查看完整版本: [-- نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2014-03-19 14:08

نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى

نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى


1. نورۇز ئېشى ئېتىش ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار ( 10 كىشىلىك )

قوي قوۋۇرغا گۆشى 1كىلو ، قوي باڭزىسى 2 دانە ، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام ،

بۇغداي 1كىلو ، كۆكباش قوناق 200گرام ، نوقۇت 200 گرام ، گۈرۈچ 100 گرام ، كۆكپۇرچاق 100گرام ، ماش 100 گرام ، تېرىق 100گرام ، ئارپا 100گرام ، قىزىل پۇرچاق 100 گرام .

سۇ ماي 200 گرام ، قىزىلمۇچ 500 گرام، سەۋزە 1باش ، پىياز 1 باش ، پەمىدۇر 2 دانە ، ئاش كۆكى 100 گرام ، چامغۇر 500 گرام ، تۇرۇپ 200 گرام ، زەنجىۋىل 50 گرام ، سامساق 100 گرام ،

تۇز يېتەرلىك ، ئاچچىقسۇ 100 گرام ، قېتىق 50 گرام ، ئاقمۇچ 20 گرام ، شېكەر 30 گرام


2. تەييارلاش جەريانى :


1. 6 سائەت بۇرۇن بۇغداي ، پۇرچاق ، نوقۇت ، ئارپا ، تېرىق ، ماش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم -ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ . كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.

2. بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن باڭزىلار سېلىنىپ يېتەرلىك سۇ ( 10 كىلو ) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ . ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلىنىدۇ .

3. شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا ، سەۋزە ، چامغۇر ، قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر ، تۇرۇپلار كىچىك چاسا شەكىلدە توغرۇلۇدۇ ، سامساق ، پىياز ، زەنجىۋىللەر چانىلىدۇ ، ئاشكۆكى 2 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىدۇ . لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ

4. قازاندىكى شورپىغا چىلانغان بۇغداي قاتارلىقلار ۋە گۈرۈچ ، چامغۇر ، سەۋزە ، تۇرۇپ قاتارلىقلار سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پات - پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك .

5. يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن ، پىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل ، تۇز، قىزىلمۇچ ، شېكەر ، ئاقمۇچ ، ئاچچىقسۇ ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ ، تەييار قىلىنىدۇ .

6 . قازاندىكى بۇغداي قاتارلىقلار پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، قېتىقنى قۇيۇپ ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇپ ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .

ئالاھىدىلىكى : بۇ تۈردىكى ، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ ، بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تۇزلۇق ، تاتلىق ، ئاچچىقچۈچۈك ، مەززىلىك ، پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق.

مەنبە: ئاشپەز تورى

قاراخان 2014-03-19 15:02
نورۇز بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ozqan 2014-03-19 15:07
ئۆي-ئۆيلەردە نورۇز ئېشى ئېتىپ يېيىش نورۇزنى تەبرىكلىگەندە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەرەپ .
رەھمەت ، نورۇز ئېشى ئېتىشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئۆگىنىۋېلىشىغا ياخشى ماتىريال بوپتۇ بۇ ....
بىراق ،  نېمىشقا تاجىك مىللەتلىرىنىڭ  تامىقى بولغۇدەك ؟
بىزمۇ شۇنداق ئېتىمىزغۇ  ؟ پەقەت شۇ بەزى خۇرۇچلارنى ئشىلتىشىمىزدىلا  پەرق باركەن ،

parixta 2014-03-19 16:00
نورۇز ئېشى ئىتىشنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتمەكچى ئىدىم. تۇلىمۇ ياخشى بولدى. رەھمەت سىزگە!

لاچىن 2014-03-19 19:37
    مەن تۇنجى قېتىم نۇرۇز تامىقى ۋە بۇ تاماقنى ئېتىش ئۇسۇلىنى كۆرگەن بولدۇم. رەخمەت.
    مەن « ، قوي باڭزىسى» دېگەن نەرسىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم. بۇ نېمە ياكى قوينىڭ نەرى.

مىېھرىما 2014-03-19 20:37
بىز ھەر يىلى مەكتەپتە نورۇز ئېشنى ئېتىپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلار بىرلىكتە يەيمىز. بۇ بەكمۇ كۆڭۈلۈك بولدۇ

arzu 2014-03-19 21:46
بىزنىڭ  نورۇز ئۆتكۈزىشىمىز ئازراق چەكلىمىگە  ئۇچرايدۇ. شۇڭا مەكتىپىمىزدە بىرەر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈپ باقمىدۇق. جۈمە كۈنى نورۇز ئىشى ئېتەي دەپ ، بايىلا پۇرچاقلارنى چىلىغان ئىدىم. بۇ تۇنجى ئېتىشىم ئىدى. يوللانمىڭىزدىن خوش بولدۇم. بىلمىگەنلىرىمنى مۇشۇنىڭغا قاراپ بىر نېمە قىلارمەن. رەھمەت سىزگە!

تۆتتاش 2014-03-20 00:09
arzu:بىزنىڭ  نورۇز ئۆتكۈزىشىمىز ئازراق چەكلىمىگە  ئۇچرايدۇ. شۇڭا مەكتىپىمىزدە بىرەر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈپ باقمىدۇق. جۈمە كۈنى نورۇز ئىشى ئې .. (2014-03-19 21:46)

مائارىپ ئىدارىسىدىن  كوللىكتىپ پائالىيەت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ  ئوقتۇرۇش كەپ بولدى  بىزگە.
بۇيۇن قىسىپ قېلىۋاتىدۇ  نورۇز.

ئەلدىيار 2014-03-20 00:17
نەۋرۇز ئېشىنى بىرەر قېتىممۇ يەپ باقماپتىمەن.ئەمدى يىيىشكە مۇيەسسەر بولىدىغان بولدۇم

رەيھان 2014-03-20 17:32
بىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ يوقۇلۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن. نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىۋالدىم

ئەكبەرنىياز 2014-03-20 23:27
بەك ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت بۇرادەر ، ھارمىغايسىز !!!


查看完整版本: [-- نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled