abral777 |
2014-03-07 11:52 |
ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە تەقلىدچىلىك (ئابلەت ئابلېكىم)
ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە تەقلىدچىلىك Po.B
cytM ئابلەت ئابلىكىم 8T
)ELhTj ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى بايلىق ئارقىلىق ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا،ھاياتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرگۈچى،مىللىي،دۇنياۋىي مەدەنىيەتنى نامايەن قىلغۇچىدۇر.ئەدەبىيات جەلىپ قىلىش كۈچىگە،سىھرى كۈچكە ئىگە پەن. كىشىلەر «ئەدەبىياتچى» دېگەن ئۇقۇم ئارقىلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.چۈنكى ئەدەبىيات بالىلاردا ئوقۇش، يېزىش،سۆزلەش،تەپەككۈر قىلىش،ھوزۇر ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە بىر مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈپ بېرىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقا كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇرغىنى بولمىسا كېرەك. N06O.bji مەن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا تەقلىدچىلىك خاھىشىنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى،بۇ خىل ھالەتنىڭ تەلىم-تەربىيە ئوبىيېكتى بولغان بالىلارغا پاسسىپ تەسىر كۆرسۈتىۋاتقانلىغىنى،ئەگەر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى تەقلىدچىلىك،قېلىپبازلىق،رامكىچىلىكنىڭ يەمچۈكى بولۇپ، ئىجاتچانلىق روھىدىن مەھرۇم قالسا،تىل-ئەدەبىياتنىڭ رولىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىمەنە خىيالغا ئايلىنىپ قالدىغانلىغىنى ھېس قىلدىم.مەن 90-يىللاردىن ھازىرغا قەدەر ئوقۇغۇچىلار يازغان مەشىق ئەسەرلىرى ۋە مەكتىپىمىز تەرىپىدىن ئايدا بىر قېتىم چىقىرلىدىغان«پەرۋاز»گىزىتىنى چىقىرىش جەريانىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن 20 يىلدىن بېرى ئوقۇغۇچىلار يازغان مەشىق ئەسەرلىرىدە تەقلىدچىلىك،تەكرارلىقنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇپ يېڭىلىق، ئىجادىلىقنىڭ كەملىكىنى، نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشىقىگە بېرىلىدىغان ئەسەرلەردىن باشقا يېڭى يىلدا ئوقۇلىدىغان شېئىرلار،تۈرلۈك پائالىيەتلەردىكى رىياسەتچى سۆزى،ئاتا-ئانا،ئۇستاز تېمىسىدا يېزىلغان نەسىر- ھېكايىلار،ئۆزارا يېزىشىدىغان سالام خەت قاتارلىقلاردىمۇ«رامكا» بېكىتىلىپ،ئۇلارنىڭ خۇددى قېلىپتا قۇيغاندەك بىر-بىرىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. G!%XQ\a! ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە قەدەم قويغان تۇنجى يىلىم ئىدى،يېڭى يىلنى كۈتۈۋىلىش پائالىيىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلىۋاتاتتى،بىر ئوقۇتقۇچى رىياسەتچىنىڭ تەلىپى بويىچە سەھنىگە چىقىپ يېڭى يىلغا ئاتاپ يازغان بىر قانچە كۇبلىت شېئىرىنى ئوقۇدى.ئۇنىڭ بىرىنچى كۇبلىتى«يىتىپ كەلدى يېڭى يىل،زور خوشاللىق ئىچىدە،كۈتىۋالدۇق ئۇنى بىز،زور غەلبىلەر ئىچىدە»دەپ باشلانغاندى.شېئىر قوشاق ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، تولىمۇ ئاددى ھەم تۈز ئىدى.ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى،مەن ھەر يىلى دېگۈدەك مۇشۇ شېئىرنىڭ يېڭى يىللىق پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئوقۇلىۋاتقانلىغىنى،سىنىپ قارا دوسكىسىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن.ئەجىبا ئوقۇغۇچىلار يېڭى يىلدا يېڭىچە ھېس-تۇيغۇلارغا،يېڭى ھاسىلاتلارغا ئىگە بولماسمۇ-ھە؟! i!x5T%x_ مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلار رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، رىياسەتچىنىڭ قانداق بولۇشى،رىياسەتچى سۆزىنىڭ مەزمۇنلۇق بولۇش-بولماسلىغى پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش-بولماسلىغىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتىدۇ.دىققەت قىلىدىغان بولساق مەكتەپلەردە رىياسەتچىلىك سۆزىنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان مۇقىم ئەندىزىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.يەنى نومۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇلارغا ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ئاساسەن تۇراقلىشىپ قالغان بولىدۇ.مەسىلەن:« ئانا» دېگەن ناخشىنى ئورۇندىماقچى بولسا «ئانا پەرىشتە،ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان» دېسە،دېھقان كۈيلەنگەن ناخشىلارغا «دېھقان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ مۇقەددەس،ئەڭ جاپاكەش ئىنسانلاردۇر» دېيىلىدۇ،بۇ خىل باھالار مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەرقانداق ناخشىغا مۇۋاپىق كېلىۋىرىدۇ. ~j#6 goKn ئادەتتە مەكتەپلەردىكى پائالىيەتلەرنىڭ مۇقەددىمىسى قېلىپلىشىپ قالغان مۇنداق سۆزلەر ئارقىلىق باشلىنىدۇ«ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىلىم بېرىش يولىدا ھارماي ئىزدىنىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلار،ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىلىم ئېلىش تەشنالىقىدا تىرىشىۋاتقان سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار ياخشىمۇ-سىزلەر!» O \8G~V
5" ئوقۇغۇچى –ئوقۇتقۇچىلار ھەمكارلىغىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆپلىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپتىمەن،ئەمما بالىلارغا خاس تۇيغۇ،بالىلارچە ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن،بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن رىياسەتچى سۆزىنى ئاز ئۇچرىتىپتىمەن.بالىلار چوڭلارنىڭ ئەمەس ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى نامايان قىلغاندىلا ئاندىن رىياسەتچى سۆزى تېخىمۇ جەلىپكارلىققا ئىگە بولىدۇ.مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا يازغان ياكى ساۋاقداشلار بىر-بىرىگە يېزىشقان سالام خەتلەردىمۇ تەقلىدچىلىكنىڭ روشەن ئىزناسىنىڭ بارلىقىنى،ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ھېسىياتنى ئىپادىلەشكە بەلگۈلۈك پاسسىپ تەسىر كۆرسۈتىدىغانلىغىنى ھېس قىلدىم. F{~r7y;0 ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش - ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدىكى مۇھىم ھالقا. ئوقۇغۇچىلاردا ئىدىيىۋى ھىسىياتىنى بىمالال ئىپادىلىيەلەيدىغان،ئۆز ئەتىراپىدىكى رېئاللىقنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ تېما تاللىيالايدىغان،بېرىلگەن ماتىريالغا ئاساسەن ماقالا-ئەسەر يازالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلاش ــ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مەقسىدى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر.لېكىن بىز كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالا-ئەسەرلىرىگە نەزەر تاشلىساق ئۇلارنىڭ تەقلىدچى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز.ئوقۇغۇچىلارغا ئىختىيارى تېمىلاردا ئەسەر يېزىپ كىلىش تاپشۇرۇلسا ئۇلار تەبىئى ھالدىلا «مېنىڭ ئانام»،«مېنىڭ دادام»، «ئۇستاز»،«دېھقان» دېگەن تېمىلاردا يازىدۇ.«ئانا»،«ئۇستاز»تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە مەزمۇن جەھەتتىن مۇنداق ئىدىيە تۇراقلىشىپ قالغان بولىدۇ:«ئانا،سەن بىزنى باقىمەن دەپ كۆپ جاپا-مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈردىڭ،بەللىرىڭ (يا)دەك ئىگىلدى،چاچلىرىڭغا ئاقلار سانجىلدى،يۈزلىرىڭدىن قات-قات قورۇقلار ئورۇن ئالدى،ئانا خاتىرجەم بول،مەن تىرىشىپ ئۈگۈنىپ ئۈمۈدىڭنى چوقۇم ئاقلايمەن». M;V#G m «ئۇستاز،سەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان،سەن كۆيىۋاتقان شامغا،نۇر چىچىۋاتقان قۇياشقا ئوخشايسەن، سەن بىلىم بېرىش يولىدا تىنماي ئىزدىنىۋاتىسەن،ھەر بىر كۈنۈڭ بور-توزان،كىتاب ئوقۇش،تەييارلىق قىلىش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش بىلەن ئۆتىدۇ،كېچىلىرى ھەممە ئادەم شېرىن ئۇيقىغا غەرىق بولغاندا سەن ئۇيقىدىن بىدار بىلىم كانىدىن دۇردانىلەر قازىسەن،ئۇستاز،ئۈمۈدىڭنى ئاقلاپ كەلگۈسىدە ۋەتەن-خەلىققە ياراملىق ئادەم بولىمەن».مەن بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سەۋيىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىد قىلماقچى ئەمەسمەن،پەقەت ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردا دورامچىلىق خاھىشىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى،بۇنىڭ مۇئايەن ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتمەكچىمەن. .t[ZXrd|0 «ئانا»،«ئۇستاز»تېمىسىدىكى يۇقۇرقى بالىلار ئەسەرلىرىدىكى ئورتاق يېتەرسىزلىك شۇكى ئۇنىڭدا ئانا ياكى ئۇقۇتقۇچى ئاددى بىر ئادەم سۈپىتىدە ئەمەس،غايىۋى ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.ھەم سىرلىق سۈپەتلەرگە ئىگە قىلىنىدۇ.بۇ دەل ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى تەقلىدچىلىك خاھىشىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت.
0lr4d Y بالىلار نىمىشقا تەقلىدچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن سەۋەپنى ئالدى بىلەن مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئاساسى گەۋدە قىلىنمىغان،ئادەمنىڭ خاسلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان،بىلىم،ئىقتىدار،ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغان مائارىپ ئۆلۈك مائارىپ بولۇپ،ئۇ ئادەمنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى ئاستا-ئاستا يىگىلىتىۋىتىدۇ.ئەسلى تەبىئىتىدىن جانلىق، جۇشقۇن،ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئادەم ئۆزى سەزمىگەن ھالدا «ماشىنا ئادەم»گە ئايلىنىپ قالىدۇ.بىلىم مۇھىممۇ تەسەۋۇرمۇ؟ 21 دۆلەتنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرگەندە جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارى بىرىنچى ئورۇندا،يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئارقىدىن5-ئورۇندا تۇرغان.ماتىماتېكىلىق ھېساپلاش ئىقتىدارى شۇنچە يۇقۇرى جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار نىمىشقا ئەمەلىي ئىقتىدار جەھەتتە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا يېتەلمەيدۇ؟نىمىشقا شۇنچە كۆپ جۇڭگۇلۇقلار ئىچىدە ئاران بىرلا ئادەم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ؟بۇ مائارىپىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك «مەسىلە».ئادەمنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئوخشاشلا ئۈگەنگىلى بولىدىغان لېكىن ئۈگەتكىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ئىقتىداردۇر.ئېينىشتىيىن ئېيتقاندەك:«تەسەۋۇر قابىليىتى بىلىمدىنمۇ مۇھىم، چۈنكى بىلىم چەكلىك،تەسەۋۇر قابىلىيىتى دۇنيادىكى ھەممىنى دىگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».بالىلارغا خاس تەسەۋۇر،بالىلارغا خاس تەپەككۈرگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمىگەندە،بالىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھى ئاسانلا بوغۇلۇپ قالىدۇ. مائارىپ ئۆزىنىڭ «مەركىزى ئوق لىنىيىسى»دىن ئايرىلغاندا ئۆز ئىدىيىسىگە مۇخالىپ كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. !nBm}E7d ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجاتچان ياكى تەقلىدچى بولۇشى ئوقۇغۇچىلارغا ئىستىخېيىلىك تەسىر كۆرسۈتىدۇ.كىتاپقا قارغۇلارچە تايىنىۋالىدىغان،يىڭى بىلىم-ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بەرمەي،كونا بىلىم،چۈشەنچىلەرگە تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان،رېئال ئەمەلىي مەسىلىلەردىمۇ باشقىلارنىڭ قاراشلىرىغا مۇھتاج بولىدىغان،ئون نەچچە يىل ئىشلەپمۇ ئـۆزىگە خـاس يېڭى ئىدىيە يـاكى قـاراش شـەكىللەندۈرەلمىگەن،تـەپەككۈرى تـۇرغۇن،قـاتمال ئوقۇتقۇچىلار قانداقمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى چاقنىتالىسۇن-ھە؟! ?V:]u3 تۆۋەندە ئوقۇغۇچىلاردىكى تەقلىدچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى قىسقىچە ئانالىز قىلىپ باقايلى: BBE1}V!u
ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە نەزەر تاشلىساق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەكىلۋاز، تەقلىدچى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پىلان، خۇلاسىلەرنى يېزىشتىن تارتىپ،دەرىس پىلانى تۈزگىچە بولغان ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم،نازۇك ھالقىلىرىدا ئۆلچەملىك قوللانمىلاردىن پەقەتلا ئايرىلالمايدۇ،باشقىلارنىڭ ئىلگىركى تەييار ماتىرياللىرىنى ئۆرنەك قىلىدۇ. كىتابقا قارغۇلارچە تايىنىۋالىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق،پىلان-خۇلاسىلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىر خىل مەزمۇندا تەكرارلىنىۋاتقانلىغىنى، پەقەت يىل،ئاي،كۈنلەرنىلا ئۆزگەرتىۋەتسە ئۇنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتقا توغرا كىلىۋىرىدىغانلىقىنى.تۈرلۈك پىلانلاردا كونكېرىت چارە-تەدبىرنىڭ بولماسلىغى،خۇلاسە ماتىريالىدا تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ يەكۈنلەنمەسلىكى،دەرىس پىلانىدا تەييار مەزمۇننىڭ يېزىلىپ،ئۇسۇل،تەدبىرنىڭ يېزىلماسلىغى،يېڭىلىقنىڭ كەملىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بايقايمىز. Qwo9>ClC بىزدە ئىلمىي ماقالا ياكى ئەدەبىي ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قانچىلىك؟نوپۇزلۇق ژورنال«شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلىدىن باشقا بىر قىسىم،ئوبلاسىت،ۋىلايەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركەزلىرى چىقىرىۋاتقان يەرلىك ژورناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىلىرى ئىچىدىن ئۆزگىچە يىڭى قاراش،يىڭى ئىدىيە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىجادى ماقالىلارنى تاپماق ناھايىتى تەس.ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك قەلەم تەۋرىتىدىغان«سىنىپ مــۇدىرلىق خىزمىتى ھـەققىدە ئــويلىغانلىرىم»،«دەرىس ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم»،« مەن ماتىماتىكا دەرىسىنى قانداق ئۆتتۈم»دىگەنگە ئوخشاش ماقالىلار ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىنى«ئىمپورىت»قىلىش ئاساسىدا قۇراشتۇرۇلغان ماقالىلار بولۇپ،ئوقۇرمەنلەرگە قىلچىلىكمۇ «نەپ» يەتكۈزەلمەيدۇ.ئەگەر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇئايەن يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ.تىل - ئالاقە ۋاستىسى بولۇپلا قالماي، ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم قورالى،ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قانداق بولۇشى تۈپ نىگىزىدىن شۇ ئەسەرنىڭ تىلىغا باغلىق.ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەردىن ئايان بولىشىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ تىل جۇغلانمىسى ناھايىتى ئاز بولۇپ،ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان تىل جۇغلانمىسى ئادەتتە500سۆزلۈككىمۇ يەتمەيدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولارمۇ – ھە؟! A6 y~_dt ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنى چۈشۈنىشى،ئەدىبىياتنى سۆيۈشى كېرەك.مانا بۇ ياراملىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولغاچقا،ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سەنئەتكارلارغا خاس سۈپەت ھازىرلىشى زۆرۈر.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان «تەڭرىتاغ» «تارىم»قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ژورناللار بار،ئەگەر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژورناللارنى كۆرۈپ تۇرمىغاندا،ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىدىن خەۋەرسىز قالىدۇ-دە نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە ماسلىشالماي قالىدۇ. \If!5N ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەدەبىياتنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشىدىن خەۋەردار بولۇشى،تىل ئۇستىسى بولۇشى، شېئىر-قوشاق،ماقال-تەمسىل،يۇمۇر- لەتىپە،ئەقىلىيە سۆز،ھېكمەت قاتارلىق ئەدەبىي بايلىقلارنى،تۇرمۇش، ھاياتلىق ھاسىلاتلىرىنى دەرىسخانىگە ئېلىپ كىرىپ،دەرىسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ،دەرىس ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشى، يېزىقچىلىق،دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا تەقلىدچى بولماي ئىزدەنگۈچى، يىڭىلىق ياراتقۇچى بولۇشى كىرەك.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىنى قوزغاشتا،ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى تەقلىدچىلىك خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ. ^O Xr: P قانداق قىلغاندا يىزىقچىلىق ئوقۇتۇشىدا تەقلىدچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،بالىلارنىڭ ئىجادى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىغا تۈرۈتكە بولغىنى بولىدۇ؟ 7cP[o+ _.*4Y بىرىنچى،بالىلاردا توغرا يېزىقچىلىق ئىستىلى تۇرغۇزۇش لازىم akc"}+-oX Dw/Gha/ ئالدى بىلەن نىمە ئۈچۈن ئەسەر يازىمىز؟ قانداق يازىمىز؟دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر.بالىلار دۇنياغا بالىلىق نەزىرى بىلەن قارايدۇ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيا تولىمۇ گۈزەل ھەم سىرلىق.بالىلار ئەسلى تەبىئىتىدىن سەمىمىي بولۇپ،ئۇلار يالغانچىلىقنى چوڭلاردىن ئۆگۈنىدۇ.بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئانىسىنى «پەرىشتە»گە،ئۇستازىنى«ئەۋلىيا»غا ئايلاندۇرۇپ قويىشىدىكى سەۋەپ چوڭلار دۇنياسىدىكى سەمىمىيەتسىزلىك،بىر تەرەپلىمە ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئارقىلىق تەسىر كۆرسۈتۈپ،ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ئەكس ئېتىشىدىن ئىبارەت.چۈنكى نامۇۋاپىق يېتەكلەش سەۋەبىدىن ئۇلار مەسىلىلەرگە چوڭلارنىڭ نەزىرى بىلەن قاراشقا مەجبۇر بولىدۇ. 5OW8G][ مەلۇم ئوقۇغۇچى «مېنىڭ ئانام»ناملىق ھېكايىسىدا ئانىسىنىڭ بېشەم،ئازازۇل ئىكەنلىگىنى،ئۆزىنىڭلا ئەمەس دادىسىنىڭمۇ ئانىسىدىن قورقىدىغانلىقىنى،بۈگۈن سىنىپ مۇدىرىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز يۇيۇپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى،چۈنكى ئەتە پائالىيەت ئۆتكۈزىلىدىغانلىغىنى،بۇ ئەھۋالنى ئانىسىغا دېيىشتىن قورقۇپ تەستە ئېيتقانلىغىنى،ئانىسىنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپ،بېشەملىكى قوزغۇلۇپ ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرۋەتكەنلىگنى،ئۇنىڭ تاكى ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچكەنگە قەدەر تالادا يۈرۈپ، ئاندىن ئاستا ئۆيگە كىرىپ ياتقانلىغىنى،«ئەتە ئوقۇتقۇچىغا نېمىمۇ دەرمەن»دەپ خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قالغانلىغىنى،سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ بېشىغا قويۇپ قويۇلغان پاكىز يۇيۇلغان كىيىملىرىنى كۆرۈپ ھەيران بولغانلىغىنى،ھەم ئازازۇل ئانىسىغا قارىتا ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئىللىق سېزىمنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى يازغان.ھىكايىدىكى ئانا ئازازۇل،بېشەم بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئانىلىق مېھىر-مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇرىدۇ.مانا بۇ سەمىمىلىك بىلەن يېزىلغان ھېكايە. HZ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يېزىقچىلىق تاپشۇرىغى بېرىلسە،باشقىلارنىڭ گېزىت-ژورناللاردىكى ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپلا قويىدۇ.ئۇلار ئوقۇتقۇچى بىلەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ،ياكى ئەدىبىي ئىجادىيەتتە كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنىدىغانلىغىنى بىلمەسلىكى مۈمكىن.ئوقۇتقۇچى يېزىقچىلىق باھالاشتا سەگەك بولۇپ، كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى،بۇ خىل ناچار ئىللەتنىڭ يامان تەسىرىنى بالىلارغا ھېس قىلدۇرىشى لازىم.بەزى بالىلار ئەدەبىيات رىياللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ،شۇڭا رىياللىقتا نېمىنى كۆرسەك شۇنى ئەينەن يېزىشىمىز لازىم، دەپ قارايدۇ.ئـۇلار ئـەدەبىياتنىڭ تـۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىغىنى،ئـەمەلىيەتنىڭ ئـوبىكتىپلىققا،رېئاللىقنىڭ سۇبىيېكتىپلىققا ئىگە ئىكەنلىگىنى،ئەدەبىياتنىڭ ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى بولۇپ،توقۇلمىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى،ئەدەبىياتتىكى چىنلىقنىڭ ماھىيەتتىكى چىنلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇرىشىمىز لازىم. ;n7|.O]* ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەمەلىي يېزىقچىلىق جەريانىدا بالىلارنى سەمىمىي بولۇشقا،رېئاللىققا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىشى،ئەدەبىيات تارىخىدىكى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلەپ،بالىلاردا توغرا يېزىقچىلىق ئىستىلى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى لازىم. -,fa{ yt- 3auJ^B} ئىككىنچى،بالىلارنى تەتۈر تەپەككۈر قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم ]1|Ql*6y, تەپەككۈر - تۈز يۆلۈنۈشلۈك تەپەككۈر،تەتۈر تەپەككۈر،ئىستىرۇلۇق تەپەككۈر قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.تۈز يۆلۈنىشلىك تەپەككۈر«تەپەككۈر تۇرغۇنلىقى»نى بارلىققا كەلتۈرۈدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.تۇراقلىشىپ قالغان تەپەككۈر ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىلا ئىجادىيەتتە يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ. CVSsB:H6e 90-يىللاردا ئېلان قىلىنغان «ئاق چېكىڭلار ئاكىلار»ناملىق شېئىر شۇ يىللاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىنغان «ئاق چەكمەڭلار ئاكىلار»ناملىق شېئىرلارغا سېلىشتۇرغاندا مۇئايەن قىممەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.چۈنكى ئەينى چاغدا ئاق تاماكا چەكمەسلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان بالىلار شېئىرلىرى زىيادە كۆپۈيۈپ،بىر خىل قاتماللىق، تەكرارلىق،«تېما كىرزىسى»نى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.مۇشۇنداق شارائىتتا ئوخشاش تېمىنى قارشى نۇقتىدىن چىقىپ «ئاكىلار،ئاق چىكىڭلار،تېنىڭلار،روھىڭلار زەئىپلەشسۇن،پـاجىەلىك تـەغدىرىڭلارنى كـۆرۈپ ئـاتـا-ئـانـا، ئـۇرۇق-تۇققان، دوسىتلىرىڭلار زار-زار يىغلىسۇن،شۇ چاغدىلا مۇرادىڭلارغا يېتەمسىلەر »دېگەن پىكىرنى ئىپادىلەش يېڭىلىق بولۇپ،ئۇنىڭ ئېستېتىك ئۈنۈمى،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى«ئاق چەكمەڭلار ئاكىلار»دېگەن شېئىرغا قارىغاندا يـۇقۇرى بـولىدۇ.ئـەزەلدىن شائىرلىرىمىز قـارغاينى بـاتۇرلۇق،قـەيسەرلىك،چىدامچانلىقنىڭ سىمۋۇلى قىلىپ كەلگەن،شائىر قاسىم سىدىق قارغاينىڭ قىش ھەم ياز كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىگىنى باشقىچە بىر نۇقتىدىن ئىپادىلەپ، ئۇنى خوشامەتچى كىشىلەرگە سىمۋۇل قىلدى. Ril21o! j دىھقانلارنىڭ جاپاكەش،مىھنەتكەش كىشىلەر ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،شۇڭا كۆپلىگەن يازغۇچى- شائىرلىرىمىز دېھقانلارنى مەدھىلەپ ئەسەر يازغان،ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپ ھاللاردا دېھقانلارنى ئۇلۇغ ئىنسان سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ.لېكىن شائىر ئابلەت ئابدۇللا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژورنىلىدا «دىھقاندا ئەيىپ يوقمۇ»ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ،ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق دېھقانلاردىكى بەزى سەۋەنلىكلەرنى كۆرسۈتۈپ بەردى.ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. دېمەك ئادەتكە جەڭ ئېلان قىلىش،ئادەت «قەپىزى»دىن چىقىش،تۇراقلىشىپ قالغان تەپەككۈر ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئارقىلىق يېڭى-يېڭى تېمىلارنى روياپقا چىقارغىنى بولىدۇ. n:^"[Le ZH$sMh ئۈچىنچى، بالىلارنى ئۆزىنى ئىپادىلەشكە،ئۆز ئەتراپىدىن تېما ئىزدەشكە يېتەكلەش لازىم ^'u;e(AaE
hr!f:D كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىياتنى سىرلىق نەرسە،يازغۇچى-شائىرلارنى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر دەپ قارايدۇ.شۇڭا ئەسەر يازغاندا ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقە،ھادىسىلەرنى يېزىشنى ئويلاپ،ئەتراپىدىكى ئادەم، شەيئى،ھادىسىلەرنى يېزىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ.يازغۇچى-شائىرلارنىڭ قانداق يازغانلىقىغا نەزەر ئاغدۇرۋالىدۇ- دە ئۆزىنى ئىپادىلەشكە سەل قارايدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇرۇشى لازىم Ij6Wz.* مەلۇم ئوقۇغۇچى «ساراڭ بولسىمۇ ئۇ مېنىڭ ئانام»دېگەن تېمىدا نەسىر يازغان.نەسىردە دادىسىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ قالغانلىغىنى، ئانىسىنىڭ نىرۋىسى ئاجىز بولغاچقا بەزى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىدىغانلىغىنى، ھـازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ تـۇغۇلغان كـۈنىنى ئـۆتكۈزۈپ بـاقمىغانلىغىنى،ئىمتىھاندا يـۇقۇرى نـەتىجە ئالسا مۇبارەكلەيدىغان ئادىمىنىڭمۇ يوقلۇغىنى،ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا ئۆزىدىن باشقا ھەممە ساۋاقداشلىرىنىڭ دادىسى يا ئاپىسى كىلدىغانلىغىنى،لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ رەھىمسىز تەغدىردىن ئۆكۈنمەيدىغانلىغىنى،ئانىسىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغانلىغىنى يازغان.نەسىردە ئۆز تۇيغۇ-كەچۈرمىشلىرى ئىپادىلەنگەچكە نەسىر تولىمۇ تەسىرلىك چىققان. `k}l$ih`X ياپۇنىيەدە بالىلار ئەمەلىي نەرسىلەرنى كۆپرەك يازىدىكەن.بىزدە ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى،بىلىم قۇرۇلمىسىنى چىقىش قىلىپ،بالىلارنى ئۆز ئەتراپىدىن تېما تاللاپ،ھىسياتىنى توغرا ئىپادىلەشكە يېتەكلىشى،مۇشۇ ئاساستا بالىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ يېزىشتىن مۇستەقىل يېزىشقا تەرەققى قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.ئاۋۋال پائالىيەتكە تەشكىللەپ ئاندىن يېزىشقا يېتەكلىگەندە،ئوقوغۇچىلارنىڭ نېمىنى يېزىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. yhtvr5z1 بالىلار تەسەۋۇرغا،بىمەنە خىياللارغا ئامراق كىلىدۇ.ھەرقانداق كىچىك شەيئىمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئۇلار دۇنياغا،تۇرمۇشقا،ئادەملەرگە بالىلىق نەزىرى بىلەن قارايدۇ،ئەگەر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆز ئېڭى ۋە تەپەككۈرىنى ئۇلارغا مەجبۇرى تاڭماي،بالىلارنىڭ ئۆز دۇنياسىنى ئىپادىلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرسە،بالىلار چۈچۈمەل تىللىرى بىلەن ئاجايىپ ئىجادى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالايدۇ. (XG[_
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى «تارىم غۇنچىلىرى»، «پەرۋاز» «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»قاتارلىق بالىلار ئۈچۈن چىقىرلىۋاتقان گېزىت-ژورناللارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ،ئۇلانى بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشى،بالىلارنىڭ سۈپەتلىك ئەسەرلىرىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ تېخېمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىغا ئىلھام بېرىشى لازىم. BheEI;} كۆپلىگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشىغىنى باھالاشقا سەل قارايدۇ،بالىلارنىڭ ئەسەر يازالماسلىغى ئۇلارنىڭ يازالمايدىغانلىقىدىن ئەمەس،قانداق يېزىشنى بىلمىگەنلىگىدىن بولىدۇ.يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرىگە قارغۇلارچە تايىنىۋىلىش،ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشىدىن خەۋەرسىز قېلىش بالىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىىنى بوغىدىغان يەنە بىر ئامىلدۇر. ;&W; ئەدەبىيات بىر خىل مەنىۋى بايلىق.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولماق ئاسان ئەمەس.ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە،كىتاب ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈرگەندىلا،ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۈپ ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلانغاندىلا،ئاندىن ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىز تەقلىدچىلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ،ئەدەبىياتنى ئۆزىگە قايتۇرغىلى،ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى بولىدۇ. eb.cq"C RFn0P)9& ئاپتور:غۇلجا ناھىيە ئۈچئون خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە. Nr]8P/[~
|
|