جەسۇر16 |
2014-03-11 01:18 |
14. ۋېنىتسىيە سودىگىرى 1-سائىتى
سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : (1-سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى :. ماۋزۇسى : 14. ۋېنىتسىيە سودىگىرى شېكىسپىر (1564- 1616) يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : ساۋاقداشلار، سىلەر جەمئىيتىمىزدە باشقىلارغا قەرز بېرىپ جازانىخورلۇق قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرگەنمۇ؟ سىلەرچە بۇ خىل قىلمىش توغرىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سۇئالنى قويۇپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئەسەر ئوقۇلىدۇ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاپتۇرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلىدۇ، بىر قىسىم كىچىك سۇئاللار ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم نىشانى: ئەسەر مەزمۇنى ۋە يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا) 2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : رەھىمسز، جاھىل بولماسلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىش . (موھىم نوقتا) 3.ئىقتىدار نىشانى: دراما ئەسەرلىرىنى چۈشىنىپ ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. (موھىم نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: 1. ئالدى بىلەن درامما روللارغا بۆلۇپ ئوقۇلىدۇ. (ئوقوغۇچىلارغا ئۆلگە ئۈچۈن بىر ئاز ئوقۇپ بېرىلىدۇ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇيدۇ.) 2. يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات : 1) ئوپېرا- لوغەت مەنىسى: مۇزىكىلىق ئېپىك درامماتىك سەھنە ئەسىرى . 2) گېرىستوگ- ۋېنىتسىيە گېرىستوگى كۆزدە تۇتىلىدۇ . 3) ئەھدىنامە- يېزىلغان ھۆججەت، شەرتنامە، . 4) خانىۋەيران- ۋەيران بولۇش، ئۈزىل- كېسىل تۈگىتىش . 5) كومىدىيە- لوغەت مەنىسى: كۈلكە . 6) پىخاگور- قەدىمكى گېرىتسىيە پەيلاسوپى (روھنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن). 7) دانئىل- رىۋايەت قىلنىشچە، قەدىمكى ئىسرائىليە پادىشاھلىقىدا ئۆتكەن مەشھۇر سوتچى بولوپ، ئەرىز- داۋالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر ئىكەن . 8) دەستەك قىلماق- باھانە قىلماق. سەۋەپ قىلماق . 9) جوھۇت- يەھۇدى ، كاپىر . ( ئوقۇغۇچىلار ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنى تېپىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ، سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شۇ مەنە ئاساسىدا جۈملە تۈزۈش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.) 3.ئاپتۇر ھەققىدە: شىكىسپىر (1564- 1616) ئەنگىليە درامماتورىگى، شائىر، تولۇق ئىسمى ۋىليام شىكىسپىر، سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن تارىخى تىياتىر «ھېنرى Ⅳ» ۋە «پادىشاھ جون»، «ياز كېچىسىدىكى چۈش»، «12 كېچە»، «رومىئو- ژۇلىتتا»، «ھاملىت»، «ئوتىللو» قاتارلىقلار بار . (ئاپتۇرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى سۆزلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار خاتىرە قالدۇرىدۇ.) ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى: (دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا رەھىمدىل بولۇش، جاھىل بولماسلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىلىدۇ) دوسكا لايھىسى: 14. ۋېنىتسىيە سودىگىرى شېكىسپىر (1564- 1616) 1.يېڭى سۆزلەر: 2.ئاپتۇر ھەققىدە:
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: ئاپتۇرنىڭ سۈرىتى، ئوقۇتۇش قوللانمىسى . تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش، ئەسەرنىڭ مۇھاكىمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كېلىش . ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|