查看完整版本: [-- دائىم تاياق يەپ تىل ئىشتىپ تۇرىدىغان بالىلاربڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> دائىم تاياق يەپ تىل ئىشتىپ تۇرىدىغان بالىلاربڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-03-15 22:18

دائىم تاياق يەپ تىل ئىشتىپ تۇرىدىغان بالىلاربڭ

    دائىم تاياق يەپ تىل ئىشتىپ تۇرىدىغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قۇۋىتى تۆۋەن بولىدىكەن ?sO_c3^7z  
      ئاتا-ئانا بوغۇچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىككى،دائىمتىل-ھاقارەت ئىشتىپ ،تاياق يەيدىغان بالىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچۇراپلا قالماي،ئۇلارنىڭ ئەقلىي قۇۋىتىمۇ بەختلىك بالىلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن. ql#K72s  
  شىنفامبوشىل ئونىۋېسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ستېروۋشىنىڭ ئېيتىشىچە ،دائىم تاياق يەيدىغان ،ئەپسانە تىل ئاڭلايدىغان بالىلارنىڭ تونۇشى،بىلىش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاجىزلاپ كېتىدىكەن. >eC^]#c  
   مۇشۇ ئونىۋېرسىتېت ئائىلە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ستېروۋش بىلەن پاسچار بىرلىكتە يېزىپ چىققان دوكلاتتا،مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:كىچىكىدە دائىم تاياق يەيدىغان ۋە تىل-ھاقارەت ئىشتىدىغان بالىلار ئەقىل سىناش داۋامىدا ئوتتۇرچە 98نومۇرغا ئىرىشكەن.تاياق ياكى تىل-ھاقارەتكە دائىم ئۇچۇرىمىغان ۋە ياكى ئەسلا بۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇپ باقمىغان بالىلار ئوتتۇرچە 102 نومۇرغا ئېرىشكەن.بۇ يەردە تۆت نومۇر پەرق بار بۇ تۆت نومۇر بەلكىم بالىلىرىنى ئۇرۇپ،تىللىمايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ مەنتىقە سۆزلەش ۋە نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە بىر قەدەر كۆپرەك ۋاقىت ئاجىراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. dw&Xg_$  
دوكتۇر سېتروۋشمۇنداق دەيدۇ:‹‹بەزى ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتنى بىكار ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ دەپ قارايدۇ.ئەمما تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،تىل جەھەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئارا پىكىرلىشىشىنىڭ بالىلارنىڭ تونۇش ۋە يېتىلىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى زور بولىدۇ.›› MwuH.# Ez  
كانادا بالىلار ساغلاملىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجىرائىيە مۇدۇرى ۋوك مۇنداق دېگەنىدى:دائىم زوراۋانلىق ،تچرورلۇق تەھدىتى ئاستىدا چوڭ بولغان بالىلاردا بىر خىل ‹‹ جاننى تىكىش ياكى ئېلىپ قېچىش ›› تەك روھىي ئىنكاس قۇرۇلمىسى يېتىلىپ چىقىدۇ.بۇ خىل زوراۋانلىق قىلىش ياكى جاننى ئېلىپ قېچىش پىسخىكىسى بالىلارنىڭ ئىجاتچانلىقى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىەە چوقۇم زەربە بېرىدۇ.بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىجاتچانلىق ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ھەرقانداق بىر ئادەمىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. (~P&$$qfD  
مەنبە:  1990-يىل مائارىپ گېزىتىدىن y>G{GQ  

تۆتتاش 2014-03-15 22:24
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن. ^lQej%  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2014-03-15 22:34
ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىكەن ، ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

لاچىن 2014-03-16 00:05
    ھەەەە، ئەمما مېنىڭكىلەر پات- پات دەككىسنى يېمىسە خىتماللىشىپ قالىدۇۇۇ.

گۈلنىھال 2014-03-16 00:37
بىز چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تىما يوللاپسىز , رەھمەت !

ئاچچىقگۈل 2014-03-16 18:48
دائىم  ئاتا-ئانىسىدىن دەككىسىنى يەيدىغان،  بىر قەدەم خاتا بېسپ قالسا‹‹يامان بولىدۇ››نىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان،‹‹چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك›› ئۈچۈن،چاچ- ساقىلىغا ئاق كىرگەنلا  بولسا،ئۆمرىدە بىر ياخشى ئىش قىلماي،مۇناپىقلارچە ياشىغان قېرىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشقا كۆندۈرۈلگەن بالىلاردىن شۇبھېسىزكى،قۇل مىجەز ‹‹ماقۇلخان›› چىقىدۇ.

مىېھرىما 2014-03-17 19:01
ياسىنجانىڭ بۇ تىمىسى تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور تېما ئىكەن.سىزگە رەھمەت.

بابۇر0725 2014-03-18 00:33
مۇھىم بىر ئىشكەن بۇ باللىرىمىزنى تىللاشتىن ساقلانساق بولغۇدەك

ئاچچىقگۈل 2014-03-18 07:27
ئەمدىكى بالىلار قەدىمكىي  بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا چۈشمەيدۇ.تەكلىماكاننىڭ سىرلىق قۇملۇقلىرى، ئالتاينىڭ ئالتۇن  كۆمۈلگەن تاغلىرى،تارىمنىڭ نېفىتلىكلىرى ،ئىلىنىڭ ئوران كانلىرى- مۇنبەت ئېتىزلىرى  --بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىمۇ زامانىۋىي رىقابەتكە چاقىرماقتا. بىزگە روھىي زەخمىلەنمىگەن،ئۆزىگە ئىشەنچى كۈچلۈك، مۇستەقىل پىكىر قىلىپ،مۇستەقىل قارار ئالالايدىغان  قىز-يىگىتلەر كېرەك.


查看完整版本: [-- دائىم تاياق يەپ تىل ئىشتىپ تۇرىدىغان بالىلاربڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled