查看完整版本: [-- ئانا تىلىم ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> ئانا تىلىم ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-03-07 16:13

ئانا تىلىم ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى )

  
مەن دەرس ئۆتۈۋاتقان سىنىپ ( قەشقەر يېڭسار ناھىيە 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ 7 - يىللىق  9  - سىنىپ )ئوقۇغۇچىسى ھىزبۇللا ئابدۇل باسىتنىڭ ئىجادىيىتى .


  ئانا تىلىم


ئانا تىلىم يېقىملىق ،
ئېيىتىلىشى رېتىملىق .
ئۇنىڭ بىلەن تەپەككۇر ،
قىلغاچقا مەن ئەقىللىق .


تىلىم بىلەن جېنىم بىر ،
خەتلىرىگە قېنىم بىر .
يېزىلىشى بەك گۈزەل ،
ئىچىم كۆيەر ئەجەپ بىر .



ئانا تىلىم يىگانە ،
يۈرىكىمدە بىر دانە .
ئۆگىنىشكە مەن ئۇنى ،
ئەتراپىدا پەرۋانە .



قوش تىل بىلىش شەرەپلىك ،
بىلىمسىزلىك خەتەرلىك .
سۆزلىشەيلى دوستلىرىم ،
ئانا  تىلدا يۈرەكلىك .



7 - يىللىق 9 -  سىنىپ ئوقۇغۇچىسى : ھىزبۇللا ئابدۇلباسىت

بابۇر0725 2014-03-07 17:35
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك  ئىلھاملاندۇرۇش كۈچى يۇقىرى بولۇپتۇ

ئۇيغۇر123 2014-03-07 21:11
ناھايىتى ياخشى يېزلىپتۇ كىچىك بالىنىڭ مۇشۇنداراق يازمىقى تەس!

گۈلنىھال 2014-03-07 22:18
‏ئۇنىڭ ئۈستىگە قوش تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەڭلار .

‏مەن شۇنداق سۆيۈندۈم بۇ ئوقۇغۇچۇمدىن .

‏ ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت !!!

قاراخان 2014-03-07 23:11
خاتالاشمىسام بۇ ئوقۇغۇچى شائىر ئابدۇلباسىت ئابدۇراخماننىڭ ئوغلىىغۇ دەيمەن؟ دادىسىنىڭ تەسىرى يۇقۇپتۇ-دە! ئابدۇلباسىتنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى مەن بەك ياقتۇرىدىغان شېئىر، شۇڭا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم، سىلەرمۇ ئوقۇپ كۆرۈڭلار!
ئانا

ئابدۇلباسىت ئابدۇراھمان  
1  

ئانا جەنۇبتىكى يىراق يېزىغا  
بويۇن قىسىپ بارغاندا خېتىم،  
پىشىۋاتقان يوبداننى قويۇپ  
ئالغانسە ھە!  
توپا چىراي پوچتالىيوندىن.  
ئانا،  
ھېلىھەم ئىسىمدە،  
مېنى يۈدۈپ جىگدىلىكلەردە،  
ئوتۇن تېرەتتىڭ.  
يۈرەككە ئوخشاش قىزىل چوغ ئىچىدە،  
ماڭا كۆمەچ كۆمۈپ بېرەتتىڭ.  
قەدىرلىك ئانا،  
سېغىنسام سېنى،  
خەت يازىمەن يىرتىق قەلبىمگە.  
ياشىنىپ قالدىڭ،  
ئۆيدە دەم ئالغىن،  
كۆپ ئويلىما شائىر ئوغلۇڭنى،  
گەرچە شېئىرغا نان كەلمىسىمۇ،  
تەقدىرىمگە كۆپ دۇئا قىلغىن.  

ئانا،  
يىرتىق چاپان، كىرلاش رومىلىڭ،  
يېرىق تاپان، قوتۇر قوللىرىڭ.  
دېمىدىغۇ ئاغرىق دۇنياغا،  
قاپاقتىكى ئاشقان سۇلىرىڭ.  
ئاھ! بىچارىمەن،  
قىيامەتتەك سەھرادا قالدىڭ.  
ئىچىمدە بىر دەردلىك ئاچچىق بار:  
تەلمۈرگەندە بىچارە خېتىم،  
بىلەلمەيسەن بۇقۇلدىشىنى،  
تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزۈڭگە سۈرتۈپ،  
ئەسلىگەنسەن ساددا تارىخنى،  
سېيىت نوچىنى،  
ھەمدە ئۇنىڭ ھالاكىتىنى،  
ئاھ! نادانلىق ئاھ! ساۋاتسىزلىق.  
تۈن قوينىغا يېزىقلىق خېتىم.  
شۇ تاپتا،  
ئوما ئورۇپ چارچاپ كەتكەنسەن،  
ئىسسىقتا ھەم چاڭقاپ كەتكەنسەن.  
سۇ بېرەتتىم  
يېنىڭدا بولسام،  
ئوما ئورۇپ بېرەتتىم يەنە،  
قەلەم تۇتقان قوللىرىم بىلەن.  


ئانا،  
توقۇمى ھەم لىڭگىلچىقى بار  
ئېشىكىمىز ھازىرمۇ بارمۇ؟  
توقۇنىقى، ئاغامچىسى بار  
يارىيار ھارۋا ھازىرمۇ بارمۇ؟ّّ!  
چا قۇيرۇقلىق ئورۇق ئۈكۆزنىڭ-  
ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان  
قاراڭغۇ ھەم زەي جۇۋازخانا  
ھېلىھەم بارمۇ؟  
بوۋام ئۆلۇپ كېتىش بىلەن تەڭ  
توختاپ قالغان غىچىرلىشىمۇ.  
ئاھ قەدىرلىك جانىجان ئانا،  
ئۇغۇ  
مەسچىت ئەمەس، چىركاۋمۇ ئەمەس،  
خانقا ئەمەس يا تۈنەكخانا  
ۋە ياكى بىر تەجرىبخانا.  
بۇ يۇرتتىغۇ يوق موزېيخانا،  
ئۇ پەقەتلا بىر جۇۋازخانا.  
قاراڭغۇلۇق بەخشەندە ئاڭا.  
ياغ پۇرايدۇ ئەرۋاھلار ئۇندىن،  
ئۆمۈچۈكلەر سايلام ئۆتكۈزەر.  
ئۇنىڭ كىچىك تۇڭلۇكچىسىدىن  
كۆرىنىدۇ تارىمغۇۋا.  
‹‹ئوھ›› دەۋالغىنبىچارە ئانا،  
ھېرىپ كەتتىڭ ئېغىر ئەمگەكتىن.  


3  

ئانا،  
تېلىفۇن قىلسام يىراق شەھەردىن،  
ئۇلانمايدۇ بىزنىڭ سەھراغا.  
ئۇماچ چالغۇچ تۇتقان قولۇڭدا  
تىڭشىغۇچنى تۇتالمايسەن،  
ئەتجەخ خەتتىن باشقىسى بىكار،  
لىپاپىدەك يېپىقسەھراغا.  
نۇر دەۋرىدە جانىجان ئانا،  
جىنچىراق بار مورا بېشىدا.  
يىراق كۆلدىن سەھرا قىزلىرى  
سۇ توشۇيدۇ يۈدۈپ قاپاقتا.  
ئانا، سەنمۇ ياشلىق چېغىڭنى  
ئۆتكۈزەتتىڭ  
مۇشۇ سىياقتا.  
پۈتكۈل دۇنيا باردۇر قاپاقتا.  
ياكى دۇنيا ئاشۇ بىر قاپاق.  
پۇراق چاچار بىزنىڭ سېسىق كۆل،  
پاقىلارنىڭ كەڭرى دۇنياسى.  


* * * *  

ياماق بولماس كونا رومىلىڭ،  
كالىچىڭدەك يىرتىق قەلبىمگە.  
جۇل كۆڭلىكىڭ كەبى نامراتلىق  
دەرد قوشىدۇ ھەسرەتلىرىمگە.  
* * * *  

ئانا،  
سەن بىلىسەن،  
بىزنىڭ سەھراغا  
راغرا ناندەك مىسكىن قۇياشنىڭ  
چېچىلىدۇ سېرىقتال نۇرى،  
كىسەلمەندەك دۈمچەك دالىغا.  
دالىدىكى ئىشتانسىز بالا،  
يۈدۈۋېلىپ يوغانزاغرىنى،  
پادا ھەيدەر يىراق جاڭگالغا.  
ئاشۇ جاڭگالدا  
ئاق جۇۋىلىق خىزىرمۇبارمىش،  
غايىپ بولغان شەھەرمۇ بارمىش،  
بەكمۇ يىرتقۇچ ئېيىقمۇ بارمىش،  
دۆۋە- دۆۋە قۇملۇقلار ئارا،  
بۇرۇنلاردا  
بەكمۇ قانلىق جەڭلەر بولغانمىش،  
مۇمام شۇنداق  
دەپ بەرگەن ماڭا.  

4  

بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇساڭا،  
كۆزلىرىمدىن يىغا تارايدۇ...  

* * *  

ئىۋرىق بىلەن تاھارەتئالساڭ،  
پاكلىنىدۇ بىزنىڭ قەلبىمىز،  
پاكلىنىدۇ پۈتكۈل سەھرا  
پاكلىنىدۇ پۈتكۈل يەر شارى،  
خۇددى مەككىدەك.  
يەتتە قېتىم يۈدۈپ بارارمەن،  
سېنى ئاشۇ يىراق مەككىگە،  
تارتقان شۇ جاپالىرىڭغا.  
مەككە-  
دەرەخسىز ماكان،  
لەيلەپ يۈرەر نېفىت ئۈستىدە.  
بىزنىڭ سەھرا ئوخشىماس ئاڭا،  
بەكمۇ ئىللىق بۇ تەكلىماكان.  


* * *  

ئانا،  
بىزنىڭ سەھرادا  
تىنچ ئوكياندەك يوغاندېڭىز يوق.  
نىل دەرياسى كېلەلمەس ئېقىپ.  
پەقەت كىچىك بىرلا ئۆستەڭ بار،  
مەختۇمسۇلا چېچىنى تارىغان.  
جاڭگالمۇ بار بەكمۇ بىپايان،  
چىن تۆمۈر باتۇرئوۋ ئوۋلايدىغان.  
يەتتە باشلىق يالماۋۇزمۇ بار،  
مەختۇمسۇلانى بۇلاپ ئېلىپ قاچقان،  
تاپىنىدىن قان شورايدىغان.  
جاڭگالدىكى قومۇشلۇقلاردا  
نۇزۇگۇمنىڭ ئاياغئىزى بار.  


* * *  

ئانا،  
غۇربەتچىلىك بۇندا ھۆكۈمران،  
قوناق يېرىپ ياغۇنچىقىڭدا،  
كۆك چامغۇرنى قۇلاقلاپ سېلىپ،  
ئېتىپ بىرەتتىڭ ياما ئاش بىزگە.  
قۇيۇپ بېرەتتىڭ ئۆپكە ھېسىپمۇ،  
يەيتتۇق بىز كېكىرىپ تۇرۇپ،  
ھېيىت بولغاندەك خۇشاللىق بىلەن.  


5  

ئانا،  
چەكتىڭ رىيازەت،  
بۈۋى مەريەمدەك.  
بولالمىدى بۇ شائىر ئوغلۇڭ،  
ئەيسادەك.  
كرېستمۇ يوققۇملۇقتا،  
مەن مىخلانغۇدەك،  
كۆپ يىللار مابەينىدە  
قىلىپ كەلدىم شائىر تىلاۋەت،  
بۇقۇسىنىڭ دوقمال تىغىدەك.  
ئەيسا قاچتى سۈزۈك ئاسمانغا،  
مەن قاچايمۇ تەكلىماكانغا.  
شۇندا يەنە  
قوغلاپ بارسا رودىپاي شېئىرلار،  
تۇتۇپ قويار مېنى نامراتلىق.  
مەن ياتارمەن چاكىلدىتىپ ئاغزىمنى،  
يۇنۇسنى يۇتقان يوغانبېلىقتەك.  
دەشت چۆلدە سەكراتتا ياتسام،  
يۈدۈپ كېلىپ بىر كوزا سۇنى.  
تېمىتامسەن چاك- چاك ئاغزىمغا،  
ئاشۇ پۇچۇق نوگىيىڭ بىلەن.  
قان - ياش يىغلايسەن،  
ياقاڭنى يىرتىپ،  
ئەگەر مەن ئۆلۈپ ئارماندا كەتسەم.  
ئېڭىكىمنى قاتارسەنبەلكىم،  
ئۆڭۈپ كەتكەن ئاق رومىلىڭدا.  
يۇمدۇرارسەن كۆزۈمنى بەلكىم،  
ئاشۇ يىرىك ئىشچان قولۇڭدا.  
پەرياد ئۇرۇپ سەنلا يىغلايسەن.  
يىغلىمايدۇ بىۋاپا دۇنيا.  
ئاران باققان چۈنكى سەن مېنى،  
بۇلىماق ئېتىپتېرىق ئۇنىدا.  
ئۆزەڭ يېگەن قورۇپ كىپەكنى،  
ماڭا چاي بېرىپ زاغرا نېنىدا.  
قالاپ قومۇش، پاخال كېپەكنى.  
يىغلىما ئانا،  
ھايات مەن تېخى،  
ئەيسامۇ ھايات بارمىش ئاسماندا  
مەنمۇ ھايات تەكلىماكاندا.  


6  

ئانا  
ئەللەي ناخشاڭدا  
تەسۋىرلىنىدۇ.  
خارابى يىپەك يولىنىڭ،  
مىڭ ئۆينىڭ،  
قوچۇنىڭ،  
قارا خانىيلارنىڭ،  
يىپەك يولى،  
بەكمۇ ئۇزۇن يول،  
خۇددى بىزنىڭ تارىخىمىزدەك.  
جىرىڭلىغان مۇشۇ يولدا،  
بۇغرالارنىڭ قوڭغۇراقلىرى.  
تارقاتقانتى يىراق - يىراققا،  
مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى.  
ئەمدىلىكتە،  
ئاھ! جېنىم ئانا،  
مۇشۇ يولدا ھەيدەپ كېلىسەن،  
كالا قېتىلغان يارىيار ھارۋىنى،  
كۆك يانتاق بېسىپ.  
ئانا،  
ئېيتىپ بېرەتتىڭ،  
باغدات ھەققىدە،  
‹مىڭبىر كېچە › چۆچەكلىرىدىن.  
تىڭشار ئىدى گۈدەك شائىرىڭ،  
ئاق سۈتۈڭنىڭ لەززىتى كەبى.  
باغدات،  
چۆچەكتىكى گۈزەل بىر شەھەر.  
داۋامى بار غەمكىن چۆچەكنىڭ،  
تۈگىتەلمەي كەتكەن شەھرىزاد،  
ئەمدىلىكتە،  
باغداتتىكى چۆچەكچى موماي،  
چۆچەك ئېيتار يېڭىدىن يېڭى،  
يېزىپ قويدى بىر نەچچە توپلام.  
ئۇرۇش بىلەن پارىس قولتۇقى،  
قاغجىرايدۇ سۇسىز كەر بالا.  
زەر قاقشايدۇ بالىسىز ئانا.  
يۈگۈرەيدۇ ئۇياق بۇياققا،  
يېتىم قالغان نەچچە مىڭ بالا،  
باغداتتىكى كاتتاباشلارنىڭ.  
چۆچەك بىلەن خۇشى يوق بەلكىم.  
قان ياش يىغلاپ چۆچەكچى موماي،  
ئىزدەپ يۈرەر ھەسەن- ھۆسەندەك-  
غايىپ بولغان بالىلىرىنى  
چۆچەكتىكى گۈزەلباغداتنى،  
ئىس - تۈتەكتە قالغان زېمىندىن،  
ئېھ! قايدىسەن ئىنسانپەرۋەرلىك،  
بولۇپ كەتتىغۇ دۇنيا بىۋاپا.  
باغدات،  
پۇرۇخ ئىسى قاپلىغانزېمىن،  
سۆزلەپ بەرگىن تىنچلىق ھەققىدە،  
قايتالمايسەن ئەمدى چۆچەككە.  


* * *  
ئانا  
بەكمۇ چېگىش  
بۇ قەلبىم مېنىڭ،  
كىرزىسىسەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ،  
پەلەستىنلىك بىر بەڭباش يىگىت،  
ئانىسىنى يالغۇز قالدۇرۇپ،  
ئۇرۇشقا بېرىپ  
ئۆلۇپ كېتىپتۇ،  
نېمىدىگەن تاش يۈرەك ئۇ ھە،  
يىغلىغاندۇ غېرىپ ئانىسى،  
ئۆلۈپ كەتسە يۈرەك پارىسى.  
مىڭلاپ ئانا قان ياش يىغلىشار،  
ئۆلۈپ كەتكەن بالىلىرىغا،  
ئۇرۇش دېگەن شۇنداق دەھشەتلىك.  

* * *  

ئانا  
ئانا ئۈچۈن ۋەتەن بىر بالا،  
بالا ئۈچۈن ۋەتەن بىر ئانا،  
شۇڭا دەيمىز تىنچلىق ياخشى.  
ھەر كىشىنىڭ ۋەتىنى بولسا،  
ئۇنى شۇنداق قۇچاغلاپ سۆيسە،  
ئەنە شۇدۇر تىنچلىقدېگەن،  
ئەنە شۇدۇر قۇربان بېرىش ھەم،  
ئەنە شۇدۇر ۋىجدان دېگەن،  
شۇدۇر يەنە ۋەتەن ئوغلانى.  
ۋەتەن،  
ئانا سېنىڭ ياخشى غەمخانىڭ،  
ۋەتەن بىلەن تەندە دەرمانىڭ،  
مەن سېنىڭكى ئوماق ۋەتىنىڭ،  
مەن ئوخشايمەن  
چۆچىكىڭگە ئۇيغۇرنىڭ،  
سەن ئىزدەيسەن چۆچەكلىرىڭدىن،  
ماڭا ئوخشاش ئوماقۋەتەننى.  
ۋەتەن،  
كىرپىكىڭدە تۈنەيدۇ،  
قۇش چۇجىسىىدەك.  


8  

ئانا،  
ناماز شامنى ئوقۇپ بولۇپلا،  
چىڭ تاقىغىن ئىشىكلىرىڭنى،  
يوغان دەم بىلەن.  
ھۇشيار بولغىن قوتانلىرىڭغا،  
ئېشەك ھارۋا، توقۇملىرىڭغا،  
پالتا، كەكە، ئوتۇنلىرىڭغا،  
ئۆشكە، ئوغلاق، پاخلانىلىرىڭغا.  
بىزنىڭ يۇرتتا يوقتۇر ئوغرىلىق،  
بىراق يامان ئاشۇ يوقسۇزلۇق.  
ئەگەر بىرەر دېلو يۈز بەرسە،  
ساقچى كېلەر بەكمۇ كېچىكىپ.  
‹توۋا› دەيلى،  
ئاھ! يوقسۇزلۇق كۆمەچ نان كەبىي،  
يۈرىكىمنى پۇچىلاپقويدى.  
ئاغرىپ قېلىش بەكمۇ خەتەرلىك،  
يېقىن جايدا شىپاخانا يوق،  
پەقەت بىرلا كونا داخان بار،  
دۇت قاچىسى بەكمۇ كۆپ،  
داۋالايدۇ دىئاگنوزسىز،  
رېتسىپى يوق دورىلار بىلەن.  


* * *  

ئانا،  
تەكلىماكان-  
بەكمۇ يىراق ئېگىز بىنادىن،  
بەكمۇ يىراق شەھەرلىكلەردىن.  
ئەگىپ يۈرەر قاتمال نامراتلىق،  
شادلىقى يوق توپىلىق بازاردىن.  
تېلېۋىزوردىن كۆرۈنمەس ئەسلا،  
لەڭپۇڭچنىڭ ئەبجەق ھارۋىسى،  
توقسان ياشلىقدوڭغاق موماينىڭ،  
جىگدە شېخىدا ئەتكەن ھاسىسى.  
يۈزلىرىگە ئىس ئورناپ كەتكەن  
كاۋابچىنىڭ چىرقىراشلىرى،  
غېرىبانە پۇلسىز بازاردا،  
دۆۋىلىنىپ سېتىلارئادەم،  
خۇپىيانە سېتىلار ئىمان.  
خېرىدارسىز ساۋاتسىز باققال  
باج ھەققىگە پۇل تاپالمىسا،  
قىلىنىدۇ مېلى مۇسادىر.  
خىلۋەتتىكى ياماقچى بوۋاي،  
چەم سالىدۇ كونا ئۆتۈككە،  
يارىمايدۇ فوتو سۈرەتكە.  
بۇياقلارغا كەلمەيدۇھېچبىر،  
پوپكىسىدا راست - يالغىنى بار،  
بەك سىپايە ئىشقىۋاز مۇخبىر.  


* * *  

ئانا،  
بىزنىڭ يۇرتتا ــ تەكلىماكاندا،  
ھالسىرايدۇ قوشتىكى كالا،  
قىرقىرايدۇ بۆشۈكتە بالا.  
پېتىرىشىدۇ تەرەپ - تەرەپكە،  
غالجىر ئىتتىن ھۆركىگەن پادا.  
قورۇنىدۇ شۇنچەئۇياتچان  
قىز بالىدەك يۈرەكسىز دالا.  
بۇ دالىدا ئادەم بەك تولا.  
غىچىرلايدۇ توپىلىق يولدا،  
مايسىرىغان ياغاچ ھارىۋا.  
ئىشتان بېغى ساڭگىلاپقالغان  
تىزى يىرتىق يېلىڭ ئاياغ بالا  
يۈدىۋېلىپ كونا بوخچىنى،  
ئوقۇماقتا مۇشۇ سەھرادا،  
مومىسىنىڭ چۆچەكلىرىنى  
ئۇ تىڭشايدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا.  
تىڭشاپ- تىڭشاپ ئۇخلاپ قالغاندا،  
كۆرەر تېخى شىرىن چۈشلەرنى.  
چىقىۋېلىپ ئۇچار گىلەمگە،  
كۆرۈپ كېلەر گۈزەل شەھەرنى،  
تېپىۋالار گاھىداتېخى،  
خاسىيەتلىك ‹ئور توقماق›نىمۇ،  
ئۇچراپ قېلىپ چىن تۆمۈر باتۇر،  
بېرەر ئاڭا ‹مىسران قىلىچ›نى  


9  

ئانا،  
سېيت نوچى ھەققىدە ،  
بەكمۇ تولا سۆزلەپ بېرىسەن،  
ئەپسۇس، بىلمەيسەن،  
سىپارتاك ھەققىدە.  
سپارتاك،  
گېلادىياتور،  
ئاجايىپ شەخس.  
قۇللۇق كىشەنلىرىنى -  
چېقىپ تاشلىغان.  
ئېزىلگەنلەرنى  
ھۆرلۈككە باشلىغان.  
قۇلدارلارنىڭ قانلىققامچىسى،  
قۇللارنىڭ قىزىل قانلىرى،  
ئەڭ ۋەھشىي گېلادىياتورلار سەھنىسى،  
سپارتاكنى تاۋلىغان،  
قان، قامچا، ياش، ھۆرلۈك ناخشىسى،  
ئازاب، ئۆلۈمياندىشىپ كېلەر،  
ئەرك ئۈچۈن بەدەلدۇر شۇلار.  
ئاھ! جېنىم ئانا،  
بويۇن قىسىپ قۇللۇق بىلدۈرسە،  
ئۆتمۈشتە كىممۇ ئەزمىگەن دەيسەن.  
روھىي قۇللۇق ئەڭ بىچارىلىق،  
نادانلىقتۇر ئۇنىڭ زەنجىرى،  
سپارتاك -  
ئاجايىپ شەخس،  
ئوخشىمايدۇ  
سېيت نوچىغا.  
* * *  
ئانا،  
تەكلىماكان-  
جاينامىزىڭدەك ئۇلۇغ بىر زېمىن.  
سۈكۈناتتا دۇرۇت ئوقۇيدۇ،  
ئۇنىڭدىكى بارچە مەخلۇقات.  
قۇم باغرىدا سېنىڭ بىر كەپەڭ،  
كەپەڭدە بارقازان- قومۇچۇڭ،  
ساپال قاچاڭ، ياغاچ قوشۇقۇڭ،  
ئىسلىق مورا، قىيسىق ئوچۇقۇڭ،  
مورا بېشىدا ساپال چىرىغىڭ،  
ساڭا ھەمرا بىر ياغۇنچىقىڭ،  
سۇپۇراڭدا تاختا- نوغۇچىڭ،  
سۆيۈملۈكۈڭ يۇۋاش مۈشۈكىڭ،  
بىزنى باققان كونا بۆشۈكىڭ،  
ئۆڭۈپ كەتكەن يوغان ئۆتۈكىڭ،  
قوزۇقتىكى كۆرپە تۇمىقىڭ،  
ئوچاقتىكى قارا چۆگۈنىڭ.  
تەكچەڭدىكى بىرلا چەينىكىڭ،  
ئاھ!  
غېرىب ئانا-  
شۇدۇر سېنىڭ تۇرمۇش بۇيۇمىڭ.  
دوك بولۇپ كەتكەنئۇزۇن ئۆمرۈڭدە  
شۇدۇر سېنىڭ تاپقان - تەرگىنىڭ.  
ئۇيقىدىكى كىرورەن خانىش  
كۆرگەنمىدۇ سېنى چۈشىدە.  


* * *  

ئانا،  
توكيو بەكمۇ يىراقتاتەكلىماكاندىن.  
ئۇ- يالاڭباش شەھەر،  
ئوخشىمايدۇ چىمەن دوپپىدەك  
ساددا قەشقەرگە.  
تۆت مىڭ يىللىق كىرورەن خانىش  
توكيودىكى ئېسىل موزېىيىدا  
تونۇشۇپ قاپتۇ ياپۇنلار بىلەن.  
نىيەدىكى خارابە شەھەر-  
قۇم ئاستىدا قاپتىكەن ئەجەپ!  
تارىخ،  
شۇنداق رەھىمسىز.  
ئۇنىڭ يوغان، كالامپاي چاقى،  
يانچىۋەتتى يىپەك يولىنى،  
بوستانلىقنى، گۈزەل شەھەرنى،  
تىنچ چۆلنى - تەكلىماكانى.  


10  

ئانا،  
ئانىلار ئۇلۇغ بۈۋى مەريەمدەك،  
ئانىلار بار ساچىر خانىمدەك،  
ئۇلۇغ ئۈلگە كيورى خانىم،  
ئانىسى بارنىيوتوننىڭمۇ،  
ھەممە ئىنسان بالىدۇر بالا،  
بالىسىدۇر ھاۋا ئانىنىڭ.  
ھاۋا ئانا ئەمگەك قوينىدا  
تۇغۇپ قويدى ھەممە ئىنساننى،  
‹مانا مەن› دەپجاپا- مۇشەققەت،  
تاشلىنىدۇ ئانا ئالدىغا.  
ئانا،  
ساچىر خانىمنىڭ -  
بەكمۇ ئېسىل داچىسى بارمىش،  
سېنىڭمۇ بار داچىدەك كەپەڭ.  
بارمىش يەنەشاھزادە ئوغلى،  
سېنىڭمۇ بار بىر شائىر ئوغلۇڭ،  
ساچىر خانىممۇ ئۆزىگە خانىش،  
سەن خانىشى تەكلىماكاننىڭ ،  
سېنىڭ ئاناڭ كىرورەن خانىش.  
چۈنكى سەن-  
گۈللەندۈردۈڭ مۈشۈ دىيارنى،  
تىرىشىتىڭ - تىرماشتىڭ بىر ئۆمۈر،  
قاغجىراپ كەتكەن مۇشۇ زېمىندا.  
يالىڭاياغ قىزىق قۇملاردا،  
چېپىپ يۈرۈپ يانتاقلىقلاردا.  
سىنىڭ تەرىڭدە-  
سۇ ئىچكەن زېمىن.  
مەن-  
سېنىڭ ئەركە، ئوماق شاھزادەڭ.  
ئانا،  
چۈشكۈنلۈكتە ناخشا توۋلىدىم،  
جەنۇبتىكى كونا رەستىدە.  
بولماس ئىكەن روھ ئويغانمىسا،  
بارغۇ تېخى دوقمال بۇقۇسا.  
تەرەققىيات-  
ئويغىنىش-  
چېقىپ تاشلار  
ئاخر نادانلىق زەنجىرىنى.  
سىلكىنگەندە مۇقەددەس زېمىن،  
تەبىر بېرەر نامراتلار  
كەتكىنىدە چۆچۈپئويغىنىپ.  
ئانا شۇندا مېنى ئىزدەيسەن،  
پېشانەمگە سۆيۈپ قويۇشقا  
مەن كېلىمەن ئالدىڭغا،  
يېپىنچاقلاپ شېئىرلىرىمىنى،  
سەن كۆرىسەن ھەسرەتلىرىمنى،  
قۇچىقىڭدا يىغلاپ كېتىمەن،  
مەن ئاڭلايمەن،  
يۈرىكىڭنىڭ بوقۇلدىشىنى،  
يۈرىكىڭ  
ئۆتمە تۆشۈك-  
جۇل بولۈپ كەتكەن تارىخ بېتىدەك.  
ئەللەي ناخشاڭ-  
سېھىرلىك بىر كۈي،  
قاپلاپ كەتكەن تەكلىماكاننى.  
تولا تىڭشاپ ئاشۇ ناخشىنى،  
بوۋاق بولۇپ كەتتۇق ھەممىمىز.  
قەدىرلىك ئانا،  
مەن سېنىڭكى ئوماق بوۋىقىڭ.  


* * *  

ئانا،  
چەكسىز بۇ ئالەم،  
گۈزەل كېلەچەك،  
ئارمانلىرىم كۆپ،  
يەتسەم دەيدىغان،  
بار ھەم مەندە شۇنداق جاسارەت.  
ئافرىقىدا نېگىر ئانىمۇ،  
سۆيۈنىدۇ قابىل بالىدىن.  
بەكمۇ قەيسەر يەھۇدىي ئانا،  
بىلم بېرەر ئوغلانلىرىغا.  
ئەدەپلىكىتۇر ئەرەب ئانىلار،  
ئەخلاق بېرەر بالىلىرىغا.  
بەك مېھرىبان ياپون ئانىلار.  
ۋەتەنپەرۋەر دېمەك بالىلار.  
ئانا مەنمۇ تىلەيمەن سەندىن،  
باتۇرلۇقنى، جەڭگىۋارلىقنى،  
دۇئا قىلغىن بەكمۇ كۆپ ماڭا،  
ماڭا بەرگىن ئۈمىدۋارلىقنى،  
ئىمانىمنى - روھىمنى پاكلاپ  
جاكا قىلاي ئادەملىكىمنى.  
ئاھ! جېنىم ئانا  
ئامان بول ئانا  
مەن سېنىڭ ئۈمىدۋار ئوغلۇڭ.

مەنبە : « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى

مىېھرىما 2014-03-08 00:01
قاراخان:خاتالاشمىسام بۇ ئوقۇغۇچى شائىر ئابدۇلباسىت ئابدۇراخماننىڭ ئوغلىىغۇ دەيمەن؟ دادىسىنىڭ تەسىرى يۇقۇپتۇ-دە! ئابدۇلباسىتنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى م .. (2014-03-07 23:11) 

بەك ياخشى شېىركەن قاراخان . قاچانمۇ ئۇرۇپ بولغانسىز ؟!!!!!!!!!!!!

گۈلنىھال 2014-03-08 09:08
قاراخان:خاتالاشمىسام بۇ ئوقۇغۇچى شائىر ئابدۇلباسىت ئابدۇراخماننىڭ ئوغلىىغۇ دەيمەن؟ دادىسىنىڭ تەسىرى يۇقۇپتۇ-دە! ئابدۇلباسىتنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى م .. (2014-03-07 23:11) 

‏دىگىنىڭىز بەك توغرا ، قارا خان . بۇ ئوقۇغۇچۇم دەل شۇ  ئابدۇل باسىت ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى ، « ئانا  »  ناملىق بۇ داستانى ھەقىقەتەن ياخشى !!!

پارول 2014-03-09 10:23
ناھايىتى ياخشى يېزىپ تۇ بۇبالا قانچە ياشلار غا كىر گەن دۇ  

پارول 2014-03-09 10:25
ئابدۇلباسىت ئاكام نىڭ تەسىرى يۇقۇپتۇ دە     مېنىڭ مۇ مۇشۇنداراق يازمىقىم تەس

گۈلنىھال 2014-03-09 17:06
‏تولۇقسىز 1 -  يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، بەلكىم  13 / 14  ياشلاردا بولۇشى مومكىن .
‏كونىلاردا :  « ئەقىل ياشتا ئەمەس ، باشتا »  دىگەن ھېكىمەت بار ئەمەسمۇ !!!

ياسىنجان510 2014-03-09 22:51
  ئەجىرىڭىز  مېۋە  بېرىپتۇ ،ھەقىقەتەن  پەخىرلىنەرلىك ئىش.

گۈلنىھال 2014-03-09 23:29
ياسىنجان510:  ئەجىرىڭىز  مېۋە  بېرىپتۇ ،ھەقىقەتەن  پەخىرلىنەرلىك ئىش. (2014-03-09 22:51) 

‏ئىلھامىڭىزغا رەھمەت جۇمۇ ، خۇش بولدۇم !!!

ياسىنجان510 2014-03-10 22:35
سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

内容来自[短消息]

ئەشمە 2014-03-11 13:12
ياخشى يېزىلىپتۇ.

ئىسمىم 2014-03-11 22:35
ناھايىتى ياخش يېزىپتۇ ،  

ئىسمىم 2014-03-11 22:39
ماڭا ئىنتايىن تەسىر قىلدى  
قوشتىل بىلىش شەرەپلىك  
بىلىمسىزلىك خەتەخەتەر  
سۆزلىشەيلى دووسلىرىم  
ئاناتىلدايۈرەكلىك

ئىسمىم 2014-03-12 23:59
ىنكاس يوقما

گۈلنىھال 2014-03-13 00:24
ئىسمىم:ىنكاس يوقما (2014-03-12 23:59) 

يازغان خەتلىرىڭىزنى ئوقۇغۇلىمۇ بولمىدى ، رەنجىمەي ئىملاغا بەكرەك دىققەت قىلسڭىز بوپتىكەن .

ئەلدىيار 2014-03-13 01:25
ئىلھامنىڭ كۈچى ناھايىتى زور.يەنە ھەربىر پەرزەنت تەربىيلىگۈچىنىڭ ئۈلگە بولۇشى ناھايىتى مۇھىمكەن.

گۈلنىھال 2014-03-13 07:32
ئەلدىيار:ئىلھامنىڭ كۈچى ناھايىتى زور.يەنە ھەربىر پەرزەنت تەربىيلىگۈچىنىڭ ئۈلگە بولۇشى ناھايىتى مۇھىمكەن.  (2014-03-13 01:25) 

ھەممە مۇشۇنداق چۈشەنگەن بولسا ياخشى بولاتتى , رەھمەت !

تۇرانى 2014-07-27 03:33
گۈلنىھال كوچائارلاپ كىتىپ بىرىپ بۇ شىېىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم مەنبەك ياقتۇردۇم لىكىن ۋاختىدا كۆرەل مەي قاپتىمە ئەمەسمۇ ..  

گۈلنىھال 2014-07-27 12:47
تۇرانى:گۈلنىھال كوچائارلاپ كىتىپ بىرىپ بۇ شىېىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم مەنبەك ياقتۇردۇم لىكىن ۋاختىدا كۆرەل مەي قاپتىمە ئەمەسمۇ ..[ئىپادە]   (2014-07-27 03:33) 

رەھمەت قېرىندىشىم !

ئويناق 2014-07-27 20:27
بۇشىىرنى ساقلىۋالغانتىم بۈگۈن يەنە تەۋپىقتە ئۇچراتتىم ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئوقىسام ئوقىغۇم كېلىۋىردۇ مەن بۇئوقۇغۇچىڭىزغا مەدەت تىلەيمەن


查看完整版本: [-- ئانا تىلىم ( ئوقۇغۇچىلار ئەسىرى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled