قاراخان |
2014-03-16 11:20 |
قاراخان:ياۋروپا تۈركلىرىنىڭ بۈيۈكى - غابدۇللا توقاي
ياۋروپا تۈركلىرىنىڭ بۈيۈكى - غابدۇللا توقاي o@9+mM"B)
aG(hs J) غابدۇللا توقاي 1886-يىلى 14-ئاپرېل ھازىرقى تاتارىستاننىڭ ئەتنە رايۇنىدىكى قۇشلاۋېچ ئاۋۇلىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئورالسىكى شەھرىدە نەشىر قىلىنغان "پىكىر گېزىتى"نىڭ باسماخانىسىدا ھەرپ تىزغۇچى،كوررېكتور،ئەدەبىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. 1905-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويۇپ،ئۆز زامانىسىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى تاتار ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھەقىقەتەنمۇ خەلقپەرۋەرلىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئالىي سۈپەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. llq*T"7 غابدۇللا توقاي ئۆزىنىڭ پوبلىستىك ماقالىلىرىدا ئەمگەكچى خەلقنى ئاقارتىش،تاتار ئەدەبىياتى،تىلى قاتارلىقلار ھەققىدە يازغان بولسا،ساتىرا ژانىرىدا ئادالەتسىزلىك،بۇزۇقچىلىق،چېرىكلىك ھادىسىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن پاش قىلغان.ئۇنىڭ شېئىر-داستانلىرى يەنە تاتار ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقسىزلىقى،ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش،بالىلارغا كۆيۈنىش،مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىرلىك ئىدىيىلەر بىلەن يوغۇرۇلغان.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ مەشھۇر رۇس كلاسسىكلىرىدىن پوشكىن،لېرمونتوف،نىكراسوفلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قالدۇرغان. T~Ly^|Ihz غابدۇللا توقاي 1913-يىلى 2-ئاپرېل 27 يېشىدا ئۆپكە كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. i@5)` XE1$K_m ئىگىلىنىشىچە،غابدۇللا توقاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەنگە ئالغان شائىر بولۇپ،قازان شەھرىدە ئۇنىڭغا ئىككى ئورۇندا مۇزېي تەسىس قىلىنغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 توملۇق ۋە 5 توملۇق قىلىپ نەشىر قىلىنغان. ZIpD{ >/ مەنبە: بۇلاق" ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2-سانى. IkDiT63]I |
|