查看完整版本: [-- 10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق 1-سائىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق 1-سائىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

جەسۇر16 2014-03-11 01:17

10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق 1-سائىتى

سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ
ئوقۇتقۇچى :
دەرس سائىتى : (1-سائىتى)
ۋاقتى : -يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرس تىپى :.
ماۋزۇسى :
10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق
تيې نىڭ
يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش :
سىز ھاياتقا قانداق قارايسىز ؟ دېگەن سۇئال ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
   ئەسەر ئوقۇلىدۇ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئەسەر مەزمۇنى سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.بىلىم نىشانى: ئەسەردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈش، ئەسەر مەزمۇنىنى ئىگلىتىش . (قېيىن نوقتا)
2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : ئوقۇغۇچىلارغا داۋىدنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ياراتقان نەتىجىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق تېنىچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ھاياتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھىس قىلدۇرۇش. (موھىم نوقتا)
3.ئىقتىدار نىشانى ؛ ئوقۇغۇچىلارنى ھاياتلىق بىلەن تىنچلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش.
(موھىم نوقتا)
ئوقۇتۇش جەريانى:
ئالدى بىلەن تېكىست ئوقولىدۇ ۋە يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بېرلىدۇ.
(ئۈلگە ئۈچۈن تېكىسىتتىن بىر-ئىككى ئابزاس ئوقۇپ بېرىلىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ، يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ)
1. يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات؛
1) يەھۇدى- قەدىمكى زاماندا پەلەستىندە توپلىشىپ ياشىغان خەلق. ئۇلار تارىختا ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدى پادىشاھلىقىنى قۇرغان. بۇ پادىشاھلىق كىيىن رىملىقلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. ئاھالىسى پۈتۈنلەي سىرتقا كۆچۈپ ياۋرۇپا، ئامېرىكا قىتئەسى، غەبىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 1948-يىلى قىسمەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى-جەنۇپ قىرغىقى(پەلەستىننىڭ قىسمەن رايونى) ئىسرائىليە دۆلىتىنى قۇرغان.
2) ناتسىت- بىرىنچى دۇنيا ئورۇشىدىن كىيىن گېرمانىيەدە قۇرۇلغان دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، گېتلىر باشچىلىقىدىكى ئەڭ ئەكسىيەتچىل فاشىستىك پارتىيە ۋە شۇ پارتىيەگە ئەزا بولغان كىشى .
3) كونسۇلتاتسىيە- (1) مۇتەخەسىسلەرنىڭ ياكى بىلىملىك، ئالىم كىشىلەرنىڭ بىرەر مەسىلە بويىچە مەسلىھەتى. (2) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا بىرىدىغان ياردىمى ياكى شۇنداق ياردەم بىرىش مەشغۇلاتى .
2.ئەسەر مەزمۇنى:
(ئوقوغۇچىلار ئەسەر مەزمۇنىنى ئاغزاكى بايان قىلىشقا  ئورۇنلاشتۇرلىدۇ. پىكىر بايان قىلنىدۇ، بىر قىسىم ئۇششاق سۇئاللار ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنى مۇستەھكەملىنىدۇ)
ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى:
(دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا داۋىدنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ياراتقان نەتىجىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئارقىلىق تېنىچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ھاياتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەققىدە ئەخلاقىي تەربىيە  ئېلىپ بېرىلىدۇ)
دوسكا لايھىسى:
10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق
تيې نىڭ
1.يېڭى سۆزلەر:
2.ئەسەر مەزمۇنى:
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى:
ئوقۇتۇش قوللانمىسى .
تاپشۇرۇق:
ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش ، مۇھاكىمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كېلىش .


ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :








گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:


بابۇر0725 2014-03-11 20:15
بۇدەرسنى باشلاشتا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك فىلىم ياكى سۈرەتلەردىن پايدىلىنىش لازىممىكىن دەپ قارايمەن

مىېھرىما 2014-03-11 21:45
مەن بىر ھىكايە ئارقىلىق باشلاپ كىرگەندىم .

gulhan 2014-03-11 22:22
مەنمۇ بىر ھىكايە ئارقىلىق باشلاپ كىرگەن.

تەييارلىقنى يوللىغان ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.


查看完整版本: [-- 10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق 1-سائىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled