查看完整版本: [-- مىېھرىما:ئىش باشقا ، ھەۋەس باشقا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> مىېھرىما:ئىش باشقا ، ھەۋەس باشقا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-03-08 22:44

مىېھرىما:ئىش باشقا ، ھەۋەس باشقا

ئىش باشقا ، ھەۋەس باشقا u;nn:K1QFr  
(ھېكايە ) N* Q*>q  
ئېلھام ئابدۇراخمان k8st XW-w  
     ئۇنىڭ ئاندا-ساندا ئېلان قىلىنىپ قالىدىغان خەۋەر ماقالىللىرىدىن ئايالى تولمۇ پەخىرلىنەتتى . بىراق ، ئۇ ھېكايە يازماقچى بولىۋېدى ، ئايالى : GPh;r7xg6  
-    يەنە بىر مەزگىل خەۋەر ماقالىسى يېزىپ قەلەم كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇڭ ، يازغان خەۋەر ماقالىڭىز G2wSd'n*y  
قاچان تۈزىتىلمەي  شۇ پېتى گېزىتكە  بېسىلغان شۇ چاغدا  باشقا ژنىېردا ئەسەر يېزىشقا كىرىشسىڭىزمۇ بولىدۇ ،-دەپ مەسلىھەت بەردى . <ndY6n3  
-    فىرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسسان ئۆمرىدە بىر پارچىمۇ خەۋەر – ماقالىسى يېزىپ باقمىغان ئىكەن ، شۇنداقتىمۇ ئۇ دۇنياغا مەشھۇر  يازغۇچى بولالىدىغۇ ؟! P|ibUxSA~,  
ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئايالى ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى . بىراق ، يەنىلا ھوشىدىن كەتمىدى ... NKFeND  
     شۇنداق قىلىپ ئۇ ھېكايە يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى . ئۇنىڭ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە چىقارغان كېرەكسىز قەغەزلىرىنى ئايالى بىر تەرەپ قىلىپ تۇردى . ئۇ بۇ جەرياندا ھېكايە يېزىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان بولسىمۇ ، تەن بەرگۈسى كەلمىدى . .ئۇنداق ئويلاپ ، بۇنداق ئويلاپ ئاخىرى مۇپاسسانىڭ«مارجان»ھېكايىسىغا تەقلىد قىلىپ «ئۈزۈك »ناملىق ھېكايىدىن بىرنى يېزىپ چىقتى . :yJ#yad  
      -قالتىس ،-دېدى ئايالى ئۇنىڭ يىڭى ئىجادىيىتىنى كۆرۈپ ،- بۇ مارجاننىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرلىشى ئىكەنغۇ؟!... )g8Kicox5  
       ئۇنىڭ سەزگۈر ھەم نازۇك نىرۋىسى بۇ سۆزنىڭ يۇشۇرۇن ۋەزنىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي ، ئۇ شۇ ھامان ھوشىدىن كەتتى ... ;8MQ'#  
      ئۇ ھوشىغا كەلگەندە ئايالى ئۇنىڭ بېشىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى . eW 
-    مۇپاسسان ئۇنداق ئاسان ھوشىدىن كەتمەس بولغىدى ؟!- دېدى ئۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ . %8 DI)n#H  
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئۇ ئىككىنجى قېتىم ھوشىدىن كەتتى ... HI:1Voy  
ئۇ قايتا ھوشىغا كەلگەندىن بۇيان ئايالى ئۇنىڭغا مۇپاسسانىڭ گېپىنى قىلمايدىغان بولدى. W +GBSl  
M).CyY;bm  
مەنبە :« شىنجاڭ ياشلىرى»دىن ئېلىندى   )j}#6r  

قاراخان 2014-03-09 21:28
ئەجرىڭىزگە رەھمەت! XCxxm3t  
   بۇ ھېكايە ئارقىلىق نېمە دېمەكچىدۇ؟

گۈلنىھال 2014-03-09 22:32
‏كۈلەلمىسەڭ ھېجايما دىمەكچىمۇ يا ؟

ياسىنجان510 2014-03-09 22:41
    بىر پارچە ياخشى مېكرو ھېكايە  بىلەن تەمىنلەپسىز ،سىزگە رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2014-03-10 00:21
يەنىلا گۈلنىھال ئەقىللىقكەن ! مېھرىمانىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

ئەكبەرنىياز 2014-03-10 00:22
يەنىلا گۈلنىھال ئەقىللىقكەن ! مېھرىمانىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

toghrak 2014-03-10 01:57
مېھرىمانىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

مىېھرىما 2014-03-10 13:11
ئەزىزلىرىمگە كۆپ رەھمەت . بۇ بىرقىسىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ باشقىلارنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدىغان ،ئاقىۋەت بۇرنىغا يەپلا يۈرىيدىغان كىشلەرگە بېرىلگەن سىگىنال ، بۇنداقلا مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ماۋجۇت . «كۈلەلمىگەن نېمەڭگە ھېجايما »دەپ ، ئىشى ئەپلەشمىسىمۇ ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ يۈردىغان كىشىلەرنى ئىبرەت ئالسۇن دەپلا يوللاپ قويغانتىم . سىلەرمۇ مەندەكلا پىكىردە ئىكەنلىكىڭلاردىن سۆيۈندىم .

بابۇر0725 2014-03-10 23:16
مېنىڭچە بۇ ھېكايىدە باشقىلارغا بىۋاستە روھى زەربە بەرمەسلىكمۇ بىرخىل يۇشۇرۇن ئىپادىلەنگەن مەنا بولسا كېرەك

مىېھرىما 2014-03-10 23:51
سىز شۇنداق قارامسىز؟بەلكىم.


查看完整版本: [-- مىېھرىما:ئىش باشقا ، ھەۋەس باشقا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled