لاچىن |
2014-03-15 00:36 |
ئانا تىل يولىدا (باتۇرقاراخانلې)
ئىسكەرتىش: مەن بۇ تېمىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ يوللىيالمىدىم... . &
NQR*Tn "6.p=te ئانا تىل يولىدا P0(~~z&%[ باتۇرقاراخانلې &FVlTo1 CEq]B:[IC تېمايوللىغۇچىدىن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ ماقالە بىر ئىلمى ئەسەردۇر. 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيېسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا باتۇر قاراخانلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ھەۋەسكارى ياش تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىلمىي ماقالە بولۇپ، مەن ۋىدىئوسۇنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق تەسىرلەندىم. شۇنىڭ بىلەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا 10 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت چىقىرىپ، تېخى ۋىدىئونى كۆرمىگەن ۋە ئوقۇمىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ۋىدىئودىن بىرمۇ بىر يېزىپ، رەتلەپ چىقتىم. بۇ بىر ئىلمى ماقالە بولغاچقا،توغرا چۈشۈنۈپ، تولۇق ئوقۇپ چىقايلىى، قىممىتىنى بىلەيلى. تولۇق ئوقۇماي تۇرۇپ قالايمىقان ئىنكاس يېزىشتىن ساقلىنايلى. -b}S3<15@ _6UAeZ*M تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىمىز 16- ئەسىردە يەنى ئەلىشىر ناۋايى زامانىدا باشلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. )|x%o(n ئەلىشىر ناۋايى زامانىدا زىيالىيلار ئارىسىدا ھەرقايسى مەدىرىسلەردە ئەرەپچە ۋە پارىسچە دەرس ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش مودا بولغان بىردەۋىر ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەلىشىر ناۋايى تۈركچە سۆزلەرنى ئىشلىتىپمۇ شۇنداق ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن،"مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن" ئىسىملىك بىر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئارقىلىق ئۆز كۆز قارىشىنى ئىسپاتلاپ،تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيەتىغا زور تۆھپە قوشقان ئىدى. }t
51U0b% ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەرىكىتى بولسا،يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق 19- ۋە 20- ئەسىردەمەنچىڭ سۇلالىسى بىزنىڭ يۇرتىمىزغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋەئىرىتىپ يوقۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قىسىم سىياسەتلىرى ئىچىدە خەن تىلىدىكى مائارىپ ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز ئۆز دەۋىردىكى ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلىنىڭ تۈركىيە ئوسمانلى ھۆكۈمىتىگە يازغان بىر پارچە خېتىدىن بۇنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇ خەتتە،مەنچىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا ئۆزىنىڭ تىلى ۋە ئۆرف- ئادەتلىرىنى ئۆگىتىپ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمان ئاھالىنىڭ سەۋىر- تاقىتىنى قويمىدى دەپ يازغان بولۇپ، مەنچىڭ ھۆكىمىتىنىڭ كىچىك بالىلىرىمىزنى تىل جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ھەرىكىتى 18- ئەسىردىن باشلانغان. \
FoxKOTp شىڭشىسەي ۋە ياڭزىڭشىڭ دەۋرىدىمۇ شوتاڭ ئىسمىدا مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يىغىپ خەنزوچە ئۆگىتىشكەباشلىغان. |[37:m بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەكتەپلەرئېچىپ ئانا تىلىنى قوغدىغان ھەرىكەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن تۈركىيەدىن كەلگەن ئەخمەت كامال ئەپەندىم ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ بىرسى. ئۇ شۇ دەۋىردە ئاتۇش، قەشقەر تەرەپلەردە يېڭى زامانچە مەكتەپلەرنى ئېچىپ،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يىغىپ، ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيلەشنى باشلىغان. (تۆۋەندىكى كىتاپ،شاڭخەي خاتىرىلىرى) W8,t l>( }PFt مەمەت ئېلى تەۋپىق ئەپەندىمۇ 1933- 1935-يىللاردىكى شىڭشىسەينىڭ ئاسسىمىلاتسىييىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بىرتىپىك ئىپادىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇ دەۋىردە مەمەت ئېلى تەۋپىق ئەپەندىمنىڭ يازغان بۇ شىئىرىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئېنىق چۈشۈنىۋالالايمىز. iTLW ~y)bYG!G تۇتقۇن بولدىبۇلبۇللاريۇرتنى بۇلغىدى قاغا، /esVuz كىم بولساۋەتەنپەرۋەر بىركۈن ئېسلۇر دارغا. ?Q96,T-)
c Har~MO?A بۇ قاراڭغۇيىللارداتاپالمىدىم ئادالەت، sTtX$&Qu ئادالەتكەئىنتىلسەم قولغائالدى سىياسەت. ~H^'al2PK D XV@DQ خەلقىم ئۈچۈنئىلىم- پەن تەرەققىيات ئىستىدىم، ZfPd0 p نىيىتىم ساپ، دىلىمئاق،ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت. S&4+ e:K ZFS7{
: 11ماددىلىق بېتىم :qKF58W ئەمدى 1946- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكىمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 1946- يىلى ئىمزالانغان 11 ماددىلىق بېتىمگە كىلەيلى. بۇبېتىمنىڭ ئاساسىغا قارايدىغان بولساق، 3- 4 ماددىسىغا قارايدىغان بولساق، 3-ماددىسىدا،"دۆلەت، ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى مۇسۇلمان يېزىقىدا يېزىلىشى كېرەك" دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇ دەۋىردىكى"مۇسۇلمانچە" دېگەن سۆز بىز تۈركى مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇتىل ۋە يېزىقلارنىڭ ھۆكىمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى، 11 ماددىلىق بېتىمنىڭ 3- ماددىسىدا يەر ئېلىشى، بىزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمىزنى شۇ ھۆكۈمران سىنىپقا ئېتىراپ قىلغۇزۇش. بۇ بىر مىللەتنىڭ ھاكىمىيەتتىكى سىياسى ئورنىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يەنە بۇ ماددىلاردا، باشلانغۇچ ۋە ئالى مەكتەپلەردە مۇسۇلمان يېزىقى قوللۇنۇش ۋە ئاممىۋى مائارىپنى كەڭ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك دەپ يېزىلغان. fb\DiKsW 1961- يىلى ئېلىپ بېرىلغان يېزىق ئىسلاھاتىدىمۇ يېڭى يېزىقنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر بىلەن كېيىنكى نەسىللەر ئارىسىدا بىر خىل ئۈزۈلۈش شەكىللەندۈرۈلگەن. يەنى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئىشلىتىدىغانلار يېڭى يېزىقنى ئوقۇيالمايدىغان، يېڭى يېزىقنى ئۆگەنگەنلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇيالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. CjZZm^O مەسىلەن: شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، جۇڭگۇ گۇڭچەنداڭى، جۇڭگۇ ۋىييەنخۇيى... دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلىشكەباشلىغان. ئەسلىدە بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق دەپ ئىشلەتكەن. bGv*-;
* ھازىرقى دەۋىرمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشى 1990- يىلىدىن باشلانغان. مەسىلەن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە خەنزۇچە بەزى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەرنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يوقۇرى، مائاشى ياخشى بولۇپ، بەزى كىشىلەر كەلگۈسى توغرىلىق ئويلانمايلا پەرزەنتلىرىنى بۇمەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا باشلىغان. w
|_GV}#_ بۇنىڭ نەتىجىسىدە 2000- يىلىدىن باشلاپ ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلانغان ۋە چەكلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆڭۈل قويۇپ تەشۋەق قىلىنغان. ئۇتەشۋىقاتنىڭ بىرسىدە، FigR1/3o'6 -"دۇنيا ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ ئەنسىرەش ھاجەتسىز، $5,~JYcb خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنسەكلا پۈتكۈل جاھاننى كېزەلەيمىز." دەپ يېزىلغان. W>B^S ئەمما ئەمىلىيەتتە قارايدىغان بولساق،خەنزۇلار دۇنيادا بىزنىڭ يۇرتىمىزدىن باشقا ھەرقانداق يەرگە بارسا ئاۋۋال ئاشۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدۇ. ئەمما بىزنىڭ يۇرتىمىزغا كەلگەن ھەرقانداق خەنزۇ يولداشلارلا خەنزۇچە سۆزلەيدۇ. مانا بۇنى يۇقارقىدەك تەشۋىقاتنىڭ كۈچى دېيىشكە بولىدۇ. مانا بۇ يىغىنغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىدىكى خەتمۇ، (ئېكراندىكى) "خەنزۇچە بىلسەڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە بارساڭ دوست تاپالايسەن" دەپ يېزىلغان. .WvlaPK ھازىر قوش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر بالىنىڭ دادىسىنىڭ 3 كۈن بۇرۇن ئۈندىدارغا يوللىغان بىر يازمىسىدا، "مېنىڭ بالام ئەتىگەن سائەت 7بىلەن ئالدىراپلا مەكتەپكە ماڭىدۇ. چۈشتە 1 سائەتلىك دەمئېلىش ۋاقتىدا ئالدىراپلا كېلىپ، تامىقىنى ئاغزى- بۇرنىغا يەپ يەنە مەكتەپكە يۈگىرەيدۇ. كەچتە كېلىپ، كېچە سائەت 12 لەرگىچە خەنزۇچە بىر نەرسىلەرنى يازىدۇ. بۈگۈن قارىسام كېچە 12 بولغاندا بىچارە بالام، قولۇم بىلەن كۆزۈم ھەجەپ ئاغرىپ كەتتى دەپكەتتى. قاراپ باقسام بىز بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى بولمىغان تارىختەك قىلچە پايدىسى يوق بىرنەرسىلەرنى يازىدىكەن. ھېساپلاپ باقسام بىر كۈندە 15- 16 سائەت مۇشۇنداق بىرنەرسىلەرنى ئۆگىنىش، يېزىش بىلەن ۋاقتى ئۆتىدىكەن. ئىچىم سىرىلىپ كەتتى... بۇ، بىچارە بالىلارنى مەكتەپتىن سەسكەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىچارە بالام ئەتىگەندە ئىككى كۆزى قىپقىزىل ئۇيقۇغا قانمىغان ھالەتتە مەكتەپكە كەتتى. ئەمدى تېخى14 ياشقا كىرمىگەن بالىنىڭ كۆرىۋاتقان كۈنى مانا بۇ..." دەپ يېزىپتۇ. مانا بۇ ھازىر بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە قوش تىل مائارىپىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بېسىمى مانا مۇشۇنداق بولىۋاتىدۇ. n`(~OO خەنزۇ ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپ توغرىلىق كۆزقاراشلىرى igD G}q3jG ھازىر خەنزۇ تەتقىقاتچىلار، "قوش تىلدا تەربىيلەنسە چوڭ بولغاندا ياخشى خىزمەت تاپالىشى مۇمكىن ئەمما ئۇنىڭ ئىجاتچانلىق روھى ئۆلىدۇ" دېگەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. $&hN*7Ts بىزدە، "قاغا كەكلىكنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆزىنىڭمۇ مېڭىشىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، يا كەكلىك بولالماي، ياكى قاغا بولالماي قېپتۇ" دەيدىغان بىر گەپ بار. dC.bt|#Oz قوش تىللىق مائارىپتا مۇشۇنداق ئەھۋال شەكىللىنىپ قالىدۇ. cWMUj K/N ئەگەر خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش بىزنىڭ چىقىشيولىمىز بولىدىغان بولسا مانا بۇ رەسىمگە قاراپ باقساق بولىدۇ. mT@nn, مانا ماۋۇ خەنزۇ، "مەن ئىش ئىزدەيمەن" دېگەن خەنزۇچەخەت يېزىلغان تاختىنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. تۇڭگانلارغا قاراپ باقايلى. ئۇلار خەنزوچىنى بىلىدۇ. ئەگەر خەنزۇچە ئىنسانلارنىڭ چىقىش يولى بولىدىغان بولسا مانا ماۋۇتۇڭگانلار كوچىلاردا سېرىق ئاش بىلەن لەمپۇڭ سېتىپ يۈرمىگەن بولاتتى. ئۇلار خەنزۇچە بىلگەنلىكى ئۈچۈن ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشسە بۇلاتتى. }4&/VvN بىزگە، "ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى تەرەققىياتقا ماسلىشالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچىنى ئۆگەنسە كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ" دەيدۇ. ئۇنداق بولسا، تۇغما خەنزوچىنى بىلىدىغان بۇ تۇڭگانلارنىڭ كەلگۈسى نېمىشقا پارلاق بولمىدى؟ R_ ZK 0ar بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللار ئىچىدە تىل، دىن ۋەمەدىنىيەت ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز ئۆتمىشىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ تىلى، دىنى ئېتىقادى ۋە مەدىنىيىتى بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك خىرىسقا دۇچكەلمىگەن ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بولسا ھەممە جەھەتلەردىن تەڭ خىرىسقا دۇچكېلىۋاتىمىز. مەسىلەن بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنتلىرىمىز قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئاستىدا ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ خەنزوچىغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى ئېتىقادىمىز ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن چەكلىنىۋاتىدۇ. مەدىنىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، مەسىلەن،بىر ھەپتە بۇرۇنقى ئۈندىداردا كۆرگەن خەۋەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خەنزولارنىڭ چاڭچىلە كىيىملىرىنى كېيىپ، سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويىۋاتىدۇ... . =dZHYO^Cv ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ساقاپ تۇرىدىغان ئاساسى ئامىللاردىن بىرسى يېزىقىمىز. ئەگەر بىز ھازىردىن باشلاپ ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۆز يېزىقىمىزنى ياخشى ئۆگىتەلىسەك، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى يەتكۆزۈپ بېرىشتە ھەلقىلغۇچ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئەگەر بىز يېزىقىمىزنى ساقلاپ قالالمىساق بىزنىڭ تىلىمىز بۇنىڭدىن كېيىن ئاستا- ئاستا يوقايدۇ. *nC(-(r:J` ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىزنىڭ ئىككى مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىز بار. ئەمما ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا يېزىقتىن ئىبارەت بىر ئامىلدا ئوخشاشلىق بولمىغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇقېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى ئەھۋاللارنى، بولىۋاتقان پىكىر ئېقىملىرىنى، ھازىرقى ئەھۋالىمىز نەدىن نەگە كېتىپ بارىدۇ؟ بۇلاردىن بىخەۋەر. بىزمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىتىۋاتقان يېزىقنى بىلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى نەدىن نەگە كېتىپ بارىدۇ، نېمىنى ئويلايدۇ؟ بىز ئوخشاش قېرىنداش بولساقمۇ بىزمۇئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن بىخەۋەر قېلىشتەك ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قېلىغلىق. h !gk s-0 ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئىنتېرنېتقا چىقالايدۇ، ۋەتەندىكى تور، مۇنبەرلەرنى كۆرەلەيدۇ، ئوقۇپ چۈشۈنۈپ، ۋەتىنىمىزدە نېمە ئىشلار، قانداق گەپلەربولىۋاتىدۇ بىلىپ تۇراتتى، بىلەلەيتتى. d$t40+v شۇڭا بىز مەيلى ۋەتىنىمىزدە بولايلى ياكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتە، چەتئەللەردە بولايلى چوقۇم تىل ۋە يېزىقىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە چوقۇم ئۆگۈتىشىمىز كەرەك. ئەگەر تىل ۋە يېزىقىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە ياخشى ئۆگەتمىگەندە، بىزدىن كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ ئىرىپ، تۈگەپ كېتىشى يوقۇرى ۋە تىز بولىدۇ. 3BG>Y(v مەسىلەن خەنزولارنىڭ يېزىقى دۇنيادىكى ئەڭ قالاق ۋە تەس يېزىق.ئەمما ئۇلار ئەگەر مۇشۇ يېزىقى بولمىسا شىمال بىلەن جەنۇپتا ياشىغانلار ئارىسىدابىر- بىرىنىڭ تىلىنى بىلەلەمەيدىغان ئەھۋال بولۇپ، مۇشۇ يېزىقى ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ. قانچىلىك توغرا، قانچىلىك خاتا،بىز 80- يىللاردا ئۇيغۇر بالىلار شىمال بىلەن جەنۇپلۇق خەنزولارنىڭ ئارىسدا تەرجىمانلىق قىلىپ پۇل تاپىدىكەن دەپ ئاڭلايتۇق. ئۆز يېزىقىنىڭ قالاقلىغىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن پۇتۇڭخا دەپ پىنيىڭ ھەرىپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ يەنىلا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن پۇتۇڭخا "ئورتاقتىل" نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر يىلىسى نۇرغۇن مەبلەغ ئاجىرتىدۇ. 6*45Vf ئەمدى ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئابدۇۋېلى ئايۇپ، دىليار ئۇبۇل، مەمەت سىدىق قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ قوشتىللىق مائارىپقا بولغان ئىنكاسىغا ۋەكىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغاچىقىپ، ئۇيغۇرلار دۇچكېلىۋاتقان خىرىسقا قارىتا دەسلەپكى قەدەمنى باشلىدى. W/fuKGZi_ مەسىلەن، ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ ئۆزىنىڭ يازغان ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقارىشى، "مەن ئانا تىلىمىزنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن، بىر ئۇيغۇر، مۇسۇلمانلىقىمنى ئادا قىلاي دەپ ئوتتۇرىغاچىقتىم. مەن ئۇيغۇرلارنى ئاللاھقا يارايدىغان، ئۇيغۇرلىقىنى تونۇيدىغان، ئۇيغۇرقىلىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئامىلنىڭ ئانا تىلىمىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىم ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتىم. مەن قىزىمنىڭ مەندەك ئۇيغۇر بولىشىنى ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ،ئۇيغۇرچە يېزىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلاي دەپ يولغا چىقتىم." @n-r-Q بۇ ئابدۇۋېلى ئايۇپ قاتارلىق كىشىلەر باشلىغان بۇ ھەرىكەت مەملىكىتىمىزدە نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا بەك ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟ دېسەك، ھەممىمىزنىڭ دەردى ئوخشاش. ھەممىمىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىزدەك ئۇيغۇر بولۇپ يېتىلىشىنى، بىز ياققان چىراقنىڭ ئۆچمەي داۋاملىق يېنىپ تۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. بۇلار شۇڭاخەلقنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزگە تەرجىمان بولۇپ، بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويالىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى يۇرتىمىزدا ئەڭ كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى. ?'s6Xmd بۇلار ئانا تىل ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارالىشى ئۈچۈن"ئانا تىل شىركىتى" نى قۇردى. بىر مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن، بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ئىختىسات بولمىسا بولمايدۇ. بۇلار شۇڭا ئانا تىل شىركىتىنى قۇردى، ئانا تىل مەكتىۋى ئېچىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئانا تىل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى 2012- يىلى 9-ئاينىڭ 7- كۈنى باشلاندى. 2013- يىلى 8- ئايغا كەلگەندە بەزەنلەر بۇلارنى بېسىقتۇردۇق دەپ ئويلىدى. q?):oJ ئانا تىل مەكتىۋىنى قوللاش ئىستاتىستىكىسىغا قارايدىغان بولساق سانلىق ئىستاتىستىكىلەر ئوتتۇردا بار. بۇ ئىستاتىستىكا 3 تېما بولۇپ يوللاندى.چەمئى 1 مىليون 580 مىڭ قېتىم كۆرۈلدى. مانا بۇ ئۇ ئىستاتىستىكا جەدۋىلى.... JH8}Ru%Z بۇ ئىستاتىستىكا جەدۋىلىگە قارايدىغان بولساق، جەنۇپ تەرەپتە بىرقەدەر يوقۇرى بولۇپ، مەسىلەن، بۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن مەمەت سالى دەموللاجىممۇ ئۇيغۇر ئاخساقاللىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىپ ئابدۇۋېلى ئايۇپلار بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدى. ئانا تىل پائالىيىتى ئېلانىنى چوڭ بازارنىڭ كىرىشىدە، چوڭ ئېكراندا بىر كۈن قويدى. ئەمما كېيىن بەزى كىشىلەرقويدۇرمىدى. I_1e?\
x3 > ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى Q GZyL)Q ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى، ئۇيغۇر تىلى ۋەيېزىقىنى قوللىنىش مەسىلىسى ئۇنچىۋالا ئاددى مەسىلە ئەمەس. بۇ مەسىلە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئېتىراپ قىلىنىش مەسىلىسى. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا بىر ئىلتىماس يېزىپ ئاپاردۇق. ئەمما ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. بىزنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى. بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت تىلى ئۇيغۇرچە ۋەخەنزوچە. ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقى بولسا بىزنىڭ ھوقۇقىمىز. ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. e:'?*BYVg3 ئابدۇۋېلى ئايۇپلارنىڭ ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھەرىكەت بولغاچقا،بەزىلەر بۇ ھەرىكەتنى توسۇپ قالالماي، شىركەتنىڭ مالىيەسىنى بانا قىلىپ،يىلاننى ئۇرساڭ بېشىغا ئۇر دېگەن يەرگە ئاپاردى. #T w@wfaq) ئابدۇۋېلى ئايۇپلارنىڭ باشلىغان بۇ ھەرىكىتى بىلەن تۈركىيەدە بولسۇن ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن خېلە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدە ئانا تىلنى قوغداش ۋە سۆيۈشتەك بىرچۈشەنچە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ^ D%FX!$
بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرسى، ئەسەت سۇلايمان ئەپەندىم شىۋىتسىيەدە ئانا تىل ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى، قەشقەردە ئاناتىل خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىمۇ ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىمنىڭ ئانا تىلىمىز توغرىلىق ئوتتۇرىغاچىقىشىنىڭ بىر نەتىجىسى. بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. Fz#X=gmG بىزنىڭ ھۆكىمىتىمىزمۇ ئانا تىلىمىزغا بولغان كۆيىمچانلىقىنى ئىپادىلەپ بىر يىغىن ئاچقان. ئەپسۇسكى بەزىلەر تەرىپىدىن يىغىن ۋىۋىسكىسىغايېزىلغان تېما، "ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە سىناش ئىنتامىسى مۇتەخەسسىسلەريىغىنى" دەپ يېزىلغان بولۇپ، قارىساڭلار لوزۇنكىدا بىرتالمۇ ئۇيغۇرچە خەت يوق. بۇئەھۋالنى، ئادەم زاڭلىق قىلغاننىڭ مىسالى دېيىشكە بولىدۇ. ئاناتىل ھەققىدە يىغىن ئاچىسەنۇ، يىغىن لوزۇنكىسىغا بىرتالمۇ ئۇيغۇرچە خەت يازمايسەن!. _g%TSumvq< ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى قوغداش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى مەركەزگە يوللىدى. [AMAa]^ 1W7%1FA يۇرتىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنىڭ قانۇنى ئاساسلىرى، جۇڭخا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 121- ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ يېزىلغان. مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونۇمىيە قانۇنىنىڭ 10- ماددىسىدىمۇ قانۇنى كاپالەتكە ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرف- ئادەتلىرى ۋە دىنى ئەتىقادىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقارالىق كېلىشىم بار. ئەمما قانۇننى چىقىرىپ قويغان بولسىمۇ ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ. tW
WWx~k ئانا تىل ھەققىدە تۈركىيەدىن ئۆرنەك 7frTTSZ ئەمدى مەن ئانا تىل ھەققىدە تۈركىيەدىن ئۆرنەك بەرمەكچى. wO?{?+I`q 2003- يىلىدىن بۇرۇن تۈركىيەدە، تۈركىيەنىڭ كۈرت مىللىتىگە قارىتا تۇتقان بىر سىياسىتى بار. كۈرتلەرنىڭ مىللى كىملىكى(سالاھىيىتى) تۈركىيەدە ئېتىراپ قىلىنمىغان. ئاڭلىشىمىزچە كۈرتلەر كوچىلاردا، چوڭ شەھەرلەردە ئۆز تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىكەن. مەسىلەن سايلامدا سايلانغان لەيلا زەنا ئىسىملىك كۈرت ئايال 1990- يىلى مىنىستىر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بارلامىنتىغا كىرگەندىن كېيىن قەسەمبىرىش مۇراسىمىدا كۈرتچە قەسەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، 10 يىلمىكىن تۇرمىدا ياتتى. fU=B4V4@ كۈرت خەلقىنىڭ ئېڭىدە تۈركلەرنىڭ ئۆزىنى بىر خىل ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋاتقانلىقى ئېڭى شەكىللەنگەن. كۈرتلەرنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن تىرورىست دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە خېلە كۆپ دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ تىرورىست دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پ ك ك ئىسىملىك پارتىيەسىمۇ تۈركلەر بىزنىڭ مىللى سالاھىيىتىمىزنى ئېتىراپ قىلمىدى، بىزنى ئەزدى، كىملىكىمىزنى يوقىتىۋاتىدۇ، بىزمۇ ئاشۇلارغا ئوخشاش بىر ئىنسان، بىزنىڭمۇ ئۆز تىل ۋە يېزىقىمىزنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمىز بولىشى كېرەك دېگەن شۇئار بىلەن بىر قىسىم خەلقىنى ئۆزىگە تارتقان. >
pI;%' 2003- يىلى ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ئاقپارتىيە سايلام بىلەن غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن كۈرتلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى، تىلى ۋە يېزىقىنى ئېتىراپ قىلىش سىياسىتى ئېلىپ باردى. ت ر ت 6 قاتارلىق قاناللارنى قۇرۇپ بەردى. بۇ قاناللار 24 سائەت بويىچە كۈرت تىلىدا پىروگرامما بېرىدۇ. ئىژتىمائى ئالاقىلاردىمۇ كۈرتچىنى تامامەن ئەركىن قويىۋەتتى. كۈرتلەر ئالى مەكتەپلەردە كۈرتچە ئەدىبىيات دەرسلىك، سوت ئۇرۇنلىرىدا ئۆز تىلىدا ئىپادە بىرىش، تەپتىش، جۈمە خۇتبىلىرىنى ئۆز تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈشكىچە بولۇپ، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىمۇ تۈركچە، كۈرتچە يېزىلىدىغان، كۈرتلەرنىڭ پارتىيەلىرى پارتىيەۋىۋىسكىلىرىنىمۇ كۈرتچە، تۈركچە 2 خىل تىلدا يېزىدىغان ئەھۋاللارغىچەبولغان ھەممە جەھەتلەردە ئەركىنلىككە ئېرىشتى. DL$@?.?I بۇ نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ بۇ كۈرتلەرنىڭ تۈرك خەلقىدىن تەلەپ قىلغان نەرسىلىرى بولۇپ، ھەممە تەلىۋى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلىتى بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ب ك ك دېگەن قوراللىق تىرورىست كۈرت تەشكىلاتىنىڭمۇ كۈچى ئاجىزلىدى. ئەمما مۇشۇ سىياسەتلەر ئوتتۇرىغاچىقىپ، يولغا قويۇلىشتىن بۇرۇن تۈركىيە خەلقىدىن 30 مىڭ ئادەم بىر- بىرىنى قىرغىن قىلىپ ئۆلدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە تۈركىيە كۈرتلەرنىڭ ئىستىگەن نەرسىلىرىنى بەرگەندىن كېيىن بۇ ئىشلار ئاساسەن يوقۇلۇش گىرداۋىغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. تۈرك، كۈرت خەلىقلىرى ئارىسىدا بىر- بىرىگە ئىشىنىش بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئىچكى كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈگەۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ يۈرتلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق دەل ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ. ]a5 f2lE ئاخىرقى سۆز سۈپىتىدە ئېلىشىرناۋايىنىڭ شىئىرىنى قويۇپ قويدۇم. '>r7
V ئەمدى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ، ئېلىيار ئۇبۇل، مەمەت سىدىق ۋە ئىلھامتوختى ئەپەندىلەرنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى، قانداق قىلساق ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرغىلى بۇلاركىن دەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت بۇلارغا ياردەم قىلماي، زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىپ بارىدۇ. hjZKUMG(k vZ.x{"n'~ بۇنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقنىڭ ئىستىمالدىن قېلىشى، بىز ئۈچۈن كەلگۈسىدە بىر ئاپەت شەكىللەندۈرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بار. u\C
lP# ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تىلى مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇيغۇرتىلىدىكى نەشىرىياتلار بار، مەلۇم ئۇرۇنلارغا قارىساق تەرجىمانلار بار،مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بار. مەسىلەن،كەلگۈسىدە ھەممىسى خەنزۇچىغا ئايلانغاندىن كېيىن قانداق ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن مەيلى مەتبۇئاتتا بولسۇن، مەيلى نەشرىياتتا بولسۇن، مەيلى تەرجىمانلار بولسۇن ياكى مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا بولسۇن بۇلارغا ئېھتىياج قالمايدۇ. v`M3eh@$A ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىق نىسپىتى ئىنتايىن يوقۇرى بولۇپ، ئەگەر مۇنداق بولغاندا ئىشسىزلارغا ئىشسىزلىق قوشۇلغانسىرى بىر ئىژتىمائى كىرىز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئويلىشىشى كېرەك. Djg,Lvhm مەسىلەن، بىر ئىنساننىڭ كىيىمى كونىراپ ياكى يىرتىلىپ كەتسە ئۇنى يۇيۇپ ياكى ياماپ كەيگىلى بولىدۇ. ئەمما قورساق ئاچ قالسا ھەرقانداق ئىشقامەجبۇر بولىدۇ. بۇنى ئويلاش كېرەك. >0"+4<72 @`gk|W3 ئەمدى مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم مۇشۇنچىلىك. ئاڭلىغىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەخمەت. ."9];)2rx A!h`]%0B
|
|