شەبنەم117 |
2014-03-20 19:22 |
ئاتا-بالا چاشقانلار
Iak06E ئاتا-بالا چاشقانلار 4vPKDd v.]W{~PI2V بىر جۈپ ئاتا- بالا چاشقان سۈت چېلىكىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ.ھايات قېلىش ئۈچۈن ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇنۇپ كۆرۈپتۇ،تىركىشىپتۇ،شۇنچە تىركەشكەن بولسىمۇ ئۈمۈدنى كۆرەلمەپتۇ.
AQz&u ماغدۇرى قالمىغن ئاتا چاشقان ھاسىراپ ھۈمۈدىگىنىچە ئوغلىغا: x\XOtjJr -مەن بولالمىدىم،ھېرىپ ھالىمدىن كېتەي دىدىم،قارىغاندا ئۈمۈد قالمىغان ئوخشايدۇ،بىزنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشنى ساقلاشتىن باشقا ئامالىمىز يوقتەك قىلىدۇ،-دەپتۇ. xYWg1e$k بالا چاشقان ياشىنىپ قالغان دادىسىنى ئىلھاملاندۇرۇپ: 0_-NE4SM/ -ياق داۋاملىق ئۈزگىن، داۋاملىق ئۈزسەڭ ، ھامان مۆجىزە يۈز بېرىدۇ، بىز ئۈمۈدۋار بولىشمىزكېرەك،-دەپتۇ. cn!Y7LVr ئەمما يېرىم سائەتتىن كېيىن،ئاتا چاشقاننىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ،ئاخىرى توختاپ قاپتۇ ۋە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە،ئۇنىڭ ئېغىرلاشقان بەدىنى چېلەكىنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كىتىپتۇ.بىراق بالا چاشقان چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ھەرىكەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر سائەت...ئىككى سائەت... ئاستا-ئاستا ئۆتۈپتۇ. توختىماي ئېلەشتۈرۈلگەن سۈت سېرىقماي بولۇپ شەكىللىنىپتۇ. يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن سېرىقماي قېتىپتۇ.بالا چاشقان بۇ قاتقان سېرىقماينى سۇپا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ سەكرەپتۇ، دەرۋەقە ئۇ سۈت چېلىكىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ. ‹‹ھېلىمۇ بىر ئاز بەرداشلىق بېرىپتىمەن››،بالا چاشقان جېنىنى ئالغىلى تاس -ماس قالغان سۈت چېلىكىگە قاراپ مۇرەككەپ ھېسىيات بىلەن شۇنداق دەپتۇ. o5 eFLJ6 بۇ ھېكمەتتىن بىز كىرزىسنىڭ خەتەر ئۈستىدىكى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر خەتەرنىڭ ئارقىسىدائۇنىڭغا ئەگەشكەن بىر پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز.ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا ،ھەر قانداق بىر توسالغۇ ئۆزىڭىزدىن ھالقىشىڭىزدىكى ئاچقۇچ بولالايدۇ. |
|