nadiraay |
2014-03-17 16:32 |
8- يىللىق بىيولوگىيە ئايلىق ئىمتىھان سوئالى
بىيولوگىيە ئايلىق ئىمتىھان سۇئالى 1- توغرا جاۋاپنى تاللاڭ؟ 1. تۆۋەندىكى فىزىيولوگىيەلىك ھادسىلەر ئىچىدە كۆپىيىشكە تەۋە بولغىنى:( )ئا.بامبۇك يىلتىزىدىن بامبۇكنىڭ ھادىسىلەر ئىچىدە كۆپىيىشكە تەۋە بولغىنى ب.مايسنىڭ ئۆسۈپ چوڭ دەرەخ بولۇشى س.يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى د.قۇمچاقنىڭ يېتىلىپ پاقىغا ئايلىنىشى 2. ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاشتا چوقۇم دىققەت قىلىدىغان مەسىلە: ( ) ئا.ياغاچلىق قىسمىنى ئۇلاش ب.ھاسىل قىلغۇچى ئۇلاش س.ئەۋرىشىم قىسىمنى ئۇلاش د.دەرەخ پوستىنى ئۇلاش 3.قىزىل ئالمىنىڭ بىخىنى سېرىق ئالمىنىڭ شېخىغا ئۇلىغان،بۇ بىختىن چىققان شاختىكى ئالما بولسا: ( ) ئا.قىزىل ئالما ب.سېرىق ئالما س.قىزىل بىلەن سېرىق ئالمىنىڭ بىرلەشمىسى د.قىزىل ئالما ھەم سېرىق ئالما 4.يېتىلىش جەريانىدا قورچاق دەۋرىگە كىرىدىغان ھايۋان : ( ) ئا.كەسلەنچۈك ب.موزايبېشى س.پاشا د.سۈۋەرەك 5 .قوش ماكانلىق ھايۋانلار قۇرۇقلۇقتا ياشاشىقا تولۇق ماسلىشىپ بولالمايدۇ. بۇنىڭ تۈپ سۋەبى: ( ) ئا.قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز ب.قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ يېتىلىشى سۇدىن ئايرىلالمايدۇ س.قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ يۈرەك قېرىنچىسىدا ئارىلاشما قان مەۋجۇت د.قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ ئۆپكىسى تولۇق يېتىلمىگەن 6. قۇشلارنىڭ تۆۋەندىكى قىلىقلىرى ئىچىدە،جورا ئىزدەش قىلىقىۈا تەۋە بولغىنى ( )ئا.ئۆي قارلىغىچىنىڭ كۈزدەجەنۇبقا كۆچۈشى ب.توزنىڭ قانىتىنى يېيىشى س.ئانا قۇشنىڭ ئوزۇق بېرىشى د.قارلىغاچنىڭ شۆلگىيى ئارقىلىق يۈسۈنلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تاشلار ئۈستىدە ئۇۋا سېلىشى 7.تۆۋەندىكى ھايۋانلار ئىچىدە يېتىلىشى ھالەت ئۆزگەرتىپ يېتىلىشكە تەۋە بولمىغىنى:( ) ئا.ھەسەل ھەرىسى ب.چار پاقا س.تومۇزغا د.سازاڭ 8.توخۇ تۇخۇمىدىكى ھۈجرە يادروسىنىڭ تۈزۈلۈشى ( ) ئا.تۇخۇم ئېقى ب.تۆرەلمە تەخسىسى س.يىپچىسى د.ھاۋاخانىسى 9.‹‹توزنىڭ قانىتىنى يېيىشى ››ۋە ‹‹يىڭناغۇچنىڭ سۇنى چېكىشى››ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھايۋانلارنىڭ قايسى قىلىقىغاا تەۋە؟ ( ) ئا.ھۇجۇم قىلىش قىلىقى،مۇداپىئەلىنىش قىلىقى ب.كۆپىيىش قىلىقى،كۆپىيىش قىلىقى س.مۇداپىئەلىنىش قىلىقى،كۆپىيىش قىلىقى د.مۇداپىئەلىنىش قىلىقى،مۇداپىئەلىنىش قىلىقى .10قارا چېكەتكىنىڭ يېتىلىشى تۇخۇم،يېتىلگەن لىچىنكا،يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ.بۇخىل يېتىلىش جەريانى:( )ئا.تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىش ب.چالا ھالەت ئۆزگەرتىپ يېىلىش س.جىنسىسىز كۆپىيىش د.ھالەت ئۆزگەرتمەي يېتلگەي يېتىلىش 2-بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ: 1.ھاياتلىق ھامان ئۈزۈكسىز داۋاملىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ،ئاساسلىق ھالقىسى جانلىقلار ( )ۋە( ) ئارقىلىق ئۈزۈلمەس ۋەجاراڭىلىق ھاياتلىق سىمغونىيەسىنى ياڭرىتىپ تۇرىدۇ. 2.ئۇلاش بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ( )نى يەنە بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تېنىگەئۇلىغاندا،ئۇلانغان ئىككى قىسىم بىرىكىپ بىر مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تېنگە ئايلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. 3.قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ ( )سۇدا ياشاشتىن ئايرىلالمايدۇ،شۇنداقلا تېرە ( )،تەن ئىچىدىكى ( )نى توسۇپ قالالمايدۇ.پەقەت نەم كۆلچەك ۋە سۇ مۇھىتىدا ياشايدۇ. 4 ) قۇشلارنىڭ كۆپىيىشى ۋەيېتىلىش جەريانى ئومۇمەن ( ) ،( )،( )،( )،( )ۋە ( )تىن ئىبارەت بىر نەچچە باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ھەر بىر باسقۇچ مۇرەككەپ ( )بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلدۇ. 3تۇتاشتۇروڭ: تۇخۇم شاكىلى قوغداش رولى ھاۋاخانا تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىگە ئوزۇقلۇق تىمىنلەيدۇ تۇخۇم ئېقى تۆرەلمىنىڭ يېتىلشىگە ئوكسىگېن تەمىنلەيدۇ تۆرەلمە تەخسىسى تۇخۇم سېرىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى تۇخۇم سېرىقى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇن يىپچىسى 4.تۇخۇمنىڭ تۈزۈلۈش رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بىرىڭ:
لايىھەلىگۈچى: خالىدەم ياسىن |
|