查看完整版本: [-- زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئابدۇ 2014-03-22 12:23

زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى

«زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى »تېكىستى ئۆتۈش جەريانىدا ئويلىىغانلىرىم o>K &D$J;O  
   %LcH>sV  
ئوقۇتۇش – ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيتىدىن تەركىپ تاپقان، ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان تەلىم - تەربىيە پائالىيىتىدۇر. (. H ]|  
نۆۋەتتە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ساپا مائارىپى ئوقۇتۇشقا بولۇپمۇ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا بىر قاتار جىددى تەلەپلەرنى قويدى.تىل ـ  ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ تەلىم - تەربىيەسىدىكى بىر ئاساسى پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن ساپا مائارىپى تەلىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزىشى ھەم ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ، تۇرمۇشنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى ۋە مۇئەييەن ھۇزۇرلىنىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئالاھىدىلىكىنى، تۇرمۇشتىكى ئۆزىگە خاسلىقىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى بىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇنىۋرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتەك يېڭى ئېھتىياجنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولماقتا. =WjJN Q  
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىكى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن يىڭى دەرىسلىك بۇلۇپ، بۇ دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ يىڭى ۋە خىلمۇ –خىللىقى ، بىلىم بىرىش ۋە تەربىيلەش نىشانىنىڭ ئەتراپلىقلىقى ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەنلىكى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا ئىرىشتى. zg7G^!PU  
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەن تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىكى 7 - يىللىق 2 - قىسىمىدىكى «زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى » ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى مازار مەدەنىيىتىدىن خەۋەردار قىلىشتىكى ئۈلگىلىك دەرس. eRVY.E<  
چۇنكى ئەدەبىياتنىڭ بىلىش رولى توغرىسىدا «ئەدەبىيات نەزىرىيە ئاساسلىرى»① دا«  ئەدەبىياتنىڭ بىلىش رولى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ ، ئۇ بىزنىڭ تۇرلۇك دەۋىر، تۇرلۇك جەمئىيەت، تۇرلۇك مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىۋېلىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ» دىيىلگەن. يەنە «ئەدەبىيات نەزىرىيەسى» ②دە   «ئەدەبىيات - ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىنى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى بىلىشىمىز ۋە چۇشىنىشىمىزگە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىدىيەۋى ھېسيات ئالماشتۇرشىغا ياردەم بىرىدۇ» دىيىلگەن. يەنە بۇ كىتابنىڭ 410 – بېتىدە ئەدەبىياتنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنىڭ رولى ھەققىدە «ئەدەبىيات ـ  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئالاھىدىلىكىنى، تۇرمۇشتىكى ئۆزىگە خاسلىقىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى بىلدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ »دىيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى بىكىتكەن پۈتۈن كۈنلۈك مەجبۇرىيەت مائارىپى«تىل - ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى »③ دە يەنى ئومۇمىي نىشان ئىككىنچى تارمىقىدا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ باي، بۆيۈكلىكىنى تونۇتۇش، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئەقىل - پاراسىتىنى قۇبۇل قىلدۇرۇش، بۈگۈنكى دەۋىر تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆپ خىل مەدىنىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئىسىل مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلىدىغان قىلىش»دىيىلگەن. OgTSx  
  شۇڭا مەن بۇ دەرسنى ئۆتكەندە بىرىنچى سائەتلىك دەرستە تېكىستنى ئوقوپ يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۈرش،ئاخىرىدا قەبرە قۇرۇلمىسى، قەبرە ئىچىدىكى بويۇملار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە تۇرلىرى، قەبرە قۇرلۇشى، ئەر - ئايال قەبرىلىرىنىڭ پەرقى، مىيىتنى قەبرىگە قويۇش ئادەتلىرى، مازارلىقتا دىققەت To^# 0  
  ———————————————————————————— Za9$Hh/X  
①شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001 –يىل 7 – ئاي 1 – نەشرى، 2001 يىل 7 – ئاي 1 – بېسىلىشى 2b!j.T#u  
②شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1984 –يىل 2 – ئاي 1 – نەشرى، 1989 يىل 8 – ئاي 2 – بېسىلىشى140 - بەت p}f-c  
③شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2003 –يىل 6– ئاي 1 – نەشرى، 2007 يىل 6 – ئاي 5 – بېسىلىشى7 – بەت km}MqBQl  
قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىپ كېلىش تاپشۇرۇقىنى بىرىش. ئىككىنچى سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا «زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى »نىڭ قەبرە قۇرۇلمىسى، قەبرە ئىچىدىكى بويۇملار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ھەم چۈسەندۈرۈش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ ياخشى ئىگىلىتىش ھەمدە قوشۇمچە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە قۇرلۇشى، قەبرە تۇرلىرى، ئەر - ئايال قەبرىلىرىنىڭ پەرقى، مىيىتنى  قەبرىگە قويۇش ئادەتلىرى، مازارلىقتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە تۆۋەندىكى بىلىملەرنى قوشۇپ سۆزلەش زۈرۈر دەپ قارىدىم. SL g+H  
  1. ئەجدادلىرىمىز ياساپ كەلگەن قەبرە تۇرلىرى G#'Q~N  
ئەجدادلىرىمىز ياساپ كەلگەن قەبرە تۇرلىرى ۋە قەبرە قۇرلۇشىدىن كۆپ ئۇچىرايدىغان، سىرىتقى ھالىتىگە قاراپ بۆلىنىش تۇرلىرىدىن كېسەكلىك بۆشۈك شەكىللىك قەبرە، گۈمبەزلىك قەبرە(شام گۆر)، تاش - تۇپراق دۆلەنگەن قەبرە، رىشاتكىلىق قەبرە ،خاتىرە تاشلىق قەبرە $59nu7yr  
2. ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە قاتۇرۇش ئۇسۇلى 8T<@ @6`T  
   ئۇيغۇرلار قەبرىنى ئىچ گۆر ، تاش گۆر قىلىپ كولايدۇ ،يەرلىك تاشقى يەرلىك، ئىچكى يەرلىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تاشقى يەرلىك تەخمىنەن ئۇزۇنلىقى ئىككى مېتىر ، كەڭلىكى بىر مېتىر ، ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا چاسا كولىنىدۇ. ئىچكى يەرلىك ئۇنىڭ يان تەرىپىدىن مېيىت ئازادە پاتقۇدەك كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇقتا لەختە شەكلىدە كولىنىدۇ، جەسەت ئىچ گۆرگە قويۇلىدۇ ، جەسەت قويۇلۇپ بولغاندا ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ ، تاش گۆرنى كۆمۈۋېتىدۇ . ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ، ھەربىر تاش گۆردىن تۆت ئىچ گۆر كولايدۇ ، ئۇنى "شام گۆر " دەپ ئاتايدۇ ،جەسەت ياتقان يەرنىڭ ئۈستىگە كەڭلىكى 80 سانتىمېتىر ، ئۇزۇنلىقى بىر يېرىم مېتىر ، 40 ئېگىزلىكى سانتىمېتىر ئەتراپىدا سۇپا ياساپ ، ئىككى پەلەمپەي سۇپا قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبرە قاتۇرىدۇ . "شام گۆر " كۆپىنچە ھال – ئوقىتى ياخشىراق، نەسەبلىك ئائىلىلەر تەرىپىدىن ئالدىن كولاپ تەييارلىنىپ قويۇلىدۇ . ئۇ پەقەت بىرئائىلە كىشىلىرىگە خاس بولۇپ ، شۇ ئائىلىدە قازا تاپقانلار ئىلگىرى - كېيىن ئۆزىگە تەئەللۇق شام گۆرگە دەپنە قىلىنىدۇ . شام گۆرنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز قاتۇرۇلىدۇ . /'mrDb_ip  
    3. ئەر - ئاياللارنىڭ قەبرە پەرقى HIsB |  
ئادەتتە ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئەرلەرنىڭ قەبرىسىگە قارىغاندا كىچىكرەك (ئۈچتىن بىر نىسبەتتە ) قاتۇرۇلىدۇ . ئەرلەرنىڭ قەبرىسىنىڭ سۇپا پەلەمپىيىدىن باشقا يەنە ئىككى قاتار پەلەمپىيى (بۇلارنىڭ چوڭى تالالىق ، كىچىكى ئۆيلۈك ، قاتۇرۇلغان قەبرە بۆشۈك دەپ ئاتىلىدۇ ) بولىدۇ . ئاياللار قەبرىسى ئۈچ پەلەمپەيلىك بولۇپ ، بۇلار ئۆيلۈك ، سۇپرا ، ئاشتاختا ، نوغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ . مۇشۇنداق شەكىل ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئەر - ئاياللارنىڭ قەبرىسى روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. Pu-p7:99;'  
  4. مىيىتنى يەرلىكىگە قويۇش T G_bje  
ئەجداتلىرىمىز مىيىتنى ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ تەسىرىدە ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا دەپنە قىلغان. بىر قىسىم كىتابلاردا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ئادىتى خاتىرىلەنگەن .بۇنداق دەپنە قىلىش ئۇسۇلى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوتقا چوقۇنۇش ئىدىيىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، تۇتېم دەۋرلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا  ئۇيغۇرنىڭ قەدىمكى دەپنە ئادەتلىرىدە قەبرە ئىچىگە تۈرلۈك تۇرمۇش ، ئىشلەپچىقىرىش ، ھەتتا جەڭ قوراللىرىنى جەسەت بىلەن بىرگە دەپنە قىلىش ، ھەتتا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىمۇ قوشۇپ دەپنە قىلىش ئادەتلىرى ئىنتايىن روشەن ئەكس ئەتكەن . مەسىلەن : قومۇلدىكى قارادۆۋە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەردە ھەربىر قەبرىگە بىردىن مېيىت دەپنە قىلغان ، مېيىتكە تېرە ( ئاشلانغان ) ۋە يۇڭ توقۇلما كىيىم - كېچەكلەر ، تۇرپاندىكى ئايدىڭكۆل قەدىمىي قەبرىلەرگە 1 - 3 گىچە مېيىت دەپنە قىلىنغان ۋە ھەر خىل ساپال قاچىلار بىرگە دەپنە قىلىغان ، ئالغۇي قەدىمكى قەبرىلەرگە 20 - 30 ئادەم بىرگە دەپنە قىلىنغان . بۇ قەبرىلەرگە ھەر خىل ساپال قاچىلار ، ساپال بۇيۇملار ، تېرىقچىلىق ، ئوۋچىلىق بۇيۇملىرى بىرگە كۆمۈكگەن .     T!1SMo^  
مىلادىيە 10 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن دەپنە ئادەتلىرىدە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. ئۆلگۈچى جان ئۈزگەندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ پۇت - قولى تۈز قىلىنىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ، ئاق ماتا (ھازىر ئاق خەسە) بىلەن ئېڭىكى تېڭىلىپ، كۆزى، ئاغزى يۇمدۇرۇلىدۇ. دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن پاكىز سۇدا ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. بۇ سۇغا ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. سۇغا ئېلىشقا ئادەتتە مەھللىدىكى ئۆزىنى توختاتقان تەجرىبىلىك بىر - ئىككى ئادەم ياكى مەھەللىنىڭ مەزىنى تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچى ئايال بولسا، ياشانغان ئاياللار ياكى بۈۋىلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. مېيىتنى سۇغا ئېلىشتا ئۆلگۈچىنىڭ مويىسپىت تۇغقانلىرىدىن بىرەرى ھازىر بولىدۇ. سۇغا ئېلىش ئالدىدا مېيىت ئوڭدا ۋە دۈم قىلىنىپ تەكشۈرۈلىدۇ. بەدەندىكى مويلار تازىلىنىدۇ. مېيىتنى يۇيۇشتا سوپۇنلاشقا توغرا كەلسە ئىلاجى بار يەرلىك سوپۇن ئىشلىتىلىدۇ. nW~$ (Qnd  
مېيىت سۇغا ئېلىنغاندىن كېيىن كېپەنلىنىپ يېڭى ئاق كېگىزگە ئوراپ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ تاۋۇتقا سېلىنىدۇ (كېپەنلىك ئادەتتە ئاق ماتا ھازىر خەسە ياكى ئاق رەخت) دا قىلىنىدۇ. يىڭنە بىلەن تىكىلمەي كېپەنلىك ماتا (رەخ)نىڭ ئۆزىدىن يىپ چىقىرىپ، يۆمەپ چىگىپ قويۇلىدۇ.  ئەرلەر ئۈچ قات، ئاياللار بەش قات كېپەنلىنىدۇ. مېيىت ئىچىدىكى يەرلىككە قويۇلىدۇ. مېيىت يەرلىككە قويۇلۇشتا يۈزى قىبلىگە(غەربىي جەنۇبقا)مايىلراق، پۇتى جەنۇپ ياكى شەرقى جەنۇپقا قارىتىپ قويۇلىدۇ. hEWx.  
5.مازارلىقتا دىققەت قىلىدىغان(چەكلىنىدىغان) ئىشلار: epn#qeX  
قەبرە ئۈستىگە دەسشەش، قەبرىستانلىقتا ناخشا ئېيتىش، قەبرىستانلىقتا چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش، ھاراق ئىچىش، ماق - چارۋا بېقىش، قەبرىستانلىقنى بىگىز بارماق بىلەن كۆرسىتىش ...قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ئۆلگۈچىگە نىسپەتەن ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. 5GaoJ v  
بۇ مەزمۇنلارنى سۆلىگەندە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ، دەرسنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىككى دەرس سائىتىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ، ئەمما قەدىمقى مەدەنىيەت، ئۆپ-ئادەتلەرنى سۆزلىگەندە مېغىزىنى قۇبۇل قىلىپ، شاكىلىنى تاشلىۋىتىش پىرىنسىپى بويۇنچە بۇ مەزمۇننىڭ  ئۆرپ - ئادەت خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرشىش بىلەن بىرگە، دىنى ئەقىدە ۋە دىنى تۈسنىڭ كۈچىيىپ كېتىپ،(پارتىيەمىزنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە مەكتەپتە دىنى تەربىيە بەرمەسلىك سىياسىتىگە ئاساسەن) بالىلارغا يامان تەسىر بىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك . ]GQv4-y  


查看完整版本: [-- زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled