查看完整版本: [-- ئالماش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس تەييارلىقلىرى -> ئالماش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كامالىدىن 2014-03-24 11:35

ئالماش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

.ھەپتە  2014 -يىلى   3-ئاينىڭ  2224 - كۈنى   تولۇق 1-يىللىق سىنپلارغا  2سائەت ئۆتۈلىدۇ               (_Ph{IN  
دەرس ماۋزۇسى:     ئالماش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە +" |?P  
  ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۈگىنىش نىشانى، lkl+o&D9  
ئوقۇتۇش نىشانى: v P;  
مۇھىم نوقتا:    ئالماش ھەققىدىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى ئەستە ساقلاش ،    ئالماشلارنىڭ تۈرلىرىنى بىلىش. UNY O P{  
قىيىن نوقتا: ئالماشلارنىڭ تۈرلىرىنى مىساللار بىلەن پەرىقلەندۈرۈپ چۈشىنىش.ئالماشلارنىڭ گەرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى مىساللار ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش a=@]Ov/  
ئىقتىدار نىشانى: %w il'  
قائىدىلەرنى مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەمىلىيەتتە توغرا قوللىنالايدىغان بولۇش. * ,L e--t  
ھىسسىيات پوزىتسىيە قىممەت قارىشى نىشانى:تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇپ ئوي-پىكىرنى راۋان ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان بولۇش. rL,kDSLs  
قىسقا سىناق: )i"52!  
1.    ئەلشىر ناۋائىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟ 2."ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا ھەققى ناھايىتى كۆپ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى پادىشاھ بولسا، ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىش تولىمۇ ياخشىدۇر" دېگەن سۆزىگە قانداق قارايسىز؟ G%fXHAs.+  
2.    تۆۋەندىكى كىلاسسىك شېئىرلارنى ۋە ماقال –تەمسىللەرنى تولۇقلاپ يېزىڭ   Tmk'rOg5  
ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن ، .............................. #y8Esik  
3..ياز بولسا قىش بولمىسا،................................... kl|m @Nxp  
قىلماغۇ قىلىقلارنى، ئاشنۇچا سانمىش كەرەك. " 1h~P,  
............................... Y,m=&U  
.كىمىكى ئۇلۇغراق ئاڭا خىدمەد كېرەك ،............................. A |P wm`  
4تۆۋەندىكى كىلاسسىك شېئىرلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى يېزىڭ [5PQrf~Mo  
نىكىم قىلدى جاھىلكى ،ئېردى يەمان، mUfA NlQ:  
تۇتۇپ ئەكسىنى تاپدىم ئاندىن ئەمان، '#Q\p6G&_  
2. ئىستىسە ئىلمى ۋەھىم قىلسا ئەمەل، )&[ol9+\  
كۆڭلىگە ئىككى جاھان قىلماس خەلەل.   U9XOs)^  
3.ھاۋاغا بېرىلمە، ئەقىل بىرلە كەس، gWl49'S>+  
تېنىڭ باش كۆتۈرسە بىلىم بىرلە باس. i'`>YX  
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: [M?&JA_$}  
ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل سوز تۈركۈمىنى قايسى تۈرلەرگە بولۈشكە بولىدۇ؟ L, 3%}_  
ئۇ تىرىشىپ ئوقۇيدۇ.دىگەن جۈملىدىكى ئالماشلارنى تاپالامسىز؟نىمە نىمىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن؟ vv D515i  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن جاۋابى ئاساسىدا دەرس باشلىنىدۇ. #U6~U6@  
ئوقۇتقۇچى: 'kekJ.wJ;  
1.    ئالماش دېگەن نېمە؟  s-S|#5  
ئوقۇغۇچى: .c@,$z2M  
ئۆزىدىن باشقا مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى ئالماش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: |Gt]V`4  
ئادالەت نەمۇنىچى ئوقۇغۇچى، سەنمۇ شۇنداق ئوقۇغۇچى بولۇشقا تىرىشقىن. 6~Y`<#X5J  
بۇ جۈملىدە «سەنمۇ» دېگەن ئالماش تىڭشىغۇچىدىن ئىبارەت ئىككىنچى شەخسنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن، «شۇنداق» دېگەن ئالماش «نەمۇنىچى» دېگەن سۈپەتنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن. 8'0KHn{#  
ئوقۇتقۇچى: ~GjM:*  
ئالماشلار نېمىگە ئاساسەن قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلار؟ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈڭ. (oB9$Zz!t  
ئوقۇغۇچى: Lu~M=Fh  
ئالماشلار لېكسىكىلىق مەنىسى ۋە جۈملىدىكى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ: #po }Y  
1) شەخس ئالماشلىرى: شەيئىلەرنى سۆزلىگۈچى، ئاڭلىغۇچى ۋە سۆزلەنگۈچى نۇقتىسىدىن ئابستراكتلاشتۇرۇپ ئىپادىلەيدىغان ئالماشلار شەخس ئالماشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. Jek)`D  
ئۇيغۇر تىلىدىكى شەخس ئالماشلىرى تۆۋەندىكىچە: 8yCQWDE}  
بىرىنچى شەخس بىرلىك ئۈچۈن «مەن»، كۆپلۈك ئۈچۈن «بىز». ~'/_q4  
ئىككىنچى شەخس بىرلىك ئۈچۈن «سەن، سىز» كۆپلۈك ئۈچۈن «سىلەر». B1 [O9U:  
ئۈچىنچى شەخس بىرلىك ئۈچۈن «ئۇ»، كۆپلۈك ئۈچۈن «ئۇلار». g/x\#W  
شەخس ئالماشلىرى ئىسىمنىڭ تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنمەي، كېلىش قوشۇمچىسى بىلەنلا تۈرلىنىدۇ. مەسىلەن: +FYhDB~m  
مەن ـــ مېنىڭ، مېنى، ماڭا، مەندە ... qjd8Q  
سەن ـــ سېنىڭ، سېنى، ساڭا، سەندىن... ] 73BJ  
ئۇ ـــ ئۇنىڭ، ئۇنى، ئۇنىڭغا، ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭدا .\b# 0w  
سىلەر ـــ سىلەرنىڭ، سىلەرنى، سىلەرگە... j?P8&Fm<  
2) كۆرسىتىش ئالماشلىرى: شەيئىلەرنى ياكى تۈرلۈك بەلگە- ھالەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئالماشلار كۆرسىتىش ئالماشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ,a?$F1Z-  
ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆرسىتىش ئالماشلىرى «ئۇ، ئۈ، شۇ، ۇشۇ، ئاۋۇ، ماۋۇ، ئۇنداق، مۇنداق، ئاشۇنداق، مۇشۇنداق، ئانچىۋالا، مۇنچىۋالا، قانچىلىك، مۇنچىلىك...» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەسىلەن: i:,37INMt  
ئۇ مېنىڭ ماتېرىيالىم. بۇ ئىش ناھايىتى مۇھىم. KRh95B GU  
3) سوئال ئالماشلىرى: شەيئى، بەلگە، سان، مىقدار ۋە ھەرىكەتنىڭ بەلگىسى ھەققىدىكى سوئالنى بىلدۈرىدىغان ئالماشلار سوئال ئالماشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ~85Pgb<  
ئۇيغۇر تىلىدىكى سوئال ئالماشلىرى «كىم، نېمە، قايسى، قانداق، قاچان، قانچە،   ، نەچچە، نەچچىلىك، قەيەر، نە، قاياق، قېنى، قانچىنچى، نەچچىنچى، نېمىشقا» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. '74-rL:i  
4) ئۆزلۈك ئالماشلىرى: شەيئىلەرنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئالماش ئۆزلۈك ئالماش دەپ ئاتىلىدۇ. rocG;$[  
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزلۈك ئالمىشى «ئۆز» دېگەن بىرلا سۆزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىسىمنىڭ تەۋەلىك ۋە كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن ھالدا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: N HL{.8L{  
ئۆز + ۈم = ئۆزۈم، ئۆز + ۈڭ = ئۆزۈڭ، ئۆز + ىڭىز= ئۆزىڭىز، ئۆز +ى = ئۆزى، ئۆز + ىمىز، ئۆز+ ۈڭلار، ئۆز + ى... !{L`Zd;C>w  
ئۆزلۈك ئالمىشى تىركەلمىلەر بىلەن بىرىكىدۇ. مەسىلەن: \;Ywr3  
ئۆزۈم توغرۇلۇق، ئۆزىگە ئائىت... Y l1sAf/  
5) بەلگىلىك ئالماشلىرى: مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ ياكى ھەر خىل بەلگە، سان- مىقدار، ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ مۇستەسناسىزلىقىنى (ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى) بىلدۈرىدىغان ئالماشلار بەلگىلەش ئالماشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. S<V__Sv  
ئۇيغۇر تىلىدىكى بەلگىلەش ئالماشلىرى «ھەممە، پۈتۈن، پۈتكۈل، بارلىق» قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا «ھەر» سۆزىگە سوئال ئالماشلىرى ۋە «بىر، يەر» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ. #]!0$z|Z  
6) بولۇشسىزلىق ئالماشلىرى: شەيئى، بەلگە، خۇسۇسىيەت، سان- مىقدار ھەققىدىكى ئىنكارنى (يوقلۇقنى) بىلدۈرىدىغان ئالماشلار بولۇشسىزلىق ئالماشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. :D'#CoBA  
بولۇشسىز ئالماشلىرى «ھېچ» دېگەن سۆزگە سوئال ئالماشلىرى ۋە «نەرسە، يەر، بىر» دېگەن سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. :5`BhFAd  
بولۇشسىزلىق ئالماشلىرى كەلگەن جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇشسىز شەكىلدە بولىدۇ. مەسىلەن: بۇ يەرگە ھېچكىم كەلمىدى. Zom7y I  
7) ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرى: شەيئى، بەلگە، خۇسۇسىيەت، سان- مىقدار ھەققىدىكى ئېنىقسىزلىقنى بىلدۈرىدىغان ئالماشلار ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. R~],5_ |  
ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرىنىڭ بەزىلىرى سوئال ئالماشلىرىغا «دۇ، تۇ» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ، بەزىلىرى «ئاللا، بىر» سۆزىگە سوئال ئالماشلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. يەنە بەزى ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرى «بىر» سۆزىگە «قانچە، نەچچە، مۇنچە» ئالماشلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: بۈگۈن ئۆيگە بىر مۇنچە مېھمان كەلدى. o(I[_oUy\  
ئوقۇتقۇچى: `%x6;Ha  
3. ئالماشلار قانداق گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؟ %:eep G|  
ئوقۇغۇچى: ^rc!X]C9  
1) ئالماشلارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى باشقا سۆز تۈركۈملىرىنىڭكىدەك ئېنىق ئەمەس. مەسىلەن: «گۈل»، «ئېگىز» دېسەك ئېنىق ئۇقۇم ئىپادىلىنىدۇ، «ئاۋۇ، كىمدۇ، قايسى» دېسەك ئۇقۇم نىسبەتەن تۇتۇقراق ئىپادىلىنىدۇ. Dm1;mRS+  
2) ئالماشلار يىغىنچاقلاش رولىنى ئوينايدۇ. $#dPM *E  
3) ئالماشلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى يوق. ئالماشلارنىڭ تۈرلىنىشى باشقا مۇستەقىل سۆزلەردەك سىستېىلىق ئەمەس. بىر قىسىم ئالماشلار جۈملىدە بەزى ۋەزىپىدە كەلسىمۇ، بەزى ۋەزىپىدە كەلمەيدۇ (ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرى جۈملىنىڭ خەۋىرى بولالمايدۇ). MT,LO<.  
4) ئالماشلار جۈملىدە ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى ۋە ھالەت بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: k@eU #c5c  
سىلەر 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇمسىلەر؟ (ئىگە) (N U*PQY6  
ئادىلنىڭ ئۆيى ئاۋۇ. (خەۋەر) uhFj|r$$  
ھەممىمىزنىڭ ئويلىغىنى بىر يەردىن چىقتى. (ئېنىقلىغۇچى) V=}b>Jo2j  
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا. (تولدۇرغۇچى) yFT)R hN  
مەن ھېچ يەرگە بارمايمەن. (ھالەت) 1FS Jqad  
oXg KuR  
5) ئالماشلار بەزى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق بىر قانچە ئىسىم، سۈپەت، پېئىل ياساش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مەسىلەن: J 21D/#v  
L{|V13?  
ئۇنداق + چى = ئۇنداقچى، مۇنداق + چى = مۇنداقچى، سەن + لە= سەنلە، سىز+ لەپ= سىزلەپ... #;Y JR9VN  
6) ئالماشلار ياردەمچى پېئىللار ۋە تىركەلمىلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىدۇ. مەسىلەن: شۇنداق ئىدى. سەن توغرۇلۇق... \FSkI0   
ئوقۇتقۇچى:تۆۋەندىكى كۆنۈكمىنى ئىشلەش ئارقىلىق نەزىرىيىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ باقايلى: aD,sx#g0  
ئوقۇغۇچى:(ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىغا  باھا بىرىپ ئاخىرىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ)       AHP_B&s,Qe  
3- كۆنۈكمە: ئالماشلارنىڭ ھەر بىر تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچتىن جۈملە تۈزۈڭ. T^8t 
(1) شەخس ئالماشلىرىغا ئۈلگە: 2JZf@x+}  
① تەر تۆكۈپ تاپقان پۇل سىزنى بەختىيار ۋە خاتىرجەم قىلىدۇ. vBUx )l  
② مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى خەۋەر قىلىپ قويۇڭ. @^:R1c![s  
③ سىزگە دەيدىغان مۇھىم گەپ بار. RV5X0  
(2) كۆرسىتىش ئالماشلىرىغا ئۈلگە: 'D8WNZ8Q  
① مەن مۇشۇنچىلىك ئالسام بولدى. $ +;`[b   
② ئادىل ئاشۇنداق غەلىتە مىجەزلىك بالا. -:`$8/A|  
③ شۇنچىۋالا كۆپ ئادەملەر ئارىسىدىن ئۇنى قانداقمۇ تاپارمەن؟ n '{cU(  
(3) سوئال ئالماشلىرىغا ئۈلگە: jEsP: H(0^  
① ئۆيگە كىرگەن كىم؟ j^T.7Zv  
② نېىشقا دائىم گەپ ئاڭلىمايسەن؟ 9 hEIf,\  
③ قايسىڭلارنىڭ كىتابى يىتىپ كەتتى؟ Mo|[Muj8b  
(4) ئۆزلۈك ئالماشلىرىغا ئۈلگە: nVV>;e[  
① ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا. VS 
② ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ قىلغىن.  
③ بۇ ماتېرىياللاردىن ئۆزۈڭگە لازىملىقىنى ئېلىپ قالغىن. NAR W3\  
(5) بەلگىلەش ئالماشلىرىغا ئۈلگە: 9nlfb~ F~P  
① پۈتۈن دۇنيا پىرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار! ~YKe:K+&z  
② ھەر كىم ھەر نېمە دېگەن بىلەن ئۆز بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ. 2`I" QU  
③ ئۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ. %N_5p'W  
(6) بولۇشسىزلىق ئالماشلىرىغا ئۈلگە: 3JM0 m (  
① مەن ھېچكىمنى تونۇمايمەن. w~hO)1c],:  
② بۈگۈن ھېچ يەرگە بارماي تۇرۇڭ. |u8IQR'B  
③ ماڭا ھېچ نەرسە بولمىدى. ms8de>A|H  
مۇستەھكەملەش باسقۇچى:تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ توغرا-خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىڭ، A#$oY{"2Y  
1.ئالماشلار جۈملىدە ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلمەيدۇ.(    ) YKKZRlQo  
2.ئالماشلار جۈملىدە تىركەلمىلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىدۇ.(    ) FIhq>L.q4  
3.ئېنىقسىزلىق ئالماشلىرى جۈملىدە خەۋەر ۋەزىپىسىدە كەلمەيدۇ.(     ) ;rZR9fR  
4.ئالماشلارنى ياسىغىلى بولمايدۇ.(     ) esU9  
تاپشۇرۇق:ئالماشلارنى ئىگە ،خەۋەر ،تولدۇرغۇچى،ئېنىقلىغۇچى، ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلتۈرۈپ ئىككىدىن جۈملە تۈزۈڭ. UIgs/  
دوسكا لاھىيىسى  :ئالماش }A,9`  
p&dpDJ?d:=  
`~0)}K.F  
TtTp ,If  
ئالماشلارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى باشقا سۆز تۈركۈملىرىنىڭكىدەك ئېنىق ئەمەس l#u$w&  
                ئالماشلار يىغىنچاقلاش رولىنى ئوينايدۇ y,'M3GGl  
               ئالماشلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى يوق. $P'Y  
                ئالماشلار جۈملىدە ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى ۋە ھالەت بولۇپ كېلىدۇ. "IQ' (^-P  
              ئالماشلار بەزى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق بىر قانچە ئىسىم، سۈپەت، پېئىل ياساش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. =hD@hQ i  
ئالماشلار ياردەمچى پېئىللار ۋە تىركەلمىلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىدۇ. M ,!Dhuas  
mY6d+  
دەرستىن كېيىنكى خۇلاسە:  *-Y`7=^$  
C:z+8wt  
LFvO[&  
WEy$SN+P  
})#VO-J  
'k^d-Mh>h  
rgq~lZ.U4K  
rK` x<  
گۇرۇپا باشلىقى ئىمزاسى: Uk1|y\  
sr S2v\1:  
y5@#le M  
                                          يىل     ئاي    كۈن #  
zv%]j0 ?  

ئەكبەرنىياز 2014-03-25 17:26
كامالىدىن مۇئەللىمنىڭ بۇ تەييارلىقىمۇ ئەتراپلىق بوپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!

ياسىنجان510 2014-03-27 20:22
يازمىڭىزنىڭ ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى تەييارلىق  ئىكەن رەھمەت.

مىېھرىما 2014-03-27 21:31
ئېسىل ئەجىر بوپتۇ سىزگە رەھمەت

tawpek 2014-03-28 11:58
كۆپ تەشەككۇر داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ. 5g4c1K  
-| t|w:&  
تېمىلارنى ماس سەھىپىگە يولللىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.

قەلىب 2014-04-08 22:56
ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا. ئېسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز.

ozqan 2014-04-08 23:01
ياخشى تەييارلانغان دەرسكەن ، رەھمەت سىزگە كامالىدىن مۇئەللىم ...

ئەلقۇت825 2014-04-09 18:04
ناھايىتى ياخشى تەييارلىق ئىكەن .موھىم نوقتىلار ناھايىتى ياخشى لاھىيلىنىپتۇ ،كۆپ تەشەككۈر


查看完整版本: [-- ئالماش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled