جەسۇر16 |
2014-03-11 01:27 |
ئونۋىرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش
سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : ( -سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى :. ماۋزۇسى : ئونۋىرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش (ناخشا- مۇزىكىنىڭ سېھرى كۈچىدىن ھوزۇرلىنىش)
يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : قايسىڭلار ناخشا ئېيتىشنى بىلىسىلەر؟سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ناخشىدىن بىرەرنى ئېتىپ بىرىڭ دەپ بىر-ئىككى ساۋاقداشنى ناخشا ئېيتقۇزۇش ھەمدە ئۆزۈم ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «راست» دېگەن ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئوقۇغۇچىلار ناخشا ئېيتقۇزلىدۇ، توپلاپ كەلگەن ناخشىلىرى قويۇپ بېرىلىدۇ، دەرسلىك كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ئورۇندىلىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم نىشانى: ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كىشىگە قانداق زوق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا) 2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : خەلقىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، مەزمۇنى ساغلام، كىشىگە نېمىنىڭ سەنئەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاش، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ناخشىلارنى ئاڭلىماسلىق، خەلق سەنئەتكارلىرىنى ھۆرمەتلەش تەربىيسىگە ئىگە قىلىش . (موھىم نوقتا) 3.ئىقتىدار نىشانى: ياخشى ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ناخشا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار توپلاپ كەلگەن ناخشىلىرى ۋە ساۋاقداشلار ئۆزلىرى ئېيتقان ناخشىلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ. (ئوقۇغۇچىلار توپلاپ كەلگەن ناخشىلىرىنى ئاڭلىتىشقا ھەمدە ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلىرىنى ئيتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ) ناخشا- مۇزىكا بولمايدىغان يەر، ناخشا- مۇزىكا بولمايدىغان ۋاقىت بولمايدۇ. ناخشا- مۇزىكا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىسسىق- سوغوق، ئاچچىق- چۈچۈكلىرىنى ئىپادىلەپ، تۇرمۇش شاد- خۇراملىقلىرى ۋە قايغۇ- ھەسرەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بەزىدە ناخشا ساداسى ئېغىر بەدەننى قاناتلاندۇرۇپ پەرۋاز قىلدۇرىدۇ. بىز بىر قېتىملىق ناخشا-مۇزىكا بىرلەشمە كۆڭۇل ئېچىش پائالىيتى ئۆتكۈزەيلى . تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى ئىختىيارى تاللاشقا بولىدۇ . 1. ئۇنتۇلغۇسىز مېلودىيە- تەسىرلىك ھېكايە كىشىنى تەسىرلەندۇرىدىغان ناخشا- مۇزىكا ئادەمنىڭ ئېسىدىن ئۇزاققىچە چىقمايدۇ. ياش قورامىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى ۋە قەيەرگە بېرشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولغان ئاشۇ مېلودىينى ئاڭلىسىڭىزلا، ئۇ سىزنىڭ يۈرەك تارىڭىزنى چېكىپ، سىزدە ئۇزاققىچە بىر خىل ئەسلىمە پەيدا قىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ: قايسى ناخشىنى سىز پەقەت ئۇنتۇمايسىز؟ قايسى مۇزىكا سىزنى تەپەككۇر دېڭىزىدا ئۈزدۈرگەن؟ بۇ ئارقىلىق سىز قانداق ھېكايىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغان؟ بۇ ھېكايىلەر مۇزىكىنىڭ ئۆزىدىكى ھېكايىلەرنى ۋە مۇزىكا بىلەن ئۆزىڭىز ئوتتۇرسىدىكى ھېكايلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا- قالتىس چۈشەندۈرۈش . مۇزىكا- بىر خىل ئاجايىپ تىل. كىشىلەر بەلكىم ئۆز- ئارا بىر- بىرنىڭ تىللىرىنى ئۇقۇشماسلىقى مۇمكىن. ئەمما مۇزىكا مەيلى قەيەردە ياڭرىمىسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىرلىكتە ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداقمۇ؟ جانلىق چۈشەندۇرۇش بىزنىڭ مۇزىكىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مۇزىكا پىلاستىنىكىسى، مۇزىكا ياكى ناخشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ. ئاندىن ئۇنى ساۋاقدىشىڭىزغا تونۇشتۇرۇڭ. (ئوقۇغۇچىلار ناخشا-مۇزىكىنى قويۇپ ياكى ئوقۇپ ئاڭلاتقاچ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ) 3.كوللېكتىپنىڭ كۈچى- ئورتاق قەلىب كۈيى . ھازىر نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ناخشىللىرى ياكى سىنىپ ناخشىللىرى بار. ئەگەر سىز ئۇنى مەكتەپتىكى چېغىڭىزدا ئېيتسىڭىز، ئۇ سىزنى جاسەرەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىنتىلدۇرۇپ، كوللىكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. سىز مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۇنى ئېيتسىڭىز ئۇ سىزدە چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بىر قىتىملىق مەكتەپ ناخشىسى ياكى سىنىپ ناخشىسى ئىجاد قىلىپ، مۇسابىقە پائالىيتى تەكلىپ قىلىمىز. بولسا، باشقا سىنىپلار بويچە ھەتتا مەكتەپ بويچە تەشەببۇسنامە چىقىرىپ بۇ پائالىيەتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ياخشى، سىنىپىنى بىرلىك قىلغان ھالدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش كىرەك . (يۇقارقى پائالىيەت ئاساسىدا ئوقوغۇچىلار ناخشا ئىجاد قىلىش پائالىيتىگە ئورونلاشتۇرلىدۇ) ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى: (دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا خەلقىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، مەزمۇنى ساغلام، كىشىگە نېمىنىڭ سەنئەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاش، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ناخشىلارنى ئاڭلىماسلىق، خەلق سەنئەتكارلىرىنى ھۆرمەتلەش توغرىسىدا ئەخلاقي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ) دوسكا لايھىسى: ئونۋىرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش (ناخشا- مۇزىكىنىڭ سېھرى كۈچىدىن ھوزۇرلىنىش) ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى، ئۈنئالغۇ. تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» ناملىق ئەسەرنى ئالدىن ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئىگىلەپ كېلىش. دەپتەر تاپشۇرۇق: ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ناخشا تېكىستىنى يېزىپ كېلىش. ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|