ئىلتەر11 |
2014-03-10 20:46 |
«يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش» دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى
ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى ئۈچ يىللىق ھەركەت پىلانى كۆرۈنەرلىك ھالدا «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش» نى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلدى AM[jL'r| A!{.|x[S44 ئەسلى تىما؛ ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى ئۈچ يىللىق ھەركەت پىلانى كۆرۈنەرلىك ھالدا «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش» نى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلدى g. ?*F#2 aZj J]~bO شىنخۇا تورى بىيجىڭ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى (مۇخبىر ۋۇچاڭ) ئلتەر11 تەرجىمىسى `~_H=l9{ Or+*q91j مۇخبىر 26-فېۋرال مائارىپ مېنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە 2013-يىلنىڭ ئاخىرى، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىللىق ھەركەت پىلانىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى ئومۇميۈزلىك تاماملاندى. يەسلىلەردە 9180000 ئادەم كۆپەيتىلىپ، ئۆتكەن ئون يىللىق ئېشىش نېسپىتى بىلەن تەڭلەشتى. «يەسلىگە كىرىش قېيىن بولۇش» دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى. c6,s+^^ مائارىپ مېنىستىرلىكىنىڭ ئاساسىي مائارىپقا مەسئۇل خادىمى جىن فۇجى سۆز قىلىپ: 5wH54gj
} ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى يەسلىلەر ئىلمىي تەشكىللىنىپ قۇرۇلدى، بايلىق مەنبەسى كەمچىل رايونلاردا يېڭى يەسلىلەرنى قۇرۇش،كەنت ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئېشىنچا مەبلەغ ۋە ئاممىۋى مەبلەغلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ۋە بۇلاردىن پايدىلىنىپ يەسلىلەر كېڭەيتىلىپ قۇرۇلدى، كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرى قارمىقىدىكى يەسلىلەر يۈرۈشلەشتۈرۈلدى. دەسلەپكى قەدەمدىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، ھەر قايسى جايلاردىكى يېڭى قۇرۇلغان يەسلىلەر 25000 يۈرۈش، كېڭەيتىپ قۇرۇلغانلىرى 34000 يۈرۈش، باشلانغۇچ مەكتەپلەر قارمىقىدا كۆپەيگىنى 46000 گە يەتتى، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئوقۇشتىن ئېلگىركى مائارىپقا ياردەم بېرىش تۈرى يەنە 13 ئۆلكىگە (رايون، شەھەر) دىكى 1500 نۇقتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ يىزا - كەنتلەردىكى يەسلىلەردە 4000 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە پىدائىينى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، 40 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇ تۈردىن بەھرىمان بولدى. "
{A*(. «ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى مائارىپنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ھارماي-تالماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن». جېن فۇجې سۆز قىلىپ ، ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى مائارىپقا مەبلەغ سېلىپ مەملىكىتىمىز مائارىپ مەبلىغى ئىچىدە ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىركى مائارىپ مەبلىغى ھەرقايسى يىللاردىكىگە قارىغاندا 2010-يىلى 1.7% ئاشقان، 2012-يىلى ئېشىش نېسبىتى%3.4 كە يەتكەن، 2013-يىلى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىركى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىدىكى مەبلەغ 360 مىليون بولۇپ،ياردەم پۇل بىلەن تەمىنلەنگەن، ئائىلىدە قىيىنچىلىقى بار يەسلى بالىلىرى 4 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. [1b6#I"x مائارىپ نازارىتىنىڭ ئاساسىي تەكشۈرۈش خادىمى، ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى تىنشۈنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئوقۇتقۇچى قوشۇنىنىڭ زورىيىشى ۋە ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۈچ يىللىق تىرىشىش جەريانىدا،2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەسلى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 2830000 گە يېتىپ، 2010-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %53 ئاشقان،يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەيدىغان ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا مەكتەپلىرى 739 غا يېتىپ، تەربىيلەنگەن ئادەم سانى 537000 دىن ئېشىپ 2010-يىلغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشتى. M3Khc#5S( لېكىن، ئىككى مۇتەخەسىسنىڭ كۆرسىتىشىچە دۆلىتىمىز ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى مائارىپنىڭ ئاساسى ئاجىز، چىقىم كۆپ بولۇپ، ھازىرقى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئاجىز ھالقىسى شەھەرلەرنىڭ باغچىلىشىشى قېيىن، ئاممىنىڭ ئومۇمىي ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشى تەس. شۇڭا يەسلىلەرگە كىرىش ئىنتايىن قېيىن. بولۇپمۇ ئاقما نوپۇسلار پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلىلەرگە كىرەلمەسلىكى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك مەسىلىدۇر. ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش، ئىش ھەققى تۆۋەن بولۇش، ئوقۇتۇش قوشۇنى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۈد بولۇپ تۇرماقتا. بىر قىسىم يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس. «باشلانغۇچچە » لىشىش بىر قەدەر ئېغىر. U*3AM_w جىن فۇجى سۆز قىلىپ:«بىز چوقۇم بىر مەزگىللىك غەلبە ئاساسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، يەنە ئۈچ يىللىق تىرىشىش داۋامىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى شەھەر يىزىلاردا ئاساسىي قۇرۇلۇشنى تاماملاپ، لاياقەتلىك بولغان، ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى مائارىپنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمەت تورىنى تەسىس قىلىپ«يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش»، «يەسلى پۇلى قىممەت بولۇش»نى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىمىز |
|