查看完整版本: [-- سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق...بۇژغۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق...بۇژغۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2014-03-21 13:30

سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق...بۇژغۇن

سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

باھار كېلىپ،يۇرتىمىزنىڭ باغرى ئىللىدى،
سوقۇشماققا تەييارلانغان خوراز چىللىدى.
بارچە قەۋم يېڭى يىلنى قۇتلاپ كۈيلىدى،
                   «نەۋرۇز»ئۈچۈن ھەممە تىنەش،كۈلۈپ يايرىدى.
«نەۋرۇز»كېلىپ قۇشلار بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

تالاي ئەسىر ئۆتۈپ بىزگە  بولدى تەۋەرۈك،
خاسىيەتلىك «نەۋرۇز»ئىشقى-خەلقىمگە بۈيۈك.
ئۆچ-ئاداۋەت يۇيۇلغاچقا قەلپلەر-سۈزۈك.
«زاراخەتمە» ئۇنىڭ ئۈچۈن تارتىلغان ئوزۇق.
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

«ئاققۇزا ئېيى»باشلىنىپ،كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن،
شۇبۇ كۈندە«نەۋرۇز»نى ئەل-يۇرت قېنىپ كۈيلەشكەن.
ساخاۋەتنى ئۇلۇغلاپ،بىخىللىقنى چەكلەشكەن...
ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار،ئادىللىقتا بەسلەشكەن...

يېڭى يىلنىڭ شەنىگە ياڭرار«نەۋرۇز ناغرىسى»،
ئىشلىنىدۇ ھەرياقتا قىزغىن-«نەۋرۇز تازلىقى».
مۇدھىش سوغنى قوغلۇشۇپ،كۈلەر«نەۋرۇز نازلىقى»،
ئاجىزلارنى،چوڭلارنى يوقلاش-«نەۋرۇز ئادىتى»،
               شۇ خۇشاللىق كەيپىدە قۇشلار زوق-شوخ سايرىدى.

ئانىلارمۇ بوش كەلمەس «نەۋرۇز ئېشى» ئېتىشىپ،
بۇغداي،ئارپا،قوناق ھەم نوقۇت،تېرىق سېلىشىپ.
گۇرۇچ،ماش ھەم پۇرچاقمۇ پىشىپ چىقار سېڭىشىپ،
              نەۋرۇز ئەھلى مەزى قىپ ئۆتەر تەمىن تېتىشىپ...!

«نەۋرۇز سۈيى» تەييارلاپ ھارماس ئىشچان ئانىلار،
چىلان،شاپتۇل قېقى ھەم گۆش تەييارلار ئاتىلار.
بوش كەلمەيدۇ سامساق ۋە سىركە،جىگدە،چوققىلار،
ئۇندا مەمنۇن،شادىمان،قىز-ئوغۇل ھەم بالىلار،

مانا بۈگۈن قىززىدى يۇرتتا «نەۋرۇز سەيلىسى»،
مەھەللىلەردە قاينىدى كاتتا«نەۋرۇز پەتىسى».
ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار قىلدى«نەۋرۇز بەيگىسى،»
چىلىشچىلار  سەپ تۈزۈپ،چىقتى «نەۋرۇز سەركىسى.»

ئەلنەغمىچى نەۋرۇزلۇق نەغمە-ناۋا ئوقۇشتى،
داستانچىلار باھارغا بېيت-قوشاقلار توقۇشتى.
قوچقار،خوراز مەيداندا ھەۋەس بىلەن سوقۇشتى،
قىزلارمۇ بوش كەلمەستىن گۈل-كەشتىلەر توقۇشتى.

مەزمۇنى مول «نەۋرۇز»نىڭ،ئېيتسا ھەرگىز تۈگۈمەس،
«نەۋرۇز بۇلاق»كۈيلىرى ئەل ئىچىدە ئۆكسۈمەس.
ئىتتىپاقلىق،ئۆملۈكمۇ ئۇنىڭسىز ھېچ كۆكلۈمەس،
ئۇنىڭ بىلەن مول-ھوسۇل ئارمانلىرى تۈگۈمەس.

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى

tursun 2014-03-21 13:29

ئابدۇمىجىت 2014-03-21 15:16
ياخشى نۇرۇزلۇ ق سوۋغا بولۇپتۇ.

kok-sultan 2014-03-21 15:59
سوۋغىدىن كۆڭلۈم سۆيۈندى....

مەمەتئېلى 2014-03-21 16:32
ئىسىل سوغا بوپتۇ.

مەمەتئېلى 2014-03-21 16:33
تېما قوش يوللىنىپ قالدىمۇ قانداق؟

tursun 2014-03-21 17:04
شۇنداق بولۇپ قاپتۇ...ئەپۇ قىلارسىلەر...!

ئۇيغۇر0903 2014-03-21 17:06
ئانىلارمۇ بوش كەلمەس «نەۋرۇز ئېشى» ئېتىشىپ،
بۇغداي،ئارپا،قوناق ھەم نوقۇت،تېرىق سېلىشىپ.
گۇرۇچ،ماش ھەم پۇرچاقمۇ پىشىپ چىقار سېڭىشىپ،
              نەۋرۇز ئەھلى مەزى قىپ ئۆتەر تەمىن تېتىشىپ...!
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

ھەجەپ ياخشى يېزىپسىز. رەھمەت سىزگە.

مىېھرىما 2014-03-21 19:46
سىزنىڭ ھەربىر شېئىرىڭىزنى ئۇقسا ئادەم يىڭچە ئىلھامغا ئىگە بولدۇ.
نەۋرۇزلۇق بۇ ئېسىل سوغىغڭىزغىمۇ كۆپ رەھمەت.
سىزگە ئامەت يار بولسۇن!!!

ئارزۇ228 2014-03-21 20:19
   بىزنى  نورۇزلۇق ياخشى سوۋغا يوللاپسىز، رەخمەت سىزگە، نورۇز بايرىمىڭىزگە مۇبارەك، ئۇلۇغ جۈمە مۇبارەك.  

بابۇر0725 2014-03-22 23:06
ئاققۇزا ئېيى»باشلىنىپ،كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن،
شۇبۇ كۈندە«نەۋرۇز»نى ئەل-يۇرت قېنىپ كۈيلەشكەن.
ساخاۋەتنى ئۇلۇغلاپ،بىخىللىقنى چەكلەشكەن...
ئوغلاق تارتىپ ئاتىلار،ئادىللىقتا بەسلەشكەن...
شۇ ۋەجىدىن قۇشلارمۇ بۇندا زوق-شوخ سايرىدى.

ئەكبەرنىياز 2014-03-23 21:34
ئۇستازنىڭ بۇ نورۇزلۇق سوغىسىمۇ بەكلا ئېسىل چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!

查看完整版本: [-- سۇناي مەنمۇ -«نەۋرۇز»لۇق...بۇژغۇن --] [-- top --]

Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled