查看完整版本: [-- قۇتتېكىن:  يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ( تەۋسىيە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> قۇتتېكىن:  يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ( تەۋسىيە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قۇتتېكىن 2014-03-17 23:05

قۇتتېكىن:  يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ( تەۋسىيە)

يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ( تەۋسىيە)
بىر مىللەت خەلىنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسى، شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ئەمەس بەلكى، شۇ مىللەت كىشىللىرى ئۇقىغان كىتابلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
TrkoLJmB  
                                                             --- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
N1#*~/sXh  
كۆڭۈل ئېچىش ئۇرۇنلىرىنىڭ رۇناق تېپىپ، كىتابخانىلانى تۇپا بېسىشى -- مىللەتنىڭ خاراپلشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىدۇر.
20%xD e  
                                                         ---- قەلىب خاتىرەمدىن
4^AE;= Q  
گەپنى يەنىلا بالىلىق ۋاقتىمدىن باشلاي. مەن تۇغۇلۇپ مەكتەپكە كىرگەنگە قەدەر، ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش بۇلىشى سەۋەپلىك، يېزىدا چوڭ دادام-چوڭ ئاناملار بىلەن بىللە تۇراتتىم. بۇۋام زامانىسىدىكى پەندە ۋە دىندا تەش يېتىشكەن ئالىم كىشى ئىكەنتۇق. (ئانام شۇنداق دەپ بىرەتتى). شۇنداق بولغاچقا، چوڭ دادامنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقىتىپ، خىزمەتلىك قىلغان ئىكەن. چوڭ داداممۇ پەن پاراسەتلىك بولغاچقا، خىزمەت بىلەن سودىنى تەڭ قىلىپ زامانىسىدىكى ھاللىق سەۋىيەىكى بايلار خىلىدىن ئىكەن. ئەمما چوڭ دادام تاپقىنىدىن زاكات ئايرىپ، يوقسىزلارنى يوقلاپ، خەلىقنىڭ غېمىنى يەيدىغان مېھرىبان كىشى ئىكەنتۇق.
چوڭ دادام تاپقان پۇللىرىغا داۋاملىق كىتاب سېتىۋېلىپ ئەكىلەتتى. ئۇ چاغلاردا دىيارىمىزدا كىتابخانىلار كۆپ بولمىغاچقا، باشقىلار داۋاملىق بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ، كىتاب ئۇقىيتى. ئارىيەت ئالاتتى. كۆپلىرى ساۋاتسىز بولغاچقا، چوڭ دادام سورۇن تۈزۈپ ئۇقۇپ بىرەتتى. ئۆيىمىزدە مەيلى دىنى كىتاب بولسۇن ياكى پەننى كىتاب بولسۇن ھەرقانداق كىتابلار بار ئىدى. بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگە مەندەك بىر سەبىنىڭ قەلبىدە، كىتاب چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
كېيىنچە، مەنمۇ مەكتەپكە كىرىپ ئۇقىيدىغان ياشقا كىردىم. ئاتا-ئانام مېنى شەھەرگە ئەكېلىۋالدى. ئۇ چاغدا ئۆيىمىزدە بىر كىتاب جازىسى بار بۇلۇپ، چوڭ كىچىك ھەر خىل كىتابلار بىلەن تولغان ئىدى. دەرىسلىك كىتاب،ژورنال، رومان، خەنزۇچە دېگەندەك كۆپ كىتابلار بار ئىدى. ( بۇ كىتابلارنى ئانام ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش ۋە خىزمەت قىلىش جەريانىدا يىغقان ئىكەن). مەن گەرچە كىتاب ئۇقىيالمىساممۇ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم رەتلەپ، تىزىپ باقاتتىم.
باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، بىزگە دەرىسلىك كىتابلار تارقىتىلدى. مەن ھەر قېتىم مەكتەپتىن يىڭى كىتاب تارقىتىلغاندا، رەتلىك مۇقاملىتىپ پاكىز، رەتلىك تۇتاتتىم. مەۋسۇم ئاخىرىدا كىتاب ئىشكاۋىغا رەتلىك تىزىپ قۇياتتىم. ( شۇ كىتابلار تا ھازىرمۇ بار). ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەنمۇ بالىلىق مەزگىلىم بىلەن خوشلىشىپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ھاياتىمنى يەنى ياشلىق ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىزگە تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىرىدىغان مۇئەللىم مېنىڭ ھاياتىمدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بىر كىشى. ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بۇلۇپ، دەرىستىن ۋاقىت ئاجرىتىپ بىزگە تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەتتى. ئۇقىغان كىتابلىرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بىزگە دائىم تارىخى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى. دائىم بىزگە بىكار قالساڭلار كىتابخانىغا بىرىپ كىتاب كۈرۈڭلار، كىتاب سېتىۋېلىپ ساقلاڭلار دەپ نەسىھەت قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ئىدى. دەل شۇ ۋاقىىتىن باشلاپ مەن كىتاب سېتۋېلىپ ئۇقۇشقا، كىتاب ساقلاشقا باشلىدىم، ئۇ دەل مېنىڭ تۇلۇقسىز 2-يىللىقتىكى ۋاقتىم ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئىزدىنىپ ئۇيغۇر رۇمانلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ يېزىلغانلىقى توغرىسدا مۇكەممەل بىر ماتېرىيالغا ئىگە بولدۇم. ئۇنىڭدا 1974-يىلدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان بارلىق رۇمانلارنىڭ نەشىر ۋاقتى بار ئىدى. مەن دەرھال كىتابخانىلارغا كىرىپ بۇ  كىتابلارنى يىغىشقا ، ئىزدەشكە باشلىدىم، ئۇيۇم يىڭشەھەر ناھىيە مەركىزىدە، شەھەر مەزكىرىزىگە يېقىن بولغاچقىمىكىن، ناھىيەمىزدە شىنخۇا كىتابخانىسىدىن باشقا بىر كىتابخانا يوق ئىدى. مەن نا ئىلاج ناھىيە بازىرىدىن 12 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر شەھرىدىن كىتاب توپلاشقا باشلىدىم.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەزىزانە قەشقەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى دەپ تەرىپلىنىپ كىلىنمەكتە، بۇ يەردە كىتابخانىلارمۇ بىر قەدەر كۆپ، ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ سانى جىق، ساقلاش قىممىتى يۇقىرى. مەن ئىككى ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن كىتابخانىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىيت نۇرغۇن كىتابلارنى يىغۋالدىم. ئاتا- ئانام بەرگەن پۇللارنى يىغىپ، ئېسىل كىتابلارنى يىغۋالغان ئىدىم. ھەر قېتىم شۇ كىتابلىرىمنى كۆرسەم ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھېس قىلىمەن. چۈنكى مەن غايەت زور بايلىققا، ئالتۇن كۈمۈش خەزىنىسىگە ئىگە بولغان ئىدىم. چۈنكى ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيىتقاندەك، كىتاب - ئىنسانلار ئۆز قۇلى بىلەن بەرپا قىلغان ئەل ئېھرام. قىممەت باھالىق يۈكنى ئەجداتتىن، ئەۋلاتقا يەتكۈزىدىغان خىسلەتلىك كېمە.
  دەل بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، ناھىيىمىزگە كىچىك بىر كىتابخانا ئېچىلدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى خۇشال قىلدىغان ئىش ئىدى. 30 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسى بار بىر ناھىيە ئۈچۈن ئېيتىقاندا، بىر كىتابخانىىنىڭ يوق بۇلىشى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى. مانا ئەمدى ياخشى بولدى ، نېمىلا بولمىسا، ئاددى بولسىمۇ بىر كىتابخانىغا بار بولدى. شۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال كىتابخانىغا قاراپ يول ئالدىم.
##k== 'dR  
كىتابخانا  دېھقانچىلىق ئىدارىسى ئاستىدىكى كىچىك 30 كىۋادىرات مىتىرمۇ كەلمەيدىغان بىر ئۆي بۇلۇپ، ناھىيلىك پاساژىرلار بىكىتىگە يېقىن ئىدى. شۇڭىلاشقا ئادەمنىڭ جىقىيشىدا گەپ يوق ئىدى. مەن كىتابخانا خوجايىنى بىلەن كۈرۈشۈپ پاراڭلاشتىم. كىتابخانا خوجايىنى ئاددى بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ، بۇرۇندىن كىتابخانا ئېچىش ئارزۇسى بارلىقىنى، شۇڭىلاشقا، بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق قىلىپ، دەسلەپكى شەكىلدە بۇ كىتابخانىنى ئاچقانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ راسلا تەسىرلەندىم. خىزمىتى بار بىر كىشى ئۈچۈن كىتابخانا ئېچىش تولىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. كىتابخانا ئىچى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ناھايىتى ئېسىل كىتابلار بار ئىدى. كىتابلارنىڭ تۇرلىرى تۇلۇق ئىدى. مەن دەسلەپ قىلىش يۈزىسىدىن نەچچە يۈز سوملۇق كىتاب سېتىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ ناھايىمىزدە ئاخىرى بىر كىتابخانا بار بولدى.
كىتابخانا خوجايىنى ئۇقۇتقۇچى بولغاچقا، ئادەتتە كىتابخانىغا ئۇنىڭ ياشانغان ئانىسى قارايتى. مەن پات-پات كىرىپ كىتابلارنى كۈرۈپ، يىڭى كىتابلار بولسا ئېلىپ كىتەتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى.  ئەمما، ئىش بىز ئويلىغاندەك بولمىدى. كىتابخانىدا ئادەتتە جىق سودا بولمايىتتى. ھەتتا، كىتاب كۈرىدىغان ئادەملەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. مەنمۇ ئۇقۇش ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن ھەپتىدە بىر قېتىم ئاران كىرەتتىم. كىتابخانا تىجارەت باشلاپ، بىر يېرىم يىل بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالدى، بىر قانچە قېتىم بىرىپ، قۇرۇق يېنىپ كەلدىم.
-ئارىدىن كۈنلەر ئۈتۈپ، مۇشۇ قىشلىق تەتىلدە يەنە بىر قېتىم باردىم. ئەمما بۇ قېتىم مەن كۆرگەن مەنزىرە باشقىچە ئىدى. كىتابخانا ئالدىدا چوڭ بىر ماشىنا بار بۇلۇپ، كىتابخانا خۇجايىنى كىتابلارنى ماشىنغا توشىۋاتتى. مەن تولىمۇ ھەيران بولدۇم ھەمدە، كىتابخانا خوجايىنى قېشىغا بىرىپ، نىمىش بولغانلىقىنى سورىدىم:- " نېمە ئۈچۈن كىتابخانىنى تاقىماقچى بۇلۇپ قادىڭىز؟".
-ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا :" ئەسلى مېنىڭمۇ تاقىغىم يوق ئىدى. ئەپسۇس، بۇ يەردە سودا بەكلا كاسات، كىتاب كۈرىدىغان، ئالىدىغان ئادەم ئاز. مەن ھەتتە كىتابخانا ئىجارە ھەققىنىمۇ تاپالمىدىم، شۇڭىلاشقا نائىلاج كىتابخانىنى تاقاشقا مەجبۇر بولدۇم" دەپ جاۋاب بەردى.
- ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ئۇنىڭ ھېسياتىنى چۈشەنگەچكە، ئارتۇق گەپ  قىلغاي ئۆيگە قايىتىپ كەلدىم.
) I-8 .  
بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، بىر ژورنالدىن مەلۇم بىر ئاپتۇرنىڭ كىتابخانا تاقالغانلىق توغرىسىدىكى ئەسىرىنى ئۇقىغان ئىدىم. ئەمما ئۈزۈمنىڭ ئوخشاش مەسلىگە دۇچ كىلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. كىچە كۈندۈر ئادەم ئۈزۈلمەيدىغان شۇ قاۋاقلار، رىستۇرانلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. شۇ ئىسراپچىلىق ، بۇزۇقچىلىق كەيىپ-ساپا بىزگە شۇنچە مۇھىممۇ؟ كىتابخانا بىزلەر ئۈچۈن شۇنچە ئەرزىمەس ئۇرۇنمۇ؟ كىتاب پەقەت قۇرۇق قەغەزمۇ؟
يەھۇدىيلار توغرىسىكى ھېكايە ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇيەردە ئۇنى يەنە تەكرارلاش ھاجاتسىز. ئەمما بىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بىزنىڭ كىتابقا تۇتقان پوزىتسىيىمىزگە نىسپەتەن قانچە دىسەك ئازلىق قىلىدۇ. رىقابەت كۈچلۈك بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەقىقىي بىلىم ئىگىللىرىلا ھاياتلىق مۇساپىسىنى داۋام ئېتەلەيدۇ. بىلىمىسزلەر رەھىمسىزلەرچە جەمىيەت تەرىپىدىن شاللىۋىتىلىدۇ. ئىسىمىزدە بولسۇنكى، بىلىم كىتابتا. كىتاب يەنىلا شۇ مۇقەددەس كىتابخانىلاردا. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، كىتابخانىلار توپا بېسىپ قالمىسۇن! كىتابخانىلار تاقىلىپ قالمسىۇن! كىتابلار خارلىنىپ قالمىسۇن!!
                                                                                               ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
                                                                                                  2014-2-27
)2bPu[U  
L2Gm0 v  
zpg*hlv   

ozqan 2014-03-19 11:26
ئابدۇخېلىل مۇئەللىم : تەۋپىققا باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ... tgg *6lc  
]YyBA  
تەربىيۋىي ئەھمىيىتى زور  ، ئەمەلىي مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىپسىز ... J,+| Fb  
kCN9`9XI{  
بىزدە كىتابخانا ئاچقانلارنى ھۆكۈمەت ھەم شەخسلەر دېگەندەك قوللىماسلىق ھەممە جايدىكى ئومومىي ئەھۋالمىكىن .... SB eb}LZ  
mQJRq??P  
كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ زىيىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، ئەمما ، كىتابقا بولغان مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەر ئىگىلىۋالدى ...   zy+|)^E  
a7OD%yQ  
سەگىتىپ قويغىنىڭىزغا  رەھمەت ... 9Z rWG  
m./lrz  
ياخىش كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلارسىز  ، ماقالىڭىزنىڭ ھۆرمىتى بىلەن يەنە بىر قىسىمىمىز ، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىمىزنى باشقىدىن كۆتۈرۋالساق ئەجەپ ئەمەس .... 8~rD#8`6j  

ئەكبەرنىياز 2014-03-20 03:34
ئەتراپىمىزدىكى بىزنى ئەپسۇسلاندۇرۇۋاتقان بىر مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىپسىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

koksangun 2014-03-20 10:42
ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى بەك سۇس،نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بىلىمى ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدىكى ھالەتتە توختاپ قالغان،خىزمەتكە چىققاننياقى قولىغا بىرەر پارچە كىتاب ئېلىپ ئوقۇپ باقمىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى نۇرغۇن... 0'z$"(6D  
دەرسلىك كىتاب بىلەنلا ھەپىلىشىپ دەرستىن سىرتقى كىتابلارغا ئايدا يىلدا نەزەر سالماسلىق كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى ئەمەستى... hD # Yz<  
كىتاب ئوقۇماسلىقنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ باقساق بولغۇدەك...

شەرق 2014-03-20 11:39
كىتاب ئوقۇمايدىغان ئەلدە، كىتاب ئوقۇمايىغان مىللەتتە پەقەت نادانلىق ھۆكۈم سۆرىدۇ. ئالدى بىلەن كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ھەمرا قىلدىغىنى ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. ئەپسۇس ئاۋۇ يىلدىن ماۋۇ يىلغا بىر پارچە كىتاب ئوقمايىدىغان مۇئەللىملەر بىزدە كۆپقۇ.

تىلسىم 2014-03-21 20:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەۋپىق مۇنبىرىدىكى ئۇستازلار، مەن كەچۈردىن تەۋپىق مۇنبىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن ئەزا بولۇپ كىرىپ بولالمىغان ئىدىم ، مانا بۈگۈن كىرىپ باقاي دەپ كىرسەم نادىر تىما قاتارىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ئىسىل ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم... شۇنداقلا يازغۇچى ئۇستازلارغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم.. شۇڭا مەنمۇ ئەزا بولۇپ دائىملىق ئەزاسى بولۇشقا تىزىملىتىپ كىرۋالدىم، مۇنۇ ھىكايىمۇ شۇنداق ئىسىل يىزىلىپتۇ ، قەلىمىڭىز چارچىمىسۇن ئۇستاز.

سەئىدىيە 2014-03-21 23:04
كىتاپ بىزنىڭ دوستىمىز ئىدى ، ھازىر قاتارچاي ، قاۋاقخانا ، قەھۋەخانا، ......يەنە قانداقتۇر  ئاتا- بوۋىمىز ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمغان ، بىز ئۆتكۈزۈپ باقمىغان تۈرلۈك - تۈمەن بايراملار كىتاپخانلىرىمىزنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ ، كىتاپ ئوقۇيدىغان ساپ قەلبىمىزنى بۇلغاپ  ، بىزنى روھى گادايلىققا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ . =>4>Z_q  
j}#48{  

سەئىدىيە 2014-03-21 23:07
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت . كىتاپخانىغا بارايمۇ ياكى قاتارچايغا بارايمۇ ،  دەپ گاڭگىراپ u}qfwVX Z  
قالغانلار ئۈچۈن بىر سېگىنال بوپتۇ . ol:,02E&  
~}$:iyJV(>  

گۈلنىھال 2014-03-21 23:12
‏بۇ تىما  ھەقىقەتەن ياخشىكەن . 2fFNJ  
C>:F4"0  
‏«  بىر كىتاب بىر ئالەم »  ئەمەسمۇ ؟؟؟ #f zvK+  
{!o-y=  
‏رەھمەت .


查看完整版本: [-- قۇتتېكىن:  يەنە بىر كىتابخانا تاقالدى ( تەۋسىيە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled