查看完整版本: [-- مىېھرىما: كالا ئەخمەقمۇ،دېھقانمۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> مىېھرىما: كالا ئەخمەقمۇ،دېھقانمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-03-16 23:12

مىېھرىما: كالا ئەخمەقمۇ،دېھقانمۇ؟

كالا ئەخمەقمۇ،دېھقانمۇ؟ 9oD#t~+F4  
[attachment=748] m-#d8sD2C  
pb= HVjW<  
/^WE@r[:  
1r&AB!Z #  
بۇرۇنقى زاماندا بىر دېھقاننىڭ بىر ئىشەك بىر كالىسى بار ئىكەن.كالا كىچە –كۈندۈز بېشىنى چۈكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدىكەن،دېھقان نىمە بەرسە شۇنى يەيدىكەن،پايدا-زىياننى سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيدىكەن.خوجايىنغا كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرەلىگىنىدىن سۆيۈنۈپ ياشايدىكەن. s={X-H< 2  
ئىشەك قۇۋ،ھىلگەر ،جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرۋالغان بولغاچقا،ئازىراق ئىش قىلىپ قويۇپلا ھاڭراپ،جاھاننى بىشىغا كىيدىكەن.دېھقانمۇ ئىشەكنىڭ قانچىلىك ئىش قىلىپ بېرۋاتقانلىقىنى خيالىغىمۇ كەلتۈرمەي،ئۇنىڭ r6/<&1[  
داۋرىڭىغا قاراپ،ئولتۇرسا،قوپسا ئىشىكىنى ماختاپ يۇرۇيدىكەن. uFa-QG^Y{  
كالا قۇۋلۇق شۇملۇقنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي،جىم  يۈرگەچكە،دېھقان ئۇنىڭغا ئانچە ئېتبار بېرىپمۇ كەتمەيدىكەن .شۇنداق قىلىپ ئىشەك پايدا ئېلىۋېرىپتۇ،كالا زىيان تارتىۋېرىپتۇ.بىر كۈنى كالا ئىشەككە دەرت تۆكۈپتۇ.ئېشەك كالىغا: ! vi4* @:  
-سەن تولىمۇ ساددا، نادانكەنسەن بېشىڭنى چۈكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىپ،داۋراڭ سېلىشنى بىلمىسەڭ بىكار.كىشلەرنىڭ «قاپاق پۇل ئەمەس،باراڭ پۇل» دەيدىغىنىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟-دەپتۇ. j= p|'`  
ئىشەكنىڭ شۇ گېپىدىن كېيىن كالا دېھقاننى كۆرگەندە پات-پات مۆرەپ قويىدىغان،تۇرۇپ-تۇرۇپ ھۆكۈرەپ،چاپچىپ خىرىس قىلىپ قويىدىغان بولۇپ قاپتۇ.دېھقان كالىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ«كالامغا كىسەل تەگكەن بولسا كېرەك »دەپ ئويلاپ كالىنى سويۋېتىپتۇ. aj+zmk~-  
P[r}(@0rJ  
مەنبە: جېلىل مۇھەممەتنىڭ «قوڭغۇراقلىق ئىشەك» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. }qTv&Z3$  

ئەكبەرنىياز 2014-03-17 01:24
نېمىدىگەن ئەھمىيەتلىك تېما بۇ ، مېھرىما !!! ئۆتكۈر كۆزلىرىڭىزگە ئاپىرىن !!!

nadiraay 2014-03-17 02:38
ھەي، بۇ  جاھان ئاشۇنداق  ئېشەكلەرگە كەڭرى  ئەمەسمۇ؟  بىچارە  كالا  ئېشەكتەك بولالمايدىغانلىقىنى  ئويلاپ  يېتەلمىگەندە.

nadiraay 2014-03-17 02:39
بۇ  مەسەلنىڭ  ئاخىرىنى  داۋاملاشتۇرۇپ كالىنىڭ  قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ  ھەممىسىنى  ئېشەك  قىلىدىغان قىلىۋەتكەن  بولسا  ئېشەكلەرگە ئىبرەت بولاركەندۇق.

گۈلنىھال 2014-03-17 07:26
زامان زورنىڭ ، تاماشاكورنىڭ .... دىگەن شۇ -  دە ؟ "oKj~:$  
MC[ ` 
ياخشى تىمىكەن 。

ozqan 2014-03-17 12:10
دەرس بايلىقى قىلىشقا بولغۇدەك ، رەھمەت ...

مىېھرىما 2014-03-17 15:51
سىزگىمۇ رەھمەت.

مىېھرىما 2014-03-17 19:09
ئەكبەر نىياز مۇنبەرگە قايتىپلا تىمىللىرىمنىڭ مۇنبەداشلار بىلىەن  يۈز كۆرۈشەلىگىنىدىن خۇشالمەن.

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-03-17 22:23
ھەقىقەتەن ياخشى مەسەلكەن ،نۇرغۇنلغان ھەقىقەتنى كۆرگەندەك بولدۇم !

مىېھرىما 2014-03-17 23:42
سىزگە رەھمەت ئوتقاشئەرقۇتى.

بابۇر0725 2014-03-18 00:23
رېئال تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلىساق بولغۇدەك

مىېھرىما 2014-03-18 12:14
ھەئە توغرا دەيسىز.

مەرىپەت0999 2014-03-24 16:52
نادىرەئاينىڭ ئىنكاسى ماڭا بەك تەسىر قىلدى،ئۆتكۈر پىكرىڭىزگە ئاپىرىن!!!!


查看完整版本: [-- مىېھرىما: كالا ئەخمەقمۇ،دېھقانمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled