查看完整版本: [-- تۆمۈر خەلىپە ھەققىدە قوشاق( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> تۆمۈر خەلىپە ھەققىدە قوشاق( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-03-11 12:44

تۆمۈر خەلىپە ھەققىدە قوشاق( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى )

   تۆمۈر خەلىپە ھەققىدە قوشاق


( يېڭسار ناھىيىلىك 3 -  ئوتتۇرا مەكتەپ 7 - يىللىق 10 - سىنىپتىن مۇيەسسەر ھاجى)


تۆمۈر خەلىپە لەشكىرى ،
ئىنتاينىمۇ ئاز ئىكەن .
لىكىن ئۇنىڭ چارىسى ،
ياۋ لەشكەردىن ساز ئىكەن .


تۆمۈر خەلىپە جېڭىدە ،
چىيەندارنىمۇ تۇتۇلدى .
ئۇنى سوراق قىلغاندا ،
ئۇ كىرپىدەك تۈگۈلدى .


تۆمۈر خەلىپە باش ئىكەن ،
ئۇ ھەم تېخى ياش ئىكەن .
چىيەندارنىنىڭ كۆزىدىن ،
ئاققۇزغىنى ياش ئىكەن .


چىيەندارنى دىگەن دوغا ،
ئىلىپ كەلدى چوڭ سوۋغا .
تۆمۈر خەلىپە پاك كۆرمەي ،
تاشلىۋەتتى جاڭگالغا .


ياڭزىنشىن دىگەن ئىپلاس ،
ئۆلتۈرۋەتتى تۆمۈرنى .
ئازاپلانغان خەلقىم ،
پارتىلاتتى كۈرەشنى .

dahai 2014-03-11 12:59
ياخشى يىزىپتۇ جۇمۇ بۇ قوشاقلارنى

ozqan 2014-03-11 13:16
ياخشى يېزپتۇ  بۇ قوشاقلارنى ، بىز تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرسىدىمۇ «ئاقچۇق سېيىدا » ناملىق ئەسەرنى ئۆتكەندە بۇ قوشاقلادىن پايدىلانساق بولغۇدەك ، ئوقۇغۇچىڭىزغا ئاپىرىن ....

مىېھرىما 2014-03-11 13:55
بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ  تەسىرى مانا ئوقۇغۇچلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ

ياسىنجان510 2014-03-11 14:21
        ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،كۆچۈرىۋالدىم سىزگە اەھمەت.

parixta 2014-03-11 17:26
راست دەيسىز مىھرىما:‹‹ مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام›› دەپتىكەن كونىلار.

قارىغاندا گۈلنىھالنىڭ تەربىيلەۋاتقان بالىلىرىمۇ بوش ئەمەسكەن.

قاراخان 2014-03-11 17:31
بۇ ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئىلھامغا باي ئىكەن، بۇ قوشاقلاردىن كەلگۈسىدىكى داڭلىق بىر شائىرنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم! بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشنى توختىتىپ قويمىغايسىز!

ئەشمە 2014-03-11 18:23
رەخمەت سىزگە.

گۈلنىھال 2014-03-11 19:00
ھەممىڭلارنىڭ ماختىغىنىڭلارغا رەھمەت! ئوقۇغۇچىلىرىمغا ۋەكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

تارىم 2014-03-11 20:02
تۆمۈرلەرگە ھۇررا دەپ،
مويدۇن خەلپە قۇشۇلدى.
كۆڭلى بولغاچ بەكمۇ ئاق،
لېكىن ئىشى ئۇشۇلدى.

ھاجىم چىقتى ئارقىدىن.
زالىملارغا ئات سېلىپ.
كۈلۈپ كەتتى شىڭ جاللات.
قارا نىيەت،باش ئېلىپ!!!

لۈكچۈنلەرگە كەلگەندە،
توپقا تۇتتى ئوردىنى.
مانا ئەمدى كۆرەرمىز،
شۇ خارابە ئورنىنى.

تۇپ ئوقلىرى ئېتىلسا،
نىياز كاھلار يىقىلدى.
كىتاپلارنى قۇچاغلاپ،
كۆزگە ماتەم تىقىلدى.

بابۇر0725 2014-03-11 20:25
بالىلىرىمىز بەكمۇ ئەقىللىقكەن ھە

گۈلنىھال 2014-03-12 09:19
تارىم:تۆمۈرلەرگە ھۇررا دەپ،مويدۇن خەلپە قۇشۇلدى.كۆڭلى بولغاچ بەكمۇ ئاق،لېكىن ئىشى ئۇشۇلدى........ (2014-03-11 20:02) 

‏‏ھەقىقىي تارىم ئوغلىدەك يېزىپسىز ، رەھمەت !

تارىم 2014-03-12 11:11
گۈلنىھال:‏‏ھەقىقىي تارىم ئوغلىدەك يېزىپسىز ، رەھمەت ! (2014-03-12 09:19) 

گۈلنىھالنىڭ بەرگەن مەدىتىگە رەھمەت!.

ئەلدىيار 2014-03-13 23:42
ئەۋلادلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقانلارغا رەھمەت

گۈلنىھال 2014-03-14 00:16
‏مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرۇشۇڭلار خۇش قىلىدۇ بىزنى !!!

amannisa 2014-03-14 13:17
ياخشى يېزپتۇبۇ ئوقۇغۇچىلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئىلھامغا باي ئىكەن،

لەتىپە 2014-03-16 01:16
ئۇماق  قىز  بەك ياخشى يېزىپتۇ ....ياخشى ئۆزلىشىپ تۇ....


查看完整版本: [-- تۆمۈر خەلىپە ھەققىدە قوشاق( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled