查看完整版本: [-- بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قەلبىنۇر4 2014-03-07 11:46

بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ھەر قانداق بەختىيار  ئادەمنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
ئادەمنىڭ نىشانى بولىدۇ. بولۇپمۇ كىشىلەر تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا بەختىيار تۇرمۇش شەكلىنى تاللايدۇ ھەم شۇ نىشانغا ئىنتىلىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن نىشانسىز ھايات ھەسرەتلىك ۋە ئازابلىق بولىدۇ. ياشاش جەريانىدا ئادەملەر بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم دۇنياغا كەلگەنىكەن، بەختىيار تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشى، كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلىشى كېرەك. ئەمما، كۆپلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇش شەكلىنىڭ دەرىجىسىنى بەكمۇ بىلگۈسى كېلىدۇ.
بەزىلەر بەختىيار تۇرمۇش شەكلىنى شۇ كىشىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى بەلگىلەيدۇ، بەختىيار تۇرمۇش ئادەملەرنىڭ باي ۋە نامراتلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر، بەختىيار تۇرمۇش شەكلىنى ئادەملەرنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ قىممىتى بەلگىلەيدۇ، ئارزۇ - ئارمىنى قانچىكى قانائەتلىنەرلىك بولسا، ئادەمنىڭ بەختىيار تۇرمۇشتىن رازىمەنلىكىمۇ شۇنچە قانائەتلىنەرلىك بولىدۇ، دەيدۇ.

تۇرمۇشقا ئىنچىكە نەزەر سالساق، بەختىيار تۇرمۇش شەكلىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. ئوتتۇرا ياشلىق بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ ھال - كۈنى باشقىلاردىن خېلىلا ياخشى بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھال - كۈنىدىن تازا رازى بولماي، ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى ئۆزلىرىگە ماس كەلمەيۋاتقاندەك، تۇرۇۋاتقان ئۆيى كىچىك، مەھەللىنىڭ مۇھىتى ناچاردەك بىلىنىشكە باشلاپتۇ. چۈنكى مۇشۇ ئەتراپتا ئاشۇلارنىڭلا پىكاپى بولغاچقا، قوشنىلىرى ئۇلارغا ھەۋەس قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ يەردىن كۆچۈپ بايلار مەھەللىسىدىن خاس بىنا ئالماقچى بولۇپتۇ ۋە نەچچە يىل پۇل يىغىپ، بايلار مەھەللىسىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ بايلارچە ياشاش ئارزۇسىغا يېتىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش شەكلىدىن مەمنۇن بولۇشقاندەك ھېس قىلىشىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئىشلار ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماپتۇ. پىكاپىنى سېتىپ بانكىدىن نۇرغۇن قەرز ئېلىپ ئۆيلىرىنى بۇ بايلار مەھەللىسى بويىچە ئەڭ ئېسىل بېزىگەن بولسىمۇ، بۇ مەھەللىدە ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا ئەڭ نامرات ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ ئۆي كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى تۇرمۇشىغا زادىلا يەتمەيۋاتقانلىقىنى، بىر نېمىدىن قىسىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىپتۇ. چۈنكى، بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ سودىگەر، خوجايىن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەم دېگەندىمۇ ئىككىدىن پىكاپى بار ئىكەن، ئۆزلىرىنىڭ پىكاپى بولمىغانلىقتىن، پىكاپ قويۇش ئۆيىنى ياندىكى قوشنىسىغا ئىجارىگە بېرىپتۇ. قوشنىسى قاچان سىرتقا چىققۇسى كەلسە، ئىشىكنى ئېچىپ پىكاپىنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىدىكەن. پىكاپ قويۇش ئۆيى ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە يانداش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارامىغىمۇ تەسىر يېتىدىكەن. ئەمما، ئارىدا توختام بولغاچقا، بىر نېمە دېيەلمەيدىكەن. بۇ يەردىكى كىشىلەر ھېچكىم بىلەن كارى يوق، نېمىگىدۇر ئالدىراۋاتقاندەك، بىر ئىشلىرى پۈتمەيۋاتقاندەك، جىددىي روھىي كەيپىيات ئىچىدە يۈرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇ يەردە بۇرۇنقى قوشنىلىرىدەك «كۆرۈنمەيسەنغۇ»، «ئۆيگە كىرمەمدۇق» دېگەندەك تەكلىپلەرنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئادىتى ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىكەن، ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى توق ياشايدىكەن. ئەمما بايلار توپىغا كىرىپ قېلىپ، ئىلگىرىكى باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك تۇرمۇشنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ پۇل خەجلەپ غېرىبسېنىشنى سېتىۋالغانلىق بولۇپتۇ. بۇنداق ئازابنى قانداقمۇ بەخت بىلەن باغلىغىلى بولىدۇ؟ ئادەملەر ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ياراتقۇچىسى. چۈنكى تاللىغان يولىمىزنىڭ ئوڭ - سول، ئالدى - كەينىنى بەلگىلەيدىغان ئادەم دەل ئۆزىمىز. يولنى خاتا تاللىساق دۈم چۈشىمىز. خۇددى بەختىيار تۇرمۇش شەكلىدە ياشاۋاتقان تۇرمۇشىنى ئۆز ئەھۋالىغا چاغلىماي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئەر - خوتۇندەك ئۇھسىنىپ قالىمىز. شۇڭا، ئۆزىنى بايقاش __ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايقاشتۇر.
بەزى ئادەملەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كىمنىڭ ئۆيى چوڭ، كىمنىڭ خوتۇنى مۇلايىم ھەم چىرايلىق، كىمنىڭ ئېرى قاۋۇل، ساغلام ھەم مەرتىۋىسى يۇقىرى، كىمنىڭ بالىسى زېرەك... دېگەندەك ئويلار بىلەن كۆڭلى تىنجىغاندەك بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى بەختىيار ئەمەستەك ھېس قىلىشىپ، ھەسرەت چېكىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىسمەتلەرگە توغرا، ئىلمىي قاراش كېرەك. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىگە بولغان بەختىيار تۇرمۇش شەكلى تۇراقسىز بولىدۇ، بايلىقمۇ بەزىدە ئوچۇمدىكى قۇمدەك تۇيدۇرماستىن توزۇپ كېتىپمۇ قالىدۇ.
ھەممىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە نۇقسانلىرى بولىدۇ. ئەسلىدە بىر ئوبدان كېتىۋاتقان تۇرمۇش شەكلىدىن رازى بولماي، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كۈندە باشقىلاردەك باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلمەيۋاتىمەن، دەپ بۇرۇقتۇملۇقتا ياشىماق ئەخمىقانىلىقتۇر.
نەق گەپكە كەلسەك، تۇرمۇشىمىز مەيلى ئادەتتىكىدەك ياكى باي - باياشات ۋە ياكى ئەگرى - توقايلىققا تولغان بولسۇن، تۇرمۇش شەكلىنى ئادەم ھامان ئۆزى يارىتىدۇ. ئۆزى ياراتقان تۇرمۇش شەكلىدىن قانائەتلىنىش، بەھرىلىنىش ئاقىلانىلىك. كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇكەممەل، قانائەتلىنەرلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمەك ئاسان ئەمەس. ھەر بىر ئادەمگە قانداقلا بولسۇن، بىرەر - يېرىم نەرسىسى كەم بولۇۋاتقاندەك تويۇلىدۇ. بۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى نورماللىق. شۇڭا، بەختىيار تۇرمۇش شەكلى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسۇن، ئەڭ ئاخىرى يەنىلا روھىي ھالىتىڭىز، كەيپىياتىڭىز تۇرمۇش شەكلىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئۆزىڭىزنى بەختىيار تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتىمەن، دەپ قارىسىڭىز بەختلىكسىز، ئەمما، ناچار تۇرمۇش چەمبىرىكى ئىچىدە دەپ قارىسىڭىز نامراتلاردىنمۇ نامرات ھېسابلىنىسىز. ئۆزىمىزنى ھەر ۋاقىت تۇرمۇشنىڭ شاد - خۇراملىقى ۋە قايغۇ - ھەسرىتىنىڭ تەمىنى تېتىپ تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈشىمىز، بار تۇرمۇش شارائىتىمىزنى قەدىرلىشىمز، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك. يوققا تەلمۈرۈپ ئولتۇرمايدىغان روھىي كەيپىيات بولسا، تۇرمۇشتا، ھاياتلىقتا دۇچ كېلىدىغان كۈتۈلمىگەن ۋەقە - ھادىسىلەرگە ئۇچرىغاندىمۇ ھەممىدە بىمالال، تەمكىن كەيپىياتنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ھايات يولىمىزدىكى ھەر بىر سەرگۈزەشتىمىز بىزگە ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى ئاسراشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئامالىڭىز بولمىسا بەكمۇ زورۇقۇپ كەتمەڭ، زورۇققانسېرى تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىك كېلىپ چىقىدۇ. جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىپ، كۆڭۈلنى شاد تۇتۇپ، ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارى قىلدۇرساقلا، شۇنىڭ ئۆزى تۇرمۇش قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئۇسۇلدۇر.
                ئەسكەرتىش: باشقىلانىڭ ئەسىنى پايدىلىنىش ئۇچۇن يوللاپ كويدۇم.

ياسىنجان510 2014-03-08 19:28
  ناھايىتى ياخشى ۋە ئەھمىيەتلىك ، تەربىيىۋى قىممىتى يوقۇرى تېما يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-03-08 21:27
‏ھەربىرىمىز ئەستائىدىل ئوقۇساق بولغۇدەك .
‏ رەھمەت .

بابۇر0725 2014-03-10 23:12
ئەستايىدل ئوقۇساق بولغۇدەك.ئەڭ مۇھىمى خۇددى يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئېيىتقاندەك«قانائەت قىلغانلار بەختلىك ھامان».بەخت ھەممە كىشىنىڭ ئەتراپىدا گەپ ئۇنى قانداق چۈشۈنۈش ۋە ھېس قىلىشتا

ئەشمە 2014-03-11 18:57
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

لۇتف 2014-03-11 22:35
بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت دەل قانائەتسىزلىك،شۈكرى قىلماسلىق ......قەدىرلىك ئۇستازىم بەرگەن تەلىمىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتمايمەن.

نىگارە 2014-04-01 17:48
ئەشمە:ئەجرىڭىزگە رەھمەت. (2014-03-11 18:57) 

رەھمەت.

ۋارىس60 2014-04-01 18:26
ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدىكى بەختىيارلىق - تىنىچلىق    تىنچلىق كۈنلەردىكى بەختىيارلىق -توق قۇرساقلىق    توق قۇرساق كۈنلەردىكى بەختىيارلىق -ئىلىم  ئىلىملىك كۈنلەردىكى بەختىيارلىق -ئەمەلدۇر . باشقىسى بىكاردۇر.





پاتىگۈل121 2014-04-01 23:16
ئەجرىڭزگە كۆپ رەخمەت!!!!

ئەلدىيار 2014-04-01 23:47
ھەربىرئادەمنىڭ ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ،بەزىلەر بەخىتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ بەخىتنى بايقىيالمايدۇ.

گۈلباغ 2014-08-21 00:29
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن


查看完整版本: [-- بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled