查看完整版本: [-- شۇڭا مەن ئۇنى ئۇستازىم دەيمەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> شۇڭا مەن ئۇنى ئۇستازىم دەيمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كارىزچى8 2014-03-05 11:51

شۇڭا مەن ئۇنى ئۇستازىم دەيمەن

شۇڭا مەن ئۇنى ئۇستازىم دەيمەن D:N\K/p  
ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى \YH*x`  
(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى) 74KR.ABd  
e.;B?0QrV  
ئوقۇتقۇچىلىق ناھايىتى شەرەپلىك خىزمەت، ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئالىم-مۇتەپپەككۇر، مەشھۇر شەخىسلەر ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ شان-شۆھرىتى تۇغرىلىق ئاجايىپ ئېسىل دۇردانىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 13يىلدىن بويان بۇ خىزمەتنىڭ شەرەپلىكلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن. شۇنداقلا بۇ خىزمەتنىڭ جاپالىقلىقىنى، «ئوقۇتقۇچى» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ تۇلىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. دۆلەتكە، جەمىيەتكە، ئوقۇغۇچىلارغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئوقۇتقۇچى بولماقنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتمەكتىمەن. ھەر قېتىم ئوقۇتۇش خىزمىتىدە، سىنپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ كۇنكىرىت ئەمەلىي ئىش ھالقىلىرىدا بىرەر قىيىنچىلىققا يۇلۇقسام ھاياتىمدا ماڭا زور تەسىر كۆرسەتكەن سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمنىڭ ئىللىق چىرايى، مەغرۇر قامىتى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ-دە قايتىدىن جانلىنىپ كېتىمەن. يېڭىدىن ئەقىل تاپقاندەك بولىمەن، بۇ ئۇستازلىرىمنىڭ ئېچىدە بىر ئۇستازنىڭ چىرايى پات-پات كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىلا ئەمەس، تۇرمۇشتىمۇ بىرەر قىيىنچىلىققا يۇلۇقسام ئۇنىڭ بىلەن خىيالى پاراڭلىشىمەن. شۇندىلا كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغاندەك بولۇپ جانلىنىپ كېتىمەن. بۇ ئۇستازىم ماڭا دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ بىرەر سائەت دەرس ئۆتكەن ئەمەس، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قاتناشقان تۇنجى كۈنۈمدىن باشلاپ، ماڭا رىئال ، جانلىق، كەسكىن،  تەسىرلىك سۆزلىرى ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن دەرس بېرىپ كەلگەن.  شۇڭا مەن ئۇنى ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن ، قەلبىمنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىكى  مۆتىۋەر ئۇستازىم دەپ بىلىمەن. مەن تەرىپىنى قىلىۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك ئۇستاز ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى، ئەل سۆيگەن مائارىپچى غەيرەت كېرەم ئەپەندىدۇر. شۇنداق، غەيرەت كېرەم 20-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن سەككىز يىل جەريانىدا مېنىڭ رەھبىرىم بولغان. ئونداقتا مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنى «ئۇستازىم» دەپ ئاتايمەن ؟ مەن يۇقىرىدا قىسقا توختالغاندەك ، ئۇ ماڭا ئۆز ئەمىليىتى بىلەن دەرس ئۆتكەن. ئەلشىر ناۋايى ھەزرەتلىرى مۇنداق يازغان ئىدى: «ئادەمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادەمى، ئانىكى يوق خەلق غەمىدىن غەمى»  ، ئەلشىر نەۋايى بۇ يەردە ئۆز خەلقىنىڭ غېمىدىن باشقا، ئەرزىمەس غەملەرگە ئەسرار ئادەم سىياقىدىكى جانىۋارلارنىڭ بارچىسى بىردەك ئادەم ئەمەس، دەۋاتىدۇ. غەيرەت كېرەم  باشقىلارنىڭ غېمىنى ئۆز غېمى بىلىپ  كەلدى، مېنىڭ بىلىشمچە  ، ئۇ 20-ئوتتۇرا مەكتەپكە سەككىز يىل مۇدىر بولغان جەرياندا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكۈزگەن توي-تۈكۈن، نەزىر-چىراقلىرىنىڭ  ھەممىسىگە باش بولۇپ قاتناشقانىدى. ئۇلارنىڭ قىينچىلىقلىرىنى قولىدىن كېلىشىچە ھەل قىلغان ئىدى، مەكتەپتىكى بارلىق  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئاساسلىق ئائىلە ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىدى. «مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن ، قىيىنچىلىقلىرىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر خەۋەردار بولۇپ تۇرمىسام ئۇلارنى قانداق چۈشىنەلەيمەن، ئۇلارغا قانداق رەھبەرلىك قىلالايمەن» دېگەنىدى ئۇ بىر قېتىم ئىشخانىسىدا. ئۇ دېگىندەك قىلدى . ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆينىڭ ئامالىنى قىلدى. ئىقتىسادىي قىيىنلىققا يۇلۇققانلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ ئامالىنى ئىزدىدى، بەزىلىرىگە ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ بەردى.  بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان مۇشۇ تاپتا ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش خىيالىمدىن كەچتى. 2004-يىلى مەن توي قىلماقچى بولۇپ جىددىي تەييارلىققا كىرىشىپ كەتتىم، بىر كۈنى غەيرەت مۇدىر ئىشخانىسىغا چاقىردى، كىردىم، ئۇ مېنى سافادا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ۋە تارتمىسىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقاردى: تۇيغا قۇپۇپسەن، بۇ 6000 يۈەن پۇلنى ئىشلىتىپ تۇر ، تويدىن كېيىن ئۆزەڭنى سەل ئوڭشىۋىلىپ قايتۇرۇپ بېرەرسەن،  ھازىر توي قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس. `Fb%vYf  
دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدىم، شۇنداق مەن تەسىرلەنگەنلىكىمدىن نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتاتتىم. ئىككى كۈندىن بۇيان مېنىڭ 5000 يۈەن پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ نەچچە ئاغىنەمدىن سۇراپمۇ ئامالىنى قىلالمىغانلىقىمنى بۇ ئادەم قانداق بىلگەندۇ؟ پۇل سورىغان ئاغىنىلىرىمنى بۇ ئادەم يا تۇنىمىسا؟ WAGU|t#."  
ــ نېمە ئىش بولدى، گەپ قىلمايسەنغۇ؟ يەتمىسە يەنە ئامالىنى قىلىمىز. G5$YXNV  
-    ياق-ياق، يېتىدۇ، يېتىدۇ، 5000 يۈەن بولسىلا يېتەتتى. ^:o^g'Yab  
-    توي دېگەندە ئىچ يانچۇقىڭدا ئازراق پۇل تۇرمىسا بولمايدۇ، پۇل خەجلەشنىڭ سەن ئويلىمىغان ئورنى چىقىپ تۇرىدۇ، بولدى ، مېنىڭ يەنە ئازراق ئىشىم بار، چىقساڭ بولىدۇ. ?"T *{8  
«خوش ، رەھمەت » دەپلا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، ئىچ-ئىچىمنى بىر خىل ھاياجان قاپلىۋالغان ئىدى.  نەملەنگەن كۆزۈمنى سىرتقا چىقىپ سۈرتىۋەتتىم. fZ  pUnc  
ھە،شۇنداق، غەيرەت كېرەم  ئەنە ئاشۇنداق ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن ئادىمىيلىك ، ئادەمگەرچىلىك ھەققىدە دەرس بېرەتتى.  كۆيۈمچانلىق، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيتتى.   P_%kYcX'  
بىر يىلى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى تەتىلدە جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ساياھەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم –ئايرىم ماشىنىلارغا تەقسىم قىلىندى. مەن قاتارلىق بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلار پىنىسىيە چىققان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر ماشىنىغا بۆلۈنگەن ئىدۇق، ئارىمىزدىن بىرسى : غەيرەت مۇدىرغا دەپ باقايلى، بىزنى باشقا ماشىنىغا تەڭشەپ قويسا بوپتىكەن، پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار ئالدىدا ئەركىن-ئازادە بولالمايدىكەنمىز،-دېدى. قالغانلارمۇ  كۆپ ئويلاشمايلا بۇ پىكىرنى غەيرەت مۇدىرغا ئېيتىپ بىقىشقا كېلىشتى ۋە مېنىمۇ بىللە كىرىشكە چاقىرۋالدى. YM EI J}  
-    قانداق گەپ بۇ! مۇشۇ گەپنى «گىپىمىز بار » دەپ ماڭا دەۋاتامسىلەر؟  ھەر قايسىڭ پىنسىيىگە چىقىشمامسىلەر؟ قېرىمامسىلەر؟  سىلەرنى پىشقەدەملەرنىڭ سۇمكا-چامادانلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەمىكىن، ھالىدىن خەۋەر ئالارمىكىن ، دەپ بىر ماشىنىغا ئۇرۇنلاشتۇرغان ،  بۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالماڭلار، چىقىڭلار ئىشخانىدىن! la7VeFT  
ھەممىمىز يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئىشىك تەرەپكە قىستالدۇق، ئەڭ كەينىدە ئىشخانىغا كىرگەنمۇ مەن ئىدىم، چىققاندىمۇ ئەڭ كەينىدە قاپتىكەنمەن. i`3h\ku  
-ئوسمانجان، سېنى بۇ ئىش ئۈچۈن ئىشخانىغا كىرىدۇ، دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. CdCo+U5z{  
ئىشىكتىن چىقىۋىتىپ غەيرەت مۇدىرنىڭ شۇ گىپىنى ئاڭلىدىم، يۈزلىرىم خىجىللىقتىن ئوت بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئاخىرقى گېپى يۈرىكىمگە خەنجەردەك سانچىلىپ پۈتۈن بەدىنىمگە ئاغرىق كىرىپ كەتتى، «نېمىشقا ياخشاراق ئويلانمايلا باشقىلارنىڭ كەينىدىن كىرگەندىمەن،  چوڭلارنى ھۆرمەتلەش بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز ئىدىغۇ، ئاجايىپ سەتلەشتىم-دە...» بۇ ئىشنى ئويلىغانسېرى ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ مىڭنى تىللىۋەتتىم. o|Q:am'H  
خىزمەتكە چىققىلى ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان ۋاقتىم ئىدى، مەكتەپ شۇ يىلى بىر ھەپتىلىك كۆرەك دەرسى پائالىيىتى  ئۆتكۈزمەكچى بولدى. بىر سائەتلىك ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈشكە مەن بىكىتىلدىم. تەييارلىققا جىددى كىرىشىپ كەتتىم، شۇ ۋاقىتلاردا كومپىيوتىردا دەرس تەييارلاپ ئۆتۈش ئەمدىلەتىن باشلانغان ئىدى، مەن كومپىيۇتىر بىلىملىرىگە پىششىق بىر ئاغىنەمنىڭ ياردىمىدە بىر سائەتلىك دەرس لايىھىسى تۈزدۈم. ئىكراندا بىر قىسقا ئېتوت، ئىككى تىلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قىسقا پارچىلىرى كۆرسىتىلەتتى، دەرسنىڭ سۆزلەش تەرتىپى، مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ماقالە قەغىزىگە يېزىۋالغان ئىدىم. دەرس ئۆتىدىغان كۈنى مۇنبەرگە چىقىپ پۈتۈن بەدىنىمدىن سۇغۇق تەر چىقىپ كەتتى، 350 كىشلىك زال لىق تولغان ئىدى، كەينىدە 20-30 ئوقۇتقۇچى ئۆرە تۇراتتى. دەرس ئاڭلاشقا شەھىرىمىزدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇتۇشقا مەسئۇل مۇدىرلىرى، ئىلىمىي مۇدىر، تەتقىقات مۇدىرلىرىمۇ كەلگەنىدى. ھۇدۇقۇپ كەتكەنلىكىمدىن كاللام قۇپقۇرۇقلا بولۇپ قالغانىدى. دەرسنى باشلىدىم، ئالدىمدىكى ئىش قەغىزىگە قاراپ-قاراپ قۇياتتىم، بىر ۋاقىتتا قارىسام سۆزلىگىنىم بىلەن ئىكراندا كۆرسەتكىنىم باشقا-باشقا مەزمۇن بولۇپ چىقتى، تىخىمۇ جىددىيلەشتىم، ئىكراندىكى كۆرۈنۈشنى ئالماشتۇرۋىتەي ، دېسەم كۇمپويۇتىر بىلىملىرىنى بىلمەيتتىم. (ئاغىنەم بىر كۇنۇپكىنى باسسىلا رەت تەرتىپى بۇيىچە چىقىدىغان قىلىپ لاھىيىلەپ بەرگەن ئىدى) شۇنىڭ بىلەن ئىكرانغا قاراپ تۇرۇپلا سۆزلىدىم. دەرسنى ئاخىرى ئۆتۈپ بولدۇم. مۇنبەرگە قويۇپ قۇيغان دەرس لايىھەمنى ئېلىۋىتىپ ئاندىن چۈشەندىم: بايا ئىككى بەتنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قاپتىكەن-ئەمەسمۇ، شۇڭا سۆزلىگىنم بىلەن ئىكراندا چىققىنى ئوخشىماپتىكەن. لاسسىدە بولۇپ قالدىم، ئەدەبىيات گۇرۇپپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپ رەھبەرلىكى مېنى بۇ دەرسنى چۇقۇم ياخشى ئۆتىدۇ، دەپ ئىشىنىپ، بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان تۇرسا، جىددىلىشىپ كۆڭلۈمدىكىدەك ئۆتەلمىدىمغۇ؟ ئازابلىنىپ باشقىلارغا قاراشقىمۇ پىتىنالماي زالدىن ئەڭ كەينىدىن چىقتىم، كارىدۇردا غەيرەت مۇدىر ساقلاپ تۇرغانكەن. «كەچۈرۈڭ، تازا ياخشى ئۆتەلمىدىم» دېدىم ئۇنىڭغا يەرگە قاراپ تۇرۇپ. Oax6_ kmOj  
-ھىچقىسى يوق، ھېلىمۇ ۋاقتىدا ئۆزۈڭنى ئوڭشىۋالدىڭ. جىددىيلەشكىنىڭنى ھىساپقا ئالمىغاندا دەرسىڭ ياخشى چىقتى، سەن تېخى كىچىك، ئوقۇتقۇچىلىق سىتاژىڭ بەش يىل بولغاندا يەنە مۇشۇنداق ئۆتسەڭ ، ئاندىن سېنى تەنقىتلەيمەن. بولدى، ئارتۇق ئويلاپ خىجىل بولما، مەن دەرسىڭدىن رازى بولدۇم. qsA`\%]H  
يەلكەمدىن ئېغىر يۈكنى تاشلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ كەتتىم. بۇنىڭدىن كىيىن چۇقۇم تىرىشىپ، ھەممە رازى بولغۇدەك مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يېتىشىمەن، دەپ ۋەدە قىلدىم ئۆز-ئۆزەمگە. KbXENz&C  
ئەمدى ئويلىسام ، غەيرەت مۇدىر شۇ ۋاقىتلاردا ماڭا ئىلھام بىرىپ، مېنىڭ ئىزدىنىشىمگە تۈرتكە بولغانىكەن، مېنى ئاستا-ئاستا تەربىيلەۋاتقانكەن.  مانا ھازىر ئارىدىن ئون يىل ئۈتتى، بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازنىڭ تەربىيلىشى ، ئىلھام بېرىشى ، ھازىرقى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئارقىسىدا ئوقۇغۇچىلىرىم رازى بولغۇدەك ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندىم، شەھەر، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك دەرس ئۆتۈش، ماقالە يېزىش مۇسابىقىلىرىدە كۆپلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىپ 250 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر ، ھىكايىلەرنى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدىم، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ  ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل-ئەدەبىيات ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولدۇم. مېنى يەنىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغىنى ئۇستاز غەيرەت كېرەم پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ مائارىپ ساھەسىدىن ئايرىلمىدى، سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ داۋاملىق تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتىدۇ، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي تىمىدىكى 25 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدى،  ئۇنىڭ تىنىم تاپماي، ھاردىم تالدىم دېمەي ئىشلەش روھى ماڭا زور ئىلھام بېرىدۇ، بەزىدە بىھودە ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن چاغلاردا ئۇ ماڭا قاپىقىنى تۈرۈپ: «ئوسمانجان،  ۋاقتىڭنى زايە قىلما، تىرىشقىن، ئەلگە پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىل» دەۋەتقاندەك بىلىنىدۇ. 9}*Pb6  

بابۇر0725 2014-03-06 21:14
ئادەم ھاياتىدا شۇنداق بىر ئۇنتۇلغۇسىز تەلىمگە ۋە ھاياجانلىق تەربىيەگە يۇلۇققاندا ئۆزىنى بەكمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ

gulhan 2014-03-06 23:23
ئۇسمان مۇئەللىمنىڭ مۇنبەرگە قەدەم باسقىنىدىن مۇنبەرداشلار بەكمۇ خوش بولدۇق. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يىغىلغان بۇ مۇنبەردە چولپاندەك نىشان كۆرسىتىپ ،بىزنى يىتەكلەپ مېڭىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز. }!jn%@_y@  
dd!Q[]$ }  
  سالاملار بولسۇن سىزگە لۈكچۈندىن.

ozqan 2014-03-07 10:55
بۇ يازمىنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم ،  ئوسمانجان : قەلەم كۈچىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، مۇنبەردە سىزنى يەنە باشقىدىن تونۇغاندەك  ھېس قىلىۋاتىمەن ... gi<%: [jT  
mLH,6rO9  
ئاشۇنداق ئۇستاز بولغۇدەك رەھبەرلەرنىڭ قولىدا ئىشلەش شەرىپى ھەممەيلەنگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ ، غەيرەت مۇدىر ھەقىقەتەن ئېسىل مۇدىركەندۇق ... يازمىڭىزدىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يەنىمۇ ئاشتى ...

tursun 2014-03-07 16:05
بارىكاللا «كارىزچى»...ئۆز قەلىمىڭىز بىلەن كارىز قازغاندەك،دىللارنى سۆيۈندۈرىدىغان 1 eMaKT_=  
مۇنداق ياخشى يازمىلىرىڭىز بىلەن تەۋفىققا قەدەم باسقىنىڭىزدىن قەۋەت سۆيۈندۇم... #5mnSky+s  
تەشەكلكۈر...!

زۇبەيدە 2014-03-13 13:04
بۇ يازمىنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم ،  ئوسمانجان : قەلەم كۈچىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، مۇنبەردە سىزنى يەنە باشقىدىن تونۇغاندەك  ھېس قىلىۋاتىمەن ... -f8iq[F5   21.N + H'  
T [2l32   i-31Cxb  
ئاشۇنداق ئۇستاز بولغۇدەك رەھبەرلەرنىڭ قولىدا ئىشلەش شەرىپى ھەممەيلەنگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ ، غەيرەت مۇدىر ھەقىقەتەن ئېسىل مۇدىركەندۇق ... يازمىڭىزدىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يەنىمۇ ئاشتى

祖丽菲 2014-03-13 16:32
      


查看完整版本: [-- شۇڭا مەن ئۇنى ئۇستازىم دەيمەن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled