جەسۇر16 |
2014-03-11 01:16 |
10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق 2-سائىتى
سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : (2-سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى : ماۋزۇسى : 10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق تيې نىڭ يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : ھاياتلىق يولىدا ھەممە ئادەم ئوخشاشلا بىر جايدا تۇرمايدۇ. بەزىلىرى تاغ ئالدىدا، بەزىلىرى دېڭىز بويىدا، بەزىلىرى تۈزلەڭلىكتە تۇرىدۇ. لېكىن بىرەر ئادەممۇ قېمىرلىماي تۇرۇۋالالمايدۇ، ھەممە ئادەم ئالغا ماڭمىسا بولمايدۇ. ئۇنداقتا مۇشۇ گېپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان « ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق» دېگەن ئەسەر ھەققىدە بۈگۈنمۇ توختىلىپ باقداق قانداق؟ دېيىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئەسەر مۇھاكىمە ۋە مەشق سۇئاللىرى بويىچە سۆزلەپ خۇلاسلىنىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا داۋدنىڭ ھاياتلىقنى سۆيۈش ھىسسىياتىنى، تېنىچلىق بىلەن خاتىرجەملىكنىڭ ھاياتقا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان ئىدىينى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا) 2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات، تىنچلىق بىلەن ئىنسان ھاياتى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك دىگەن ئىدىينى شەكىللەندۈرۈش. (موھىم نوقتا) 3.ئىقتىدار نىشانى ؛ تىنچلىق بىلەن ھاياتنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋىتىنى باشقىلارغا قايىل قىلارلىق شەرھىلەپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: 1.<<ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق>> دىگەن مەسىلىگە سىز قانداق قارايسىز ؟ (ئوقۇغۇچىلارمۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ) ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھاياتنى بەختلىك،خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېنچلىق بولمىسا بولمايدۇ. تېنچلىق بولمىسا ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ . 2. داۋىدنىڭ ئۆز ھاياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىرىشىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ ئۇنىڭ قايسى روھى سىزگە ئەڭ تەسىر قىلدى؟ (ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ) داۋىدنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشىشىدە ئۇنىڭ تۇلۇپ-تاشقان زىھنى- قۇۋۋەت ۋە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەقىل-پاراسەت بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھاياتلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە تېنچلىققا ئىنتىلىدىغان روھىي-ھالىتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. 3. يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن تېنچلىقىنى، ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدۇ؟ بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى دېسەك بولامدۇ؟ (ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ) يەھۇدىي مىللىتى تارىختا ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچەتارتقان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەت. ئۇلار تېنچلىققا، خاتېرجەملىككى ئىنتىلىدۇ. تېنچلىقنىڭ ھاياتنى خاتېرجەم ئۆتكۆزۈشنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى دېسەك بولىدۇ. 4.ھازىر نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلار ئومۇمىي ساننىڭ ٪30 نى ئىگىلىگەن. سىز بۇنىڭدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز ؟ (ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ) يەھۇدىيلار ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقان. ئىلىم – مەرىپەت ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ توغرا يولىنى تاپقان. ئۇلار ئىلىم ئۆگىنىشكە، كىيىنكى ھايات يولىنى تېپىشقا ئىزدەنگەن. ئۇلار توختىماستىن ئۆگىنىش، ئالغا ئىنتىلىش رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا يەھۇدىيلار ئىچىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. 5. تېكىستنى ئوقۇپ بولغان كىيىن سىزدە مۇنداق بىر نەچچە تەسىرات قىلىشى مۇمكىن، داۋىدنىڭ تىل تالانتى، ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل مىجەزى، <<كىيىن ھەممىسى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ>> غانلىقىغا ئىشىنىش. يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈدەك تارتقان بولسىمۇ، بىراق تېنچلىقنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى، بۇلار ئىچىدە سىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى نېمە؟ ئاپتور بىزگە نېمە دېمەكچى؟ (ئوقۇغۇچىلارمۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ) ئاپتور دادۋىدنىڭ تىرىشچان ۋە ھاياتقا بولغان ئۆزلىكسىز ئىزدىنىش روھىنى تەسۋېرلەش ئارقىلىق تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ھاياتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى: (ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات، تىنچلىق بىلەن ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ) دوسكا لايھىسى: 10. ھاياتلىق بىلەن تېنچلىق بىر-بىرىگە ئاشىق تىې نىڭ 1.مۇھاكىمە ۋە مەشق؛ 2.ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيسى:
ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: ئوقۇتۇش قوللانمىسى . تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش ، «ھاياتقا مۇھەببەت» دېگەن ئەسەرنى ئالدىن ئوقۇپ كېلىش . دەپتەر تاپشۇرۇق: مەشق 36-بەتتىن 39-بەتكىچە. ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|