جەسۇر16 |
2014-03-11 01:19 |
14. ۋېنىتسىيە سودىگىرى 2-سائىتى
سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : (2-سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى :. ماۋزۇسى : 14. ۋېنىتسىيە سودىگىرى شېكىسپىر (1564- 1616) يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : «بېخلنىڭ ئۆلىكىنى ئىت يىمەس، تېرىكىنى پىت يىمەس» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقالىنىڭ مەنىسنى قانداق چۈشىنىشكە بۇلىدۇ ؟ دېگەن مۇلاھىزە سۇئالى ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، درامىلىق خۇسۇسىيتى، پېرسۇناژلار خاراكتېرى ۋە مەركىزى ئىدىيسى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە سۆزلەپ خۇلاسلىنىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم نىشانى: ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، درامىلىق خۇسۇسىيتى، پېرسۇناژلار خاراكتېرى ۋە مەركىزى ئىدىيسىنى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا) 2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : دوستلوقنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئەخلاقي تەربىيە ئېلىپ بېرىش . (موھىم نوقتا) 3.ئىقتىدار نىشانى: دراما ئەسەرلىرىنى باشقا ژانىرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: 1. ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى : چەت ئەللەردە سودا قىلىدىغان ۋېنىتسىيلىك سودىگەر ئانتونىئو دوستىنىڭ مەرتىۋىلىك ئائىلىنىڭ قىزىغا تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىدە نەق پۇل كەمچىل بولغاچقا، جازانىخور يەھۇدى شىلوكتىن 3000 سوم قەرىز ئالىدۇ. شىلوك ئانتونىئونىڭ باشقىلارغا ئوسۇمسىز قەرىز بىرىپ ئۆزىنىڭ قەرىز بىرىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى تۇپەيلىدىن، ئۇنى ئۆلگۇدەك ئۆچ كۆرەتتى. ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئۆچ ئالماقچى بولوپ، ئانتونىئو قەرىز سورىغاندا قەستەن ئۆسۈم ئالمايدىغانلىقىنى بېلدۇرىدۇ ھەمدە ئەگەر قەرىزنى مۇددىتى توشقاندا قايتۇرالمىسا، بەدىنىدىن بىر قاداق گۆشنى كېسىۋالىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئۇنىڭ بىلەن ئەھدىنامە تۇزىدۇ. كىيىن ئانتونىئونىڭ سودا كېمىسى ھادىسىگە ئۇچراپ ۋەيران بولغاچقا، شىلوك سوتتا گېرتسوگدىن بۇ ئىشنى كېلىشىم بۇيچە ئىجرا قىلىپ، ئانتونىئونىڭ بەدىنىدىن بىر قاداق گۆشنى كېسىۋىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. گېرىتسوگ قاتارلىق كىشىلەر شىلوكقا بۇنداق تەلەپتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىپ نەسىھەت قىلىدۇ ھەمدە شىلوكنىڭ شىلوكنىڭ مەسخىرسىگە قالىدۇ . ئانتونىئونىڭ دوستى بولغان باسسانىئونىڭ خوتونى بىشيا ئادۇكاتلىق رولنى ئويناپ، سوتتا ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق شلوكنى مات قىلىدۇ . ( ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى سۆزلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار خاتىرە قالدۇرىدۇ.) 2.بۇ ئەسەرنى سەھنە ئەسىرىنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە دەيمىز ؟ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ئەسەرنى سەھنە ئەسىرىنىڭ درامما تۈرىگە تەۋە دەيمىز. چۈنكى ئەسەر ۋەقەلىكى ئەينى دەۋىر رىئاللىقىنى ئىجدىمائى مەزمۇن قىلغان. كومىدىيە بىلەن تېراگىدىيە ئۆز- ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن. ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن دىئالوگ، ياندىن بايان قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان . (ئوقوغۇچىلار جاۋاپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتىلىدۇ. ئاخىرىدا خۇلاسلاپ بېرىلىدۇ.) 3.بەزىلەر شىلوكنى بېخىل دېسە، بەزىلەر تولىمۇ رەزىل دەيدۇ. سىزچە شىلوك قانداق ئادەم؟ جەمئىيتىمىزدىمۇ شۇ خىل كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولامدۇ؟ شىلوك تولىمۇ رەزىل ئادەم. چۇنكى ئۇ ئانتونىئونىڭ باشقىلارغا ئۆسۇمسىز قەرىز بېرىپ ئۆزىنىڭ قەرىز بىرىش ئىشلىرىغا توسقونلۇق قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن. ئۇ ئانتونىئونى قەستلەش مەقسىتىدە قەستەن ئەھدىنامە تۈزۈپ، ئانتونىئونى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. قەرىزنى ئون ھەسسىلەپ قايتۇرۇشقىمۇ ئۇنىمايدۇ. شۇڭا ئۇنى رەزىل ئادەم دېيىشكە بولىدۇ . (ئوقوغۇچىلار جاۋاپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتىلىدۇ. ئاخىرىدا خۇلاسلاپ بېرىلىدۇ.) 4.ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيسى: ئەسەردە جازانىخور شىلوك بىلەن ۋېنىتسىيە سودىگىرى ئانتونىئو ئوتتورسىدا يۈز بەرگەن زىددىيەت توقونۇشلىرى ئارقىلىق جازانە كاپىتالى شىلوك ئاچچق ھەجىۋىلەنگەن. ئۇنىڭ بېخىللىقى، جاھىللىقى، رەھىم- شەپقەتسىزلىكى پاش قىلىنغان. سودا كاپتالى ئانتونىئونىڭ مەردلىكى، مىھرىبانلىقى، دوستلوقنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ئالىيجاناپ پەزىلىتى ئىپادىلەنگەن . (ئوقوغۇچىلار جاۋاپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتىلىدۇ. ئاخىرىدا خۇلاسلاپ بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار خاتىرە قالدۇرىدۇ.) ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى: (دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا دوستلوقنى قەدىرلەش توغرىسىدا ئەخلاقي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ) دوسكا لايھىسى: 14. ۋېنىتسىيە سودىگىرى شېكىسپىر (1564- 1616) 1.ئەسەرنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى: 2.ئەسەرنىڭ درامىلىق خۇسۇسىيتى: 3.مەركىزى ئىدىيسى:
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: ئوقۇتۇش قوللانمىسى تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش، «مۇزىكا ساداسى» ناملىق ئەسەرنى ئالدىن ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئىگىلەپ كېلىش . دەپتەر تاپشۇرۇق: مەشىق 53-بەتتىن 56-بەتكىچە. ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|