tursun |
2014-03-21 12:59 |
يېراق كەت...!...بۇژغۇن
يېراق كەت...! ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
يۇرتۇمغا باھار كەلدى ،مۇدھىش جۇدۇن يىراق كەت، گۈزەللىككە داغ سالغان جۇت قىش بۈگۈن يىراق كەت.
ئىللىپ جاھان،قار-مۇزلار ئېرىپ ئاقتى دولقۇنلاپ ، ئېتىز-قىرلار كۆكەردى، مۇدھىش جۇدۇن يىراق كەت.
كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشتى،يېڭى يىلمۇ باشلاندى، يۇمران تەنلەر ياشنىدى،جۇت قىش بۈگۈن يىراق كەت.
راسلاپ قويدى دادىلار ئاتلىرىنى توقۇملاپ، ئاتلار كىشنەپ تەپچىدى،جۇت قىش بۈگۈن يىراق كەت.
سەن كەتمىسەڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ بارار ئوۋچىلار، ئوقيامۇ ھەم بەتلەندى،مۇدھىش جۇدۇن يىراق كەت.
باھار كەلدى يۇرتۇمغا بىر چىرايلىق ياسىنىپ، پايخان بولماي دېسەڭ ئەي جۇت قىش بۈگۈن يىراق كەت...!
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى
|
|