گۈلنىھال |
2014-03-24 10:50 |
گۈلنىھال :«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ يېشىمى
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ يېشىمى j]i:~9xKW 4L}i`)CmB _(=[d b5r.N1ms يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق 4x8e~/ 3]Jl\<0 R.KqTEs os=Pr{ yrp;G_ تۈركى تىللار دىۋانى };rxpw>ms تەھرىر ئىلاۋىسى: P>*B{fi^ ~Y-
!PZ ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ب د ت پەن-مائارىپ مەھكىمىسى 2008-يىلىنى مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتتى. بىز مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز. ئالىمنىڭ نام-شەرىپى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچمىگەي! k!{0ku}] V^n?0^o مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بىزگە بەرگەن يەنە بىر قىممەتلىك سوۋغىسى-ئۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى، بىزگە تېخى بىرەر كىتابتا مەلۇماتمۇ بېرىلمىگەن بىر قىسىم ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى خاتىرىلەپ قويغان. بۇ ئەدەبىي مىراس بىزگە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ھاياتى، تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئىدىيىۋى چۈشەنچىلىرى، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى، تارىخى تەرەققىياتى قاتارلىقلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال؛ بەزىلىرى بىزگە تارىختىن بۇرۇنقى تارىخىي سەرگۈزەشتلىرىنى ئاغزاكى يول بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تارىخنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. 8uj;RG cip"9|" ئەپسانە-رىۋايەتلەر كىشىلەرنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتلىرىگە بولغان يېزىقسىز دەۋرلەردىكى چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا پەيدا بولۇپ، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئىدىيىۋى ھېسسياتلىرى بىلەن تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ، بېيىپ خېلى مۇكەممەل مەزمۇنغا ۋە قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ژانىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەڭرىگە، ئىلاھلارغا، باغلىنىپ بايان قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مېغىزىدا خەلق ھاياتىنىڭ ناھايىتى ساپ، جەلىپكار، ئوبرازلىق كارتىنىسى نامايان بولىدۇ. رىۋايەتلەر ئەسلىدىن ئالغاندا، شۇ رىۋايەتنى ياراتقان خەلقنىڭ يېزىقسىز تارىخى. ئۇ بىزگە ئىنتايىن گۈزەل ھايات كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. ئەپسانە-رىۋايەتلەر لىرىك شېئىرلاردەك ھېسسىياتتىن ئۇرغۇپ چىققان پىكىر دۇردانىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ خەلقنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىلىش تارىخىنىڭ بىر ئەينىكى. 3lkz:]SsE <Mt>v2a3Y تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىدا سانسىزلىغان ئەپسانە-رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. قەدىمكى قەبرىلەردىكى ئاخىرەتلىك بۇيۇملاردا ئىپادىلەنگەن ئاجايىپ سىرلىق ئوبرازلار، مىڭئۆيلەردىكى يارالمىش ئوبرازلار، قىرىق، توققۇز، يەتتە، ئۈچ قاتارلىق سىرلىق مۇقەددەس سانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئەسلى چۈشەنچىلەر، نەچچە مىڭلىغان ماقال-تەمسىللەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا رول ئوينىغان تۇرمۇش ھېكايىلىرىنىڭ ئارقىسىدا مىڭلىغان ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. ئەپسۇسكى، يېزىق تارىخىغا ئۆتكەندىن كېيىن، بىرقىسىم ئەپسانە-رىۋايەتلەر بەزى زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن خاتىرىلىنىپ قالغان بولسىمۇ، كۆپ قىسمى خاتىرىلەنمەي، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ دەۋردىن دەۋرگە ئۆتۈش سەپىرىدە بەزىلەرنىڭ ‹ئېتى› ھېرىپ قېلىپ سەپتىن چۈشۈپ قالغان. بەزىلىرى ھازىرغىچە يېتىپ كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. +*'^T)sj/ 2.
t'!uwI مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرىلەپ قويغان ئەپسانە-رىۋايەتلەر شۇ مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىنغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ زات قۇتۇلدۇرۇپ قالمىغان بولسا، ئۇنىڭ كۆپىنىچىسى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. مەسىلەن: ‹ئۇيغۇر› ھەققىدىكى رىۋايەت باشقا تارىخىي مەنبەلەردىكى رىۋايەتلەر بىلەن خېلى كۆپ پەرىققە ئىگە. ‹ئۇيغۇر› نامىنىڭ ئىتمولوگىيىسى ھەققىدىكى تارىخىي ‹شەجەرەئىي تۈرك› تىكى رىۋايەتتە، ‹ئۇيغۇر› نامىنىڭ ئىتمولوگىيىسىنى ئوغۇزخانغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ‹ئۇيۇشقاق، يېپىشقاق› مەنىسىدە چۈشەندۈرۈلگەن بولسا، مەھمۇد كاشغەرىي قالدۇرغان رىۋايەتتە، بۇ رىۋايەتنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى زۇلقەرنەيىنگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە ‹ئۆزىنىڭ ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان قەھرىمان، باتۇر، لاچىندەك پەرۋاز قىلىدىغان مىللەت› دېگەن مەنىدە يەشكەن. بۇ رىۋايەت تارىختا بارلىققا كەلگەن باشقا مەنبەلەردە ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرىلىمىگەن بولسا، بۇ رىۋايەت بىلەن ئۇچرىشىش بەختىدىن بەھرىمەن بولالمىغان بولاتتۇق. 5s /fBS 8|U-{"!O? ‹دىۋان› دىكى ئەپسانىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز، مەزمۇنىمۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەس، پەقەت بىر قىسىم ھادىسىلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئاددىي ئەپسانىلەردىن ئىبارەت. ئۇ ئەپسانىلەر ئىچىگە ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئاڭنىڭ مەھسۇلى بولغان يارالمىش ئەپسانىلەردىن بىرەرسىمۇ كىرمىگەن. ;7
F'xz" <$:Hf@tpMo پوقاق ئەپسانىسى Y6R+i0guz >'MT]@vez
‹دىۋان› دا خاتىرىلەنگەن ‹پوقاق ئەپسانىسى› رىۋايەتلىك ھەم ئەپسانىۋى ئامىللاردىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى تارىختىكى مەلۇم بىر تارىخىي ۋەقەگە، تارىخى شەخىسكە باغلانغان. ئەپسانىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېيىنكى ساھابىلىرى بىلەن ‹كاپىر› تۈركىي قوۋملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق ئۇرۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن: ‹بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز ناھايىتى ئۈنلۈك كاپىرلار ئىكەن. تەڭرى ياراتقۇچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقاندا ئاتا -بوۋىلىرىمىز كېچىلەپ چۇقان-سۈرەن سېلىپ باسقۇن ياساپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چۇقان-سۈرەنلىرىدىن مۇسۇلمانلار ھودۇقۇپ كېتىپ، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىپتۇ. بۇ خەۋەر خۇدا رازى بولغۇچى ئۆمەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇلارنى قارغاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بوغۇزىدا بىرخىل كېسەل پەيدا بوپتۇ ۋە ئەۋلادىغا مىراس بولۇپ قاپتۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈنلۈك گەپ قىلالايدىغان ھېچقانداق ئادەم يوق›(2-توم416-بەت). qe@ctHpn Ic,V,#my بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئىسلام تارىخىدىكى تۆت چاھاريارنىڭ بىرى بولغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشنى ئىپادىلىگەنلىكى نامايان بولىدۇ. بۇ ئەپسانىنىڭ رىۋايەتلىك تەركىبى. ئۆمەرنىڭ قارغىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بوغۇزىدا پوقاقنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئەپسانىۋى يۈكلىمە. چۈنكى، پوقاق يود كەملىكىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، دىيارىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا پوقاق كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار ئاندا-ساندا ئۇچرايدۇ. ئازادلىقتىن ئىلگىرى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن پوقاق كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ پوقىقى مەھمۇد كاشغەرىي تەسۋىرلىگەندەك بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆكسىنى ۋە پۇتىنى كۆتىرەلمەيدىغان دەرىجىدە يوغىناپ كەتكەنلىرىمۇ بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ئېنىقلىنىپ، پوقاق كېسىلى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىلدى. '4x uH3 Pd^v-}[ مەھمۇد كاشغەرىي بۇ كېسەلنىڭ ھەرگىزمۇ قارغاشتىن بولمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ بىر خىل كېسەللىك ئىكەنلىكىنى، نەسىلدىن نەسىلگە مىراس قالىدىغانلىقىنى بىلگەن: ‹پوقاق بوغۇزنىڭ ئىككى يېنىدا، تېرە بىلەن گۆشنىڭ ئارىلىقىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل بەزسىمان گۆش، پەرغانە بىلەن شىخنى شەھرىدە مۇشۇنداق كېسەل تەگكەن كىشىلەر بار، پوقاق نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتىدۇ›، بۇ قاراش ئەلۋەتتە خېلى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە چۈشەنچە ئىدى. d#OE) ,` UrhSX!g/A> نۆۋىتى كەلگەندە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، ئۆمەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلارنىڭ قانداق بولغانلىقى تارىخىي مەسىلە، بۇنىڭدا بىزگە ئەڭ لازىملىق بىر ئۇچۇر بار، ئۇ بولىسمۇ، 7-ئەسىرلەردە بۇ زېمىندا ‹كاپىر› تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ياشىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ ئەرەب قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلغۇدەك خېلى قۇدرەتلىك كۈچ سۈپىتىدە ئەرەب قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ۋەقەلىكنىڭ كۆلەڭگىسى نامايان بولىدۇ. \A'tV/YAd C2/B1ba چىۋە ئەپسانىسى `ywI+^b :Q@qR((&o بۇ ئەپسانىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ‹ئىككى يۇرت كىشىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشسا، ئىككى يۇرتتىكى جىنلارمۇ ئۆز يۇرتىدىكىلەرنى قوللاپ ئۇرۇشىدىكەن. جىنلارنىڭ قايسى تەرىپى يەڭسە، شۇ يۇرت كىشىلىرىمۇ غەلىبە قىلىدىكەن. قايسى جىنلار يېڭىلسە، شۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرىمۇ ئۆلىدىكەن. تۈركلەر جىنلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېچىدە چېدىرلارغا كىرىۋالىدىكەن›(3-توم311-بەت). HT:
p'Yyi ;:/< | |