查看完整版本: [-- 15. مۇزىكا ساداسى  2-سائىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 15. مۇزىكا ساداسى  2-سائىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

جەسۇر16 2014-03-11 01:21

15. مۇزىكا ساداسى  2-سائىتى

سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ
ئوقۇتقۇچى :
دەرس سائىتى : (2-سائىتى)
ۋاقتى : -يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرس تىپى :
ماۋزۇسى :
15. مۇزىكا ساداسى
(رېمان)
يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش :
بىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرستە «مۇزىكا ساداسى» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇق، ئەمدى بۇ دەرس ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشەنچە ھاسىل قىلساق قانداق؟ دېيىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
ئەسەر مۇھاكىمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە تەھلىل قىلىنىپ خۇلاسلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.بىلىم نىشانى: مارىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە مەركىزى ئىدىيسىنى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا)
2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : مارىيەنىڭ خاراكتىرىنى ئىگەللىتىش ئارقىلىق ئوچۇق- يورۇق مىجەزلىك بولۇش تەربىيسىگە ئىگە قىلىش . (موھىم نوقتا)
3.ئىقتىدار نىشانى: سەھنە ئەسەرلىرىنى باشقا ژانىرلاردىن پەرقلەندۈرۈش  ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا)
ئوقۇتۇش جەريانى:
1. مارىيەنىڭ ئىش –ھەرىكىتىدىن سىز ئىنسان تەبىئىتى، مىجەز خۇلقى، ئىنتىلىش ھەققىدە نېمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز؟
(ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.)
نارەسىدە قىز مۇناخ بولغان تۇرۇقلۇقمۇ ناخشىخۇمار، شوخ، خۇشال-خۇرام تەبىىئىتىنى ئۆزگەرتمەي دائىم قوزىلاردەك قىيىغتىپ، ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خۇرام يۈرىدۇ ھەم باشقىلارنىمۇ سۈيۇندۈرىدۇ.
2. مۇناستېر ئارخىماندېرتنىڭ مارىيانى <<ئاسماندىكى ئاي>>، <<ئاسماندىكى بۇلۇت>> لارغا ئوخشىتىش مۇۋاپىقمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
(ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتىلىدۇ. )
مۇناستېر ئارخىماندېرتنىڭ مارىيانى بۇنداق ئوخشىتىشى مۇۋاپىق، چۈنكى مارىيا مۇناخ بولغان تۇرۇقلۇقمۇ ناخشىخۇمار، شوخ، خۇشال-خۇرام تەبىىئىتىنى ئۆزگەرتمەي قوزىلاردەك قىيىغتىپ يۈرىدۇ، ئوچۇق-يۇرۇق يۈرۈشنى خالايدۇ.
3. سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىمۇ مارىياغا ئوخشاش مىجەزلىك كىشى بارمۇ؟
(ئوقۇغۇچىلار ئىجادىي جاۋاب بىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ)

ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى:
(دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا دوستلوقنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئەخلاقي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ)
دوسكا لايھىسى:
15. مۇزىكا ساداسى
(رېمان)
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى:
دەرسلىك دېتالى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى،ئوقۇتۇش
قوللانمىسى
تاپشۇرۇق:
ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش، «كەچ كۈزدىكى غېرىپلىق» ناملىق ئەسەرنى ئالدىن ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئىگىلەپ كېلىش .
دەپتەر تاپشۇرۇق: مەشىق 56-بەتتىن 63-بەتكىچە.
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :






گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:

بابۇر0725 2014-03-11 20:10
ناھايىتى ياخشى بولدى ،پايدىلىنىش قىممىتى بەكمۇ يۇقىرىكەن رەھمەت

مىېھرىما 2014-03-11 21:43
كۆپ ئەجىر قىپسىز ، ھارمىغايسىز .

gulhan 2014-03-11 22:32
ئەجرىڭىزدىن بىز مىنەتدار.

مەمتاۋلائسمايىل 2014-06-23 11:59
كوپ ئەجىر سىڭدۇرۇپسىز ،رەخمەت!


查看完整版本: [-- 15. مۇزىكا ساداسى  2-سائىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled