查看完整版本: [-- 9-يىللىق  11-ھاياتقا مۇھەببەت 2-سائىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 9-يىللىق  11-ھاياتقا مۇھەببەت 2-سائىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

جەسۇر16 2014-03-10 12:00

9-يىللىق  11-ھاياتقا مۇھەببەت 2-سائىتى

سىنىپ : 9-يىللىق 1-سىنىپ
ئوقۇتقۇچى :
دەرس سائىتى : (2-سائىتى)
ۋاقتى : -يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى
دەرس تىپى : ئادەتتىكى دەرس.
ماۋزۇسى :
11-ھاياتقا مۇھەببەت
جېك لوندون
(1876-1916)
يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرىش :
كونا دەرسلىك كىتابتىكى «ھاياتقا مۇھەببەت» ناملىق تېكىست مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كېرلىدۇ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
    ئەسەر مۇھاكىمە ۋە مەشق سۇئاللىرى بويىچە سۆزلەپ خۇلاسلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.بىلىم نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا ھاياتنىڭ مۇھىملىقىنى، ھاياتقا مۇھەببەت كۆزى بىلەن قاراش، ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقىغا بەرداشلىق بىرىش لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈش. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان ئىدىينى بىلدۈرۈش. (قېيىن نوقتا)
2 .ھېسيات ، پوزىتسىيە ، قىممەت قاراش نىشانى : ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلاردا ھاياتقا مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان تۇيغۇنى شەكىللەندۈرۈش.
(موھىم نوقتا)
3.ئىقتىدار نىشانى ؛ ئوقۇغۇچىلارنى ھاياتقا نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيدە قارايدىغان، قېيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي كۆرەش قىلىدىغان، ئەسەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىن پايدىلنىپ ئادەتتىكى ئەسەرلەرنى يازالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش. (قېيىن نوقتا)
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.<<ھاياتقا مۇھەببەت>> دىگەن ئەسەردىكى <<مەن>> نىڭ ھايات قىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل نېمە ؟
(ئوقۇغۇچىلارمۇلاھىزە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ )
ئەسەردىكى <<مەن >> ئاچلىق، سوغۇق ۋە ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتىدۇ ئاخىرىدا بۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بىرىپ ھايات قالىدۇ. ھايات قىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل- <<مەن>> ھاياتقا ئۈمىد، ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. ھاياتنى قىزغىن سۆيىدۇ، مۇھەببەت كۆزى بىلەن قارايدۇ .
2. <<نەدە يېقىلىپ چۈشسە شۇيەردە يېتىپ ئارام ئالدى، ئۆلۈم تەھلىكىسى كۆزگە كۆرۈنىشى بىلەنلا يەنە غەيرەتلىنىپ ئاستا مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى.. ئۇ ئۆلۈپ قالماسلىق، ھايات قېلىش ئۈچۈنلا ئالدىغا سۆرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى>>
يۇقارقى پارچىدىن <<مەن>> نىڭ قانداق خاراكتىرىنى ھىس قىلدىڭىز؟
(ئوقۇغۇچىلارمۇلاھىزە ئېلىپ بىرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇلاھىزىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ)
يۇقارقى پارچىدىن قارىغاندا <<مەن>> دە باشقا كىشىلەردە ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان بىر خىل روھ يەنى ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان ئىشەنچ تۇيغۇسى بار. ئۇ ناچار تەبىئىي مۇھىت بىلەن ئېلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ھايات قالىدۇ.
3. ئادەمنىڭ ئاچلىق، سوغۇق ۋە ئاغرىق ئازابىنى يېڭىپ، ھالاكەت گىردابىدىن ھاياتلىق ئىزدەپ، تەبىئىي مۇھىت بىلەن مەردانە كۆرەش قىلىش روھى سىزنىڭچە قانداق روھ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ؟ بۇ خىل روھ قانداق ئادەملەرنىڭ قولىدىن كىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
(ئوقۇغۇچىلارمۇلاھىزە ئېلىپ بىرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە كېيىن ئۆزۈم خۇلاسە قىلىپ بېرىمەن)
بۇ خىل روھ يەنى <<مەن>> نىڭ ناچار مۇھىت بىلەن قەيسىرانە كۆرەش قىلىش روھى بولۇپ، بىر خىل ھاياتقا بولغان ئالىيجاناپ، ئۈمىدۋار ھالەتدەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ خىل روھ ھاياتقا مۇھەببەت كۆزى بىلەن قارايدىغان، ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ روھىدىن كىلىدۇ. چۈنكى بۇلار ھاياتقا ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن قارايدۇ، ھەرقانداق قىيىنقچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ.
4. سىز بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيەدە بولدىڭىز؟ ئەسەردىكى <<مەن>>نىڭ خاراكتىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا شەرھلەڭ.
(ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى بايان قىلىش ئاساسىدا ئەسەردىكى <<مەن> بىلەن سېلىشتۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ)
ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا ئوڭۇشسىزلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەي، ئۇنىڭغا ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مەغلۇبىيەتنىڭ غەلبە قىلغۇچىسىغا ئايلىنىش لازىم.
5. <<ھاياتقا مۇھەببەت>> دىگەن ئەسەردە ئاپتورنىڭ دېمەكچى بولغان پىكىرى نېمە؟
(ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاخرىدا ئۆزۈم خۇلاسە قىلىپ بېرىمەن)
بۇ تېكىستتە بىر ئادەمنىڭ ئاچلىق، سوغۇق ۋە ئازابىنى يېڭىپ، ھالاكەت گىردابىدىن ھاياتلىق ئىزدىگەن كەھۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ ناچار تەبىئىي مۇھىت بىلەن كۆرەش قىلىش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.
ئەخلاقىي تەربىيە نوقتىسى:
(ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھاياتقا مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ئادەم بولۇش ھەققىدە ئەخلاقىي تەربىيە  ئېلىپ بېرىلىدۇ)
دوسكا لايھىسى:
11-ھاياتقا مۇھەببەت
جېك لوندون
(1876-1916)
1.مۇھاكىمە ۋە مەشق؛
2.ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيسى:

ئوقۇتۇش ۋە ئۆگنىش قوراللىرى:
ئوقۇتۇش قوللانمىسى .
تاپشۇرۇق:
ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇنىنى تەكرارلاپ كېلىش ، «تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش» دېگەن ئەسەرنى ئالدىن ئوقۇپ كېلىش .
دەپتەر تاپشۇرۇق: مەشق 40-بەتتىن 43-بەتكىچە.
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :








گورۇپپا باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:



بابۇر0725 2014-03-11 20:22
ناھايىتى ئەتراپلىق ياخشى تەييارلىنىپتۇ،چۈشۈرۈپ پايدىلىنىۋاتىمەن رەھمەت سىزگە

ئەكبەرنىياز 2014-03-12 21:45
ناھايىتى ياخشى ، ئەتراپلىق تەييارلانغان لايىھە بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- 9-يىللىق  11-ھاياتقا مۇھەببەت 2-سائىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled