查看完整版本: [-- ئاتا-ئانا رازى ئاللا رازى.ئاپتۇرى نامەلۇم.يوللۇغۇچى :قەلبىنۇر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> ئاتا-ئانا رازى ئاللا رازى.ئاپتۇرى نامەلۇم.يوللۇغۇچى :قەلبىنۇر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قەلبىنۇر4 2014-03-10 12:35

ئاتا-ئانا رازى ئاللا رازى.ئاپتۇرى نامەلۇم.يوللۇغۇچى :قەلبىنۇر

ئاتا-ئانا رازى ئاللا رازى  
ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- شەپقەت ئىنسانىيەتكە خاس بىردىنبىر ۋىجدانىي مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ ‹باقىي ئالەم ›دىكى بەخت-سائادەتنىڭ ئاساسى.‹جەننەت›كە نائىل بولۇشنىڭ يولى.ئىنسان ئانىسىز يارالمايدۇ،ئاتا مېھرىدىن بەھرىلەنمەيدىغان ئىنسانمۇ بولمايدۇ. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد مەڭگۈلۈك بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەت ۋە ئېتىقادنىڭ ئىپتىداسى ۋە ئىنتىھاسى بولمايدۇ.بىز بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئانىلارنى ئاچچىق تولغاق ئازابىدىن خالاس قىلدۇقيۇ، ئانا سۈتىدە چوڭ بولىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ماددىي ۋە مەنىۋى يۈكنى ئەنە شۇ ئانىمىزنىڭ زىممىسىگە يۈكلەپ قويدۇق.ئۇنى ئاز دەپ ئاتا-ئانىمىزنى قاقشاتتۇق. pN, u`[  
پەرزەنتلەر تەرىپىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە تېگىپ قويىدىغان ياكى ئۇلارنى رەنجىتىپ قويىدىغان  ھەرقانداق سۆز- ھەركەتلەرنىڭ سادىر بولۇشى ئاتا -ئانىلارنى قاقشاتقانلىقتۇر. ئاتا -ئانىلارنى قاقشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناھى كەبىرلەرنىڭ قاتارىدىدۇر. كىشى قانچىلىك ياخشى بولۇپ ئاللاھ تائالاغا سادىق بولسىمۇ ئاتىسىنى ياكى ئانىسىنى قاقشاتقان ئىكەن ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «جەننەت ئاتا-ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»دېگەن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائاللا پۈتۈن چوڭ گۇناھلارنىڭ جازاسىدىن خالىغىنىنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈردى.پەقەت ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقاننىڭ جازاسىنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادا كۆرسۈتىدۇ».(ھەدىس شەرىف) ]"pVj6O  
پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىسىدا ياشاپ ئوتكەن  ئەلقەمە  ئىسىملىك بىر ساھابە بولۇپ، ئۇ تولىمۇ قەيسەر،باتۇر،جاسارەتلىك  ئادەم ئىكەن ،ئۇنىڭ باتۇرلىقىغا ھەممە شۇنداق قايىل بولۇپ ئۇنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ساھابىگە بەك ئامراق ئىكەن. كۈنلەر ئوتۇپ بىر كۈنى ئەلقەمەگە ئەجەل يىتىپ سەكراتى مەۋتكە چۈشۈپتۇ.ئەلقەمەنىڭ قاتتىق قىينىلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالمىغان ئەتراپىدىكى يېقىنلىرى بۇ  ئەھۋالنى  پەيغەمبىرىمىزگە يەتكۈزۈپتۇ،پەيغەمبىرىمىز  قېشىدىكى ساھابىلىرىدىن ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋە ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دوستى ئەلقەمەدىن خەۋەر  ئېلىشقا ئەۋەتىپتۇ. ناھايەتتە ئەلقەمە قاتتىق قىينىلىپ ياتقان  ئىكەن ،ھەزرىتى ئۆمەر دوستى ئەلقەمەنىڭ قېشىغا كېلىپ: ‹بۇرادىرىم ئەلقەمە كىمدىكى جان ئۈزەر ۋاقتىدا ( لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ )دېگەن كەلىمىنى ئېيتسا شۇ جەننەتتىدۇر.شاھادەت ئېيتىڭ.› دەپتۇ، ئەلقەمە باشقا بارلىق گەپنى دىيەلەپتۇ-يۇ شاھادەت ئېيتىشقا تىلى كەلمەپتۇ.  بۇنىڭدىن تەئەججۈپلەنگەن  ھەزرىتى ئۆمەر بۇرادىرى بىلالنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېشىغا  بولغان ۋەقەنى ئەينەن يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىپتۇ.بىلال  رەسۇل ئەكرەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:‹ يا رەسۇلۇللاھ ئەلقەمە دوستىڭىز  سەكراتتا ئىكەن،ھەممە گەپنى سۆزلەيدۇ-يۇ شاھادەت ئېيتىشقا تىلى كەلمەيۋاتىدۇ.› دەپتۇ.رەسۇلۇللاھ  ھەيران بولغان ھالدا: ‹دوستۇم ئەلقەمەنىڭمۇ؟›دەپ سوراپتۇ.بىلال :‹ شۇنداق ،دوستىڭىز ئەلقەمەنىڭ.› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن تەئەججۈپلەنگەن  رەسۇل ئەكرەم بىر ئاز ئويلىنىپ  تۇرۇپ، بىرەر ئىش سەمىگە چۈشكەندەك،ئەتراپتىكىلەردىن سوراپتۇ:‹ ئەلقەمەنىڭ بىرەر يېقىن تۇققىنى  بارما؟›  ئەتراپىدىكى بىرەيلەن :‹ يالغۇز بىر ئانىسى بار، لېكىن يىراق جايدا.›دەپتۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى بىلالغا قاراپ:‹ بىلال، ئانىنىڭ قېشىغا بېرىڭ، بار ئەھۋالنى ئېيتىڭ، كېلەلىگۈدەك بولسا ھوزۇرۇمغا كەلسۇن،بولمىسا ئۆزۈم ھۇزۇرىغا بارىمەن.›دەپتۇ. بىلال ناھايىتى تېزلا ئانىنى تېپىپتۇ ۋە بارلىق ئەھۋالنى ئەينەن بايان قىلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى ھۇزۇرىغا چاقىرتقانلىغىنى،ئەگەر كېلەلمىسە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوزلىرى ئانىنىڭ ھۇزۇرىغا بارىدىغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئانا :‹جېنىم پىدا بولسۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا! ئۆزۈم  ھۇزۇرىغا بارىمەن .› دەپتۇ-دە ،بىلال بىلەن بىللە  پەيغەمبىرىمىزنىڭ  ھۇزۇرىغا كەپتۇ. پەيغەمبىرىمىز ئانىنى قىزغىن كۈتۈۋالغاندىن كېيىن سوراپتۇ:‹ ئانىجان ئوغلىڭىز ئەلقەمە قانداق  يىگىت؟› ئانا دەرھاللا  :‹سىز بىلىسىز يا رەسۇلۇللا،ئوغلۇم ياخشى يىگىت، 5 ۋاخ ناماز نى تەرك ئەتمەي ئوقۇيدۇ، قولى ئوچۇق سېخىي ،مەرد، ھەم سىز بىلەن جىھاتقا قاتناشقان.............›دەپ بىر تالاي ماختاپتۇ. رەسۇلىللا :‹سىزگە نىسبەتەن قانداقتى؟›دەپ سوراپتۇ. بۇ سوئالنى ئىشىتكەن ئانا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ :‹مەن ئوغلۇمدىن قاتتىق ئازار يېگەنمەن ،ئۇنىڭدىن خاپا مەن !›دەپتۇ. پەيغەمبىرىمىز :‹ ئوغلىڭىز ھازىر ئەزرائىلنىڭ قولىدا قاتتىق قىينىلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭدىن رازى بولمامسىزمۇ ئانا ؟›دەپتۇ. ئانا :‹ ياق رازى بولمايمەن!›دەپتۇ. رەسۇلۇللاھ :راستىنلا رازى بولمامسىز ئانا ؟› دەپ سوراپتۇ. ئانا :‹ راستلا رازى بولمايمەن، ئۇ ماڭا 9 يېشىدا دادىسىدىن  يېتىم قالغان ،بار ۋۇجۇدۇم بىلەن شۇ بالامنى كۈلپەتتە قويمايمەن دەپ ياشلىق باھارىمنى ئۇنىڭغا سەرپ ئەتتىم، تۇرمۇشتا قىينالساممۇ بالامنىڭ ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا خارلىنىپ قېلىشىنى،بىرەر مەرتىۋە ئالىيىپ قالسا يۈرۈگۈم چىدىيالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، قايتا تۇرمۇشلۇق بولماي شۇ بالامنى  ھالال كۈچۈمگە تايىنىپ بېقىپ كاتتا قىلدىم ،ئۆيلەپ قويدۇم، ئۇ ئۆيلەنگەن كۈندىن باشلاپ مەن بىلەن كارى يوق بولۇپ قالدى، ئۆيگە كىرسىلا  ئايالى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىدۇ، مەن بارمەنمۇ-يوقمۇ تامامەن  كارى بولماي قالدى، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى  يۈرۈكۈمگە قاتتىق پاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قېشىدا تۇرىۋېرىشنى بىئەپ ھېس قىلىپ يۈك-تاقلىرىمنى يىغىشتۇرسام ( ئانا نەگە بارسىز ؟مەن يالغۇز ئوغلىڭىزنى تاشلاپ كېتەمسىز؟ مېنى كۆپ جاپالار بىلەن بېقىپ كاتتا قىلغانسىز،ئەمدى خىزمىتىڭىزنى قىلىپ دۇئايىڭىزنى ئالىمەن.) دىمەستىن بەلكى ئۈن-تۈنسىزلا يۈكلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىشىپ بەردى، تا ھازىرغىچىلىك (ئانام بارمىدۇ؟)دەپ باقمىدى  شۇڭا ئۇنى كەچۈرەلمەيمەن.› دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ.  رەسۇلۇللاھ :‹ھەزرىتى بىلال، ھەزرىتى ئەلى  مەيدانغا  ئوتۇن يىغىڭ،ئەلقەمەنى كۆيدۈرىمىز !› دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان  ئانا :‹يا رەسۇلۇللاھ !جېنىم سىزگە پىدا بولسۇن! نېمە دېدىڭىز ؟› دەپتۇ.‹ ئوغلىڭىز -ئانىسىنى قاقشاتقان ئەلقەمەنى كۆيدۈرىمىز!  ئۇ ئانىسىنى قاقشاتقاننىڭ تەمىنى  تېتىپ باقسۇن ! جانابى  ئاللاھ  ئۇنىڭ  نامىزىنى ، جىھاتقا  قاتناشقانلىقىنى  دەپ جەننەتكە كىرگۈزمەيدۇ ،بەلكى ئانىسىنى  قاقشاتقانلىقى تۈپەيلى جەھەننەمگە سالىدۇ!›دەپتۇ رەسۇلۇللاھ.  ئانا :‹ نېمە! ئوغلۇم ئەلقەمەنى كۆيدۈرەمسىلەر؟! قەلبىمنىڭ مېۋىسىنى كۆيدۈرەمسىلەر؟ ! ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن! سىز گۇۋاھ بولۇڭكى يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئوغلۇمدىن مىڭدىن -مىڭ رازىمەن! ئۇنى 9 ئاي 9 كۈن قارنىمدا كۆتۈرگىنىمگە،2 ياشقا كىرگۈچە  ئاق سۈت بېرىپ ئېمىتكىنىمگە، ۋە جەۋرى-جاپادا بېقىپ كاتتا قىلغانلىقىمغا مىڭدىن -مىڭ رازىمەن ! ئوغلۇمنى كۆيدۈرمەڭلار! ئوغلۇم كۆيمىسۇن !ئوغلۇم جەننەتتە  بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!.›دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. رەسۇلۇللاھ شۇ ھامان ھەزرىتى بىلالغا :‹ بىلال بېرىپ ئەلقەمەدىن خەۋەر ئېلىڭ.›دەپتۇ.  ھەزرىتى بىلال ئەلقەمەنىڭ ھويلىسىغا كىرە-كىرمەستىنلا ئەلقەمەنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا :‹ ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ!› دېگەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ. خۇلاسە كالام : ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. ,=uD^n:  
ھاياتلىقتىكى تەجرىبىلەر ۋە ياشاۋاتقان جەمىيىتىمىزدىكى  ئاتا-ئانىسىدىن  قارغىش ئالغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە كۆرگەن بىلگەن  ۋە ئاڭلىغانلىرىمىز بىزلەرگە ئاچچىق ساۋاق بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ھەتتا خەلق  ماقالىلىرىمىزدا «ئىككى خىل كىشى ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ .ئۇلارنىڭ بىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان كىشى؛ يەنە بىرى ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان كىشى »دېيىلىدۇ.ھەقىقەتەن بۇ ماقالە ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان ،چۈنكى ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان كىشى  گەرچە ئاز ئىشلىسىمۇ ئاللاھ تائاللا ئۇنىڭ ئىشىغا بەركەت ئاتا قىلىدۇ ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.ئاتا-ئانىسىدىن قارغىش ئالغان كىشى قانچىلىك ئىشلىسىمۇ بەرىكەتتىن  ۋە ئاللاھ تائالانىڭ  ياردىمىدىن  مەھرۇم بولغاچ ئۇنىڭ ئىشى راۋاج قىلمايدۇ. مانا بۇلار ئەمەلىيەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھنىڭ رىزاسى ئاتىنىڭ رىزاسىدا »دەيدۇ.دېمەك ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلمىگەن  بۇ كىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ياردىمى ،ھۆرمىتى  ۋە مەرھىمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلىدىغان ھەر قانداق دۇئاسى تېز ئىجابەت بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ :«ئۈچ خىل ئادەمنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا  ھېچ شەك يوقتۇر .ئۇلارنىڭ بىرى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى .يەنە بىرى مۇساپىر كىشىنىڭ دۇئاسى .يەنە بىرى ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان دۇئاسى».(ھەدىس شەرىف) xEa\ f[.An  
قېرىنداشلار! ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھايات چېغىدا ئوبدان خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى رازى قىلىپ دۇئاسىنى ئېلىۋالايلى! ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ ھىچ نىمىگە پايدىسى يوق!شۇ ھەقىقەت ئېسىمىزدە بولسۇنكى ئاتا-ئانا رازى ئاللا رازى! QDZWX`qw{  
zWnX*2>b  

ياسىنجان510 2014-03-11 14:24
  تەربىيىۋى قىممىتى  يوقۇرى     يازما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

ئەشمە 2014-03-11 18:29
ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلايلى.خاپا قىلمايلى.

لۇتف 2014-03-11 22:31
بىز ئۇلارغا زادى نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلىدۇق؟ئىشتىن كېلىپ بالام،ئۆيۈم دېدۇق،دەم ئالغاندا بولسا،ئۇف!ھاردىم دېدۇق.....ھەي!بالىلار بىز نىم بولدۇق.....ئەجىبا بىزنى باققىچە ئۇلار........

مىېھرىما 2014-03-12 13:22
زامان ئاخىرىدا مىھرى - مۇھاببەت سۇسلاپ كېتدۇ دىگەن باركەن .


查看完整版本: [-- ئاتا-ئانا رازى ئاللا رازى.ئاپتۇرى نامەلۇم.يوللۇغۇچى :قەلبىنۇر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled