查看完整版本: [-- گۈلنىھال  : يېڭىسار نورۇز مەشرىپىگە تەكلىپ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> گۈلنىھال  : يېڭىسار نورۇز مەشرىپىگە تەكلىپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

گۈلنىھال 2014-03-08 20:26

گۈلنىھال  : يېڭىسار نورۇز مەشرىپىگە تەكلىپ

‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار


          ‏گۈلمېھرە 


‏كەلدى نورۇز كەلدى باھار ،
‏يەر جاھاننى ئىللىتىپ .
‏كەلدى كۆكلەم ، كۈلدى قۇياش ،
‏زىمىستاننى يىغلىتىپ .


‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار ،
‏كائىناتنى ئويغىتىپ .
‏كۆك چىقاردى بارچە تال ھەم ،
‏جىلۋە قىلدى تولغىنىپ .


‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار ،
‏قۇشلىرىنى سايرىتىپ .
‏كۈلدى غۇنچە ، كۈلدى چېچەك ،
‏ كۆڭۈللەرنى يايرىتىپ .


‏ كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار ،
‏نۇرغا تولدى كائىنات .
‏تىزدۇق مانا نورۇز ئۈچۈن
گۈلدەستىلەر ‏ئىھ ، ھەيھات .


‏ كەلدى نورۇز  ، كەلدى باھار ،
‏ئاۋام چۆمدى شادلىققا .
‏ بىلسە نورۇز ياشلىقتىكى ،
‏ئوخشار قەلەم قاشلىققا  .


‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار
‏نورۇز قىزى تۇتتى چاي .
‏نورۇز ئۈچۈن بەزمە تۈزۈپ ،
‏قىززىپ كەتتى ھەممە جاي .‏


‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار ،
‏كۆككە قوندى ھېلال ئاي .
‏دوست - يارەنلەر شاد كۈلەيلى ،
‏قوشاق توقۇپ ئىچكەچ چاي .



‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار ،
‏نورۇزدا دىللار يايرىدى .
‏خەندان ئۇرۇپ گۈل - چىمەندە ،
‏كۈيچى بۇلبۇل سايرىدى .


‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار ،
‏ياخشى كۈنلەر كەلدى تېز .
‏رەھمىتى يەتتى خۇدانىڭ ،
‏غەم - ئەلەمدە كەتتى قىش .



‏كەلدى نورۇز ، كەلدى باھار ،
‏جۇۋا -  تۇماقنى تاشلىدۇق .
‏كەڭ سېلىپ بىز داستىخاننى ،
‏يېڭىساردا مەشرەپ باشلىدۇق .


‏قېنى دوستلار ، مەرھابا !!!
‏تېز كېلىڭلار قەشقەرگە .
‏يىگىت بېشىدۇر بابۇر شاھ ،
‏بىز تۈزگەن بۇ مەشرەپكە .


‏ گۈلنىھال ھەم مېھرىمالار ،
‏سەئىدىيە ھەم قاراخان .
‏بابۇر شاھتەك ئېسىل يىگىتلەر ،
‏بۇ مەشرەپكە ساھىپخان .


‏كەڭ سېلىپ بىز داستىخاننى ،
‏تىزدۇق قەشقەر ئانىرى .
‏ئۈزۈم  ، كىشمىش ،  بادام  ، ياڭاق ،
‏داڭلىق يېڭسار ئۈرۈكى .


‏شۇنچە تاتلىق پشتى شۇ دەم ،
‏سىزلەر ئۈچۈن نورۇز ئېشى .
‏كۆيدۈرۈپ قويماي  ئىچىڭلار ،
‏ئاقمىسۇن كۆزنىڭ يېشى .



‏ئىنتىزامغا قاراپ پاششاپ -  
‏بولدى باتۇر قاراخان .
‏كېلىڭ ئەزىز  دوست -  يارەنلەر ،
‏چۆل ئەمەستۇر داستىخان .


‏ناخشا ئۇسسۇل ، ئويۇنلارغا ،
‏مەسئۇل ئەنە مېھرىما .
‏ئۆزى چاققان  ، خۇشپىچىمدۇر ،
‏ناخشا - سازغا مېھرى بار .



‏ كېلىڭ دوستلار مەرھابا دەپ ،
‏چىللىدۇق بىز مەشرەپكە .
‏قوينى ئۇز يېڭىسارىمنىڭ ،
‏مېھرى ئىسسىق ئۆزگىچە .




‏داۋامى سىلەرگە قالدى ، قېنى ، مەرھەممەت ....




بابۇر0725 2014-03-08 22:49
نەۋرۇزلۇق بېغىشلىمىلار باشلىنىپ كېتىپتۇ

نۇرلالە 2014-03-10 11:25
گۈلنىھالنىڭ قەلىمىگە ئاپىرىن .

قاراخان 2014-03-10 18:05
نورۇزغىمۇ ئاز قالدى،
كېلىڭ دوستلار مەشرەپكە!
يېڭىسار ئەھلى راسلاندۇق،
سورۇن تۈزەپ بەس-بەستە!

يىگىت بېشى بابۇرشاھ،
مەشرەپ ئۈچۈن ئالدىراپ،
شائىرلارنى يىغىشقا،
گەپ ئەۋەتتى سېلىپ ئات.

سىمنى تارتتى قاراققا.
«پەلەك شاھى» ئادىلجان،
تەۋپىقداشنى كېلەر دەپ،
ئالىقىنىغا ئېلىپ جان.

پىچاقلار ھەم بۇيرۇلدى،
تەۋپىقداشقا سوۋغا دەپ.
ئاقۋاش موماي كۆك تەرگەچ،
كەلمىگەچكە دەيدۇ خەپ!

سەئىدىيە، مېھرىما،
گۈلنىھال ھەم قاراخان.
مەشرەپ ئۈچۈن جابدۇنۇپ،
بىر-بىرىگە قوشارجان.


ئارىلىقنى يىراق دەپ،
ھەپتە بۇرۇن يوللىدۇق.
كەلمەي قالماڭ يارەنلەر،
يېڭىسار ئەھلى بەكمۇ شوخ.

پۇرسەت كېلىپ بۇ قېتىم،
بولدۇق بىزمۇ ساھىپخان.
كېلىڭ دوستلار ئات سېلىپ،
سىز بىز ئۈچۈن بىر خاقان.

تەۋپىق، ئەكبەر، كۆكسۇلتان،
ئۆزقان، گۈلخان، ياسىنجان،
يېڭىسار تامان يۈرۈڭلار،
سېلىندى مول داستىخان.

گۈلنىھال 2014-03-10 23:33
‏دانىش ئاغا ، تۆتتاشلار ،
‏شەبنەم ، ئارزۇ ، ماھىلار .
‏بىز ئەۋەتتۇق باغاقچە ،
‏يەردە قالماس ئارمانلار .

مىېھرىما 2014-03-11 10:13
يېڭىسارنىڭ پىچىقى،
شەمۇشەگە داڭقى بار.
سەمەت ئۈرۈك دارۋىزى،
ھەممە يەردە نامى بار.

كېلىپ كۆرۈپ كېتىڭلار،
سوۋغات قىلىپ ئېلىڭلار.
يېڭىسارنىڭ سالامىدىن،
يۇرتلارغا ئەپ كېتىڭلار.

يېڭىسار دېگەن ياخشى جاي،
خەلقى ئىشچان تىرىشچان،
ھاردىم-تالدىم دېمەيدۇ،
كەڭ سالىدۇ داستىخان.

يېڭىسارنىڭ يوللارى،
ئەتراپىدا باغلارى.
ھەردەم خوشال يايرايدۇ،
يېڭىسار ئوغۇل-قىزلارى.

ئۆزىنى ماختاپ كەتتى دەپ،
ھەيران قالماڭ دوستلىرىم.
كەلسىڭىزلا بىلىسىز،
راستمۇ يالغان سۆزلىرىم.

مۇنبەردىكى باشلىقلار،
ھەم بارلىق ئەزالار،
گۈلنىھال ھەم قاراخان،
سالدى دوسقان كېلىڭلار.

يېڭىسار كىچىك بولسىمۇ،
نورۇز شۇنداق قىزىيدۇ.
ئات بەيگىسى ئۇنىڭدىن،
ناخشا سازى قىزىيدۇ.

قاراخان ھەم گۈلنىھال،
مېھرىمانىڭ كۆڭلىنى.
رەت قىلماڭلار تەۋپىقداش،
يېڭىسارنىڭ خەلقىنى.

قاراخان 2014-03-11 11:28
تۆتتاش ئاكا ، ئە. نىياز،
كېلىڭلار تىز قەشقەرگە .
تۆردىن ئورۇن راسلاندى ،
سىزلەر ئۈچۈن مەشرەپتە

گۈلنىھال 2014-03-11 11:48
ئاتەش قىزى ، مەرىپەت ،
نادىرە ئاي ، ئەقىدە .
ئەۋەتكەنتۇق سىزلەرگە ،
تەگكەندىمۇ باغاقچە .


ئەشمە 2014-03-11 12:53
نەۋرۇز ئىناقلىق بايرىمى.

مىېھرىما 2014-03-11 14:20
قاراخان:تۆتتاش ئاكا ، ئە. نىياز،كېلىڭلار تىز قەشقەرگە .تۆردى ئورۇن راسلاندى ،سىزلەر ئۈچۈن مەشرەپتە . (2014-03-11 11:28) 

ئە. نىيازغۇ كېلىدۇ،
تۆتتاش لىكىن كەلمەيدۇ.
ئىنكاسىمغا نارازى ،
غۇمۇت ساقلاپ يۈرىيدۇ.

كەلسە قارشى ئالىمىز،
ئاداۋەتتىن يىراق بىز.
خېلى چوڭ ئىش بولسىمۇ،
غۇمۇت ساقلاپ يۈرمەيمىز.


قاراخان 2014-03-11 17:45
مىېھرىما:ئە. نىيازغۇ كېلىدۇ،تۆتتاش لىكىن كەلمەيدۇ. ئىنكاسىمغا نارازى ،غۇمۇت ساقلاپ يۈرىيدۇ........ (2014-03-11 14:20) 

ئوغۇل بالىدەك چوكان جۇما سىلە!

مىېھرىما 2014-03-11 21:54
چۈشەنگەنلىرىگە رھمەت

گۈلنىھال 2014-03-12 12:46
مىېھرىما:چۈشەنگەنلىرىگە رھمەت [ئىپادە] [ئىپادە]  (2014-03-11 21:54) 

دىمەك بولغان گەپلەرنى ،
يېزىڭ قوشاق شەكلىدە .
تەكلىپ قىلىپ دوستلارنى ،
يېڭساردىكى مەشرەپكە .

قاراخان 2014-03-12 13:35
گۈلنىھال:دىمەك بولغان گەپلەرنى ،يېزىڭ قوشاق شەكلىدە .تەكلىپ قىلىپ دوستلارنى ،يېڭساردىكى مەشرەپكە . (2014-03-12 12:46) 

تەكلىپ قىلساق دوستلارنى،
باشلىقلاردىن سادا يوق.
سۇ بېشىدىن لايمىدۇ،
خۇشال كۆڭلۈم بولدى پوق!

شىياۋ ۋاڭ تاۋۇز ساتقاندەك،
ئۆزىمىزنى ماختىدۇق.
چاقىرساقمۇ كەلمىگەچ،
تەۋپىقداشتىن رەنجىدۇق!

گۈلنىھال 2014-03-12 13:59
ئۆزقان ھەدە مەشرەپكە،
تەرەددۇتمۇ قىلمىدى.
كىرسىمۇ گەر مۇنبەرگە،
ئىنكاس يېزىپ قويمىدى!

ئە. نىيازمۇ كىرىپتۇ،
قوشاقنىمۇ كۆرۈپتۇ.
ئالدىراشمەن دەپ قويۇپ،
قۇيرۇق تىكىپ قېچىپتۇ.

گۈلخانىممۇ كەلمىدى،
پەرىشتە ھەم ياسىنجان.
مەشرەپ ئۈچۈن سېلىنغان،
چۆل ئەمەستى داستىخان.

باھانە قىپ ھەممىسى،
ئالدىراش بوپ قالدۇق دەپ.
كەلمەي قويدى مەشرەپكە،
دەپ قويدۇققۇ بىزمۇ خەپ.


گۈلنىھال 2014-03-15 23:10
[quote]نۇرلالە:گۈلنىھالنىڭ قەلىمىگە ئاپىرىن . (2014-03-10 11:25) [url=/bbs/job.php?action=topost&tid=12095&pid=67381][/


‏رەھمەت سىزگە تەۋپىقداش ،
‏ئىلھامىڭىز خۇش قىلدى .
‏كېلىڭ سىزمۇ مەشرەپكە ،
‏داستىخان چوڭ سېلىندى !!!

ئەكبەرنىياز 2014-03-15 23:37
يېڭى ھېسار ھەرگىزمۇ ،
يېڭى ئەمەس بىلىمىز .
تەكلىپ قىلسا دوستلىرىم ،
ھايال بولمھي ئۈنىمىز !

كەچۈرۈڭلار گۈلنىھال ،
باغاق كەلدى كېچىكىپ .
ئارىلىق يىراق ئەمەسمۇ ،
كەتمەڭلارچۇ تېرىكىپ !؟

مەشرەپلەرگە ھەر قاچان ،
تەييار تۇرپان يىگىتى .
نازىركومغا دەسسەيمىز ،
قىزىسۇن يىڭىسار مەشرىپى !!!

مەشرەپ بىلەن ياشىرار ،
كۆڭۈللەرنىڭ شادلىقى !!!
مەشرەپلەردە نامايان ،
بۇ ھاياتنىڭ تاتلىقى !!!

باغىقىنى يەتكۈزەي ،
ئوتقاش، دانىش ، گۈلخانغا .
ئەمدى كەلدى بۇ باغاق ،
ئاقسۇ ، كورلا، تۇرپانغا !!!

گۈلنىھال 2014-03-15 23:47
‏يا ئاللا !!!
‏  ئەكبەر نىياز بارمۇ سىز ؟
‏سالامەتمۇ تېنىڭىز ؟
‏كېلىڭ ئىللىق يېڭسارغا ،
‏سىزنى ياخشى كۈتىمىز .



گۈلنىھال 2014-03-15 23:51
‏ئوتقاش  ، دانىش ، گۈلخانلار ،
‏كەلسە سەپ - سەپ مەشرەپكە .
‏باشلايمىزغۇ شەمۇ -  شەھ ،
‏قوينى كەڭرى قەشقەرگە .

گۈلنىھال 2014-03-16 19:42
جاپا تارتىپ مەن يازسام ،
كۆچۈرۈپتۇ باشقىلار .
ئېلان قىلىپ بايقاشتا ،
ياڭرىتىپتۇ چاۋاكلار .

توۋا دىدىم  ئۇيغۇرغا،  ( بايقاش مۇنبىرىدىكى نامى ئۇيغۇرۇم ئىكەن . بۇ مۇنبەردە  ئىسمى نىمىكىن ؟
نۇمۇس قىلماي يورغىلاپ.
مېنىڭ شىئېرىم دەپتىغۇ ،
مېنىڭكىنى ئوغۇرلاپ .

گۈلنىھال 2014-03-16 20:54
توۋا دەيمەن دوستلىرىم ،
بايقاش باشقۇرغۇچىسى .
بىزنى مات قىپ قويدۇڭ دەپ ،
مېنىڭ بىلەن سوقۇشتى .

كۆچۈرگەچكە ئەزاسى ،
بۇ مۇنبەرنىڭ مىۋىسى .
تۇتىۋالدۇق« ئوغرىنى » ،
بېرىپ ئۇنىڭ دەككىسى .

قاراخان 2014-03-16 21:57
گۈلنىھال:توۋا دەيمەن دوستلىرىم ،بايقاش باشقۇرغۇچىسى .بىزنى مات قىپ قويدۇڭ دەپ ،مېنىڭ بىلەن سوقۇشتى ........ (2014-03-16 20:54) 

ئەمدى تەۋپىق ئەپەندى بايقاش باشقۇرغۇچىسى ئالدىدا مەيدە قېقىپ سۆزلەشكىدەك پۇرسەت كەپتۇ-دە!

گۈلنىھال 2014-03-16 23:47
بايقاش ‏ئەپەندى كەچۈرۈم سوراپتۇ ، مەنمۇ بوپتۇ دىدىم ، لىكىن ئىش تېخى ئاخىرلاشمىدى . ئۇلار ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋەدە بەردى . لىكىن بىر ئايال باشقۇرغۇچىسى ئاتىكاچىلىق قىلىپ « تۆكمە »  ئەسەرلەرنى كۆچۈرمەڭلار دىسەكمۇ ....  دىگەندەك گەلەرنى قىپتىكەن ، مەن قايتۇرغان ئىكاسنى تەستىقلىماي ئۆچۈرۋەتتى . ئۇلار بەك ناچاركەن  .  ھەي ...

‏مېنىڭچە تەۋپىق ئەپەندى ئۇنداق قىلماسمىكىن   ئۇ  ئالدىراش       

قاراخان 2014-03-16 23:59
گۈلنىھال:بايقاش ‏ئەپەندى كەچۈرۈم سوراپتۇ ، مەنمۇ بوپتۇ دىدىم ، لىكىن ئىش تېخى ئاخىرلاشمىدى . ئۇلار ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋەدە بەردى . لىكىن بىر ئايال .. (2014-03-16 23:47) 

سىزمۇ بايقاشنىڭ ئەزاسى بولغاندىكىن چىرايلىق گەپ قىپ قويۇڭ ئۇلارغا!

nadiraay 2014-03-17 00:07
نورۇز بايرىمىدا  بالىلارغا ئوقۇپ  بەرگۇدەك  شېئىر بىلەن  تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-03-17 07:51
قاراخان:سىزمۇ بايقاشنىڭ ئەزاسى بولغاندىكىن چىرايلىق گەپ قىپ قويۇڭ ئۇلارغا![ئىپادە] (2014-03-16 23:59) 

‏ئوبدان !!!
يول كۆرسەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .  

گۈلنىھال 2014-03-17 08:02
‏ئۇ مۇنبەردە قىززىقكەن ،
‏چۈشەنمىدىم بۇ ئىشنى .
‏تەستىقلىماي ئۆچۈرۈپ -
‏بىزلەر يازغان ئىنكاسنى .


‏قوقۇنچاقلىق قىلىدىكەن ،
‏تەستىقلىماي ئىنكاسنى .
‏ئۆزى يازسا بولارمىش ،
‏ھەرقانداق بىر جاۋاپنى .

‏كۈلۈپ كەتتىم ئۆزۈمگە ،
‏ئۇلار راسلا قوقۇپتۇ .
‏ئۆزنىڭكىنى راس قىلىپ ،
‏ئەزالارنى بېسىپتۇ .





گۈلنىھال 2014-03-17 08:09
‏بىزنىڭ تەۋپىق مۇنبەردە ،
‏بۇنداق ئىشلار كۆرۈلمەس .
‏باشلىقلارمۇ ئەزەلدىن ،
‏ئەزا بىلەن سوقۇشماس .


‏ھۆرمەتلىشىپ ھەممىنى ،
‏يول قويىشار ئۆز ئارا .
‏سۈزۈك بولغاچ باشتىن سۇ ،
‏بوپ قالمىدى دىل يارا .


‏يازغان‏ ئىنكاسلىرىمىز ،
‏تەستىقسىزلا چىقىدۇ .
‏باشقۇرغۇچى بىز بىلەن ،
‏سوقۇشۇپمۇ يۈرمەيدۇ .


‏شۇڭا دەيمەن دوستلىرىم ،
‏رەھمەت دەيمەن سىلەرگە .
‏چىن يۈرەكتىن سالامنى ،
‏يوللايمەن ھەم تەۋپىقكە .

‏تەۋپىق مۇنبەر ياخشىكەن ،
ناچار ئىشلار كۆرۈلمەس .
‏كۈندە كىرىپ مۇنبەرگە  ،
‏ئۆتكەن كۈنلەر بىلىنمەس .

پگۈزەل 2014-03-17 18:41
يېڭىسارنىڭ قىزىبىز،
چېكىمىزدە گۈلىمىز.
بىلىم ئېلىش يولىدا،
دادىل قەدەم تاشلايمىز.

گۈلنىھال 2014-03-17 20:12
ياخشىغۇ پگۈزەل ،
سىزمۇ بارمۇ مۇنبەردە ؟
قولىنى قولغا تۇتىشىپ ،
گۈللىنەيلى تەۋپىقتە .

كېلىڭ بىزگە جان قوشۇڭ ،
سىزمۇ بىزدەك ساھىبخان .
مەشرەپ ‏ئەھلى كەلگۈچە ،
‏سېپ بولايلى داستىخان .



ئوتقاشئەرقۇتى 2014-03-17 22:10
بەكمۇ قىزىپ كىتىپتۇ ،
مۇنبەردىكى نۇرۇزلۇق،
ساھىپخانە يىڭسار ،
تەكلىپلىرى ئورۇنلۇق .

ئوتقاش،ئەكبەر خەۋەرنى،
بەرسۇن لەكچىن شەھرىگە.
نورۇزلۇق  بۇ خۇشاللىق ،
يەتسۇن ئاسمان قەھرىگە .

تەۋپىقداشلار شادىمان ،
بۇ مەشرەپتە كۈلەيلى.
ئىناقلقنى ،بىرلىكنى ،
توتىم قىلىپ يۈرەيلى .

تەكلىپنامە تارقالسۇن،
قەشقەر،ئاقسۇ تۇرپانغا ،
كورلا، غولجا، قالمىسۇن ،
كەتسۇن خوتەن ئالتايغا .

تەۋپىقداشلار جەم بولسا  ،
نورۇز ئىشى تارتايلى ،
سۆزلەپ ئۆرۈپ- ئادەتنى ،
مۇشائىرە قۇرايلى ،

يىڭىساردا بار ئىكەن  ،
نورۇز بۇلاق ئىلھامى ،
چاقىرايلى تىزلىكتە ،
يىگىتلەرنى قىزلارنى .

«نورۇزبۇلاق »بېشىدا ،
نەزمە توقۇپ ھارمايلى ،
خەۋەردارلار كىلىڭلار ،
بۇ بەزمىدىن قالمايلى .

گۈلنىھال 2014-03-17 22:39
‏رەھمەت سىزگە ئەرقۇتى ،
‏سىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۇق .
‏يېڭساردىكى مەشرەپتىن ،
‏ئۆزىڭىزگە تۈگۈندۇق .







قاراخان 2014-03-17 22:44
ئايھاي، تەۋپىقداشلىرىم،
كېلىڭلار تېز مەشرەپكە.
نورۇز ئەھلى قول باغلاپ،
تەييارلاندۇق كۈتۈشكە!



مەرىپەت0999 2014-03-20 13:16
ئىلىخو دېگەن جايغا باغىقىڭلار يەتتىغۇ،
يۈرەكلەرنى يايرىتىپ سالىمىڭلار يەتتىغۇ.
ئۇنۇتمايلى ھەممىمىز نەۋرۇز دېگەن قۇتلۇق كۈن،
تۇلپارلارنى جابدىتۇپ يىڭسار تامان چاپتىغۇ.

گۈلنىھال 2014-03-20 15:10
مەرىپەت0999:ئىلىخو دېگەن جايغا باغىقىڭلار يەتتىغۇ،يۈرەكلەرنى يايرىتىپ سالىمىڭلار يەتتىغۇ.ئۇنۇتمايلى ھەممىمىز نەۋرۇز دېگەن قۇتلۇق كۈن،تۇلپارلارنى جا .. (2014-03-20 13:16) 

‏ياخشى بولدى مەرىپەت ،
‏جابدۇنۇپتۇ مەشرەپكە .
‏پايانداز سېپ يولىغا  ،
‏ئورايمىز گۈل - چېچەككە .

مىېھرىما 2014-03-20 18:51
قالغان تەۋپىقداشلىرىم ،
ئىنكاس قايتۇرمايسىلەر .
مەشرەپ قىزىپ ئوت كەتتى ،
ئوت ئۆچسە كېلەمسىلەر .

مىېھرىما 2014-03-20 18:55
ئوتقاش بىلەن مەرىپەت،
كېچىكسىمۇ كېلىپتۇ.
خەۋىرى يوق باشقىلار ،
نەلەدىدۇر يۈرۈپتۇ.


ozqan 2014-03-20 19:03
يېڭى سارنىڭ قىزلىرى ،
زەپمۇ قىزغىن ئۇز ئىكەن .
يىگىتلىرى قاراخاندەك ،
گەپ-سۆزلىرى تۈز ئىكەن .

نورۇز تامان مېڭىشقا ،
ئۆزقان بەلنى باغلىدى .
كەلمىدى دەپ زارلانغان ،
گەپلەر يۈرەك داغلىدى .

مەشرەپ دېگەن ئۇيغۇرغا ،
ئەزەلدىنلا خاس ئىدى .
نورۇز بىلەن تەۋپىقداش ،
خوشال خورام كۈلسىدى .

رەھمەت سىزگە گۈلنىھال ،
نورۇز قىزى بولۇپسىىز .
مېھرىما قىز سىزمۇ ھەم ،
بىزگە گۈللەر تۇتۇپسىىز .

ماڭدۇق بۈگەن مەشرەپكە ،
يېڭىسارغا يول بولسۇن .
ماڭغان قەدەم ئىزلاردىن ،
ھەممە يەردە گۈل ئۈنسۇن ...

مىېھرىما 2014-03-20 19:13
قىزغىزغىن قارشى ئالمىز ،
يولىڭىزدا كۆزىمىز .
كۆكسىمىزدە قولىمىز ،
سىزگە خىزمەت قىلمىز.

يولغا چىقتى دەپ ئاڭلاپ،
كۆككە يەتتى بېشىمىز .
ئۆزقان كەلسە يىڭسارغا،
تازا قاينار مەشرىپىمىز.

gulhan 2014-03-20 23:09
بۈگۈن تەگدى قۇلۇمغا،
يىڭسار نورۇز باغىقى.
خوشال كۈلۈپ يۈگۈردۇم،
ئايرىپىلاندەك ئۇچۇشقا.

گۈلنىھالدەك ئۇز قىزنىڭ ،
مېھرىگە بىر قانايمەن.
مېھرىمانىڭ ئېشىغا،
ئىشتەي ساقلاپ يۈرگەن مەن.

قاراخاندەك سۇباتلىق،
مەرت يىگىتكە بارىكاللا.
تەۋپىقداشقا ئاتاپ ئۇ،
سۇيۇپ بۇپتۇ ئون كالا.

مانا لىۋەن ئۆزقانمۇ،
چىقىپ بوپتۇ سەپەرگە.
خەپ ئەكبەرجان دەپ قويماي،
كېتىپ قاپتۇ مەشرەپكە.

گۈلخان بولۇپ ياناي مەن،
دوستلار تۈزىگەن سورۇندا.
كېلىڭ دوستلار نورۇزغا،
جەم بولايلى يىڭساردا.

گۈلنىھال 2014-03-20 23:30
‏ۋاي -  ۋۇي !!!

‏ قەلبى ئوتلۇق گۈلخانىم ،
‏كەلمەك ئۈچۈن مەشرەپكە .
‏جابدۇنۇپتۇ تۇرپاندىن ،
‏مېھرى ئىسسىق قەشقەرگە .


‏گۈلخان ، ئۆزقان ، مەرىپەت ،
‏ئە . نىياز ھەم ئەر قۇتى .
‏كەڭرى كەتكەن سەينادا ،
‏ئۇسۇل  ، ساما قاينايتى .


‏قىز -  يىگىت چۈن  نەخلەدى ،
‏قەشقەر سەنەم ئۇسۇلى .
‏ھەيران قىلار مېھماننى،
پەلەك شاھنىڭ دارۋازى .


‏گۈلخانىمنىڭ مېھرىگە ،
‏قېنىۋالاي مەنمۇ ھەم .
‏ئىشتەي كۈتكەن تاماقتا ،
‏بار ئۆزگىچە شىرىن تەم .


‏ئە .  نىيازى ئالدىراپ ،
‏ئۇنتۇپتۇ گۈلخاننى .
‏ئوتلۇق قەشقەر قىزلىرى ،
‏كۆيدۈرگەچكە قەلبىنى .


مىېھرىما 2014-03-20 23:39
گۈلخانىمنى  قىزغىن قارشى ئالىمىز.

مىېھرىما 2014-03-20 23:39
گۈلخانىمنى

مىېھرىما 2014-03-20 23:43
يولغا چىقسا گۈلخانىم.
ئە.نىياز ھەم ئۆزقانىم.
پاياندازلار سالايمەن.
راسلاپ سەينايىڭساردىن.

گۈلنىھال 2014-03-21 00:07
‏مەشرەپ قايناپ قەشقەردە ،
‏نەغمە -  ناۋا قىززىدى .
‏بۇ مەشرەپكە پەقەتلا ،
‏تۆتتاش ئاكام كەلمىدى .


‏ئەۋەتكەنتۇق بولمىسا ،
‏ھەپتە بالدۇر باغاقنى .
‏سويغان ئىدۇق مەخسۇس دەپ ،
‏تۆتتاش ئۈچۈن ئون قوينى .


‏نەسەۋەب بار كەلمەسكە ،
‏بىز تۈزگەن بۇ مەشرەپكە .
‏تۆتتاش ئاكام نىمنى ،
سېپ  يۈرگەندۇ كۆڭلىگە .

‏‏

ataxkiz 2014-03-23 01:17
ئاتەش كەلدى ئات سېلىپ ،
مەن قالدىم دەپ دات سېلىپ.
چىقارمىكىن يولۇمغا ،
ھاردۇقۇمغا ئاش ئېلىپ .

تەلكىنىڭ داۋانىدا ،
ھايال بوپتۇ باغىقىم .
مەن بارغاندا تونۇڭلار ،
قىزىل يىپەك ياغلىقىم .

گۈلنىھال قىز تاماقلار ،
بەكلا سۇۋۇپ قالارمۇ ؟
كېچىكسەممۇ دوستلىرىم ،
پاياندازلار سالارمۇ ؟!

مەشرەپ قىززىپ كەتتىمۇ ؟
نۇرۇز ئېشى ئەتتىمۇ ؟
مېنى يوق دەپ يىگىتلەر ،
بالدۇر ئۇزاپ كەتتىمۇ ؟!

مەن بارۇرمەن تاڭغىچە ،
تارقىماڭلار ئاڭغىچە .
دېدارلىشىپ دوستلىرىم ،
مۇڭدىشايلى قانغۇچە .


مەرىپەت0999 2014-03-24 12:24
قارشى ئالىمەن،گۈلنىھال.قەدىمىڭىز مۇبارەك!!!!

内容来自[短消息]

مىېھرىما 2014-04-04 20:17
ataxkiz:ئاتەش كەلدى ئات سېلىپ ،مەن قالدىم دەپ دات سېلىپ.چىقارمىكىن يولۇمغا ،ھاردۇقۇمغا ئاش ئېلىپ ........ (2014-03-23 01:17) 

ئاتەش قىزنى كەپتۇ دەپ،
راسلاپ قويدۇق كەڭ سەينا ،
ئوغۇل قىزلار سەپ بولۇپ ،
قارشى ئادۇق بىز ئەينا .

تاماق ھەرگىز سويىماس،
ئاتەش قىزدەك ئاتەش بار.
سورۇن ئەھلى توزىماس ،
ئاتەش قىزغا كۆڭۈل بار.

owchi 2014-04-04 22:42
يائاللا.......

زەردار 2014-04-08 18:59
يۇرتۇمنىڭ مەدھىيلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ھاياجانغا تولدى


查看完整版本: [-- گۈلنىھال  : يېڭىسار نورۇز مەشرىپىگە تەكلىپ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled