查看完整版本: [-- 15. مۇزىكا ساداسى  1-سائىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 15. مۇزىكا ساداسى  1-سائىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

جەسۇر16 2014-03-11 01:20

15. مۇزىكا ساداسى  1-سائىتى

سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ
ئوقۇتقۇچى :
دەرس سائىتى : (1-سائىتى)
ۋاقتى : 2010-يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرس تىپى :.
ماۋزۇسى :
15. مۇزىكا ساداسى
(رېمان)
يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش :
ساۋاقداشلار، سىلەر «مۇزىكا ساداسى» ناملىق تېلىۋېزىيە فىلىمىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدا قانداق ۋەقەلىك سۆزلەنگەن دېگەن سۇئال ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
ئەسەر ئوقۇلىدۇ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاپتۇرھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ، بىر قىسىم كىچىك سۇئاللار ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنى مۇستەھكەملىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.بىلىم نىشانى: ئەسەر مەزمۇنى ۋە يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا)
2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : يېتىم-يېسىرلارغا كۆيۈنۈش تەربىيسى ئېلىپ بېرىش . (موھىم نوقتا)
3.ئىقتىدار نىشانى: سەھنە ئەسەرلىرىنى چۈشىنىپ روللارغا بۆلۈپ ھېسياتلىق ئوقۇش، باشقىلارغا ئوچۇق-يورۇق ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش  ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (موھىم نوقتا)
ئوقۇتۇش جەريانى:
1. ئالدى بىلەن ئەسەر روللارغا بۆلۇپ ئوقۇلىدۇ.
(ئوقوغۇچىلارغا ئۆلگە ئۈچۈن بىر ئاز ئوقۇپ بېرىلىدۇ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇيدۇ.)
2. يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات :
1) فىلىم- ئېنگىلىزچىدىن روس تىلى ئارقىلىق كىرگەن ئاتالغۇ. كىنو سىنارىيسىگە ئاساسەن رېژىسور تەرپىدىن قايتا ئىشلىنىپ، شۇ ئاساستا كۆرۈنۈشلەرگە ئېلىپ تەييارلانغان ئەسەر .
2) چىرمىماق- ① ئورىماق، يۆگىمەك. ② كۆچمە مەنىسى : ئورىماق، قاپلىماق، چۇلغىماق .
3) غەلەت- يالغان، ساختا .
4) ئارخىماندىرت- مۇناستىر باشلىقى .
5) ۋەزمىن- ئېغىر- بىسىق، سالماق .
6) ئېپىسكوپ- خېرىستان دىنى  چېركاۋلىرىدىكى ئالى ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان شەىىس .
7) مىسا- كاتولىك دىنىدىكى ئاساسلىق دىننى مۇراسىم .
8) مۇناخ- راھىپ .
9) دەھرىي- خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم. دىنسىز كىشى .
10)كىرېسىت- خېرىستىئان دىنىنىڭ تېۋىنىش سىمۋولى بولغان شۇ خىل بەلگە.
( ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنى تېپىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ، سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شۇ مەنە ئاساسىدا جۈملە تۈزۈش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.)
3..ئاپتۇر ھەققىدە:
رېمان- ئامرىكا سىنارىيە يازغۇچىسى. بۇ تېكىست مەزكۇر كىنو سىنارىسنىڭ باش قسمى. «مۇزىكا ساداسى» دېگەن سىنارىيگە ئاساسەن 1965-يىلى ئىشلەنگەن. بۇ كىنو فىلىمى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى تەرپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئەسلى مۇزىكىلق تىياتىر بولۇپ، 1959-يىلى كومپۇزىتور رىچارد روجېرسس نىلەن درامماتوروگ ئوسكار خاممېرشىتېيىن تەرپىدىن بىرلىكتە ئىجاد قىلىنغان .
( ئاپتۇر ھەققىدە قىسمەن چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار خاتىرە قالدۇرىدۇ.)
ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى:
(دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا يېتىم-يېسىرلارغا كۆيۈنۈش تەربىيسى ئېلىپ بېرىلىدۇ)
دوسكا لايھىسى:
15. مۇزىكا ساداسى
1.يېڭى سۆزلەر:
2.ئاپتۇر ھەققىدە:


ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى:
دەرسلىك دىتالى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئوقۇتۇش قوللانمىسى.
تاپشۇرۇق:
ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش، ئەسەرنىڭ مۇھاكىمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كېلىش .
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :








گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:









بابۇر0725 2014-03-11 20:10
ناھايىتى ياخشى بولدى ،پايدىلىنىش قىممىتى بەكمۇ يۇقىرىكەن رەھمەت

مىېھرىما 2014-03-11 21:48
مۇھىم -قىيىن نوختىسىنى سەل ئويلىنىپ كورسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

gulhan 2014-03-11 22:31
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەمدى ئوقۇتقۇچىلار تۇلۇقلاپ ئىشلەتسە قۇلاي بولغىدەك.
ئىزچىللىقىڭىزغا بارىكاللا! يوللاپ تۇرۇڭ.

مۇتەل 2014-03-15 00:00
قەلىمڭىز توختاپ قالمىغاي .


查看完整版本: [-- 15. مۇزىكا ساداسى  1-سائىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled