查看完整版本: [-- نورۇز   ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> نورۇز   ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-03-11 12:12

نورۇز   ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى )

  نورۇز


قەشقەر يېڭسار ناھىيە 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ 7 - يىللىق 9 - سىنىپتىن ئادىلە يۈسۈپ




نورۇز كەلدى ، باھار كەلدى ،
زىمىستاننى ئويغاتتى .
جاھان يېشىل تون كىيىپ ،
گۈزەللىككە پۈركەندى .



نورۇز كەلدى ، باھار كەلدى ،
ئوماق دوستلار يايراشتى .
ئېرىقتىكى سۈزۈك سۇلار ،
شىلدىرلىشىپ ئېقىشتى .


نورۇز كەلدى  ، باھار كەلدى ،
خۇشال يايراپ كۈلدۇق بىز .
گۈرۈچ ، قوناق ، ماش سېلىپ ،
نورۇز ئېشى ئەتتۇق بىز .


نورۇز كەلدى  ، باھار كەلدى ،
مەكتەپ تولدى گۈللەرگە .
خوشلىقىدا نورۇزنىڭ ،
ياش تولماقتا كۆزلەرگە .




       ھەرمىللەت بالىلىرى


    ( شۇ سىنىپتىن ) مېھرىگۈل ئابدۇرىشىت



ھەرمىللەت بالىلىرى ،
بولۇپ قالدۇق قېرىنداش .
ئۆز ئارا گۈل سۇنۇشۇپ ،
ياشايمىز  بولۇپ سىرداش .

ھەرمىللەت بالىلىرى ،
بىر مەكتەپتە ئوقۇيمىز .
بىر بىرمىزگە شۈنچىلىك ،
ئامراق بولۇپ ئۆتىمىز .


ھەرمىللەت بالىلىرى ،
قىزغىن سۆيۈپ ۋەتەننى .
قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ،
يوقىتارمىز دۈشمەننى .

گۈلنىھال 2014-03-11 12:15
ئۆزۈم دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئاددى بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم !

tursun 2014-03-11 13:24
ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ گۈلنىھال،ئۆزى ئاددى،چۈشىنىشلىك ھەم يىقىملىق چىقىپتۇ....بالىلارنى يىتەكلەش   ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتىمىز...يارايسىز...!

مىېھرىما 2014-03-11 14:11
ياخشى قىپسىز . ئۇلار كۆرسە چوقۇم ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ ئالغا بېسىشقا تىرىشىدۇ

قاراخان 2014-03-11 17:32
مۇمكىن بولسا بۇ ئەسەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغايسىز!

parixta 2014-03-11 18:00
ئوقۇغۇچىلىڭىزغا ئاپرىن. كەلگۈسى ئەدىبلىمىزدىن بولغۇسى ئىنشائاللا!

گۈلنىھال 2014-03-11 19:05
قاراخان:مۇمكىن بولسا بۇ ئەسەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغايسىز! (2014-03-11 17:32) 

چوقۇم شۇنداق قىلىمەن، قوللىغىنىڭلارغا تەشەككۈر!

بابۇر0725 2014-03-11 20:26
بالا شائىرەلىرىمىزمۇ مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ بېيىتقاي

ئىسمىم 2014-03-11 22:30
ئىنتايىن   ياخيا ييېزلىپتۇ

گۈلنىھال 2014-03-12 09:22
parixta:ئوقۇغۇچىلىڭىزغا ئاپرىن. كەلگۈسى ئەدىبلىمىزدىن بولغۇسى ئىنشائاللا! (2014-03-11 18:00) 

‏دىگىنىڭىز كەلگەي قېرىندىشىم ، ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت !!!

ئەلدىيار 2014-03-13 01:02
ئۆسمۈر  شائىرلارغا ياخشى ئىلھام بولغۇسى!!!

گۈلنىھال 2014-03-13 07:34
سۆزىڭىزنى قوللايمەن !


查看完整版本: [-- نورۇز   ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled