جەسۇر16 |
2014-03-10 12:01 |
9-يىللىق 11-ھاياتقا مۇھەببەت 1-سائىتى
سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇتقۇچى : دەرس سائىتى : (1-سائىتى) ۋاقتى : -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى دەرس تىپى : ئادەتتىكى دەرس. ماۋزۇسى : 11-ھاياتقا مۇھەببەت جېك لوندون (1876-1916) يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش : سىز ھاياتقا قانداق قارايسىز؟ھاياتىڭىزدا قىينچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ دېگەن سۇئال ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ. ئوقۇتۇش مەزمۇنى: ئەسەر ئوقۇلىدۇ، ئاپتۇرنىڭ ھاياتى پائالىيتى تونۇشتۇرۇلىدۇ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئەسەر مەزمۇنى سۆزلىنىدۇ. ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم نىشانى: ئەسەردىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈش، ئەسەر مەزمۇنىنى ئىگلىتىش . (قېيىن نوقتا) 2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقىغا بەرداشلىق بىرىش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش . (موھىم نوقتا) 3.ئىقتىدار نىشانى ؛ ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن ېاۋان جۈملە تۈزەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش. (موھىم نوقتا) ئوقۇتۇش جەريانى: ئالدى بىلەن تېكىست ئوقولىدۇ ۋە يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بېرلىدۇ. (ئۈلگە ئۈچۈن تېكىسىتتىن بىر-ئىككى ئابزاس ئوقۇپ بېرىلىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ، يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ) 1. يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات؛ 1) تاللىق مىلتىق- ئۇزۇن مىلتىق. 2) سەنتىدەكلەپ مېڭىش- دەلدەڭشىپ مېڭىش. 3) مۇخ- يۇشۇرۇن گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چوڭ بىر تۈركۈمى. تۈرى ناھايىتى كۆپ، كۆپىنچە نەم ئورۇنلاردا ئۆسىدۇ. 4) قاڭالتېر-قەلەي، تۈنىكە. 5) تەھلىكتە- ۋەھىمە، تەھدىد. 6) خارامۇش- (1) شۈك، جىم بولۇپ قالغان.(2) غەم-غۇسسىگە پاتقان، غەمكىن ئويچان. 7) مىل-بىر خىل ئوزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر مىل 1609.44 مېتىر غا تەڭ. 8) شىپىقماق- سۈرۈلۈپ يېقىنلاشماق. 9) پادىق- ماركا . 2. ئاپتۇر ھەققىدە: جېك لوندۇن- (1876-1916) ئامېرىكىنىڭ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى20- ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان مەشھۇر يازغۇچىسى. كالفورنىيە شىتاتىنىڭ سان- فرانسىسكو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <<شىمال ھېكايىلىرى>> ناملىق كىتابى(1906)؛ <<ھاياتقا مۇھەببەت>>، <<ئالتۇن جىلغا>>، <<بوۋايلار ئىتتىپاقى>> قاتارلىق ھېكايىلىرى بار . 3.ئەسەر مەزمۇنى: (ئوقوغۇچىلار ئەسەر مەزمۇنىنى ئاغزاكى بايان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ. پىكىر بايان قىلنىدۇ، بىر قىسىم ئۇششاق سۇئاللار ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنى مۇستەھكەملىنىدۇ) ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى: (دەرس ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقىغا بەرداشلىق بىرىش ھەققىدە ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ) دوسكا لايھىسى: 11-ھاياتقا مۇھەببەت جېك لوندون (1876-1916) 1.يېڭى سۆزلەر: 2.ئاپتۇر ھەققىدە: 3.ئەسەر مەزمۇنى: ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى: ئوقۇتۇش قوللانمىسى . تاپشۇرۇق: ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش ، مۇھاكىمە ۋە مەشىق سۇئاللىرى بويىچە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كېلىش . ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
|
|