tawpek |
2014-03-21 00:41 |
نۇرۇزلۇق تىلەك
نۇرۇزلۇق تىلەك >Jt,TMMlt ^_#0\f ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىلىم- مەرىپەت گۈلشەنىدىكى پەرۋىشكار باغۋەنلەر سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار قۇتلۇق قەدىمىڭلارغا مەرھابا! u$$@Hw بۈگۈن تەبىئەت بايرىمى، خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى نەۋرۇز! H !Z=}>TN قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، ئېرىق بويىدىكى ياۋا ئوت- چۆپلەرنىڭ يىڭىلا بىخلانغان يۇمران ياپراقلىرى، دەل- دەرەخلەرنىڭ پوتلىلىرى، جۈملىدىن جىمىكى ھاياتلىق نەۋرۇز بايرىمىغا تەنتەنە قىلماقتا، مەن مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن 2014- يىللىق نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتىمىزنىڭ رەسمى باشلانغانلىقىنى جاكارلايمەن ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ne] |\] ‹‹نورۇز بايرىمى»-تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزىلىدىغان قەدىمى ئەنئەنىۋى مىللى بايراملارنىڭ بىرى. بۇ بايرام ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،ئۆزبىك،تاتار،تاجىك،پارىس قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەرگە ئورتاق بايرام.نورۇز دۇنيادىكى مىلاد ، قۇربان ھېيت ، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى . بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون ئەتراپىدا. )$Xd#bzD| نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان ، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ ، تاغ ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان ، ئەگىز ئېقىپ ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتتىن زوقلىنىش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ – ئورمان ، گۈل – گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن . =k6zUw;5 U نورۇز – ئەمگەك بايرىمى ، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ، نورۇزنى ، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش ، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق ، خۇشاللىق ، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى . ئۇيغۇرلاردا نورۇز قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام . بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تەبىئەت بايرىمىغا ، ئەمگەك ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا ، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا ، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا . ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ JUXIE y^ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قارايدىغان بولساق، مۇقام، مەشرەپ، نورۇز… قاتارلىق بىباھا گۆھەرلەرنىڭ جۇلالىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز . ھەممىگە ئايانكى، ئاشۇ بىباھا گۆھەرلەر ئىچىدە ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە، ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلاپ كەلگەن تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى رېئاللىقتىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقى بىلەن خەلقىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك. 8rwkux > يېشىللىق تەنتەنىسى ۋەئەجدادلار يادنامىسى بولغان بۇ نورۇز– قىشلاقلاردىلا ئۆتكۈزۈلىدىغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي خەلق بايرىمى. خەلقنىڭ قىش – زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق باھارنى ئارزۇلىغان، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ھەربىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسىپ – ھۆنەرلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا بولغان ئىجتىھاد – ئىنتىلىشلىرىنى ، ئۆز – ئارا ھىممىتى – ساخاۋىتىنى ، ئىتتىپاق – ئىناقلىقىنى ، گۈزەل ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈىدىغان قۇتلۇق بايرامدۇر.. uSCF;y=1g, بۈگۈن 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، بۈگۈن نۇرۇز، بۈگۈن باھار. U<{8nMB كەل-باھار كەل....... مېھرى-مۇھەببەت،مېھرى-شەپقەت،ئىناقلىق-ئىتپاقلىق،ئۆملۈك،تېنىچلىق،خاتىرجەملىك،بەخت-سائادەت ئۇرۇقلىرىنى چىچىپ كەل. سىنىڭ قوينىڭدا شۇنداق بىر سۈيۈملۈك ئاۋاز ياڭرىسۇن! ئۇ بولسىمۇ ئوقۇ! يەر شارىنىڭ قايسى بولۇڭ -پۇشقىقىدا مائارىپ توغرىلىق شۇئار توۋلانمايدۇ ، قايسى قىسمىدا مائارىپ توغرىلىق تەھلىل بولمايدۇ ؟ قايسى قىسمىدا پەرزەنت تەربىيىسى توغرىلىق مۇلاھىزە بولمايدۇ؟ يەنە قايسى ئائىلىدە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە سۆز بولمايدۇ . قىسقىسى ، مائارىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشى! بىزمۇ شۇ قاتاردا مائارىپ دەپ شۇئار توۋلايمىز ، شۇئارنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ، تىنىمسىز ئىزدىنىمىز ، شۇ تىنىمسىزلىق ئىچىگە ئەجداد روھى بىلەن ئەۋلاد روھى ئۇچرىشىدۇ . بۇ ئۇچرىشىشتا مىللىي ئۆزلۈك ئۈنلۈك توۋلايدۇ ! ئۇقۇ بالام ! Cv862kP زىمىن پاكلىق قوينىدا ئەركىلىسۇن! ئۇنىڭ ئەركىلىشىدىن ۋابا. ئەيدىز تەپ تارتىپ ، بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا سەرسانە بولسۇن! قىمار، ھاراقكەشلىك بويۇن قىسىپ پاكلىق كوچىلىرى كەڭ ئېچىلسۇن! ئاڭلاڭ قېرىندىشىم! ئەنە نورۇز قوشىقى ياڭرىماقتا.ئۇنىڭدا ئاتا-بوۋىلىرىمزنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى بار ،ئۇنىڭدا ئەۋلادىلىرىمنىڭ كېلەچىكى بار ،ئۇنىڭ ھەر بىر مىلودىيەسىدە يەنە بىزنىڭ يۇرتىمىزغا بولغان پاكىز، مۇھەببەتلىك يۈرىكىمىزنىڭ تىنىقلىرى بار .بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئەجداد روھى ،ئەۋلاد كېلەچىگى بىلەن ئورتاقلىشالىغاندىلا ئاندىن ھەر يىلى باھار بىلەن تەڭ ياشىرىپ، مەڭگۈ قېرىمايدۇ." ^N}zePy0 كەل-باھار كەل.. كەل باھار! سىنىڭ بىلەن ئىلىم سۈيەرلەر كەلسۇن! چىن دىلى بىلەن ئوقۇشنى سۆيىدىغان دىل كۈيەرلەر كەلسۇن! ئىلىم خۇمار باللىرىم !مەكتەپ دېگەن سۆزنىڭ ۋەزنىنى چىن مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈپ ، بالىلار مەكتەپتە ئۆز قىممىتىنى ياراتسۇن! ئىلىم خۇمار بالىلىرىم !مەكتەپ سىلەرنى ئۆز قوينىغا چاقىرغان شۇ مىنوتلاردا تالاي گۋدىلەرنىڭ سىلەر ئۈچۈن تىنىمسىز ھەركەتلىنۋاتقانلىقىنى ، مەكتەپ دېگەن نامغا يېڭى مەنىلەر قۇشۇۋاتقانلىقىنى ئويلامسىلەر؟ بالىلىرىم مەكتەپكە كېلىڭلار، ئۇنىڭ قوينىدا ئۆزۈڭلارگە تەۋە ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلارنى قېزىشقا تەييارلىنىڭلار! مەكتەپنىڭ ئوتلۇق تەلپۈنۈشلىرىدە چاڭقىغان بىر سۆيگۈ بار ! ئۇ بولسىمۇ يەنىلا ئۇقۇش ! شۇڭلاشقىمۇ بارلىق ئاۋازىم بىلەن شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن ! ئوقۇ بالام! im{'PgiR نورۇزۇم ـــ يېڭى يىلىم ... Bf!i(gM نورۇزۇم ـــ باھار بايرىمىم : RB مۇبارەك ساڭا ... سەن ئارقىلىق ، سەندە كۈلۈۋاتقان ، سەندە يايراۋاتقان ھەر بىر نورۇز ئەھلىنىڭ خاسىيەتلىك يېڭى كۈنىگە شاتلىق تىلەيمەن !!! &EKP93
قۇت-سائادەت ھەر بىر نورۇز ئىشتىراكچىسىغا شاتلىق ، ئاسايىشلىق نېسىپ قىلسۇن ... ئىللىق قۇياش ،تاتلىق قاراش ، ئسسىق مېھىر ، سۈزۈك چېھىر قەلىبلەرنى نۇرلاندۇرسۇن ...
}rf_: ،نورۇزۇمنىڭ تال-تال نۇرلىرى ساغلاملىقنى ، پاكىزلىقنى ، ئىناقلىقنى ، ئۆملۈكنى ، خاتىرجەملىكنى ، بەخت-سائادەتنى ، ھەر بىرىمىزنىڭ مۇبارەك تېنىمىزغا سېخىلىق بىلەن چاچسۇن . . . Nw ;BhBt su
.hmc [^xLK مۇنبەردىكى نورۇزلۇق تمىلاردىن پايدىلىنىپ مەكتەپ مۇدىرىمىز ئۈچۈن قوراشتۇرۇپ چىققانتىم ئىجادى پايدىلانغايسىلەر. d%_v
eVIe |_L\^T|6 ئەسلى تېما ئىگىللىرىگە كۆپ تەشەككۇر. |
|