كامالىدىن |
2014-03-23 05:34 |
ئادەملەرنى يازغاندا خاراكتېرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك
7 .ھەپتىلىك تولۇق 1-يىللىق ئەدەبىيات 2سائەتلىك دەرس پىلانى يېڭى دەرىس ماۋزۇسى: پېرسوناژ خاراكتېرىدىكى يارقىنلىق: ئادەملەرنى يازغاندا خاراكتېرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئۈگىنىش نىشانى، مۇھىم نوقتا: (1) پېرسوناژ خاراكتېرىدىكى يارقىنلىقنى كۆرۈپ يېتىش ۋە ھېس قىلىش؛ (2) ئادەملەرنى يازغاندا خاراكتېرنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ماھارەتنى چۈشىنىش. قىيىن نوقتا : كىشىنىڭ خارەكتېرىدىكى يارقىن نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ يېزىش . ھەل قىلىش ئۇسسۇلى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈش،مۇلاھىزە قىلىش يېزىش مەشىقى ئاساسىدا ھەل قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش ۋاستىسى ۋە ئوقۇتۇش شەكلى: كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ھېسىيات،پوزىتسىيە،قىممەت قارىشى كۈزىتىشتە ئەستايىدىل بولۇش،كۆپ ئويلىنىشقا ،پىكىر قىلىشقا ئىنتىلىش. ماھارەت ئىقتىدار نىشانى : پېرسوناژ خاراكتېرىدىكى يارقىنلىقنى بايقاش ،تەسۋىرلىيەلەيدىغان ماھارەتكە ئاساس سېلىنىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانى(تەييارلىق سىناق) ئاپتور باخۇم ئوبرازىدىكى نەپسى تويماسلىقنى قەيەردە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىگەن؟ ئاپتور شاھمەخسۇت ئوبرازىنىڭ قايسى تەرىپىنى ئىنچىكە تەسۋىرلىگەن؟ تۆمۈر خەلپە ئوبرازىدىكى يارقىن نوقتا قايسى؟ يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش: تۆۋەندىكى تەلەپنى ئورۇنداڭ ئوقۇتقۇچى: (1)ئىلگىرى سىز ئوقۇغان تېكىستلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ بەزىلىرى سىزدە قانداق تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى،ھەمدە ئۇنىڭ تەبىئىتىدە قانداق گۈزەللىكنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ (2)ھاياتىڭىزدا سىزگە بەزى كىشىلەر ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز جەريانىدا كىملەرنىڭ قانداق ۋاقىتتىكى قانداق ئىش ۋە سۆزى سىزگە قانداق تەسىرنى كۆرسەتتى؟ ئوقۇغۇچى :ئكزى ئېسىدە قالغىنى بويىچە ئوتتۇرغا قويىدۇ .بەزىدە سۇئال بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇپ تېخىمۇ ئىنچىكە ئوتتۇرغا قويۇشقا يېتەكلىنىش ئاساسىدا دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. تېما ھەققىدە مۇھاكىمە ئىنسان تەبىئىتىدىكى گۈزەللىك پەردازسىز، تەبىئىيلىكى بىلەن نۇرانە كۆرۈنىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگىمۇ نۇرغۇن گۈزەللىكلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەمما بۇنى پەقەت گۈزەل قەلىبكە ئىگە ھەمدە كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىنى بايقىيالايدىغان كىشىلەرلا بىلەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى:پېرسۇناژلار خارەكتېرىنى قانداق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؟ ئوقۇغۇچى: ① پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن خاراكتىرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئىشنى يېزىش كېرەك. ② پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە يەنە بىر جانلىق تەسۋىرلەشكىمۇ ماھىر بولۇش كېرەك. ئۇ خاراكتىرلەشكەن تىل، پوتىرىت، ھەركەت، پىسخىكا قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. 2.سائەتلىك دەرس: ئوقۇتقۇچى : بىز بايامقى سائەتتە مىسال مۇلاھىزىسى ئاساسىدا پېرسوناژلاردىكى يارقىن نوقتىنى كۆرۈش يولىنى،ۋە شۇ ئاساستا پېرسوناژلار خارەكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ماھارەت يوللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق .مېنىڭچە ساۋاقداشلارنىڭمۇ ئىنساندىكى يارقىن نوقتىنى تونۇيالايدىغان دىتىنى سىناپ باققۇسى كەلدىغۇ دەيمەن .ئۇنداق بولسا قولىمىزغا قەلەم ئېلىپ ئويلىنىش ئىچىدە تۆۋەندىكى نوقتىلار بويىچە ئىزدىنىپ باقامدۇق؟ 1. سىز چوڭ بازارغا كىرگىنىڭىزدە مال سېتىۋاتقان ،ھارۋا ھەيدەۋاتقان،گۆشگىردە سېتىۋاتقان ...كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆرگەن ،ئەسلەپ بېقىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس قىياپەت ،سۆز –ھەركەتتە قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار.بۇلادىن ئۇلانما ھەركەتلىرىنى يېزىپ بېقىڭ .بۇنىڭدا سىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىڭىز ئىپادىلەنسۇن. 2. مەھەللىڭىزدە ،ياكى ئۆيىڭىزدە بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان مومىڭىز ياكى بوۋىڭىزنىڭ قىياپىتىنى ،ئۇنىڭ قوللىرىدىكى قاداق ،يۈزلىرىدىكى قورۇقلارنى ۋە باشقا ھاياتنىڭ ئۇلارغا تەقدىم قىلغان ئىزنالىرىنى تەسۋىرلەپ بېقىڭ ئۇنىڭ خارەكتىرىنى ،ئىنسانى پەزىلىتىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ بېقىڭ. ئوقۇتقۇچى مۇشۇ ئاساستا ئىككى ئوقۇغۇچىنى بايان قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.بايانىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى باھالاپ يول كۆرسىتىلىدۇ.ئاخىرىدا يېزىشقا يېتەكلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ .ئاخىرقى ئون مېنۇتتا ئىككى ،ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسىرى ئوقۇتۇلۇپ باھالاش ۋە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ .كېيىن ھەممە ئوقۇغۇچىنى مۇشۇ يول بىلەن يازغىنىنى تۈزىتىپ تولۇقلاپ يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرۇلىدۇ خۇلاسە ۋە قايتما ئىنكاس. ئوقۇتقۇچى:قانداق قىلغاندا ئادەملەردىكى يارقىن نوقتىنى بايقىغىلى ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈپ خارەكتېرنى يورۇتقىلى بولىدىكەن؟ ئوقۇغۇچى:پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن خاراكتىرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئىشنى يېزىش كېرەك. پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە يەنە بىر جانلىق تەسۋىرلەشكىمۇ ماھىر بولۇش كېرەك. ئۇ خاراكتىرلەشكەن تىل، پوتىرىت، ھەركەت، پىسخىكا قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. تاپشۇرۇق: يازغىنىنى تۈزىتىپ تولۇقلاپ يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرۇلىدۇ دوسكا لاھىيىسى: پېرسوناژ خاراكتېرىدىكى يارقىنلىق: ئادەملەرنى يازغاندا خاراكتېرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك خاراكتىرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئىشنى يېزىش كېرەك. (1) (2) بىر جانلىق تەسۋىرلەشكىمۇ ماھىر بولۇش كېرەك. ئۇ خاراكتىرلەشكەن تىل، پوتىرىت، ھەركەت، پىسخىكا قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش:
گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ پىكىرى:
يىل ئاي كۈن
|
|