查看完整版本: [-- قايتىپ كەل-دادا...!؟...بۇژغۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> قايتىپ كەل-دادا...!؟...بۇژغۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2014-03-18 16:59

قايتىپ كەل-دادا...!؟...بۇژغۇن




قايتىپ كەل-دادا...!؟

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

ئائىلىمىز قەدىمدىن تارتىپ،
شۇنچە ئىناق ،خۇشال ئېدۇق بىز.
مانا قارا،دادا ئۆيۈڭگە،
قالمىدىغۇ خۇشاللىقتىن-ئىز...؟

توۋلاپ قويسا دوستلىرىڭ سېنى،
بىزنى تاشلاپ چېقىپ كىتىسەن.
«رەڭدار گۈلزار» ئىچىدە مەز قىپ
رۇمكىلارنى قېقىپ-ئېچىسەن...!

ئىككى-ئۈچ كۈن يوقاپ كېتىسەن،
ئۆيۈڭ بىلەن ھېچ كارىڭ بولماي.
ئۆيگە كەلسەڭ جۇدۇنۇڭ ئۆرلەپ،
سوقۇشىسەن،بىزگە يول قويماي.

نە تارتقۇلۇق بىزگە جان دادا،
قەيەرلەردە يۈردۈڭ،يىگانە.؟
يامانلىدىڭ سوقۇشۇپ بولۇپ،
«چېقىپ كەتتىڭ ئۆيدىن مەردانە.»

قايتىپ كەلگىن،قايتىپ كەل-دادا،
ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى ئۆزۈڭ.
تاشلىۋەتسەڭ نىجىس-ھاراقنى،
نۇر تارىتار شۇ ئىللىق -كۆزۈڭ.

دادا بىزنى باغرىڭغا باسقىن،
ئۆز ئەجرىڭدە بىزلەرنى باققىن.
قارا يېتىم بولۇپ قالمايلى،
بىز پەرزەنتكە باغرىڭنى ئاچقىن.!

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى  ئۈرۈمچى


parixta 2014-03-18 17:14
پەرزەنىتلەرنى تېپىپ قۇيۇپ، كارى بولمايۋاتقان ناكەس ئاتىلارنىڭ دىلىغا اللا ھىدايەت ئاتا قىلغاي!  سەبىيلىرىمىزنىڭ روھى سۇلمىغاي!

تۇرسۇن مۇئەللىم،  بۇ بالىلار شىئېرىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندىم .

مىېھرىما 2014-03-18 17:14
ياخـشى چىقىپتۇ.ئىزچىللىق يار بولغاي.

جەمشىت 2014-03-18 17:23
مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر شېئىرىڭىزدا جەمئىيىتىمىزدىكى «ئېىشەك»سىمان ئاتىلارنى تازا جايىدا قامچىلاپسىز.

tursun 2014-03-18 17:32
پەرھات جەمشىت،پەرىشتە ۋە مېھرىما سىلەرگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام...!بەرگەن ئىلھام-مەدەتلىرىڭلار،قىلغان تەھلىللىرىڭلاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم...تەشەككۈر...تەشەككۈر...!
يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان «نەۋرۇز بايرىمى»ڭلارغا مۇبارەك بولسۇن...!

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-03-18 18:10
ئوستازنىڭ بۇ لېرىكىسى  جەمىيئەتتىكى تېرىك يىتىم بەختسىزلەرنىڭ نىداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ !ئاپرىن ،ھارمىغايلائوستاز !

ozqan 2014-03-19 16:28
بالىلارنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن  بۇ شېئىر ناھايىتى جانلىق چىقىپتۇ ...

ئەكبەرنىياز 2014-03-20 23:25
ھەقىقەتەن ئېسىل شىئېر بوپتۇ ئۇستاز ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن !!!


查看完整版本: [-- قايتىپ كەل-دادا...!؟...بۇژغۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled