查看完整版本: [-- باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تورداشلار تەكلىپ-پىكىرلىرى -> باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

جەسۇر16 2014-03-10 12:59

باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ

ئالدى بىلەن تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەم تەۋپىق ئەھلىنىڭ تۈرلۈك ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مىننەتسىز كۈچ سەرىپ قىلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ماڭا بىر قىسىم دەرسلىك دېتاللىرى لازىم بولۇپ قىلىپ تولۇقسىز تىل-ئەدەبىيات دېتاللىرى سەھىپىسىدىن چۈشۈرەي دېگەن، لىكىن بىر قىسىم دەرسلىك دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش جەريانىدا چۈشۈرۈش ئادىرىسى ئۇلانماي تۇرۋالدى، بىر قانچە قىتىم سىناپ باقساممۇ يەنىلا ئوخشاش، بىر ئىككى كەسىپدىشىمدىن سورىسام ئۇلارمۇ شۇنداق دەيدۇ. بولۇپمۇ 2013-يىلدىن بۇرۇن يوللانغان بىر قىسىم دەرسلىك دېتاللىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى ئۇلانماي تۇرۋالدى، تەكلىپىم باشقۇرغۇچىلار كۆرۈپ بىقىپ مۇشۇ مەسلىنى بىر ھەل قىلىۋەتكەن بولساڭلار.

گۈلنىھال 2014-03-10 15:37
مەن ئەتىگەن «قوش لوككىلىق ياۋا تۆگە»، «چايان بىلەن دۆنىڭ ئېلىشىشى»  دېگەن دەرسلەرنىڭ دىتالىنى چۈشۈرگەن ئىدىم، شۇنداق نورمال چۈشتى، بەلكىم ھەممىسى ئۇنداق ئەمەستۇ، چۈشمىگەن دىتاللارنى تەپسىلىيراق دېسەڭلار، ئاندىن ھەممەيلەن تەڭ كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن.!

nadiraay 2014-03-10 16:07
بۇ مەسىلىدە تېما ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ يوللىغان تېمىلىرىنى ئۆزى بىر تەكشۈرۈپ باقسا ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ دەرس دېتاللىرىنى يوللىغانلار. مەنمۇ بىر قانچىنى يوللاپ باققان، دەسلەپ يوللىغان ۋاقتلىرىمدا شۇنداق نورمال چۈشكەن، كېيىن چۈشۈرۈپ باقاي دەپ سىنىسام چۈشمىدى، يوللىغان تور بوشلۇقۇمدىمۇ بۇنداق ماتىرىيال يوق دەپ چىقتى، شۇڭا تېما ئىگىسى ئۆزىنىڭ تېمىلىرىنى ئۆزى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرسا ياخشى بولىدىكەن.

قاراخان 2014-03-10 16:24
مەن بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقتىم، مەن يوللىغان دىتاللارنىڭ ھەممىسى نورمال چۈشىدىكەن!

بابۇر0725 2014-03-10 23:03
بۇ مۇ ياخشى تەكىلىپ بۇلۇپتۇ مۇمكىن بولسا باشقۇرغۇچىلارغا ئاۋارچىلىق بولمىسا بىر تەكشۇرۇپ باقسا بولۇپتىكەن

گۈلقىز 2014-03-10 23:49
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ، مەنمۇ بىر قانچە دېتالنى چۈشۈرەي دەپ چۈشۈرەلمىدىم، ئۆزۈم يوللاپ قويغان دېتاللار چۈشىدۇ بوممىسا،

ھاتەھاتەم 2014-04-27 11:28
مەنمۇ دەرىس دېتالى چۈشۈرەي دەپ ،چۈشۈرەلمىدىم.سۇئال يوللىغان ئىدىم ئۇمۇ تەستىقلانمىدى.

tursun60 2014-05-12 10:59
تەېپىق تورىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ تورى بولىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى.لېكىن تىزىملىتىش،ماتىيال يوللاش قولايلىق ئەمەسكەن.شۇڭا كۈپ كەسىپداشلار كىرەلمايۋاتىدۇ.كىرسىمۇ ماتىيال يوللىيالمايۋاتىدۇ.مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى.
ھازىر مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تىزىملاتتىم.بىراق ماتىيال يوللىيالمايۋاتىمەن.

ozqan 2014-05-12 11:30
tursun60:تەېپىق تورىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ تورى بولىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى.لېكىن تىزىملىتىش،ماتىيال يوللاش قولايلىق ئەمەسكەن.شۇڭا  .. (2014-05-12 10:59) 

كىرگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن .
كىرىشمۇ ، ماتىريال يوللاشمۇ ئوخشاشلا تەس ئەمەس .
كىرىپسىز ، ماتىريالنىمۇ چوقۇم ئوڭۇشلۇق يوللىيالايسىىز . باشقا تور بەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە تەرتىپلەر يوق بۇ جەھەتتە .
مۇنبەر كۆزنەك بېتىنى پەسكە سېرىپ يوللىماقچى بولغان تېمىڭىزغا ماس مۇندەرىجىنى تېپىپ ، چېكىپ ، تېما يوللاش دېگەن خەنى بېسىپ ، ئېچىلغان كۆزنەككە تېمىڭىزنى چاپلاپ ، يوللاش دېگەننى  بېسىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .
سىزگە ئامەت تىلەيمەن .

shikar 2014-06-17 12:06
تەۋپىق باش بېتىدىكى ئەزالار كىرىش رايۇنىنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە مەخپىي نومۇرنى تولدۇرغاندا قايسى مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزگەنلىكىڭىز كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولدۇرۇپ بولۇپ، ‹‹كىرىش›› دېگەن نوقتىنى باسسام كىرگىلى بولمىدى. شۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ باققان بولساڭلار. رەھمەت.


查看完整版本: [-- باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled