شەبنەم |
2014-03-16 15:54 |
توختىما تارىم
توختىما تارىم !pHI`FeAV }}bMq.Q' ‹‹ ت›› ھەرىپى بىلەن باشلانغان \GKR(~f (Ffa{Tt! b|iIdDK
4UK>Vzn تەبىئەتنىڭ تالاي-تالاي توپا -تاشلىرى تىندۇرالمىغان تەنھا تارىم ! تېنىمسىز تەۋرەپ ، تولغىنىۋاتقان تۆھپىكار تارىم ! تەڭرىقۇتتەك ،تۇنيۇقۇقتەك ،تەۋپىقتەك تۇلپارلارغا تىل-تۇمار تارىم ! تارىخنىڭ تاسقاشلىرىدا توختىمىغان تىلسىم تارىم ! تەڭرى تەكلىماكانغا تاشلىغان تەۋەرۈكسەن ، تۇرقى تىك تەڭرى تېغىدىن تارقىلىپ ،تەكلىماكاننىڭ تومۇر-تومۇرلىرىغا تاشلىندىغان تۇتىياسەن ، تاشلىغانغا، تاتلىغانغا تىزلانمايدىغان توغراقلارنىڭ تەختىسەن . t_Rj1U تىلىم تەسۋىرگە تىلەمچىدۇر، تايىنى تىللاغا توختىمايدىغان ،تەمسىز تىلىمدا تەرىپىڭنى تۆكۈۋاتىمەن .تۇيغۇمدا تاراملىرىڭغا تاشلاندىم ،تامچىلىرىڭنى تامشىپ -تامشىپ تېتىدىم . تاتلىق ، تاتلىق تونۇش تەم ! تىتىردىم ، تولغاندىم ، تۆت تەرىپىڭگە تەلمۈرۈپ توۋلىۋەتتىم ! `b%^_@Fb تارىم ، تارىم !!! 8VuLL<\| تۈنۈگۈنلا توغراقلار تۆت تەرىپىڭنى توپ-توپ توراپ تۇرغان ، تالماس تۆگىلەر تۇمشۇقىنى تامچىلىرىڭغا تېنىمسىز تىقىپ تۇرىدىغان ، تومۇچۇق ، تۆمۈرتۇمشۇق ، تورغايلار توختىماي توۋلايدىغان ،تىلسىماتلار تېگىڭدە تېنىپ تۇرغان ،تاراملىرىڭ ،تامچىلىرىڭ توسۇن تايدەك ،تۇلپاردەك تاقلاپ تۇرغان تەبئەتتىكى تەنھا تارىمتىڭ . ?.n1t@sG& توۋا ، توۋا ! تىلىم توختىدى ،تولغانماقتىمەن ، تېرىكىمەن ، تىللاۋاتىمەن ! N vTp1kI] تاراملىرىڭ تارىيىپ ،توغراقلار تۈگەشكە تايىن تېپىپتۇ ، تورغايلار تەمتىرەپتۇ ، تۈركۈم -تۈركۈم توسمىلار تىنىقىڭنى توسۇپتۇ . ooP{Q r تىللا- تەڭگىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان تەخسىكەش ،تويمىغۇر، تاماخۇر ، تەييارتاپ ،تادان تۈلكىلەر تۇمشۇقىڭدىن تارتىپتۇ . تەھلىلى تار، تەپەككۈرى تار ، تەدبىرى تالاي تىجىمەللەر تەستىقسىز تاغارلىرىنى تۇلۇمدەك توشقۇزغاندا توختاپتۇ ، تەقدىرىڭنى تاۋۇتقا تىققىلى تەييارلىنىپتۇ ... 8 qZbsZi4 تۈگىمەس تىڭىرقاش ، تەمتىرەشكە تولۇپسەن .
-Owb@Nw
تەڭتۇشلىرىمغا تەشەببۇسۇم ؛ تارىم تاقىرلاشمىسۇن ، تارىم توغۇرسىدا تور، تېلفۇن ، تېلۋۇزۇر تەشۋىقاتقا تولسۇن ،تارىم توغۇرسىدىكى تەتقىقاتىمىز توختىمىسۇن ، تاكامۇللاشسۇن ،تارىمغا تەماسىز تەر تۆكەيلى ! تال -تال توغراقلارنى تىكەيلى ! تارىم توختىمىسۇن ، تارىمنىڭ تىۋىشى تەكلىماكانغا تارقالسۇن ! fI'+4
)@x d/awQXKe7 ]24]id XQmg^x[,A مەنبە ---- ئۆز قەلەم ( ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم ) |
|