى قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن.تۇيۇقسىز تولىمۇ چوڭ بىر سوت مەيدانىغا كېلىپ قاپتىمەن .ئادەتتە سوتلارغا ئۇنچە كۆپ ئادەم قاتناشمايدىغان،نىمانچە كۆپ ئادەم بۇ مەيداندا ئىككى مىڭغا يېقىن ھەرخىل تىلغا ۋەكىللىك قىلدىغان كىشىلەر ئولتۇراتتى. مەن دەرھال سوتچىلار ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا قارىدىم.ئۇيەردە چوڭ بىر ئۈنئالغۇ تۇراتتى.ئەتراپىدا نۇرغۇن كىچىك ئۈنئالغۇلار تۇراتتى. داۋەگەر ئورنىدا ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغان،ئۈستى ئەتلەس بىلەن بىزەلگەن بىر ئۈنئالغۇ زار-زار يىغلاۋاتاتتى.ئەتراپتىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇردى.دۇنيادا مۇشۇنداق سوت مەيدانى بارمۇ؟مۇشۇنداق ئېچىلىدىغان سوت بارمۇ ؟دەپ ئويلاپ قالدىم.تۇيۇقسىز سوت مەيدانىنىڭ بارلىق ئىشىكلىرى تاقالدى.ئىككى ئەسكەر مېنى جاۋاپكارلىق ئورنىغا چىقاردى.ئەسلى بۇ قېتىملىق سوت<ئۇيغۇرتىلى> ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان سوت ئىكەن. سوت باشلاندى.باش سوتچى ئۇدۇلىدىكى چوڭ ئۇنئالغۇ ئىنگىلىز تىلىدا سوتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.مەيداندىكى ھەممە كىشى دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن ماڭا قارىماقتا ئىدى.داۋەگەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەرزىنى ئېيتتى.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ:< ھۆرمەتلىك سوت ئەھلى مەن بولسام دۇنيادىكى تىللارنىڭ بىرى،ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ تىلى بۇلىمەن.ھەرقايسىڭلارغا مەلۇملۇق ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تۇلىمۇ ئەقىللىق مىللەت ئىدى.قۇتاتغۇبىلىك مەن بىلەن(ئۇيغۇرتىلى بىلەن) يېزىلغان.مەن بۇنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنەتتىم>. سىلەر بىلىدىغان تۈركى تىللاردىۋانى، مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ مەيداندا جاۋاپكاردەك ئەمەس ئالقىشلىنىۋاتقاندەك ئولتۇردۇم.ئۇنئالغۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:<لېكىن،ھازىرقى ئۇيغۇرلار بەكمۇ مەسئۇلىيەتسىز،نادان ئىكەن،ئۇلار چەت ئەل مەدەنىيىتىنى قالايمىقان قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىپ كەتتى، ھەتتا ئانا تىلى بولغان مېنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالدى.ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرى بەكمۇ جىق،ھەممىدىن ئېغىر بولغىنى مېنى ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.مەن ھازىر ھەتتا ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن>.ئۇ بۇ گەپنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتائۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.مەيداندا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى.سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى چىقاردى.ئۇلار ئۇيغۇرتىلىنى مەندىن-ئۇيغۇرلادىن ئايرىلىپ كېتىشكە بۇيرىدى.مەن تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.تۇيۇقسىز مەيدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئەۋجىگە چىقتى.ئۇلار بىر نەرسىنى تالاش-تارتىشى قىلىۋاتاتتى.ئەسلىدە ئۇيغۇرتىلى باشقا بىر مىللەتكە بەرمەكچى ئىكەن.مەن بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازاپلاندىم.مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم،لېكىن سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى ئۆزگەرتمەي سوتنى ئاخىرلاشتۇردى.ياش تامچىلىرى كۆزۈمدىن توختىماي چۈشۈۋاتاتتى.بار-بارا ئۇلغۇيۇپ كەتتىم.يۈرىكىم سۇقۇشتىىن توختاپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدى،خۇددى بىر ئەزايىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك.مەيداندا مەن يالغۇزلا قالدىم.توختىماي يىغلاۋىرىپ،ھەممە يەر كۆزيېشىمنى سۈرۈتكەن قەغەز بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.ھېلىقى چوڭ ئۈنئالغۇ گىدىيىپ تۇرۇپ:<يەنە ھۇشۇڭنى تاپمىساڭ،مۇشۇ قەغەزلەر ئىچىدە غايىپ بولىسەن> دەۋاتاتتى.مەن ياق،ياق!!!! دېگىنىمچە ئويغۇنۇپ كەتتىم.قارىسام كۆزلىرىم ئىششىپ يوتقىنىم يۆل بۇلۇپ كېتىپتۇ. كۆزۈمدىن يەنىلا ياش ئېقىۋاتاتتى.مەن دەرھال كۈتۈپخانىغا كىردىم.شۈكرى، ئۇيغۇرچە كىتابلار جايىدا ئىكەن.ئەمدى كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. مەن كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمىنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى بىلدىم.مەن ئانا تىلنى قەدىرلىمىگەنلىكىم،ئۇنى ئەبجەش قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئاشۇنداق ۋەھىمىدە قالغان ئىكەنمەن.ئاخىرى شۇنداق قارارغا كەلدىم،ھازىردىن باشلاپ ئاناتىلىنى قەدىرلەي،بولمىسا كۆز يېشىم مېنى چۆللەرگە غەرق قىلۋەتمىسۇن! ئۇلار:< مەندىن ئاخشام نېمە قىلدىڭ؟>دەپ سورىدى.مەن ھاپىلا-شاپىلا:<مەن ئاخشام دەنشىدىن خەنگونىڭ داڭلىق شىپىنىنى كۆردۈم>دەپ جاۋاپ بەردىم.بۇ ئىنىقلا مېنىڭ جىنايىتىمنى ئىسپاتلىدى.مەن ئۆزۈمنى ئاقلىغان بولساممۇ يەنىلا ئامال بولمىدى. TPWqiA?3Cp 0j2M< W# مەنبە : ئۆز قەلەم . |