查看完整版本: [-- قاراخان:تىياتىر سەنئىتى ۋە ئېتوتچىلىرىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> قاراخان:تىياتىر سەنئىتى ۋە ئېتوتچىلىرىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-03-16 11:28

قاراخان:تىياتىر سەنئىتى ۋە ئېتوتچىلىرىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكى

تىياتىر سەنئىتى ۋە ئېتوتچىلىرىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكى ھەققىدە ya#RII']  
ebz zzmwo  
g#w`J \iz  
ئابدۇكېرەم ئابلىز nMkOUW:T!  
3+ e4e  
7"#f!.E  
     تىياتىر سەنئەت كاتىگورىيىسى ئىچىدىكى بىر كۈچلۈك ئۇنىۋېرساللىققا، بىۋاسىتە كۆزىتىشچانلىققا ۋە ئىستېتىك ئوبيېكتىپلاردىكى ئالاھىدە توقۇنۇشچانلىققا ئىگە جەلىپىكار ژانىر، شۇنداقلا ئۇ شەكىل يارىتىش ۋە غەيرى شەكىل يارىتىش ئۇنىۋېرسال سەنئىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ;ed#+$Na  
ئۇنداقتا تىياتىر دېگىنىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ )Z("O[  
     تىياتىر دېگىنىمىز - ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رېئال زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى سەھنىدە تىرىك پىرسۇناژ ( ئاكتىيور) لارنىڭ كونكرىت ھەرىكەتلىرى، دىئالوگىلىرى ۋە مونۇلۇگلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە ۋە جانلىق گەۋدۈلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئەدەبىيات، گۈزەل-سەنئەت، ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللارنى مۇناسىپ ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن سەھنە ئەسىرىدۇر. 76_ 
بىزنىڭ تىياتىر سەنئىتى بىلەن مەشغۇل بولغىنىمىزغا ئۇزاق ئەسىلەردىن بولدى، مىلادى 7- ئەسىرگە كەلگەندە يۇرتىمىزدا تىياتىر ئويناش تازا ئەۋىجگە چىققان، گىرمانىيىلىك مەشھۇر تۇركلوگ، ئاتاقلىق ئـۇيـغـۇرشۇناس ئالىم ئا. فون گابائىن خانىم قوچۇ ئـۇيـغـۇر خانلىقى دەۋرىدىكى دىرامىچىلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇندا دەيدۇ....« شۇ دەۋرىدىكى ( ئىچكى ئۆلكىلەردىكى) خەنزۇلارغا نىسبتەن ئېيتقانداندا، قەدىمىي شىنجاڭنىڭ بەدىئىي سەنئىتى، ئاۋازسىز تىياتىر، ئۇسسۇلۇق تىياتىر، ناخشا ئارىتىسلىرى ۋە ئىپتىدائىي تىياتىرلار زور جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. ھازىر ساقلانغان قول يازمىلاردىن قارىغاندا، تـۈرك ئـۇيـغـۇر يېزىقىدا يېزىلغان سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ۋەقەلىكى خەنزۇچە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.» =PZWS& (L  
     ئاتاقلىق ئالىم گىڭ شىمىن ئەپەندى ئەجدادلىرىمىز ياراتقان بىباھا تىياتىر ئەسىرى بولمىش« مايتىرى سىمىت دىراممىسى ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق ماقالىسىدە :« شىنجاڭ ئـۇيـغـۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تارىم ئويمانلىقى قەدىمدىن تارتىپ يالغۇز ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى دېگەن نام بىلەنلا داڭلىق بولۇپ، يەنە ھەممىدىن بۇرۇن ئوينالغان تىياتىرلىرى بىلەنمۇ داڭلىقتۇر، تارىختا ئـۇيـغـۇر تىياتىرچىلىقى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ تىياتىرچىلىقىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە راۋاجلىنىشىغا نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ توغرىلىق قەدىمكى ھۆججەتلەردىن ‹ خەننامە: جاڭ چيەن تەزكىرىسى› ۋە ‹ جىننامە: «لۈيگاڭ تەزكىرىسى› دە ئـۇيـغـۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تىياتىرچىلىق سەنئىتىنىڭ بەرق ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ سۆزلىنىدۇ» دېگەن. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن تېپىلغان ئارخىلوگىيەلىك مەلۇماتلار نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىياتىر سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغلانلىقىنى بىۋاسىتە ئىسپاتلايدىغان ماددىي ئىسپاتلار ناھايىتى كۆپ. 07FT)QTE  
     ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تىياتىر سەنئىتى ئۇنىۋېرسال سەنئەت بولۇپ، ھەرىكەت- تىياتىرنىڭ جېنى، سۆز( دىيالوگ ۋە مونولۇگ) تىياتىرنىڭ قېنى، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل-سەنئەت ... قاتارلىقلار تىياتىرنىڭ پۇت-قول ۋە قاناتلىرىدۇر. $T?]+2,6;  
     ئۇنداقتا تىياتىر قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ، تىياتىر ئادەتتە ئىپادىلەش ۋاسىتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، دراما، ئوپېرا، ئەلنەغمە دەپ ئايرىلىدۇ؛ تېما پەرقىگە قاراپ ھازىرقى زامان تىياتىر، تارىخى تىياتىر، ئىلمىي فانتازىيىلىك تىياتىر، ئەپسانە تىياتىر، بالىلار تىياتىر قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ؛ ئورۇنلىنىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كوچا تىياتىرى، كوچا ئويۇنى، رادىيو دىراممىسى دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ زامان، ماكان قۇرۇلمىسىكى پەرقىگە قاراپ كۆپ پەردىلىك تىياتىر، بىر پەردىلىك تىياتىر دەپ ئايرىلىدۇ. زىددىيەت توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرى ۋە تاماشىبىنلارنى جەلىپ قىلىش رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يەنە تىراگىدىيە، كومىدىيە، دراما دېگەنلەرگە ئايرىلىدۇ. "H$@b`)  
      تۆۋەندە توخىتلىپ ئۆتىدىغان ئېتوت ژانىرىمۇ ئەلۋەتتە تىياتىرنىڭ قىسقا، ئەمما يورۇق بىر تۈرى، گەرچە ئېتوت ژانىرى ھەجىم جەھەتتىن تىياتىرنىڭ ھەرقانداق بىر تۈرىدىن قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئوي-پىكىر، ھەل قىلغان مەسىلە، ئاكتىيورلارنىڭ ئوبراز يارىتىش ماھارىتى ھەم سەھنە تىلى نۇقتىسىدىن ئالغاندا،  ھەرقانداق دىراممىنى بىر داس قېتىق دېسەك، ئىتۇت شۇ بىرداس قېتىقنىڭ قايمىقى ھېسابلىنىدۇ. _$5@uL{n"^  
ھازىرقى تىياتىر نەزىرىيەشۇناسلىقىدا ئېتۇتقا تۇرمۇشتىكى مەلۇم زىددىيەت تۇقۇنۇشنى ھەم ئۇنىڭ يېشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا سەھنە ئەسىرى دەپ تەبىر بېرىلىۋاتىدۇ. ئەنئەنىۋىي ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا، ئىتوتنىڭ ئومۇمىي ھەجىمى ئادەتتە بەش-يەتتە مىنۇت ئارىلىقىدا ياكى 8- -12 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا بولىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ، ئەمما دۆلىتىمىز سەھنىلىرىگە نىسبەتەن بۇ ئۆلچەم ئاللىبۇرۇن بۇزۇپ تاشلاندى. JCD?qeTg  
مەسىلەن: ئىلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئىتوت، كۈلدۈرگى چولپانلىرىدىن جاۋ بىنشەن، سۇن دەندەن، چىن پېيسى، فېڭ گۇڭ، خۇاڭگاڭ، فەن چاڭجاڭ قاتارلىقلار ئورۇنلىغان خېلى كۆپ قسىم ئىتۇتلارنىڭ ۋاقتى ھەتتا يېرىم سائەتكىمۇ يېقىنلىشىپ قالىدۇ. !VRo*[yD@  
     بۈگۈنكى سەھنە رىئاللىقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى ئېلىمىز سەھسنىلىرىدە بولسۇن، مەيلى ئاپتونوم رايونىمىز سەھنىلىرىدە بولسۇن، ئىتۇت، كۈلدۈرگە ژانىرىغا نىسبەتەن خەلقىمىزنىڭ ھەۋەس-ئىشتىياقى يەنىلا كۈچلۈك، بىر سەنئەت كېچىلىكىدە ھەرقانچە ھەيۋەتلىك خور، مارشىلار، نەچچە 100 كىشىلىك كوللېكتىپ ئۇسۇللار ھەم جاھاننى لەرزىگە سالغۇدەك مۇزىكا، كاناي-گۈزەكلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرەر ئىتوت بولمىسا، كۆرۈرمەنلەر بىردەك ھالدا « تۇزى كەم ئاش يېگەندەك بولدۇق» دەيدىغان كەيپىيات ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ نورمال ئەھۋال. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوبيېكتىپ ئەھۋالىغا نىسبەتەن 90- يىللاردىكى كىنو قىزغىنلىقى تۇرغۇنلۇققا يۈزلەنگەن، ئوپىرا-تىياتىرلىرىمىز تېخىچە بىرخىل پاسسىپ تۇرغۇنلۇقتا تۇرىۋاتقان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا ئېتۇت ژانىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ خەلقىمىز تەرىپىدىن كەڭ قوللاشقا ئېرشىشى ھەقىقەتەنمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېتىك تەلپۈنىشىگە ۋە سەنئەتنىڭ دەۋرىيلىكىگە مۇناسىپ يۈزلىنىش. Im+ 7<3Z  
     ئەلۋەتتە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان، ئارزۇغا مۇناسىپ قانائەت بولمىسا بولمايدۇ، خەلقىمىزنىڭ ئېتۇت، كۈلدۈرگە ژانىرىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى داۋاملىق ئىللىق ئېقىم پەيدا قىلىۋاتقان شارائىتتا بىز ئېتۇت، كۈلدۈرگە سەنئەتكارلىرى، بولۇپمۇ، بۇ ساھەدىكى ئىجاىديەتچىلەر ئۇلارغا سەرخۇشلۇق ۋە سەگىتىش ھېسلىرىنى ئاتا قىلالىدۇقمۇ؟ بۇ يەردىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەسىلە شۇكى، ئېتۇت ئىجادىيەتچىلىكنىڭ ئاز بولۇشى، بولغاندىمۇ ئىجادىيلىق ۋە يېڭىلىق تۇيغۇسى بەخىش ئىتەلەيدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاز بولۇشى... مانا بۇ مەسىلىنىڭ ئىچىدىكى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئىخىتىساس ئىگىسى بولغان ئارتىس، ئاكتيورلار ھەقىقەتەن يۈزلەپ تۇرۇپتۇ، ئەپسۇس ئۇلار ئورۇنلايدىغان ئەسەر قېنى، ياخشى ئەسەر قېنى؟ A? r^V2+j  
      ئېنىق بولمىغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ۋىلايەتلىك، ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تىزىملىكىدە ئىسىم-شەرىپى يازغۇچى-شائىرلار 10 مىڭغا يېقىنلىشىدىكەن، ئەمما شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىتۇت، كۈلدۈرگە يازالايدىغان ئەدىب قەلەمكەشتىن تايىنلىق ئونى چىقمايدىكەن ياكى سانىسا بارماقمۇ توشىمايدۇ، بۇ ھەقىقەتەن بىنورمال ئەھۋال. يەنە كىلىپ پاسسىپ ئەھۋال. 5z Kqb  
     بۇ ھەرگىزمۇ ئەدىب- قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ياكى ئۇلارنىڭ سەھنە - تىياتىر ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن گۇمانسىراش ۋە بىپەرۋالىق مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئەدەبىيات-سەنئەت تەشىلاتچىلىقىدىكى، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ فونكىسىيىلىك يېتەكلىشىدىكى ماسلاشتۇرۇش سەۋەنلىكى مەسلىسى. سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئۇچرىشىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلىكتە تەربىيىلىنىپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشىنىڭ كەملىك مەسىلىسى. u{Ak:0G7  
     ئاخىرىدا مەن بۇ ئاددى يازمامدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدىب- قەلەمكەش دوستلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ ئىتۇت، كۈلدۈرگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تىياتىر ژانىرلىرى ھەققىدە ئەستايىدىل قەلەم تەۋرىتىپ بېرىشىنى ۋە ئىزدىنىشىنى، بۇ ساھەدىكى ھەرقايسى فونكىسىيىلىك تارماقلارنىڭمۇ ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. {m[Wyb(  
$@.jZ_G  
مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلىدىن

ياسىنجان510 2014-03-16 15:05
زۆرۈر تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

ozqan 2014-03-17 12:20
ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ... !y[3]8Xxv  
دېمىسىمۇ ئىتوت يازىدىغان ئادەملەر ساناقلىقلىكەن بىزدە ، بۇ ساھە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس ساھەكەن ...

مىېھرىما 2014-03-17 18:51
پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان ياخشى تېما بىلەن ئۇچراشتۇرغا لىقىڭىزغا تەشەككۈر.

بابۇر0725 2014-03-18 00:42
بىز مائارىپچىلارمۇ بىلىۋالساق بولغۇدەك مۇھىم تەرەپلەرمۇ باكەن

تارىم 2014-03-18 13:58
ياخشى تېمىكەن،مەنمۇ بىر چاغلاردا ئېتوت يېزىپ باققان

ئەكبەرنىياز 2014-03-19 20:07
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ ، كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- قاراخان:تىياتىر سەنئىتى ۋە ئېتوتچىلىرىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled